مۇنبەر ئارقىلق ئىچ گىپمنى دەۋالاي،چۈنكى سىزمۇ مۇنبەر ئەزاسى ھەم مۇنبەر كۆرىسىز،شۇڭا مىنى ئەيىپكە بۇيرىماڭ،مەن بىر ئەر كىشى بولۇش سالاھىتىم بىلەن سىزنىڭ ئاشۇ<<كىچككىنە>>شەرتلىرىڭىزنى قوبۇل قىلالمدىم،مەنمۇ تەقدىر پىشانە بالىنى يىتىم قىلىپ ئاجىراشقان،سىزمۇ بالىنى يىتىم قىلىپ ئاجىراشقان،تۇرمۇش دىگەندە دائىملا بەختلىك ھەم خاتىرجەم ئۆتىمەن دىگىلى بولمايدىكەن،كىمنڭمۇ بىچارە گۇناسىز مەسۇملارنى يتىم قىلغۇسى بار،ئەمدى گەپنى نەخ يىرىدىن باشلاي،
مەن ئاجىرىشىپ كىتىپ مانا بىر يىل بولاي دەپ قالدى،مۇشۇ ئەل-ئاغىنىلەرنىڭ زورى بىلەن ھەم بىچارە ئانامنىڭ يەنىلا مەن ئۈچۈن تارتىۋاتقان جاپاسىغا چىداپ تۇرالماي قايتا نىكاھلىق بولاي دىگەن ئويغا كەلدىم،يىقىن ئاغنىەم گەپ ئارىلقىدا سىزنىڭ گىپڭىزنى قىلدى،مەن باشتا ھە دەپ قويۇپلا ئارتۇق خىيالدا بولمۇدۇم،ئەمما گەپ بولاۋەرگەچكە سىزنىڭ خەۋرىڭىز يوقلا مەن ماقۇل بولدۇم،كىين ھىلقى ئاغىنەم سىزنى ئىزلەپ سىزگە مىنىڭ گىپمنى قىلىپ بىرىپتۇ،ئاندىن مەقسەتنى ئىنىق دەپتۇ،سىز بىردەم گاڭگىراپ قىلىپ ئويلىنىپ باقاي دەپسىز،ئاغىنىلىرىممۇ ماڭا ئۈمىت بارلقىنى دىدى،ئارىدىن ھەپتە ئۆتكەندە ئاغىنەم سىزنى يەنە ئىزلەپ بىرىپ سىزنىڭ جاۋابىڭىزنى كۈتۈپتۇ،سىز بالىڭىزنىڭ قۇلاقتا كىسىلى بارلقىنى دەپ تەتىل مەزگىلىدە بالڭىزنى داۋالتىۋىلىپ ئاندىن جاۋاپ بىرەي دەپسىز،ئارلقتا مەن سىزنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنى بىلگەچكە سىز بالىڭىزنى داۋالىتىشقا ئىپ ماڭغان كۈنى تىلفۇندا سىزنى خوش دىدىم،ئارىدا ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى،مانا سىزمۇ بالىڭىزنى داۋالىتىپ قايتىپ كەلدىڭىز،ئاغىنەم يەين سىزنى ئىزلەپ بىرىپتۇ،سىز مەن بىلەن يۈز-تۇرانە كۆرۈشۈپ دەيدىغان گىپڭىز بارلقىنى دەپسىز،ھەم ئورۇن ۋاقتنى بەلگىلەپ بىرىپسىز،مەنمۇ شۇ كۈنى ساقاللىرىمنى پاكىزە ياسىتىپ سىز دىگەن ئورۇنغا كەلدىم،سىز كەپ بوپتىكەنسىز،بىز قىسقىغىنا سالاملىشىپ ئىچىگە لىرىپ ئورۇن ئالدۇق،بۇيرۇتمىلارنى بۇيرۇتتۇق،تاماق يىگەچ سىز گەپنى تەشتىڭىز،
---بوپتۇ سز بىلەن توي قىلسام قىلاي،ماڭىمۇ ھامان بىرى ھەمراھ بولمىسا بولمايدۇ،سىزنىڭمۇ بالىڭىز بار،مىنىڭمۇ بالام بار،مەن ئاشۇ بالام ئۈچۈن ھەممىدىن كىچىمەن،ۋاقتى كەلسە سىزدىنمۇ كىچىمەن،سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە چىقمايمەن،مىنىڭ شەھەر مەركىزىدىن ئالغان 4-قەۋەتتىكى بىنا ئۆيدە تۇرىمىز،بالىڭىزنى ئەكىرمەيسىز،ئانڭىزنىڭ قىشىدا تۇرسۇن،مەن ئكي چىقارغاندىكىن سىزمۇ مىنىڭ مائاشىم بىلەن كارىڭىز بولمايدۇ،مەن ئۇنى بالام ئۈچۈن ھەم ئۆزۈم ئۈچۈن خىراجەت قىلمەن،ئۆينىڭ سۇ-توك ،گاز تىلفۇن پۇللىرىنىمۇ سىز تۆلەيسىز،ئومومەن مەن سىزگە تەگكەن ئىكەنمەن سىز مىنى باقىسىز،ھەم ئەرلىك مەجبۇرىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئالىسىز،ئۇن-ياغ،گۆش-سەي ھەم مىنىڭ كىيىم-كىچەك ۋە باشقا ئىشقا بىرىپ كىلىشتىكى چىقملىرىمنى سىز ئۈستىڭىزگە ئالىسىز،كۆزۈمگە بەك كىرىشۋالمايسىز،ئىش ئورنۇمغا ئىزلەپ بارمايسىز،پاكىزە يۈرۈيسىز،بالامنىڭ دادىسى(كونائىرىنى دىمەكچى)بالىنى كۆرگىلى ئۆيگە كەلگەندە ئامال بار نىرىراق تۇرۇپ كۆزگە كۆرۈنمىسڭىز،بالىڭىز ياكى ئانىڭىزنى كۆرگىڭىز كەلسە قانچىلك تۇرۇپ كىرسڭىز مەيلى،بۇنىڭغا مەن ئارلاشمايمەن،بالامنى دۆشكۈلەشكە بولمايدۇ،ئاتا-ئانامنىڭ قىشىغا بارغاندا ئارتۇق گەپكە ئارلاشماڭ،ئۇرۇق-تۇققانلىرىمنىڭ ئالدىدا سالاپەتلىك بولۇڭ،بولۇپمۇ ئاچا -سىڭللىرىمنىڭ ئەرلىرى ئالدىدا گەپكە لوقما سالماڭ،كىلەر يىلغىچە ماشىنىدىن بىرنى ئالىسىز،يىزنىلىرىمنىڭ ھەممسىنىڭ ماشىنىسى بار،بىز چىلىنىپ قالساق بولمايدۇ،يەنە مىنىڭ دەملىش ۋە ئىشتىن چۈشكەن كۈنلىرىمدە كىيمنى قانداق كىيىشىم بىلەن چاتىقىڭىز بولمىسۇن،مەندىن ئارتۇقچە گۇمان قلىشڭىزنىڭ ھاجىتى يوق،يىنىڭىزدا 50كوي پۇل بولسا ئۇنى مەن ساقلايمەن،سىزگە 10-20كوي بولسا يىتىدۇ،پۇل يىغمىساق بولمايدۇ،ماڭا ئىشنىشڭىز كىرەك،.......................................................................................
سىز جىق سۆزلىدىڭىز،مەن تىڭشاپ ئولتۇردۇم،دۇنيادا ئەڭ كۆپ گەپ قىلىدىغان ئادەم ئوقۇتقۇچى دىسە ئىشەنمەپتىكەنمەن،بۈگۈن ئىشەندىم، گىپىڭىز ئاران تۈگىۋىدى مەن گەپ قىلاي دەپ تەمشەلگەندە سىزگە تىلفۇن كەپقلىپ بىر خىزمەتدىشڭىزنىڭ تۇغۇتىنى كۆرگىلى بارىدىغانلقڭىزنى دەپلا كىتىپ قالدىڭىز،مەن يەنە بىر سائەتتەك ئولتاردىم،ئەسلى مەن سىزگە مۇنۇلارنى دىمەكچى ئىدىم،
-----------پاساھەت بىلەن ئيتىلغان دۇردانە سۆزلىرىڭىزگە تەشەككۈر،سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىزمۇ ئورۇنلۇق،ئەمما مەنمۇ بىر ئەركىشى،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن يالغۇز تىكەندەك بىرلا بالا،مىنىڭ قايتا توي قىلىشنى ئويلىششممۇ ئاشۇ 70ياشقا كىرەي دەپ قالغان ئانامنى ئوچاق بىشىدىن،مىنىڭ ھەم بالامنىڭ كىر-قاتلىرىنى يۇيۇشتىن(ئەلۋەتتە كىر ئالغۇغۇ بار ئۆيىمىزدە)ئازاد قىلماقچى ئوغۇل بالا باققاننىڭ راھىتىنى ئادۇر-كۆپتۈر بولسىمۇ ھىس قىلدۇرماقچى ئىدىم،ھەممىمىز بالا ئۈچۈن ياشايمىز،بالىغا كۆيىمىز،بىراق مەن سىز بىلەن شەھەردە ئولتۇرسام ئانام تىخمۇ يالغۇزچىلق تارتماسمۇ،8ياشلىق قىزىم بىلەن ئىككىسى نىمە كۈننى كۆرەر،مىنىڭ سىزنى ئەمىرىمگە ئالىمەن دىگىنىم ئەمەليەتكە سىزگە تەگكىنم بوپ قىلىپ ئانام مەندىنمۇ ئايرىلىپ قالىدىكەن،توي قىلىپ بىر ئۆيگە كىرگەنكەنمىز بىر ئائلىنى مۇستەھكەملەش ئەلۋەتتە ئىككىمىزنىڭ تەڭ مەجبۇرىيىتى،مىنىڭ ئاشۇ ئازغىنە مائاشىم بىلەن(مائاشىم سىزنىڭكىدىن تۆۋەن)مىنىڭ بىر ئۆينى سىز دىگەن شەرتلەر بىلەن قامداشقا بەلكىم يىتىپمۇ قالار،ئەمما مىنىڭ بالام بالا ئەمەس ئوخشايدۇ،مەنمۇ ئۇنىڭغا مەسئۇل بولمىسام بولامۇ؟ئانامنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالمىسام بۇ دۇنيا ھەم ئۇ دۇنيادا ئەمگەن سۈتۈمگە جاۋاپ بىرىش ماڭا قىيىن توختاپ قالارمكىن،مەن سىزگە ئەر ئەمەس بەلكى سىزگە خىزمەتچى ياق قارانچۇق ياق سىزنىڭ قۇلىڭىزغا ئايلىنىپ قالىدىكەنمەن،ئەگەردە پۇلۇم تۈگەپ قىلىپ سىزدىن سورىسام بايامقى گىپىڭىزدىن قارىغاندا جەزمەن قەرز ھۆججىتى يىزىپ بىرىشىم ھەم ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرۇشۇ كىرەك ئوخشايدۇ،سىزمۇ 35 ياشقا كىرەي دەپ قالدىڭىز،مەنمۇ 36 گەكىرىپ قالدىم،مۇشۇ يىشىمىزدا كۆرۈنۈشتە ئەر -خوتۇن ئەمەليەتتە توختاملىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ۋە ئىشلەمچىگە ئايلىنىپ قالىدىكەنمىز،سىزدەك بىر ئىنسان ېوھىنىڭ ئنژىنىرى بولغان خانىمنىڭ بۇنداق دىيشىڭىزنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن،تىخى مۇنبەر كۆرىسىز،تىممۇ يىزىپ قويىسىز،ئەمەليەتتە بۇ گەپلىرىڭىز ئىشىپ كەتتى،ئويلىنىپ بىقىڭ،بۇ شەرتلرىڭىز بىلەن قاچانمۇ كۆڭۈلدىكىدەك لايىق تاپارسىز،ياكى سىزمنى ياراتماي مەسخىرە قىلىۋاتامسىز،مەنمۇ خلى ئالتىنىڭ بىرى سانىلىدىغان 4ئادەمگە گىپمنى ئۆتكۈزەلەيدىغان ئادەم،سىز ياراتمىغىدەك مازاق قىلغۇدەك ئەمەستىم،شۇنداقلا دەپ تۇرسىڭىز ياشلقڭىز ئۆتۈپ كىتىدۇ،توي قىلمىغانلارنىڭ لايىقى بار،لايىقى بولمىسىمۇ بالىڭىز بار دەپ سىزگە توي تەكلىپى قويغۇچىلار چىقماسمىكى(قالغىننى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ)،ئاغىنەم ماڭا سىزنىڭ گىپىڭىزنى قىلغاندىن باشلاپ مەنمۇ سىزنىڭ ئىش-ھەركىتڭىزنى تىڭ-تىڭلاشقا باشلىغان،بۇرۇنقى ئىرىڭىز بىلەن ھازىرمۇباردى- كەلدى قىلىۋاتقىنىڭىزنى،تىخى يىقىن بىر ئادىشڭىز يولدىشڭىزنىڭ توي قىلىپ بولغان بولسىمۇ ئەمما سىزنى ئىزلەيدىغانلقىنى،ئۇنىڭدىن ھازىرمۇ ئكلگىدەك قورقىدىغانلقڭىزنى دەپسىز،مەن ئەمدى ئۇنداق بولسا كىمگە ئوخشاپ قالىمەن،ۋۇسۇڭنىڭ ئاكىسى ۋۇدالاڭغىمۇ،مىنىڭمۇ يىزلق بولغىنم بىلەن خلى غۇرۇرۇم بار،ماڭىمۇ لايق چىقىپ قالار،ئاللا سىزنڭمۇ بەختىڭىزنى بەرگەي،كەچۈرۈڭ سىز بىلەن توي قىلالمىغۇدەكمەن،ئەسلى بۇ گەپلەرنى ئەتە سىزگە تىلفۇندا دەي دىگەنتىم،بىراق قىممەتلىك ۋاختڭىزنى ئەپقويماي دىدىم،سىز ھىلىغىچە مۇنبەرگە چىقىسىز،ئۆزىڭىز ئوقۇپ چىقىپ مەندىن ئۆتكەن يىرى بولسا كەڭ قوساقلق بىلەن ئەپۇ قىلارسىز،
تورداشلارنىڭ ۋە قىرىنداشلارنىڭ بۇنى سۆرەپ چىققىنمدىن مىنى كەچۈرۋىتىشىنى ئۈمىت قىلىمەن،باشقا مەقسىتىم يوق،پەقەت مۇشۇنداق ئىشقا دۇچ كەلسەڭلار سىلەرنىڭ قانداق بىر تەرەپ قلىدىغىنىڭلارنى بىلىپ باقسام،ماڭىمۇ ئەقىل كىرسە ھە جەپ ئەمەس،
مەنبە؛ئەمەلى بولغان ئىش،بوران114،يەكەن،