باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1517 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئىپارخاننىڭ ھەقىقى تارىخى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 827
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە827دانە
ئۆسۈش: 3240 %
مۇنبەر پۇلى: 10567 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-10-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-27 09:02

ئىپارخاننىڭ ھەقىقى تارىخى

گۇزەللىگى بىلەن كىشى ئەقلىنى لال قىلسا ،باتۇر ۋە قەيسەرلىگى بىلەن دىللاردا ھۆرمەت ۋە قايىللىق تۇيغۇسى ئويغاتقۇچى ئۇيغۇر قىزى ئىپارخان 18-ئەسىردە شىنجاڭدا ئۆتكەن چوڭ كىچىك خوجىلاردىن خوجا جاھاننىڭ ئايالى ،ئاپق خوجىنىڭ ئەۋلادى .بەزى تارىخى كىتاپلاردا ئىپارخاننىڭ ئەسلى ئىسمى ئالانۇر خېنىم بولۇپ ياكى مەمۇرى ئەزەم ئىكەنلىگى يېزىلغان .ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىپارخان لاتاپەت بابىدا تەڭداشسىز گۈزەل بولغانلىغى ۋە تېنىدىن تەبىئي ھالدا ئىپار ھىدى كىلىپ تۇردىغانلىغى ئۈچۇن <ئىپارخان>دىگەن نام بىلەن ئاتالغان .جەڭگە ماھىر بۇ گۈزەل باتۇرلۇقتا داڭق چىقارغان خوجا جاھانغا ياتلىق بولغان .1760-يىلى شىنجاڭدىكى ئاپاق خوجا ئەۋلادىدىن بولغان خوجا بۇرھانىدىن بىلەن خوجا جاھان چىڭ سۇلالىسنىڭ ھۆكمۇرانلىقىغا قارشى چىققان .ئۇلارنىڭ سانى ۋە تەسىر دائىرسى بارغانسىرى كېڭىيىشكە باشلىغان ،بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچىگەن چىڭ سۇلالىسى جاۋخۇي باشچىلىقىدا زور قوشۇننى توپىلاڭچىلارنى تىجىتىشقا ئىۋەرتكەن ،ئادەم سانى جەھەتتىكى چوڭ پەرق تۇپەيلىدىن خوجىلار مەغلۇپ بولۇپ ،خوجا جاھان ئۆلتۇرۇلگەن ،ئىپارخان ئەسىرگە چۇشۇپ بېيجىڭدىكى خان ئوردىسىغا ئېلىپ بېرىلغان ،ئىپارخاننىڭ گۈزەللىگىدىن ھەيرانۇھەس قالغان چىيەنلوڭخان ئىپارخانغا مەپتۇن بولۇپ قالغان.
ئىپارخاننىڭ خان ئوردىسىغا كەلگۈچە بولغان ھاياتى ھەققىدە تارىخى مەنبەلەر بىردەكلىككە ئىگە بولسىمۇ ،ئۇنىڭ كىيىنكى تەقدىرى ھەققىدە بەزى ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت .ھەقىقەتنى ئەمىليەتتىن ئىزدەش پىرىنسىپى بويۇنچە قارىغاندا،ئۇيغۇر تارىخ مەنبەلىرى ناھايىتى تەپسىلى خاتىرلەنگەن چىڭ سۇلالىسى ئوردا تارىخناملىرىدىن مەلۇمكى ،يۇرت قەۋمىدىن ،ئىرىدىن ئايرىلغان ئىپارخان ئوردىغا كىرگەندىن كىيىن خانغا قاتتىق ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان ،پۇرسەت تېپىپ ئىنتىقام ئېلىش ئارزۇسىدا يېنىدا پىچاق ساقلاپ يۇرگەن .ئىپارخاننىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش ،ئۇنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ۋە يۇرتىنى سېغىنىش ئارزۇسىنى يوق قىلىش ئۈچۇن چىەنلوڭخان خىلمۇخىل چارىلەرنى ئىشلەتكەن .ئىپارخان ئۈچۈن ئۇيغۇر پوسۇنىدا ئىمارەت سېلىپ ،ئۇيغۇر مەھەللىسى بىنا قىلغان .لىكىن ئىپارخان نىيتىدىن ھەرگىز يانمىغان .چىەنلوڭخاننى ھەرگىز يېنىغا يولاتمىغان ۋە يەڭ ئىچىدە ساقلىغان خەنجىرنى كۆرسىتىپ <ئەليۇرتۇم خانىۋەيران بولدى ئۆلۈشكە رازىمەنكى ،ئوغۇل قىزلىرىمنىڭ بىكاردىن بىكار ئۆلۈپ كىتىشىگە چىداپ تۇرالمايمەن ،ئىنتىقام ئالماي قويمايمەن>دىگەن .چىەنلوڭخان يەنىلام ئۇنىڭدىن ئۈمۇدىنى ئۈزەلمىگەن .ئىپارخان خانغا قول سالماقچى بولغان بولسىمۇ ،مەخپى پايلاقچىلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىشى تۇپەيلىدىن ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان .بۇنىڭدىن چۆچىگەن خان ئانا چىەنلوڭ سىرىتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلنىپ ئىپارخاننى ئۆلتۈرۋەتكەن .گەرچە كىيىن بەزى ۋەقەلىكلەر قوشۇلۇپ ئىپارخان ھەققىدىكى بايانلار رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ۋە نەسىبى ،كىيىنكى تەغدىرى ھەققىدى ئوخشىمىغان كۆزقاراشلار ئوتتۇرغا قويۇلغان بولسىمۇ،خەنزۇ تارىخ مەنبەلىرىدەبىردەكلىككە ئىگە يۇقۇرقى بايانلار ئىپارخاننىڭ ھەقىقى ھايات سەرگۈزەشىتسىدۇر.
1914-يىلى ئاسارە ئەتىقىلەر ئورنى پىڭتىەن خان سارىيى موزىيى ۋە چىڭدۇدىكى يازلىق ئوردىدىن ئېلىپ كىلىنگەن نۇرغۇن ئاسارە ئەتىقىلەر قاتارىدا ئوننەچچە ساھىبجامال قىزنىڭ ماي بوياق رەسىمى باربولۇپ ،بۇلارنى چىەنلوڭخان ئۆز دەۋرىدە ،ئوردىدا ياللاپ ئىشلەتكەن ئىتالىيلىك رەسسام رومبىرانت سىزغانكەن .بۇنىڭ ئىچىدە ھەربىچە ياسانغان ئاجايىپ بىر قىزنىڭ رەسىمى <يۇدى سارىي>نىڭ غەربى ھوجرىستا كۆرگەزمە قىلىنغان ،رەسىمنىڭ ئاستىغا <ئىپارخان -غەربى دىيارلىق ۋاڭنىڭ مەلىكىسى ...>دەپ يېزىلغان ،ئىپارخاننىڭ ھاياتى يۇقۇرقىغا ئوخشاش يۇسۇندا قىسقىچە بايان قىلىنغان .شۇنداقلا ئاخىرىغايېقىنقى زامان  خەنزۇ شائىرى شىيىننىڭ  جۇڭخۇا مىنگونىڭ 7-يىلى بۇ رەسىمگە يازغان بېغىشلىما شىېئىرى قوشۇپ قويۇلغان .ئۇ شېئىر تۆۋەندىكىچە ؛

ھۆر گۈزەل جانان تۇرار شەمشەر ئېسىپ ھەيۋەت بىلەن،
سېغىنىپ ئۆز يۇرتىنى چەكسىز مىھرى-شەپقەت بىلەن.
تۆكتى قان شۇ قىز ئۈچۇن خاقان قىرىپ پۇقرانى كۆپ،
سۇرگىلى كەيىپ-ساپا ئىشرەت بىلەن،شەھۋەت بىلەن .
تەلپۇنەر راۋاقتا قىز ئۆز يۇرتىغا غەمكىن بېقىپ،
كىيىمى قانغا بويالغان يىغلىغاچ ھەسرەت بىلەن .
قاخشىتىپ ئەپكەلدى خان شۇقىزنى خان دىيارىغا ،
تەڭرىتاغ قالغان غەزەپتەبوغۇلۇپ نەپرەت بىلەن.

بىيجىڭ تىياتىرى ۋە دىراما ساھەسىدىكىلەرمۇ بۇ بايانلارغا ئاساسەن <ئىپارخاننىڭ غەزىپى>،<ئىپارخان>ناملىق تىياتىرلارنى ئوينىغان .ئازاتلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە <ئىپارخان>ناملىق بىيجىڭ تىياتىرى ئوينالغان .بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئىپارخان خوجا جاھاننىڭ ۋاپادار ئايالى ،پادىشاھقا تىز پۈكمىگەن قەھرىمان ،قەيسەر ئايال سۈپۈتىدە تەسۋىرلەنگەن .ئاتاقلىق خەنزۇ شائىرى يەنچىڭ ئىپارخان ھەققىدە تۆۋەندىكى شېئىرنى يېزىپ قالدۇغان ؛

باھار نۇرلىرىدا جانلانغان دالا،
جىگدىلەر چۈمۇلدى چاچقان پۇراققا.
گۈپۈلدەپ ئۇرۇلغان جىگدىنىڭ ھىدى،
ھالقىپ تەڭرىتاغدىن كىتەر يىراققا.
ئۆتمۇشتە بۇ ئانچە قەدىم چاغ ئەمەس،
قەشقەردىن چىققانتى بىر ئۇيغۇر قىزى.
ئىسمىدۇر ئىپارخان ،گۈزەللىكتە ئۇ،
پۇراقلىق ئېچىلغان چىچەكنىڭ ئۆزى.
بوزەك قىلىپ بولامدۇ باتۇر مىللەتنى ،
ئىپارخان شۇلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى.


مەنبە <شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ>نەزىرە مۇھەممەد سالىھ.



ئەپسۇس، دۇنيا كۆز يىشىغا ئىشەنمەيدۇ~~!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5023
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 232
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە232دانە
ئۆسۈش: 620 %
مۇنبەر پۇلى: 2750 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2011-10-11

بوزەك قىلىپ بولامدۇ باتۇر مىللەتنى ،
ئىپارخان شۇلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى
دوستلىشىش
بىناۋا
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7808
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 129
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە129دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 1374 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2011-10-19
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-28 06:08

يەنە بەزى ماتېرىياللاردا ئۇنىڭ نامى زەينەپ ئىپارخان دەپ ئېلىنغان.
دوستلىشىش
muhtarbay
ئارسلان ئىكەنسەن ئارسلاننىڭ بەدەلىنى تۆلەيسەن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5216
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 561
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە561دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 7299 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2011-10-19
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-28 06:55

بىيجىندا ئولتۇرىۋەتسە قەبرىسىنىڭ قەشقەردە بولۇپ قالغىنى ئاجايىپ ئىش،،قەشقەرگە جەسىتى قانداق كېلىپ قالغان،ئۇ چاغدا ئايروپىلان بولمىسا بېيجڭدىن قەشقەرگە كېلىش ئۇچۇن 6 ئاي ۋاقىت كېتە ئاز بولسا ،بىر جەسەتنى ئىككى كۇن ساقلىغىلى بولمىسا ،يەنە بىر ئىش باتۇر قەھرىمان دەيدۇ باتۇر قەھرىمان بولوپ نىمە ئىش قىلغان ئوزىنى ئولتۇرۇۋالغانمۇ ياكى بىرەسىنى ئولتۇرىۋەتكەنمۇ،بۇ ئىپارخاننى ئاپپاق غۇجىنىڭ چوقونغۇچىلىرى ئوزىگە لايىق بولمىغان ماختاشلار بىلەن ماختاپ ھازىرقىدەك ئەھۋالغا ئەكەپ قويغان،ئىپار پۇرايدۇ دىگىنىمۇ يوق گەپ ئىت يىلىدىن ئىشەك يىلىغىچە يۇيۇنمايدىغان سىسىق پۇرايدىغان قەۋىمنىڭ ئالدىدا يوق دىگەندە ئايدا بىر ئادەت كوروپ ساقايغان چاغدا بولسىمۇ  غۇسلى قىلىپ يۇيۇنىدىغان مۇسۇلمان پەرزەنتىنىڭ پاكىزلىقدىن ئادەمدەك پۇراق چىقىشى سېسىق پۇرايدىغانلارنىڭ نەزىرىدە ئىپاردەك پۇرايدىغان كورونۇپ كەتكەن گەپ
..ئەمەليەتتە بۇ پەخىرلىنىپ تىلغا ئالىغىدەك شەرەپلىك ئىش ئەمەس.ئىپارخان ئۇيغۇر تۇرۇك خاتون قىزلارنىڭ شەرەپلىك پەرزەنتى نۇزۇگۇمنىڭ پوقىغىمۇ تەڭ بولالمايدۇ،،ھىچ بولمىدى دىگەندىمۇ بۇ ئىپارخان قولغا چۇشكەن چاغدىلا خەقنى ئولتىرەلمىسىمۇ ئوزىنى ئولتۇرىۋالغان بولسا ،مۇسۇلمان تۇرۇك خاتون قىزلىرىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلاتتى
[ بۇ يازمىنىmuhtarbay 2011-08-28 07:29قايتا تەھرىرلى ]
دوستلىشىش
بىناۋا
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7808
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 129
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە129دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 1374 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2011-10-19
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-28 07:09

ئىپارخاننىڭ كىملىكى ھەققىدە نۇرغۇن ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار بار.ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ ئورنى مانا بۇ،دەپ ئىسپات كۆتىرىپ چىققانلارمۇ بار. ئىپارخان ئۆزىگە خەنجەر ئۇرغان،ئۇنى چىيەنلوڭنىڭ ئانىسى ئۆلتۈرگەن... دېگەندەك قاراشلارمۇ بار. زادى نىمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئەسسېرىيانلارنىڭ،مايالارنىڭ  شۇنچە قەدىمى تارىخىنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ؟
  گەپ شۇ يەردىكى،ئۇلار  ئۆزىنىڭ كۆرگىنىنى ،قىسمەتلىرىنى تاشلارغا ئويۇپ،ماتېرىيال قىلىپ يېزىپ،رەتلەپ،ئۆزگەرمەس مۆھۆرلىرىنى بېسىپ قالدۇرغان.ئۇنداق مۇستەھكەم تارىخنى  خالىغانچە چىشلەپ تارتىشقا كىممۇ جۈرئەت قىلالىسۇن؟!
   تېخىى ياشىغىنىغا 300 يىل تولمىغان   ئىپارخان زامانىسىنىڭ يۇقۇرى تەبىقىسىگە مەنسۇپ،ھەربى ۋە ئىلىم تەربىيىسى كۆرگەن ئىنسان ئىدى. ئەپسۇسكى،ئىپارخان ئۆز كەچمىشلىرىنى يېزىپ،چارە-ئامال تېپىپ ئۆز يۇرتىغا ،يۇرتداشلىرىغا ئامانەت قىلمىغان.ئىپارخاننىڭ قەلىمى ياكى مۆھرى ئاستىدا بىر جۈملە بولسىمۇ تارىخى ئىسپات قولىمىزدا يوق.مەن نىمە دېمەكچى؟
  ھەممىمىز ھەربىر تارىخى دەۋرنىڭ گۇۋاھچىلىرى . ئىپارخاندىن ئۆتكەن بۇ سەۋەنلىكنى بىز تەكرارلىمايلى.
بىلىمنى بۈيۈك بىل ئوقۇشنى ئۇلۇغ، بۇ ئىككى يۈكسەل ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5984
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 59
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە59دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 1000 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-30
ئاخىرقى: 2011-10-20
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-28 13:35

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى muhtarbay نىڭ 2011-08-28 06:55 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : 
ئوزىنى ئولتۇرىۋالغان بولسا ،مۇسۇلمان تۇرۇك خاتون قىزلىرىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلاتتى

بۇ گىپڭىز قاملاشماپتۇ ئىسلامدا مۇسۇلمان ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالسا بولمايدۇ.
ئىنسان نىمنى ئويلىسا شۇ بولامدۇ
mp3
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 827
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە827دانە
ئۆسۈش: 3240 %
مۇنبەر پۇلى: 10567 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-10-20
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-28 16:22

muhtarbay؛يازمىسىغا

قارا شەھەردە بولغان ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۇشكەن.......
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 827
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە827دانە
ئۆسۈش: 3240 %
مۇنبەر پۇلى: 10567 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-10-20
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-28 16:30

muhtarbay؛يازمىسىغا

ھىندىستان ئىشلىگەن سەرگەردان دىگەن پىلىمدا .........راجىنىڭ دادىسى ئوغرىنىڭ بالىسى ئوغرى سوتچىنىڭ بالىسى سوتچى بولىدۇ دەيدىغان ..............سىزنىڭ گىپىڭىزدىن شۇ ئىسىمگە كەپقالدى.بەلكىم شۇ ئاپاق خوجىنىڭ كىيىنكى ئەۋلادىدىن <بىز بىلمەسلىگىمىز مۇمكىن> ،نى نى ياخشى كىشىلەر چىققاندۇ.
vali
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4564
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 32
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە32دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 340 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-10-04
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-30 19:53

7-قەۋەت (nida0998) نىڭ يازمىسىغا

نۇزۇگۇم.مۇھتىرەم خىنىم  ۈە ئىپارخان لارئەينى ۈاقىتتىكى ئىزىلگەن ئاياللارغا قارىغاندا ھەقىقى قەھرىمانلار     
دوستلىشىش
دانىشمەن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9061
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 15
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە15دانە
ئۆسۈش: -20 %
مۇنبەر پۇلى: 130 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-26
ئاخىرقى: 2011-09-28
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-26 15:29

ھىلىمۇ ئاپپاق خوجىنىڭ بىزلەرگە ئەكەلگەنلىرى ئازمىدى ، بىر قانچە ئەسىر كەينىگە سۇرۋەتكەن بىزنىڭ مەدەنىيتىمىزنى .

  :« جاللات خىنىم » ناملىق رۇماننىڭ ئاۋازلىق نۇسقىسىمۇ بار ئاڭلاپ بىقىڭلا ، ئاپپاق خوجىنىڭ قىلمىشلىرى سۆزلىنىدۇ.