باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 551 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەرلەر نېمە ئۈچۈن «تىلىدىن قېلىش» خەۋىپىگە دۇچ كېلىپ قالىدۇ
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 136
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە136دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-26 10:48

ئەرلەر نېمە ئۈچۈن «تىلىدىن قېلىش» خەۋىپىگە دۇچ كېلىپ قالىدۇ

ئەرلەرنىڭ تويدىن كېيىن كەم سۆز ۋە ھېسياتىنى ئىپادىلىشىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى بېسىمنىڭ ئارتىپ كېتىشىدىكى تۈپكى ئامىل بولۇپ قالماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئەرلەر «تىلىدىن قېلىش» خەۋىپىگە دۇچ كېلىۋېتىپتۇ. ئامېرىكا رودې ئارىلى ئىشتاتىدىكى نېرۋا كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسى سكوت خېيزېرماننىڭ تەتقىقاتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئاياللار تويدىن كېيىن كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 7000 سۆز قىلىدىكەن، بەش خىل ئىنتوناتسىيە ئىشلىتىدىكەن، ئەرلەر 2000 سۆز قىلىدىكەن، ئۈچ خىل ئىنتوناتسىيە ئىشلىتىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، ئادەملەر تويدىن كېيىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىلدىكى قايناق ھېسياتتىن نورمال تۇرمۇش رېتىمىغا قايتىدىكەن، بولۇپمۇ ئەرلەر بۇرۇنقىدەك ھېسياتىنى ئىپادىلەشنى خالىمايدىكەن. بۇنىڭ بىلەن تەبىئىي ھالدا شېرىن-شېكەر سۆزلىرى ئازىيىدىكەن. خېيزېرماننىڭ قارىشىچە، ئەر-خوتۇن چوقۇم تىل ئارقىلىق ھېسيات ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەككەن، شۇڭا ئەرلەر «تىلدىن قېلىش» خەۋىپىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ھەرگىزمۇ بىر تەرەپنىڭ مەسىلىسى دەپ قارىماسلىق؛ ئىككىنچىدىن، خوتۇنىنىڭ تەسىرىنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىش؛ ئۈچۈنچىدىن، ئاياللار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى سىناپ بېقىش، يەنى ۋاتىلداش ئارقىلىق كۆڭلىدىكىنى ئېيتىش كېرەككەن.

                                        شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى