30- يىللاردا ئۇرۇش باشلانغان ۋاقىتتا ۋەتىنىمىزدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم خەنسولار لا، لا، لا بىز شاھادەت كەلتۈردۇق، دەپ مۇسۇلمان بولدۇق دەپ سەللىنى يوغان قىلىپ يۆگەپ، پەتلىسىنى ئۇزۇن قىلىپ ناماز ۋاقتىدا 1- سەپتە ئىمامنىڭ ئارقىسىنى ئىگەللەپ ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇغان ئىكەن. خۇپتەندىن يېنىپ كىرىپ ئىشىك، تۈڭلۈكلىرىنى دۈم تاقاپ، سەللىسىنى ئېلىپ تاشلاپ،ئۆز تىلىدا ئاناڭنى... پالان، پۇكۇن دەپ تىللاپ، يەرگە ئېتىپ دەسسەپ، تۈكۈرۈپ، مىشقىرىپ كېچىچە دەردىنى چىقىرىدىكەن. تاڭ ئاتاي دگەنگە يېقىن يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ يەنە چىرايلىق يۆگەپ بەندات نامازدا يەنە بىرىنچى سەپتە ئولتۇرۇپ ناماز قىلاركەن. كېيىن كىشىلەر بىلىپ قېلىپ نەچچىسىنى بىرتەرەپ قىلغان ئىكەن. 44- 45- يىللىرىمۇ بىز تۇڭگان، بىز مۇسۇلمان دەپ غۇلقىدىكى ئارمىيەمىز سېپىگە كىرىپ، تازا ئۇرۇش بولۇۋاتسا ئارقىدىن كېلىپ بىزنىڭكىلەرنى ۋاڭشىتىپ ئاتقان ئىكەن. بۇ ئەھۋاللار رومانلارغىمۇ يېزىلغان ئىدى.
مېنىڭ ئاڭلىشىمچە 20- 30 ئى سېئۇدى ئەرەبىستاندا بەزى ئىشلاردا گۇنا قىپ قويۇپ قوغلاپ چىقىرىلدى دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.
ئىنشائاللاھ. بۇ يولداشلار راستىنلا مۇسۇلمان بولۇپ ئىمان ئېيتقاندۇ..... ؟