sad~da |
2011-08-27 21:24 |
يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارغا مېنىڭ ئايەتلىرىمنى پەھىم قىلدۇرمايمەن، ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆگەندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى.
ئەئراف سۈرىسى 146 - ئايەت بىلىڭلاركى، دۇنيا تىرىكچىلىكى ئويۇندىن، (كىشىنى ئاخىرەتتە غەپلەتتە قالدۇرىدىغان) مەشغۇلاتتىن، زىبۇزىننەتتىن، ئۆزئارا پەخىرلىنىشتىن، پۇل - مال، پەرزەنت كۆپەيتىپ پەخىرلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، (بىرەر يېغىش بىلەن ئۆستۈرگەن) ئۆسۈملۈكى دېھقانلارنى خۇرسەن قىلغان يامغۇرغا ئوخشايدۇ، ئاندىن ئۇ ئۆسۈملۈك قۇرۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ قالغانلىقىنى كۆرۈسەن، ئاندىن ئۇ يەنچىلگەن چۆپكە ئايلىنىدۇ. ئاخىرەتتە (كۇففارلار ئۈچۈن) قاتتىق ئازاب بار، (ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن) اﷲ نىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقى بار، دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت (غاپىل ئادەم) ئالدىنىدىغان بەھرىمەن بولۇشتۇر. ھەدىد سۈرىسى 20 - ئايەت |
|