باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1156 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھاللىق سەۋىيە ۋە ھالسىز ئادەملەر
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 945
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە945دانە
ئۆسۈش: 3310 %
مۇنبەر پۇلى: 11842 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-05-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-24 16:58

ھاللىق سەۋىيە ۋە ھالسىز ئادەملەر

ئەسكەرتىش: بۇ يازما general تەرىپىدىن كەڭ ساي تور ئەسەرلىرى بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-08-24)
 
ھاللىق سەۋىيە ۋە ھالسىز ئادەملەر

    
بۇنىڭدىن 50يىل ئاۋۋالقى ئادەملىرىمىز ھازىرقىدەك سانائەت تەرەققى قىلغان،تۇرمۇش سەۋىيسى بىر قەدەر يۇقىرى كۆتۇرۇلگەن دەۋرنىڭ يېتىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلغان بولۇشى مۇمكىن.50يىلدىن كېينكى ۋاقىتتا بولسا ئادەملىرىمىز شۇ خىل تۇرمۇشقا ئېرشتى لىكىن يەنە بىزدىن 50يىل بۇرۇنلا تەرەققىيات مۇساپىسنى باشلىۋەتكەن دۆلەتلەردىكى خەلق تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلماقتا. خەققە يېتشمەك ھەجەپ تەسكىنا ديېىشمەكتە.
  
ھەۋەس قىلغاننىڭ ئۆزى يامان ئىش ئەمەس لىكىن ئۆزىنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپتۇ.دېگەندەك ھە دېسلا ئىقتسادى ھالاۋەتنى كۆزلىسەك،خەق بىلەن ئۆزىمىزنى ناتوغرا ئۇسۇلدا سېلىشتۇرۇپ ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرساق، ھەممىدە بىرىنچى بولىمىز،باشقىلارنى بېسىپ چۈشمىز دەپ شوئار توۋلاۋەرسەك بولمايدۇ. زامانغا ماسلىشىمىز دەپ ھالىمىزغا باقمساق،بار يوقى تۆت تەڭگە پۇلىمىزغا داپ چېلىپ گۈررە سالساق قاملاشمايدۇ. ئەلۋەتتە، ئىقتىسادى گەۋدىمىز تىيانشان تاغلىرىدەك قەد كۆتۈرمىگەن ئەھۋالدا ئىشلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ئوتتۇرا ھال بولۇشتۇر.
  
سانجاق سانجاق قوناق شاخلىرىدەك تىكلىنىپ كونىسنىڭ ئورنىغا يېڭسى سېلىنۋاتقان قاتار قاتار ھەيۋەتلىك بېنالارغا قاراپ بەزىدە بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز ئۇل ئەسىلىھە قۇرلۇشلىرىغلا بېغشلانغانمۇ نېمە دەپ قالىمەن.بىر تۇتام پۇلنى قوينىغا نىقتاپ بىنا سېتىش مۇلازىمەت مەركىزىگە قاراپ سەلدەك ئېقىۋاتقان ئادەملەر ئولتۇراق ئۆينىڭ يوقلىقىدىن ئەمەس بەلكى ئارزۇسىدىكى ھاللىق سەۋيىسگە تېزىراق يېتىۋلىش ئۈچۈن بەس- بەستە يۈگۈرۇشمەكتە ئىدى. گويا دەرھال سېتىۋالمىسا تۈگەپ كېتىدىغاندەك جىددىلىك بىلەن پۇل ساناشقا ئالدرىغان كىشلەر راستىنلا ئىشنچا مەبلەغكە ئىگە ئادەملەرمۇ؟ ئەمەلىيەتتە قېپقىزىل پۇللار قان قەرىزلەر بىلەن قولىمىزغا مىڭ تەسلىكتە تېگىدۇ. بانكىدىن قەرىز ئېلىش ئۈچۈن مۇئاش كارتىڭىزنى بېسىپ بەرسىڭىز يەنە بىرمۇنچە قاملاشمىغان رەسمىيەتلەرنى ئالدىمىزغا تاشلايدۇ. باشقىلارنى كېپىل بولۇشقا كۆندۇرۇپ ئىدارسنىڭ تامغىسىنى باستۇرغىچە سەكسەن قېتىم قاتىراپ كۆزىمىز تۆت بولۇپ ھالىمىزدىن كېتىمىز. مانا بۇ كۆپچلىك مائاشلىقلارنىڭ تۇرمۇشى
  
ئويلسا ئادەم ھەيران، پۇلى يوقلار يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇپ تېجەشلىك قىلسمۇ پۇلى بارلارنىڭ پۇتى ئوخشاشلا يوتقاننىڭ بۇرجىكدىن چىقىپ قېلىۋاتقان.باينىڭمۇ نامراتنىڭمۇ دەردى بار. ئاقارغان چاچلارنىڭ ھەممىسى مۇھتاجلىقتىن ئەمەس ئېھتياجنىڭ ،تۈگىمەس ئارزۇ ئىستەكنىڭ ئاقارتشىدىن بولماقتا.

بۇ دەۋردە ئادەملەر <ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس>دېگەن تەمسلنى ئۆزلىرنىڭ ئەمەلىيتى بىلەن ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. بارغانسىرى ئاۋۇپ كېتىۋاتقان توي- توكۇنلەردىكى ئارتۇق چىقىملار، قاملاشمىغان يوسۇنلار بىلەن ياشلارنىڭ غەربلەشكەن ئەبجەش توي مۇراسىملىرى ھەشەمەتچلىكنىڭ كەڭرى سەيناسىغا ئايلانىپ قالماقتا. نەزىر-چىراقلار سەدىقە پىتىرسىز ھالدا جامائەتكە يۈزلىنىپ  مۇسبەت ئوچاقلىرى< يوغان  قورساقلار پولۇخانىسى> غا ئايلانماقتا.چىش كوچىلغۇچتا چىشلىرنىڭ ئارسىنى كولاپ،كېكىرىپ چىقىپ كېتىۋاتقان ئادەملەر ئۆلۈكلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ  مايلاشقان قوللىرى بىلەن دۇئا قىلغاندا ئۇلارنىڭ ئەمدىلا سۈزۈكلەشكەن روھىغا يېڭدىن بانكا ئۆسۈمىدەك قەرىزلەرنى يېزىپ قويماقتا ئىدى.
ھەممە ئادەم جان بېقىش تەسلىشىپ كەتتى دەپ قاقشاپ تۇرۇپ يەنە ئاسان قولغا كەلمىگەن پۇللىرىنى ھەشەمەتكە،كەيىپ-ساپاغا ئايىماستىن خەجلەشتىن تارتىپ قويمايدۇ.  شۇنىڭدىن قارىغاندا ئەسلىدە قاتتىقلىشىپ كەتكىنى بىزنىڭ دەۋرىمىز،جەمىئيتىمىز ئەمەس قېتىپ قېلىۋاتقان ئەقلىمىز ئوخشايدۇ.
پادا باقىدىغان بالىمۇ ماركسىغا قاراپ پايپاق سېتىۋالدىغان، بىر-بىرنىڭ چىراينى كۈندە كۆرۇپ تۇرسىمۇ 1-2مىڭ يۈۋەنگە تويلۇق سۈرىتىگە چۈشىۋاتقان دېھقان قىز يېگتلىرىمىز توقلۇقتىن  ئەمەس مودا قوغلاشقانلىقتىنمۇ ئەمەس بەلكى ئۆزنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇپ، ئەنئەنسىنى ھېس قىلالماسلىقتىن ،باشقىلارنى قارغۇلارچە دوراشتىن چىشنى چىشلەپ تۇرۇپ بۇغداي بىلەن پادسىنى پۇلغا ئايلاندۇرۇپ چېچىپ قويدۇ.
قارىغاندا قايسى بىر گېزىتتا ھەيۋەت بىلەن ئېيتلىغاندەك ھاللىق سەۋىيگە پالانچىنچى يىللىرى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.شۇنى ھېس قىلش تەس ئەمەسكى ھاللىق سەۋىيگە يېتىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال ئاڭلىق سەۋىيگە يېتىش كېرەككەن. بۇخىل ئاڭ ئۆزىمىزنىڭ كىملكىنى تونۇنغان، ئەڭ قارا پايىم دېھقاننىڭ ۋۇجۇدىدىكى ساپ ئەقىدە ئېتىقادنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئويغۇنىشنى كۆرسىتىدۇ.بىز پەقەت قايسى زاماندا بولايلى قانداق بىر يەردە بولايلى كاللىمىزنى سىلكىۋتىپ، توغرا ئىدىيە ۋە ئاڭنى يېتەكچى قىلىپ بىر بىرىمىزنى قوللاپ ،يۆلەپ تىنمسىز ئالغا ئىلگىرلگەندىلا ئاندىن كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمەيمىز .ئۇنداق بولمايدىكەن ھاللىق سەۋىيگە يېتىش ئەمەس ئەكسىچە ھالسىزلنىپ كېتشمىز مۇمكىن.



2011.8.23                                                                                     ئاپتورى: پەرھات ئەمەت سۆيگۇم
مەنبە – مىسرانىم مۇنبىرى
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
تاھارەتسىز يۈرمەڭ!namz okug
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8565
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 88
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە88دانە
ئۆسۈش: 320 %
مۇنبەر پۇلى: 1011 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-12
ئاخىرقى: 2012-02-06

بۇ تېمنى مىسرانمىدا كۆرۇپ ھەقىقەتەن ساقلىۋلىشقا تېگشلىك تېما ئىكەن دەپ قالغانتىم. رەھمەت سىزگە
،ئىلى دىيارى مۇنبىىرى يېڭدىن ئېچلپتۇ.قانداراق يەردۇ بىر كۆرۇپ باقارسىز! كىرا ھەقسىز مانا www.yldiyar.com
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2097
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2097دانە
ئۆسۈش: 5500 %
مۇنبەر پۇلى: 15839 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-05-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-25 03:57

ياق ئۇنداق ئەمەس بىزگە ئىگىز ئىگىز بىنالار بولسا ھاللىق سەۋىيە دىگەن شۇ ،تەرەققىيات دىگەن شۇ ،كىيىمىمىز پۇتۇن قورسىغىمىز توق، روھىمىز ئاچ ئددىيمىز يالىڭاچ بولسىمۇ توغرا سىياسەتنىڭ رەھبەرلىگىدە دادىل قەدەم بىلەن تېخىمۇ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئۇچۇن ،ئىگىز بىنالارغا كۆچىۋاتىمىز.........................