باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 430 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كەلسە
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 136
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە136دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-26 10:56

ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كەلسە




1. ئەگەر پۇل-مېلىڭىز يېتىپ ئاشقۇدەك بولسا، ئاشنا تۇتىۋالماي، باشقىلارغا بىلىندۈرمەي بىر نەچچە نامرات بالىنى بېقىپ قويۇڭ. كۆڭلىڭىزدە چوقۇم راھەتلىنىپ قالىسىز!
2. ئەگەر كېچىدە يولدا يايما يېيىۋاتقانلارغا ئۇچىراپ قالسىڭىز، ئالالىسىڭىز ئامال بار كۆپرەك ئېلىڭ، باھا تالاشماڭ، يايمىدا ساتقان نەرسىمۇ ئۇنچىلىك قىممەت ئەمەس. ئەگەر ئائىلە ئەھۋالى ياخشىراق بولغان بولسا، كىمنىڭمۇ سوغۇق كېچىدە يايما يايغۇسى بار دەيسىز!
3. ئەگەر ئىشلىگىلى چىققان ئوقۇغۇچىلارغا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا، قىزلارغا ئۇچىراپ قالسىڭىز، ئۇ نىمىلا سېتىۋاتقان بولمىسۇن ئازراق ئېلىپ قويۇڭ، ئۇنىڭ ئائىلىسدە قىيىنچىلىقى بولىشى مومكىن، سىرتقا چىقىپ نەرسە سېتىشقىمۇ خېلى زور جۈرئەت كېتىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئازراق بولسىمۇ ئىلھاملاندۇرۇپ قويۇڭ.
4. پورتمال تېپىۋالسىڭىز ئىگىسىنى ئىزدەپ بېقىڭ، ئەگەر سىزگە راستىنلا پۇل كېرەك بولسا پۇلنى ئېلىۋېلىڭ. يۈتتۈرۈپ قويغۇچىغا تېلفۇن ئۇرۇپ پورتمالنى ھاجەتخانىدىن تېپىۋالغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ. ئىناۋەتلىك كارتا، كىملىك. شوپۇرلۇق كىنىشكىسى قاتارلىقلارنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىڭ، ئادەتتا پورتمالىنى يۈتتۈرۈپ قويغۇچىلار پورتمالدىكى پۇلغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. سىز يۈتتۈرۈپ قويغۇچىنىڭ ئادىرىسىنى خاتىرلەپ قويۇپ، كىيىن تەرەققىي قىلغاندىن كىيىن ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ كەچۈرۈم سوراپ پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
5. ئەگەر يولدىن ئېزىپ قالغانلارغا ئۇچىراپ قالسىڭىز ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىپ قويۇڭ، ھەرگىز تارتىنماڭ، ھېچكىم سىزنى مازاق قىلمايدۇ.
6. يولدىن ئېزىپ قالغان بالىلار، بۇۋاي-مومايلارغا ئۇچىراپ قالسىڭىز، ئۆيىگە ئاپىرىپ قويالمىسىڭىزمۇ بېكەتكىچە ئاپىرىپ قويۇنە، ساقچىخانىلارغا ئاپىرىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر تېلفۇنىڭىز بار بولسا ئۇلارغا ۋاكالىتەن تېلېفۇن ئۇرۇپ قويۇپ ئاندىن مېڭىڭ، بەرىبىر سىز بىر-ئىككى قېتىم تېلېفۇننى ئارتۇق ئۇرغانغا نامراتلىشىپ كەتمەيسىز!
7. قار، يامغۇر ياغقان چاغلاردا، باشقىلارنىڭ سوغۇق كۈنىلىرى كۆكتات، مېۋە-چېۋە، گېزىت سېتىۋاتقانلىقىنى، سېتىۋاتقان نەرسىسى ئازراقلا قالغانلىقتىن ئۆيىگە قايتالمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز، ھەممىنى سېتىۋالالىسىڭىز ھەممىنى، بولمىسا ئازراق بولسىمۇ سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى بالدۇرراق ئۆيگە قايقۇزىۋېتىڭ، بەرىبىز نىمىلا يىسىڭىز يەيسىز، گېزىتنى بىكار بولغاندا كۆرسىڭىز بولىدۇ.
8. كوچا ئاپتۇبۇسىدا ئولتۇرغاندا ياشانغان، ئاجىز، مىيىپ، بالا كۆتىرىۋالغانلار چىقسا، گەپ قىلماي ئورۇن بوشىتىپ بېرىڭ، ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىدىغان ئىشلارنىمۇ قىلماڭ، ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ تۇرۇپ بەدىنىڭىز بىلەن باشقىلارنى توسۇپ، بوش ئورۇن چىقىرىپ ئۇنىڭ ئولتۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىڭ، ئاندىن ئۇنىڭ يېنىدىن ئاپتۇبۇستىن چۈشىدىغاندەك قىياپەتتە يىراقلاپ كېتىڭ. ئادەم بەك كۆپ بولۇپ يىراققا كېتىشكە ئامال بولماي، باشقىلار سىزگە رەخمەت ئېيتسا پەقەت كۈلۈمسىرەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
9. روھىي ئېتىقادى بار كىشىلەرگە، ئەدەپسىز گەپلەرنى قىلماڭ، جۇڭگولۇقلارنىڭ نامراتلىقتىن ئېتىقادىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ. بۇ دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ھېچنىمىگە تولۇق ئىشەنگىلى بولمايدۇ، پەقەت ئېتىقادلا ئۆزگەرمەيدۇ، تەۋرەنمەيدۇ، مەڭگۆلۈك بولىدۇ.
10. ئەگەر بىكار ۋاقتىڭىز كۆپ بولسا، بۇ سۆزلەرنى دوستلىرىڭىزغا، ياكى بىر نەچچە QQ توپىغا ئەۋەتىپ قويۇڭ، توردا كىشىلەر ناھايىتى كۆپ، بىزنىڭ كۆڭلىمىزمۇ ھوزۇرلىنىپ قالىدۇ.
 
                              مەنبە:خاتىرەمدىن