باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1477 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ماركو.پولۇ ئەسلىدە جۇڭگوغا ئەزەلدىن كېلىپ باقمىغان ئىكەن
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 136
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە136دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-24 18:17

ماركو.پولۇ ئەسلىدە جۇڭگوغا ئەزەلدىن كېلىپ باقمىغان ئىكەن

ئەنگلىيە« كۈندىلىك پوچتا تېلېگرامما گېزىتى» نىڭ 8- ئاينىڭ 9- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ۋىنىسلىق داڭلىق سودىگەر، ساياھەتچى ماركو پولۇ ساياھەت خاتىرىسىدە جۇڭگو قاتارلىق شەرقتىكى باي دۆلەتلەردىكى كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىنى تەسۋىرلىگەن. بۇ دۇنيا تارىخ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.  بىراق
ئىتالىيە ئارخىئولوگىيە ئالىملىرى  يېقىندا ئاشكارىلاپ، بىر تۈركۈم ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ، ماركو پولۇ ئەمەلىيەتتە جۇڭگوغا بېرىپ باقمىغان،دېدى.داڭلىق«ماركو پولۇ ساياھەت خاتىرىسى»بەلكىم دۇنيانى ساياھەت قىلغان ياۋروپا سودىگەرلەر تەمىنلىگەن  ئىككىنچى قول ماتېرىياللاردىن تۈزۈلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىتالىيە ناپلىس ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ياپونىيە ئارخىئولوگىيە تۈرىگە مەسئۇل دەنىل.پىتېرىلا پروفىسسورنىڭ قارىشىچە،  ماركو پولۇ جۇڭگوغا بېرىپ باقمىغان. ئۇنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدىكى جۇڭگو، ياپونىيە، موڭغۇلىيەگە ئائىت تەسۋىرنىڭ مەنبەسى ئاساسەن ئاشۇ يەرلەرنى ساياھەت قىلغان سودىگەرلەرنىڭ بايانى ئىكەن.بۇ بۇ ساياھەتچى سودىگەرلەرنىڭ  ھىكايىسىنى يىغىپ«ماركو پولۇ ساياھەت خاتىرىسى»نى يېزىپ چىققان.بۇ كىتاب دۇنيا بويىچە ئەڭ بازارلىق كىتاب بولۇپ قالغان.
 پىترېلا قاتالىق كىشىلەرنىڭ بايقىشىچە، ساياھەت خاتىرىسىدىكى  تەسۋىر بىلەن يىل تارىخى توغرا كەلمىگەن.  مەسىلەن: يۈەن سۇلالسى دەۋرىدىكى قۇبلاي خان 1274- يىلى ۋە 1281- يىلى  ئىككى قېتىم ياپونىيەگە ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتنى تەسۋىرلىگەندە  تارىخى ئەمەلىيەتتەئوخشىماسلىق كېلىپ چىققان. پىترېلا مۇنداق دېدى:« ئۇ ئىككى قېتىملىق جەڭنى  ئارىلاشتۇرۇپ قويغان.  بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇمنى تەسۋىرلىگەنچاغدا،  ئۇ  :‹ كىمە گاۋلىدىن ئايرىلىپ(گاۋلى ھازىرقى چاشيەن) تەيفېڭ بورىنىغا ئۇچراپ، ياپونىيە قىرغىقىغا يېتىپ بارالمايدۇ›.ئەمەلىيەتتە بۇ ۋەقە 1281- يىلى يۈز بەرگەن.ئەگەر ئۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولسا قانداقسىگە يەتتە يىل ۋاقىتنى خاتالاشتۇرۇپ قويىدۇ؟»
  موڭغول قەدىمىي دۆلىتىنىڭ كىمىسىنى تەسۋىرلىگەندە  ماركو پولۇ بۇ كىمىلەرنى بەش ماچتىلىق كىمە ، دەپ تەسۋىرلەيدۇ. بىراق ئارخىئولوگلار بۇ كىمىلەرنىڭ ئۈچ ماچتىلىق كىمە ئىكەنلىكىنى بايقىغان. يەنە كىمىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى تەسۋىرلىگەندە بولسا  ماركو پولۇ  بۇ تىللار موڭغۇل تىلى ياكى خەنزۇتىلىنى ئىشلەتمەستىن
 پارس تىلىنى ئىشلەتكەن.  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە  ماركو.پولۇ ئۆزىنى ئەلچى  بولۇپ بارغان دەپ تەسۋىرلەيدۇ.بىراق مەيلى موڭغۇل ياكى خەنزۇ ھاكىمىيەتلىرىدە بولسۇن، ماركو.پولۇ دەپ بىر ئەلچىنىڭ ئىسمى خاتىرلەنمىگەن.
 ئەمەلىيەتتە ماركو.پولۇنىڭ جۇڭگوغا راستىنلا بارغان ياكى بارمىغانلىقى ئىزچىل ياۋروپادا تالاش- تارتىش بولۇپ كەلمەكتە.
 ئەنگلىيە كۇتۇبخانىسى خەنزۇتىلى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى فىرەنىس.ۋۇدنىڭ 1995- يىلى نەشىر قىلىنغان«ماركو .پولۇ  راسىتنلا  جۇڭگوغا بارغانمۇ؟»دېگەن كىتابىدا  ماركو. پولۇ بەلكىم قارا دېڭىزغىمۇ بارمىغان بولۇشى مۇمكىن، دېيىلمەكتە.
ۋۇدنىڭ قارىشىچە، گەرچە ساياھەت خاتىرىسىدە جۇڭگونىڭ تۇرمۇشى  ئىنتايىن تەپسىلىي تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ،  بىراق  نېمە ئۈچۈن  جۇڭگونىڭ چوكىلىرى،چايلىرى ۋە سەددىچىن سىپىلى  تىلغا ئېلىنمايدۇ؟ ۋۇد مۇنداق دەيدۇ:« بىر نەزىرىيە بويىچە ئېيتساق،  ماركو. پولۇ   پارس سودىگەرلىرىنىڭ ھىكايىلىرىدىن پايدىلانغان. پۈتۈن  كىتابتىكى 18 جۈملىدىلا  بىرىنچى شەخس تىلىدا بايان قىلىنغان. ئۇ ئەزەلدىن ‹ مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم» دەپ يازمىغان.مېنىڭچە بۇ ساياھەت خاتىرىسى بىر ئادەمنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرى ئەمەس. بەلكىم نۇرغۇن سودىگەرلەرنىڭ ساياھەت سەزگۈزەشتىلىرىنىڭ توپلىمى بولۇشى مۇمكىن».


    
                           مەنبە:خەلقئارا تورى مەخسۇس خەۋىرى

دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6080
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 145 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-13
ئاخىرقى: 2012-02-20

،ماركوپولو زىيارەت قىلىپ خوتەنگە كەلگەندە،قاتلىما ساتىدىغان ئۇيغۇر بوۋايدىن ماڭىمۇ بىرنى،ماڭىمۇ بىرنى بەر دىگەن،ئۇيغۇر بوۋاي :پشسا بىرەي ،پشسا –دىگەن.ماركوپولو ‹بۇنىڭ ئسمى پشسا››ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان،ئۆزىگە ياراپ قاراپ قالغان بۇ تاماقنى ئتالىيەگە ئاپارغان ،كىينچە ئسمى پسا بولۇپ قالغان.ئىتالىيە چۆپىنىڭ ئۇيغۇر لەغمىنىدىن ئۆزگەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئەر بولساڭ ئەل  دەپ   ياشا
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3140
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 719
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە719دانە
ئۆسۈش: 5870 %
مۇنبەر پۇلى: 5761 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 1515 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2011-12-20
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-25 00:22

            
ساددىلىقىم گونامو ؟!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1712
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 143
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە143دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 1545 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2012-03-30
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-25 11:25

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى غېرىپ نىڭ 2011-08-24 21:11 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
،ماركوپولو زىيارەت قىلىپ خوتەنگە كەلگەندە،قاتلىما ساتىدىغان ئۇيغۇر بوۋايدىن ماڭىمۇ بىرنى،ماڭىمۇ بىرنى بەر دىگەن،ئۇيغۇر بوۋاي :پشسا بىرەي ،پشسا –دىگەن.ماركوپولو ‹بۇنىڭ ئسمى پشسا››ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان،ئۆزىگە ياراپ قاراپ قالغان بۇ تاماقنى ئتالىيەگە ئاپارغان ،كىينچە ئسمى پسا بولۇپ قالغان.ئىتالىيە چۆپىنىڭ ئۇيغۇر لەغمىنىدىن ئۆزگەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئاساسى بولسا قىلىلى گە پنى، بولمىسا قازاقلارمە ەمود كاشغە رىنى تالاشقاندە ك كولكىگە قالىدىغان گە پ.