باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1492 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: <<قۇرئان كەرىم>> ۋە مۆجىزە
دوستلىشىش
قۇندۇزئاي
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8175
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 120 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-16
ئاخىرقى: 2011-09-17
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-25 00:55

<<قۇرئان كەرىم>> ۋە مۆجىزە


 
ھازىرقى دەۋىر پەن تېخنىكا ساھاسىدىكى ئەڭ زور تەرەققىيات كومپىيوتىرنىڭ كەشىپ قىلىنشى بولسا كىرەك. ئۇ پۈتكۈل ئوقۇش رايۇنلىرى ۋە باشقا مۇرەككەپ ئۇرۇنلاردا خىزمەت قىلالايدۇ. يەنە ئەڭ مۇرەككەپ بولغان ماتىماتىكىلىق مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلالايدۇ.
پۈتكۈل دۇنيا ئىتىراپ قىلغان ئامىرىكىدىكى بىر مەسچتنىڭ دوكتۇر ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئىمامى يازغان «قۇرئاندىكى مۆجىزىلەر» دىگەن كىتابىدا، كومپىيوتىر ئارقىلىق قۇرئان كەرىمدىكى مۇناسىۋەتلىك سان _ سىغىرلارغا سىتاستىكىلىق ئانالىز ئېلىپ بارغان.
«قۇرئان كەرىم» اﷲ ئىنسانلارغا چۈشۈرگەن مۇقەددەس كىتاپتۇر. «قۇرئان كەرىم» پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئىنسانلارنى يامان يوللاردىن قايتۇرۇپ، بىر اﷲ قىلا ئىبادەت قىلىشتەك توغىرا يولغا باشلاپ،ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادەتلىرىگە ئىرىشتۈرۈش ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن. اﷲ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
 
«بۇ قۇرئان شۇنداق بىر كىتاپتۇركى، (ئى مۇھەممەد!) ئۇنى ساڭا كىشىلەرنى پەرۋەردىگەرىڭنىڭ ئىزىنى كۇپىرنىڭ قاراڭغۇلىقىدىن ، ئىماننىڭ يورۇقلىقىغا چىقىرىش ئۈچۈن ، غالىپ، (ھەممە تىللاردا) مەدىھىيلەنگەن ﷲ نىڭ يولىغا (باشلىشىڭ ئۈچۈن) چۈشۈردۇق» [ئىبىراھىم سۈرىسى 1- ئايەت]
 
«قۇرئان كەرىم» نازىل بۇلغاندىن تاكى ھازىرغىچە 1400 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتتى. بۇ ئارلىقتا ئالىملىرىمىز ئوخشىمىغان نوقتىدىن ۋە ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردا «قۇرئان كەرىم» نىڭ مەزمۇن ۋە قۇرۇلمىسى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئالىملار «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئەسلى نوسخىسىنى كومپىيوتىر سان سىغىرلىرىغا تەرجىمە قىلىپ، كومپىيوتىرغا كىرگۈزگەندىن كىيىن نۇرغۇنلىغان كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك مۆجىزىلەرنى بايقىغان. ھەمدە «قۇرئان كەرىم» ھەرگىزمۇ مۇھەممەت ئەلەيھىسالام ئۆزى يېزىۋالغان نەرسە بولماستىن ، ھەقىقەتەنمۇ اﷲ تەرپىدىن نازىل قىلىنغان مۇقەددەس كىتاپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بۇنىڭدەك قۇرئاندىكى نۇرغۇنلىغان مۆجىزىلەر قۇرئاننى ئىنكار قىلىۋاتقانلارغا ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
 
«ئۇلار قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى توقۇپ چىققان، دىيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، ئەگەر (بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ﷲ دىن باشقا (ياردەمگە) چاقىرايالدىغانلىكى كىشلىڭلارنى چاقىرىپ، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار»، «ئۇنداق ئەمەس ئۇلار قۇرئاننىڭ مەنىسىنى تۇلۇق چۈشەنمەي ۋە ھەقىقەتكە تېخى ئەقلى يەتمەي تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتى»[ يۇنۇس سۈرىسى 38- 39- ئايەتلەر]
 
«قۇرئان كەرىم» نى كومپىيوتىرغا كىرگۈزۈپ تەتقىق قىلغاندىن كىيىن، ئالىملىرىمىز 19 دىگەن ساننىڭ بۇ مۇقەددەس كىتاپ بىلەن ناھايتىمۇ زىچ باغلىنىشىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان .
 
1. «قۇرئان كەرىم»نىڭ بىرىنجى جۈمىلىسى «سْــــــــــــــــــــــمِ اﷲِارَّحْمَنِ ارَّحِيم
» بۇلۇپ ، بۇ جۈملە 19 ھەرىپتىن تۈزۈلگەن.
 

 
2.پۈتكۈل «قۇرئان كەرىم» دە 114 سۈرە بار. 114 بولسا 19 نىڭ 6 ھەسسى (114÷6=19)
 
3. «قۇرئان كەرىم» دە ئەڭ دەسلەپ نازىل قىلىنغان سۈرە،  96- سۈرە ئەلەق «قۇرئان كەرىم» نىڭ سۈرىلەر تەرتىپىگە ئاساسلىنىپ ھىساپلىغاندا، بۇ سۈرە كەينىدىن سانىغاندا 19- سۈرە.
 
4. 96- سۈرە ئەلەق جەمئى 258 ھەرىپتىن تۈزۈلگەن. 258 بولسا ، 19 نىڭ ھەسسە سانى (258 ÷ 15=19)
 
5. سۈرە ئەلەقنىڭ بېشىدىكى بەش ئايەتتە:
 «ئى مۇھەممەد ! سىنى ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن، ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئۇقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كىرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى)ئۈگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى» دىيىلگەن.     [سۈرە ئەلەق 1-5- ئايەتكىچە]
بۇ بەش ئايەت پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام ھىرا غارىدا اﷲ ھەققىدە تەپەككۇر قىلىپ ئولتۇرغاندا، ئالدىغا جىبىرىئىل ئەلەيھىسالام كەلگەن. جىبىرىئىل ئەلەيھىسالام پەيغەمبىرىمىزگە يېقىنلىشىپ ئۇنىڭغا:
_ ئوقۇغىن ! دىگەن. پەيغەمبىرىمىز:
_ مەن ئوقۇشنى بىلمەيمەن ، دەپ جاۋاپ بەرگەن. جىبىرىئىل ئەلەيھىسالام پەيغەمبىرىمىزنى تەربىيلەش ، ئەكەلگەن ئايەتلەرنى ئۈگۈتىش ئۈچۈن ئۇنى چىڭ تۇتۇپ، يەنە شۇ سۆزنى تەكرارلىغان :
ــ ئوقۇغىن ! پەيغەمبىرىمىز يەنە :
ــ مەن ئوقۇشنى بىلمەيمەن، دىگەن. جىبىرىئىل ئەلەيھىسالام يەنە ئۇنى قۇچاقلاپ، پەيغەمبىرىمىز ھالسىراپ كەتكۈچە چىڭ تۇتۇپ، ئاندىن:
_ ئوقۇ! دەپ تەكرارلىغان. پەيغەمبىرىمىز ناھايتى قورققان. ئوقۇشنى بىلمەيمەن، دىگەننىڭ كارغا كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ تىتىرەك ئاۋازدا:
_ نىمىنى ئوقۇيمەن؟ دەپ سورىغان. ئۇ ۋاقىتتا جىبىرىئىل ئەلەيھىسالام ئىنتايىن يېقىملىق ۋە گۈزەل بىر ئاۋازدا «قۇرئان» نىڭ زىمىنغا تۇنجى بۇلۇپ چۈشۈرۈلگەن يۇقىردىكى ئايەتلىرىنى ئوقۇغان.
ئەرەپ تىلىدا بۇ ئايەت 19 سۆزلىكتىن تەشكىل تاپقان.
 
6. بۇ 19 ئەرەپ سۆزلىكى «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئۈچۈنجى خەلىپە ھەزىرتى ئوسمان دەۋىرىدىكى ئەسلى نوسخىسىغا ئاساسلانغاندا ، 76 ئەرەپ ھەرىپلىرىدىن تەشكىل تاپقان. 76 بولسا 19 نىڭ 4 ھەسسى (76÷ 4=19)
 
7. سۈرە ئەلەق جەمئى 19 ئايەتتىن تەشكىل تاپقان.
 
8. «قۇرئان كەرىم» نىڭ بىرىنجى جۈمىلىسىدىكى«سْــــــــــــــــــــــمِ اﷲِارَّحْمَنِ ارَّحِيم
» تۆت سۆزلىكتىن تۈزۈلگەن.   بۇيەردىكى اﷲ دىگەن سۆز «قۇرئان كەرىم» دە جەمىئى 2698 قېتىم ئۇچىرايدۇ. بۇ سان 19 نىڭ 142 ھەسسى (2698÷142=19)
«ناھايتى شەپقەتلىك»  دىگەن بۇ سۆز «قۇرئان كەرىم» دە 57 قېتىم ئۇچىرايدۇ . 57 بولسا 19 نىڭ 3 ھەسسى (57÷3=19)
«مىھرىبان» دىگەن بۇ سۆز «قۇرئان كەرىم» دە 114 قېتىم ئۇچىرايدۇ. 114 مۇ 19 نىڭ ھەسسە سانى (114÷6=19)
 
 9. «قۇرئان كەرىم» دە جەمئى 114 سۈرە بار. ھەر بىر سۆزنىڭ باشلىنىشىدا «سْــــــــــــــــــــــمِ اﷲِارَّحْمَنِ ارَّحِيم
» دىگەن بىر جۈمىلە سۆز بار. پەقەت 9- سۈرە تەۋبىنىڭ باشلىنىش قىسمىدا بۇ بىر جۈمىلە سۆز ئۇچىرىمايدۇ. بۇنداق بولغاندا «قۇرئان كەرىم» دىكى 114 سۈرىنىڭ باشلىنىش قىسمىدىكى بۇ بىر جۈمىلە سۆز 113 بۇلىدۇ. 113 ، 19 نىڭ ھەسسە سانى بۇلالمايدۇ. بىراق، 27- سۈرە نەمىلنىڭ 30- ئايىتىدە «ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن»دىگەن ئايەت بار. بۇنداق بولغاندا ئۇ ئايەتنى ئەسلىدىكى 113 كە قوشقاندا يەنىلا 114 بۇلىدۇ. بۇ دەل يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكەندەك 19 نىڭ ھەسسە سانىدۇر. (114÷6=19)
 
10. 27- سۈرە نەمىل 30-ئايەتتىكى  «سْــــــــــــــــــــــمِ اﷲِارَّحْمَنِ ارَّحِيم
» دىگەن جۈمىلىدىن ، مۇشۇ سۈرىنىڭ بېشىدىكى  «سْــــــــــــــــــــــمِ اﷲِارَّحْمَنِ ارَّحِيم
»دىگەن جۈمىلە ئارسىدا جەمئى 342 دانە سۆزلۈك بار. 342 بولسا 19 نىڭ ھەسسە سانى (342÷18=19 )
 
11. «قۇرئان كەرىم» دە نۇرغۇنلىغان سانلار تىلغا ئېلىنغان . مەسىلەن: «40 كۈن» ، (مۇسا ئەلەيھىسالام پەرۋاردىگارى بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن تۇر تېغىغا كەتكەن ۋە شەرئەت دەستۇرى بۇلۇش ئۈچۈن تەۋراتنى ئېلىپ كىلىشنى قەۋىمىگە ۋەدە قىلغان چاغدا، ئۆز ئورنىغا ھارۇن ئەلەيھىسالامنى ققويۇپ كەتكەن، مۇسا ئەلەيھىسالامنىڭ تۇر تېغىغا بېرىپ ، قەۋىمىدىن ئايرىلىپ تۇرغان ۋاقتى 40 كۈن ئىدى) «12 بۇلاق »، (اﷲ بىرئەۋىننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنى ھالاك قىلىپ، بەنى ئىسىرائىلنى خار_زەبۇنلىقتىن قۇتقۇزغاندىن كىيىن ، مۇسا ئەلەيھىسالامنى قەۋىمىنى ئېلىپ بەيتۇلمۇقەددەسكە بېرىشنى بۇيرىيدۇ. ئۇلار يولدا كىتىۋېتىپ قاتتىق تەشنا بۇلۇپ، مۇسا ئەلەيھىسالامغا شىكايەت قىلىدۇ. اﷲ نىڭ ئەمىرى بۇيىچە مۇسا ئەلەيھىسالام ھاسىسىنى تاشقا ئۇرغاندا ، تاشتىن 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقىدۇ)مۇشۇنىڭدەك يەنە ‹«مىڭ يىل» ، «مىڭ ئاي» ، ‹«يەتتە قات ئاسمان» دىگەندەك سانلارنى ئۇچىراتقىلى بۇلىدۇ. پۈتكۈل « قۇرئان كەرىم» دە 285 يەردە ئوخشىمىغان سانلار تىلغا ئېلىنغان. 285 بولسا 19 نىڭ ھەسسە سانى (285÷15=19)
 
12.«قۇرئان كەرىم» دە تىلغا ئېلىنغان 285 دانە ساننىڭ ، ئەگەر ھەر بىر سان ئىپادىلىگەن سانلارنى قوشۇپ ھىساپلىغاندا ، جەمئى 174591 يەنى 19 نىڭ 9189 ھەسسى بولىدىكەن. (174591÷9189=19)
 
13. «قۇرئان كەرىم» دە تىلغا ئېلىنغان 285 دانە سان ئىچىدە بىر، ئىككى ۋە ئۈچ قېتىمدىن تەكرارلانغان سانلار بار. ئەگەر تەكرار تىلغا ئېلىنغان سانلارنى چىقىرىۋىتىپ، قالغانلىرىنى قوشقاندا جەمئى 162146 بۇلىدۇ. بۇ سان يەنىلا 19 نىڭ ھەسسە سانى (162146÷8534=19)
 
14.«قۇرئان كەرىم» دىكى  114 سۈرە ئىچىدە 2، 7، 10، 12، 13، 14، 15، 19، 20، 26، 27، 28، 29، 30، 31، 32، 36، 38، 40، 41، 42، 43، 44، 45، 46، 50، 68 قاتارلىق 27 سۈرىنىڭ بىرىنجى ئايىتى ھەرىپ بىلەن باشلانغان. بۇ ھەرىپلەرنىڭ سۈرىلەردىكى ئىشلىتىلگەن قېتىم سانىمۇ 19 نىڭ ھەسسە سانى. مەسىلەن: 50- سۈرە قاف نىڭ بىرىنجى ئايىتى قاف دىگەن بۇ ھەرىپ بىلەن باشلانغان. بۇ ھەرىپ مەزكۇر سۈرىدە، 57 قېتىم ئۇچىرايدۇ. 57 بولسا 19 نىڭ 3 ھەسسى (57÷3=19)
42- سۈرە ئىككىنجى ئايىتىدىمۇ قاف دىگەن بۇ ھەرىپنى ئۇچىرىتىمىز. بۇ ھەرىپ مەزكۇر سۈرىدىمۇ  ئوخشاشلا 57 قېتىم ئىشلىتىلگەن. (57÷3=19)
68- سۈرە قەلەم نىڭ بىرىنجى ئايىتى قەلەم دىگەن بۇ سۆز بىلەن باشلانغان. بۇ سۆز مەزكۇر سۈرىدە 133 قېتىم ئىشلىتىلگەن. 133 مۇ 19 نىڭ ھەسسە سانى (133÷7=19)
 
7- سۈرە ئەئراف ، 19- سۈرە مەريەم، 38- سۈرە ساد قاتارلىق ئۈچ سۈرىنىڭ بىرىنجى ئايىتى ئوخشاشلا «ساد» بۇ ھەرىپ بىلەن باشلانغان ھەم بۇھەرىپ ئۈچ سۈرىنىڭ ھەر بىرسىدە ئايرىم ھالدا، 152 قېتىم ئىشلىتىلگەن. 152 مۇ ئوخشاشلا 19 نىڭ سەككىز ھەسسى(152÷8=9)
 
يىغىپ ئېيتقاندا ، بارىلىق ھەرىپ بىلەن باشلانغان سۈرىلەرگە قاراپ بارقسىڭىز ، يۇقارقى مىساللارنىڭ ھەممىسى بىلەن ئوخشاش چىققۇسى. 19 دىگەن بۇ ساننىڭ «قۇرئان كەرىم» بىلەن بولغان بۇنداق قۇيۇق مۇناسىۋىتى، ھەقىقەتەنمۇ «قۇرئان كەرىم»دىكى مۆجىزىلەرنىڭ بىرسى.
يۇقارقى دەلىلەردىن «قۇرئان كەرىم» نى كومپىيوتىرغا كىرگۈزۈپ تەتقىق قىلغاندىن كيىن، ئىنسانلار ھەيران قالارلىق ھالدا بۇ مۆجىزلىك ساننىڭ قۇرئان كەرىم بىلەن بولغان قۇيۇق مۇناسىۋىتىنى كۆرۈۋالالايدۇ.
 
 
بۇخىل ئەمەلىيەتتىن دۇنيادا «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئوخشىشىنىڭ يوقلىقىنى ،ئۇنىڭ دۇنيادا پەقەت بىرلام ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئويلاپ بېقىڭ، دۇنيادا قايسى بىر يازغۇچى ، ئۆزىنىڭ ھەرىپلەرشكەن ئەسەرلىرىگە بۇ خىل مۆجىزىلىك ساننى ئورۇنلاشتۇرالىغان! بۇ ھەرگىزمۇ ئىنسانلار قىلالايدىغان ئىش ئەمەس. بۇ خىل مۆجىزە ئىنسانلارنى بىر قىسىم مەسىلىلەر ھەققىدەتېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىپ ، پىكىر يۈرگۈزىشىكە دەۋەت قىلىدۇ.
 
«بۇ قۇرئاننى بىراۋنىڭ ﷲ قا ئىپتىرا قىلىشى ئەقىلغە سىغمايدۇ (چۈنكى قۇرئاننى ھىچ ئىنسان ئىجاد قىلالمايدۇ)، لىكىن قۇرئان ئىلگىرى كەلگەن (تەۋرات ، ئىنجىل قاتارلىق ساماۋى) كىتاپلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، ﷲ بەلگىلىگەن ئەھكاملارنى بايان قىلغۇچىدۇر . ئۇنىڭدا ھىچ شەك يوقتۇر. (ئۇ) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.»[سۈرە يۈنۇس 37- ئايەت].
 
كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىشقا تىگىشلىك بىرىنجى مەسىلە: «قۇرئان كەرىم» دىكى بۇ مۆجىزىلىك سان نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ ھەمىمىزگە ئايان ، ئادەتتە يازغۇچىلار ئەسەر يازغاندا ، ئاساسلىق ئەسەرنىڭ ئىدىيۋىلىكى ۋە بەدىئىيلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ناۋادا ئاپتۇر ئۆز ئەسەرلىرىگە بىر قاتار قانۇنىيەتلىك سان سىغىرلارنى ئورۇنلاشتۇرماقچى بولسا، ئەسەرنىڭ ئىديىۋىلىك ۋە بەدىئىيلىكىدىن سۆز ئىچىش ھاجەتسىز بۇلۇپلا قالماي يەنە يازغۇچىنىڭ پىكىر قاتلىمىنى چېچىۋىتىشى مۇمكىن. لىكىن «قۇرئان كەرىم» دىكى بۇ مۆجىزىلىك سان، كىتاپتىكى ھەرىپلەر ۋە «قۇرئان»نىڭ قۇرۇلمىسى ، راۋانلىقىغا قىلچىمۇ تەسىر كۆرسەتمىگەن. ھەم مەزمۇنىنىڭ سالماقلىقى ۋە قېلىپلاشقان ئىبارىللىرىنى يوقاتمىغان. مانا بۇ دەلىلەر «قۇرئان كەرىم»نى ھەرگىزمۇ ئىنسانلار ئۆزلىرى يېزىۋالغان«كىتاپ» بولماستىن، بەلكى  اﷲ تەرپىدىن  بىز ئىنسانلارغا چۈشۈرۈپ بەرگەن مۇقەددەس قانۇنى ئىكەنلىكىنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
چوڭقۇر ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئىككىنجى مەسىلە: نىمە ئۈچۈن «قۇرئان كەرىم» دىكى مۆجىزلىك سالارنىڭ ھەممىسى 19 نىڭ ھەسسە سانى بۇلىدۇ؟ 19 دىگەن پۈتۈن سان زادى نىمە مەنە بىلدۇرىدۇ؟ ئەلۋەتتە ، 19 نىڭ مەنىسى ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ  اﷲ  قا ئاياندۇر. ئىنسانلاردىن ھىچىكىممۇ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قارىسىغا مۇتلەقلەشتۈرۈپ ھۆكۈم چىقىرالمايدۇ. بىراق ئالىملارنى «قۇرئان كەرىم» گە بولغان كۈزىتىشىگە ئاساسەن، ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرغا قويۇپ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىزىدىنىپ پايدىلىنىشقا بۇلىدۇ.
«قۇرئان كەرىم» 74- سۈرە مۇددەسسىر نىڭ 27- ئايەتتىن 31-ئايەتكىچە:
 «سەقەرنىڭ (يەنى دوزاخنىڭ) نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ ئۇ ھىچ نەرسە قالدۇرمايدۇ، قويمايدۇ (بەلكى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ) ئۇ (چوڭلىقىدىن) ئىنسانلارنىڭ (كۆزلىرىگە يىراق مۇساپىلەردىن) كۆرنۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا 19 پەرىشتە مۇئەككەلدۇر. بىز دۇزاخ مۇئەككەللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ سانى بىلەن پەقەت كاپىرلارنى سىنىدۇ. ياكى ئەھلى كىتاپ (ئۆزلىرىنىڭ ساماۋى كىتاپلىرىدىكى بۇ ساننى كۆرۈپ قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتقاي، مۆمىنلەرنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بەرگەن خەۋەرگە ئىشەنگەنلىكلىرىدىن ۋە ئەھلى كىتاپنىڭ قۇرئان خەۋەرلەرنىڭ تەۋرات ، ئىنجىلدىكى خەۋەرلەرگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلغانلىقىدىن) ئىمانى كۈچۈيگەي، ئەھلى كىتاپ ۋە مۆمىنلەر (بۇنىڭدىن) شەكلەنمەيدۇ، دىللىرىدا كىسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار)، كاپىرلار «بۇ مىسالدىن اﷲ نىمىنى ئىرادە قىلىدۇ؟» دەيدۇ. اﷲ مۇشۇنداق خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلدۇ . پەرۋەردىگارىڭنىڭ قوشۇننى(يەنى پەرشتىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىنى ، ئۇلارنىڭ كۈچ قۇۋۋىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ يارتىلىشىدىكى چوڭلۇقىنى) پەقەت ئۇ ئۆزى بىلدۇ. بۇ (يەنى اﷲ بايان قىلغان دوزاخ) پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن ۋەز نەسىھەتتۇر»
بۇ ئايەتلەردىن دۇزاخنى باشقۇرىدىغان پەرشتىنىڭ 19 ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئالىملار سىموۋللۇق ھالدا بۇ 19 پەرىشتە ئىنسانلارنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىنى باشقۇرىدىغان  پەرىشتە دەپ چۈشۈنۇپ كەلمەكتە. ئادەمدە توققۇز خىل سەزگۈ ئەزا بار بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى يەتتە خىل سەزگۈ سىرتىقى دۇنيانىڭ غىدىقلىنىشىغا ئۇچىرايدۇ.يۇسۇننامىدە:«ھىسىيات دىگەن نىمە ، مىھىرى - شەپقەت ۋە غەزەپ - نەپىرەتنىڭ يىغىندىسى بۇلۇپ ، بۇلار ئۈگەنمىسىمۇ بۇلىدىغان تەبىئى ئىقتىداردۇر. يەنى خۇشاللىق، ئاچچىقلىنىش، قايغۇرۇش، قورقۇش، مۇھەببەت، نەپىرەت، ئارزۇ-ئىستەك قاتارلىقلار. » دەپ قەيت قىلىنغان. سەزگۈ ئەزالارنىڭ سەككىزىنجى خىلى ئادەمنىڭ تىنى بوشلۇقىدىن ھىس قىلىدىغان سىزىم بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ . تۇققۇزىنجى خىلى بۇلسا ئاچلىق ، ئۇسساش قاتارلىق ئىچكى ئەزالار كەلتۈرۈپ چىقارغان ، ئىچكى ئەزالارنىڭ غىدىقلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سىزىمدۇر.بۇ يەردە سىزىمنى توققۇز روھىيەتتىكى ماس سىزىمغا بىرلەشتۈرۈپ يازغان بۇلۇپ، بۇنىڭغا يەنە تىزگىنلەيدىغان سىزىمنى قوشقاندا ئادەمنىڭ 19 سەزگۈ ئەزاسى بولىدۇ. بۇ  ئادەمنىڭ خاراكتىرىنى بەلگىلەيدىغان ۋە تىزگىنلەيدىغان ئىرادە كۈچنىڭ سەزگۈر ئەزاسى ھىساپلىنىدۇ. بۇ 19 سەزگۈ ئەزا توغىرا ئىشلىتىلسە ئادەمنىڭ روھىيتىنى يۈكسەلدۈرىدۇ. ئەكىسچە بۇ سەزگۈ ئەزا توغىرا ئىشلىتىلمىسە، ئادەمنى دوزاخقا باشلايدۇ.
 ئىنسانلار بۇ دۇنيانىڭ ئازغىنە شەھۋەتلىرىگە بىرىلىپ ، ھىسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ، ھالال ھارامنى ئايرىماي، ئۆز خاھىشلىرىنى كونتىرول قىلالماي يۈرىدىكەن ئۇ چاغدا ئۇ گۇناھتىن خالى بۇلالمايدۇ. ئەگەر ئۇ ئۆز نەپىسىنى كونتىرول قىلىپ، ھەقىقى تەقۋادارلىق بىلەن ياشايدىكەن. ئەلۋەتتە ﷲ ئۇلارنى جەننەتتە قىلىدۇ.
 
«شۆبىھسىزكى ، ﷲ ئىنسانلارغا قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ، لىكىن ئىنسانلار (كۇفىرى ۋە گۇناھ ئارقىلىق ) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىدۇ »[ يۈنۈس سۈرىسى 44- ئايەت]
«ئۇلار (ھەقنى تۇنۇش ئۈچۈن)قۇرئاننى پىكىر قىلمامدۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار (شۇڭا ئۇلار چۈشەنمەيدۇ)»،« (ئازاپ) پەرىشتىللىرى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرغان ھالدا ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىۋاتقاندا (ئۇلارنىڭ ھالى) قانداق بۇلىدۇ؟ »[ مۇھەممەد سۈرىسى 24-27 – ئايەتلەر ]
ئىنسانلار (ئەسلىدە) بىر دىن (يەنى ئىسلام دىنى)دا ئىدى. كىيىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى (يەنى دىنلار كۆپەيدى، بۇتلارغا چوقۇنىشتى) پەرۋاردىگارىڭنىڭ ئالدىنئالا ئېيتقان سۆزى(يەنى جازالاشنى قىيامەتكە قالدۇرۇشتىن ئىبارەت تەقدىرى) بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىللىرى ئۈستىدە ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرلاتتى (يەنى دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغابۇ دۇنيادىلا جازا بىرلەتتى)[يۈنۈس سۈرىسى 19- ئايەت]
«ئۇلار (ھەقنى تۇنۇش ئۈچۈن) قۇرئاننى پىكىر قىلمامدۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار (شۇڭا ئۇلار چۈشەنمەيدۇ) »[مۇھەممەد سۈرىسى 24- ئايەت]
 
قالغىنى ھەممىنى بىلگۈچى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان اﷲ قا ئاياندۇر!
 
 
قۇرئان كەرىم ھەققىدە

 
قۇرئان كەرىم پەيغەمبىرىمىز ھەرزىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ مۆجىزسى. ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق دەستۇرى ۋە ئىسلام قانۇنشۇناسلىقنىڭ بىرىنجى ئاساسلىق مەنبەسىدۇر. بۇنىڭغا پۈتكۈل ئىسلام ئەھلى بىردەك ئىتتىپاقتۇر. اﷲ تائاللاھ «قۇرئان كەرىم» نى تەرىپلەپ مۇنداق دەيدۇ:
 
«ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى (ساماۋى )كىتاپلارنى ئىتىراپ قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتاپ (قۇرئان)نى چۈشۈردۇق، ئۇلارنىڭ ئارسىدا اﷲ ساڭا چۈشۈرگەن قۇرئان (ئەھكاملىرى) بۇيىچە ھۆكۈم قىلغىن ، ساڭا كەلگەن ھەقتىن بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن » [مائىد سۈرىسى 48- ئايەت]
 
«قۇرئان كەرىم» 114 سۈرە 6236 ئايەت، 77439 سۈرە ۋە 325743 ھەرىپتىن تەركىپ تاپقان. «قۇرئان كەرىم» باراۋەر 30 پارىغا بۆلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھەربىر پارىسى ئىككى ھىزىبغا، ھەربىر ھىزىسى تۆت روبئغا بۆلىنىدۇ. نەتىجىدە «قۇرئان كەرىم» 30 پارە ، 60 ھېىزىب ۋە 240 روبئىدىن تەركىپ تاپقان .
اﷲ پەيغەمبىرىمىزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگىمۇ كىتاپ چۈشۈرگەن. يەنى:
 
1. تەۋرات. مۇسا ئەلەيھىسالامغا چۈشۈرۈلگەن
 « بىز ھەقىقەتەن مۇساغا تەۋراتنى نازىل قىلدۇق، تەۋراتتا (توغىرا يولغا يىتەكلەيدىغان ) ھىدايەت ۋە نۇر بار » [مائىد سۈرىسى 44- ئايەت.]
 
 
2. زەبۇر. داۋۇد ئەلەيھىسالامغا چۈشۈرۈلگەن. (تەۋراتتىن ئورۇن ئالماقتا)
« داۋۇدقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق» [نىسا سۈرىسى 163 - ئايەت. ]
 
3. ئىنجىل. ئىسا ئەلەيھىسالامغا چۈشۈرۈلگەن.
«ئارقىدىن مەريەم ئوغلى ئىسانى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق» [ھەدىد سۈرىسى 27- ئايەت]
 
4. قۇرئان . مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا چۈشۈرۈلگەن.
 «شۆبىھسىزكى، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ ئۇنى ئەرەپچە قۇرئان قىلىپ چۈشۈردۇق» [يۈسۈپ سۈرىسى 2- ئايەت]
 
بۇنىڭدىن باشقا يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھەدىسلىرىدىن ، بەزى بەيغەمبەرلەرگىمۇ ساماۋى كىتاپ چۈشۈرۈلگەنلىكى مەلۇم. يەنى :
ئادەم ئەلەيھىسالامغا 10 بەتلىك، ئىبىراھىم ئەلەيھىسالامغا 10 بەتلىك، شىش ئەلەيھىسالامغا 50 بەتلىك، ئىدىرىس ئەلەيھىسالامغا 30 بەتلىك كىتاپلار چۈشۈرۈلگەن.
«قۇرئان كەرىم»نىڭ ئىلگىركى ساماۋى كىتاپلاردىن ئارتۇقچىلىقى كۆپتۇر.«قۇرئان كەرىم»دىن باشقا ساماۋى كىتاپلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلار تەرىپىدىن دىگۈدەك ئۆزگەرتىلش ۋە بۇرمىلىنشلارغا ئۇچىرىغان. نەتىجىدە ئۇارنىڭ اﷲ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن ئەسلىسى يۇقالغان. مەسىلەن: يەھۇدىيلار تەۋراتنى، خىرىستىئانلار ئىنجىلنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. اﷲ تەرىپىدىن مۇسا ئەلەيھىسالامغا بىرىلگەن، ئەسلى تەۋرات بىلەن ئىسا ئەلەيھىسالامغا بىرىلگەن ئىنجىل ئۆزگەرتىلىش ۋە بۇرمىلىنىش ئارقىلىق ئۆز ئەسلىنى يوقاتقان ۋە كىيىنچە يەر يۈزىدىن تامامەن يوقالغاندىن كىيىن ، ھازىرقى يەھۇدىيلارنىڭ قولىدىكى تەۋرات مۇسا ئەلەيھىسالامنىڭ ۋاپاتىدىن 750 يىل كىيىن ، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 622 - يىلى ئەزرا ئىسىملىك بىر كاھىن تەرپىدىن يېزىپ چىقىلغانلىقى مەلۇم. ھازىرقى خىرىستىئانلارنىڭ قولىدىكى «لۇقا ئىنجىلى»، «ماركۇس ئىنجىلى»، «مەتتا ئىنجىلى» ،«يۇھەننا ئىنجىلى» دەپ ئاتىلىدىغان تۆت ئىنجىل كىشىلەر تەرپىدىن يېزىپ چىقىلغان 70 تىن كۆپىرەك ئىنجىلدىن تاللاپ چىقىلغان ئىنجىللاردۇر. ئەمما «قۇرئان كەرىم» بولسا، ئۇنى اﷲ ھەر قانداق ئۆزگەرتىش ۋە بۇرمىلاشتىن ساقلاپ قالغان. بۇ سەۋەپتىن «قۇرئان كەرىم» 14 ئەسىردىن بېرى ھىچقانداق ئۆزگەرتىشكە ئۇچىرىمىغان ھالدا ، بىرخىل نۇسخىدا داۋام قىلىپ كەلمەكتە. چۈنكى اﷲ ئۇنى ساقلاش ۋە ئۆزى قىيامەتكىچە مۇھاپىزەت قىلىشقا ۋەدە قىلغان.
 
«قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چۇقۇم ئۇنى قوغدايمىز»[ھىجىر سۈرىسى 9- ئايەت]
 
نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى بىرىنجىدىن قۇرئان كەرىم تا قىيامەتكىچە مەڭگۈلۈك جانلىق مۆجىزىدۇر. ئۇ مۆجىزە بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ تىكىستلىرى ئۆز پېتىچە داۋام قىلىشى كىرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ، ئۇنىڭ مۆجىزىلىكى يوقالغان بۇلىدۇ. ئىككىنجىدىن، اﷲ بەندىللىرىنىڭ بۇرۇنقى ساماۋى كىتاپلارنى قوغداشتىكى ئاجىزلىقلىرىنى تەجىرىبە قىلىپ كۆردى. ئۇلار مۇقەددەس كىتاپلارنىڭ بەزىسىنى ئۇنۇتتى، بەزىسى بۇرمىلاندى، بەزىسىنى خەلىقتىن يۇشۇردى، شۇنداق قىلىپ بۇ ئامانەتلەرگە خىيانەت قىلدى. شۇ سەۋەپتىن اﷲ «قۇرئان كەرىم » دىن ئىبارەت ئەڭ ئاخىرقى ۋە مەڭگۈلۈك دەستۇرنى قوغداش ئىشىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
ئىسلام دىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ھىچقانداق دەلىل - پاكىتلار بولمىغان تەقتىردىمۇ ، «قۇرئان كەرىم» نىڭ 14 ئەسىردىن بېرى بىرەر ھەرىپ چاغلىق ئۆزگەرتىلمەستىن ، بىرخىل داۋام قىلىپ كەلگەنلىكى ۋە اﷲ  ۋەدىسىنىڭ ئەمەلگە  ئەمەلگە ئاشقانلىقى ، دىنىمىزنىڭ ھەقلىقىگە ئەڭ كۈچلۈك ۋە يىتەرلىكتۇر. چۈنكى تارىختىن بېرى قۇرئاندىن باشقا بىرەر كىتاپنىڭ شۇنچىلىك ئەسىرلەر داۋامىدا ئۆزگەرمەي كەلگىنى يوق. ئۈچۈنجى خەلىپە ھەزىرتى ئوسمان دەۋىرىدە «كۇتتابۇلۋەھيى» تەرپىدىن 7 نوسخا كۆچۈرۈلگەن قۇرئان نۇسخسىنىڭ بىر نۇسخىسى ھازىرمۇ ئىستانبول «توپقاپى ساراي موزىيى» دا ، يەنە بىر نۇسخسى تاشكەنىتىكى دىنى ئىدارىدە ساقلانماقتا. قۇرئاننىڭ قالغان بەش نۇسخىسى ، مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن تۇرلۇك بالائى - ئاپەتلەر سەۋەپلىك يوقىلىپ كەتكەن. مەزكۇر ئىككى نۇسخا قۇرئان بىر بىرىدىن قىلچە پەرىقلەنمىگىنىدەك، ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ تارقالغان قۇرئان نۇسخللىرىنىڭ ئۆز ئەينىدۇر. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھۆكۈملىرى تا قىيامەتكىچە داۋام قىلىدۇ ۋە ئۆزگەرتىلمەيدۇ.
 
«ھەر قانداق بىر كىشى پەقەت ﷲ نىڭ ئىرادىسى بولغاندىلا ، ئاندىن ئىمان ئېيتىدۇ. (ﷲنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە) پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنىﷲ ئازاپقا گىرىپتار قىلىدۇ»[يۇنۇس سۈرىسى 100- ئايەت ].
 
مەنبە: مەزكۇر ماقالىنىڭ بېشىدىكى قۇرئان مۆجىزىسى توردىن تەرجىمە قىلىنغان. سەۋىيەم چەكلىك، شۇڭا ئۇشبۇ تەرجىمىدە خاتالىق يوق دىيەلمەيمەن. شۇڭا خاتا يەرلىرىنى اﷲ نىڭ كەچۈرشىنى تىلەش بىلەن بىرگە، تورداشلىرىمنىڭ خاتالىق يەرلىرىنى بايقىغان ھامان سەمىمى ھالدا ئەسكەرتىش بىرىشىنى سورايمەن. مەزكۇر تەرجىمىنى كىڭەيتىپ، مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇشنى مەقسەد قىلىپ، ماقالىگە ئۆزۈم بىر قىسىم كىتاپلاردىن ئىزدىنىپ ، بەزى مەزمۇنلارنى قوشتۇم.
پايدىلانغان ماتىرياللار: قۇرئان كەرىم، ئىسلام ئەقىدىللىرى.
[ بۇ يازمىنىقۇندۇزئاي 2011-09-06 00:11قايتا تەھرىرلى ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6506
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 66
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە66دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 685 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-14
ئاخىرقى: 2011-09-16

ئاللا سىزگە رەخمەت قىلسۇن .
دوستلىشىش
رامىزان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8606
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 29
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
ئۆسۈش: 250 %
مۇنبەر پۇلى: 490 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-15
ئاخىرقى: 2011-10-16
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-25 11:49

ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن!!! شۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 522
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە522دانە
ئۆسۈش: 1463 %
مۇنبەر پۇلى: 6077 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2011-10-21
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-25 13:23

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!  
سىزگە كۆپ تەشەككۇر!
تۆنۈگۈن بۇ ئەسەرنى مىسرانىمدا كۆرگەنىدىم.  نىمە ئىش بولغان ئىدىكىن؟  بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلار تېمىنى قەتئى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا پاراڭ قىلىشىۋېتىپتىكەن.  مەن تېمىنىڭ نورمال كۆرۈنمىگەن قىسىملىرىنى تەھرىرلەپ قويغانىدىم.  ھازىر ئۇ تور بەت ئېچىلمايۋاتىدۇ، تەستىقلاندىمۇ يوق، بىلمىدىم.

سىزگە تەكلىپىم: ئېسىل ئىسلامىي تېمىلارنى  كەڭسايغا ياكى مەرىفەتكە يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.  مىسرانىمدا قىزىللار  بەك كۆپكەن، ئۇلار  مۇنبەردە ئىسلامىي تېمىنىڭ ئاۋۇپ كېتىشىگە چىداپ تۇرالمايدۇ.  شۇڭا  باشقۇرغۇچىلارمۇ ئامالسىز.......
تەپەككۇر ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ئېسىل نېئمىتىدۇر!
دوستلىشىش
ئۇگەنگۇچى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8740
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-27
ئاخىرقى: 2011-08-27
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-27 01:33

ئاللا  سىزگە رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم
abdurahman
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6476
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 50
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە50دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 510 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-12
ئاخىرقى: 2011-09-14
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-28 13:36

ئەسسالام ئەلەيكۇم.ئاتكارچىلىك قىلىدىغان بولدۇم.قۇر.اندىكى سۈرە 114ئىدى.لىكىن بۇ يەردە77439 سۈرە دىيلىپتۇ.77439سۆزمۇ قانداق؟
mp3
دوستلىشىش
قۇندۇزئاي
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8175
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 120 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-16
ئاخىرقى: 2011-09-17
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-05 12:57

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى 大力士 نىڭ 2011-08-28 13:36 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالام ئەلەيكۇم.ئاتكارچىلىك قىلىدىغان بولدۇم.قۇر.اندىكى سۈرە 114ئىدى.لىكىن بۇ يەردە77439 سۈرە دىيلىپتۇ.77439سۆزمۇ قانداق؟

كەچۈرۈڭ قايسى يەردە ئاشۇنداق دىيىلىپ قاپتۇ؟ ئەگەر شۇنداق بۇلۇپ قالغان بولسا، بۇ ئىملادىن كىلىپ چىققان خاتالىق بۇلىدۇ. باشقۇرغۇچىلار خاپا بولماي تەھرىرلىۋەتسە.