باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1862 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قانداق كىشىلەر غاپىللاردۇر
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 827
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە827دانە
ئۆسۈش: 3240 %
مۇنبەر پۇلى: 10567 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-10-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-27 20:12

قانداق كىشىلەر غاپىللاردۇر



ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم :
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .
جانابى ئاللاھ ! قۇرئان كەرىمدە غاپىللاردىن بىشارەت بىرىپ مۇنداق دىگەن : يەنى{ شەك -شۈبھسىزكى ، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرنى دۇزاخقا (يېقىلغۇ بۇلۇش ئۈچۈن ) ياراتتۇق ، ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ . ئۇلار كۆزلىرى بولغىنى بىلەنمۇ ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھ نىڭ قۇدۇرتىنىڭ دەلىللىرنى ) كۆرمەيدۇ ، ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرنى ئىبىرەت ئېلىپ ) تىڭىشىمايدۇ . ئۇلار گۇيا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمۇراھدۇر ، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر }7-179.
دىمەك ھەقىيقەتلەر شۇلارنى ئىسپاتلايدۇكى ؛ ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلار ئوتتۇرسىدىكى پەرىق پەقەت ئەقىلدىنلا ئىبارەت بۇلۇپ. شۇڭلاشقا بۇ نادان ئىنسان ! ئاللاھ ئۆزلىرى بىلەن قۇشۇپ ياراتقان ، شۇنىڭ بىلەن ئىنسان ئۆزلىرنى ھايۋانلاردىن پەرىقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان شۇ ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ ، ئەقلىنى ئىلاھى ۋەھى (يەنى قۇرئان ) بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلىپ ، توغرا يولدا بولمايدىكەن ھايۋانلاردىن نىمە پەرقى بولسۇن ؟ دىمەك ئۇنداقتا ئىنسانمۇ ئىككى پۇتلۇق ھايۋان ، ھايۋانمۇ تۆت پۇتلۇق ھايۋاندۇر . شەك شۆبھسىزكى ھەقىيقەتتىن غاپىل بولغانلار (يەنى ھەتتا ئۇلار ئېقىللىق ئىنسان تۇرۇپمۇ ھەقتىن يۈز ئۆرىگەنلەر ) ھايۋاندىنمۇ بەتتەر ھالەتتەتۇر . ئەنە شۇ يۇقارقى ھالەتتە بولغانلار غاپىللاردۇر .

مەنبە : قۇرئان كەرىم
:بۇ تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى::http://www.alhux.com/bbs/read.php?tid=692
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(omer) اللە رەھمەت ..
  • ئاللاھنىڭ قۇلى
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1442
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 217
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە217دانە
    ئۆسۈش: 530 %
    مۇنبەر پۇلى: 2552 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-02
    ئاخىرقى: 2011-10-20
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-27 21:24

    يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارغا مېنىڭ ئايەتلىرىمنى پەھىم قىلدۇرمايمەن، ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆگەندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى.

    ئەئراف سۈرىسى 146 - ئايەت
    بىلىڭلاركى، دۇنيا تىرىكچىلىكى ئويۇندىن، (كىشىنى ئاخىرەتتە غەپلەتتە قالدۇرىدىغان) مەشغۇلاتتىن، زىبۇزىننەتتىن، ئۆزئارا پەخىرلىنىشتىن، پۇل - مال، پەرزەنت كۆپەيتىپ پەخىرلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، (بىرەر يېغىش بىلەن ئۆستۈرگەن) ئۆسۈملۈكى دېھقانلارنى خۇرسەن قىلغان يامغۇرغا ئوخشايدۇ، ئاندىن ئۇ ئۆسۈملۈك قۇرۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ قالغانلىقىنى كۆرۈسەن، ئاندىن ئۇ يەنچىلگەن چۆپكە ئايلىنىدۇ. ئاخىرەتتە (كۇففارلار ئۈچۈن) قاتتىق ئازاب بار، (ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن) اﷲ نىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقى بار، دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت (غاپىل ئادەم) ئالدىنىدىغان بەھرىمەن بولۇشتۇر.
    ھەدىد سۈرىسى 20 - ئايەت
    باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(omer) تېمىغا بەرگۈ ..
  • ئاللاھنىڭ قۇلى
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1442
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 217
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە217دانە
    ئۆسۈش: 530 %
    مۇنبەر پۇلى: 2552 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-02
    ئاخىرقى: 2011-10-20
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-30 22:09

    ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى رەسۇلۇللاﻫ مۇنبەردە تۇراتتى، بىز ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇردۇق، پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرنىڭ مېنىڭدىن كېيىن، زېمىندىكى بايلىقلارنى ئېچىپ، پايدىلىنىپ، بۇ تۈپەيلى ئازغۇن بولۇپ قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن». بىر ئادەم مۇنداق دەپ سورىدى: ئى ئاللاﻫنىڭ ئەلچىسى، بايلىق زىيان كەلتۈرەمدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام بۇنىڭغا نىسبەتەن ئۈندىمىدى. شۇنىڭ يەنە بىر ئادەم سوئال سورىغان ئادەمگە: ساڭا نېمە بولدى؟ سەن رەسۇلۇللاﻫقا گەپ قىلساڭ، ئەجەپ ئۇ ساڭا جاۋاب بەرمەيدىغۇ؟ دېدى. كۆپچىلىك رەسۇلۇللاﻫ ۋەﻫىي قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلىدۇق. بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام پېشانىسىدىكى تەرنى سۈرتۈۋېتىپ سورىدى: «ﻫېلىقى سوئال سورىغان ئادەم قېنى؟» رەسۇلۇللاﻫنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئۇ ئادەمنى ماختاۋاتقاندەك ئۇرغۇ چىقىپ تۇراتتى، «بايلىق زىيان كەلتۈرمەيدۇ، باﻫاردا ئۆسكەن مايسىلار يېگەن ئادەمنىڭ ئاشقازىنىنى كۆپتۈرىدۇ، ياكى كېسەل قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ. بۇ مايسىلارنى پەقەت ئوتخور ﻫايۋانلارلا يەيدۇ. ئوتلاپ قورسىقى راسا تويغاندىن كېيىن ئاپتاپقا قاقلىنىدۇ، ﻫەزىم قىلىدۇ، ماياقلايدۇ، ئاندىن كېيىن يەنە ئوتلاققا بېرىپ ئوتلايدۇ. شۈبﻬىسىزكى، بۇنداق بايلىقنىڭ كۆرۈنۈشى كۆركەم، تەمى ئۆزگىچە بولىدۇ، مۇبادا مۇسۇلمانلار بۇ بايلىقنىڭ بىر قىسمىنى نامرات، يېتىم-يېسىرلارغا بەرسە، مېﻬمىنىنى كۈتسە، نېمىدېگەن ياخشى بولىدۇ-ﻫە!». پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام ياكى مۇنداق دېگەن: «ئومۇمەن بايلىقنى ناتوغرا يوللار بىلەن تاپقان ئادەم ﻫېلىقى يەپ تويمايدىغان ﻫايۋانغا ئوخشايدۇ، قىيامەت كۈنى بۇ بايلىق ئۇنىڭ زىيىنىغا گۇۋاﻫ بولىدۇ». — ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم توپلىغان.