باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1246 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: 1947-يىلدىكى  نامەلۇم ئۇچۇر جىسىم
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 136
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە136دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-24 17:23

1947-يىلدىكى  نامەلۇم ئۇچۇر جىسىم

1947 -يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئامېرىكا ئۇچقۇچىسى كېنىس ئارنولد ۋاشىنگتون رېينېر تېغى ئەتراپىدا ئۇچۇپ كېتىپ بارغاندا تۇنجى قېتىم نامەلۇم ئۇچار جىسىمنى بايقىغان، بۇ قېتىمقىسى ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم چوڭ كۆلەمدىكى نامەلۇم ئۇچار جىسىمنى بايقىشى بولۇپ، ئارنولدنىڭ تەسۋىرلەپ بېرىشى بىلەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ نامەلۇم ئۇچار جىسىمنى ئۇچار تەخسە دەپ ئاتىغان ۋە كېيىنكى خەۋەرلەردە شۇنداق تونۇشتۇرغان.
ئارنولد ناھايىتى تەجرىبىلىك ئۇچقۇچى بولۇپ، بىخەتەر ئۇچۇش ۋاقتى 9000 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن. 1947-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ۋەقەگە يولۇققان يۈك توشۇغۇچى ئايروپىلانىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئەسلى ۋاشىنگتوندىن كايىما لىنىيىسى بويىچە ئۇچماقچى بولغان، كېيىن ۋاشىنگتون رېينېر تېغى ئەتراپىدا مەلۇم ۋاقىت ئىزدەش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئىزدەش نەتىجىسىز بولغاچقا ئەسلى لىنىيە بويىچە ئۇچۇپ كەتكەن.
ئارنولدنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، شۇ كۈنى ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكى 2800 مېتىر ئەتراپىدا بولغان. شۇ چاغدا ئۇ ئۆزنىڭ كەينى تەرىپىدىن ئۇچۇپ كېلىۋاتقان DC-4 تىپلىق ئايروپىلاننى بايقىغان، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ يېنىدا بىر دانە نامەلۇم جىسىم پەيدا بولغان، ئارنولد دەسلەپتە ئۇنىمۇ ئايروپىلانمىكىن دەپ ئويلاپ قالغان، دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدىن 9 دانە يۇمىلاق، ئاجايىپ ئۇچار جىسىم پەيدا بولۇپ رېينېر تېغى تەرەپكە قاراپ ئۇچۇپ كەتكەن.
ئارنولد ئاشۇ ئۇچار جىسىملارنىڭ ئۇچۇش سۈرئىتىدىن ھەيران قالغان. ئۇنىڭ ھېسابلىشىچە، ھېلىقى 9 نامەلۇم ئۇچار جىسىمنىڭ ھەر سائەتلىك ئۇچۇش تېزلىكى 2735 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولغان. كېيىن ئارنولد بۇ نامەلۇم ئۇچار جىسىملارنى ئۇچار تەخسە دەپ شەرھلىگەن.
ئامېرىكا ئارمىيە تەرەپمۇ بىر قانچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى ئارنولد بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ چىقارغان يەكۈنى: «بىر نورمال ئادەمنىڭ ئۆزنىڭ كۆرگەنلىرىنى بايان قىلىشى» بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئارمىيە تەرەپ ئۆز پىكرىنى ساقلاپ قالغان.
ئارنولد ۋەقەسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ 9 دانە ئۇچار تەخسىنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىشەنچلىك دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاۋىئاتسىيە ترانسپورتى شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ بايقىشى بولغان، ئۇلارمۇ 9 دانە ئۇچار تەخسىنى كۆرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ كۆرگەن ۋاقتى ئارنولدتىن 10 كۈن كېيىن بولغان.
مەيلى ئارنولد نامەلۇم ئۇچار جىسىمنى كۆرگەن بولسۇن-بولمىسۇن، بۇ قېتىملىق ۋەقە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا نامەلۇم ئۇچار جىسىم قىزغىنلىقىنى پەيدا قىلدى. ئارنولد ۋەقەسى چىقىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن يېڭى مېكسىكا شتاتى روسىۋېلدا نامەلۇم ئۇچار جىسىمنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى چىقتى. بۇ شۇنداق بىر ئەپقەچتى پاراڭمۇ ياكى 1947-يىلى راستىنىلا تاشقى پلانېتا ئادەملىرىنىڭ «ساياھەت يىلى» مۇ، بۇلارنى كۆپچىلىك ئۆزلىرى بىلىۋالسۇن.

     بەنبە:بۈگۈنكى كۈندىكى ئشلاردىن
[ بۇ يازمىنىsirik 2011-08-24 21:51قايتا تەھرىرلىدى ]
ساددىلىقىم گونامو ؟!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1712
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 145
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە145دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 1585 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2012-05-09

تىخى يىقىندا  روسىۋېلدىكىنى يالغان دىگە ن گە پ چىقتى،ئوتكە ن يىلى ئىككىنجى ئايدا تورپاندا ئوز كوزوم بىلە ن كوردوم ،ئىككىيلە ن ئىدوق. يىگىرمە سىكونت ئە تراپىدا داؤاملىشىپ ،چوگىلە پ نور چىچىپ يوقاپ كە تتى،توردا ياؤروپادا سىن ئىلىؤالغىنى مە ن كورگىنىمگە ئوخشاشكە ن.ئاندىن بىر دىنداردىن سورىسام"ئون سە ككىز مىكٌ ئالە م " دىگە ن نوقتىدىن چوشە ندوردى.