بىر تامچە
(ھىكايە)
بۇ پەقەت بىر تامچە ئاچچىق كۆز يىشى ھەققىدىكى ھىكايە. ئەنە شۇ بىر تامچە كۆز يىشى مىنىڭ ھاياتقا بولغان كۆز قارشىمنى تامامەن ئۆزگەرتىۋەتتى دىسەممۇ بولىدۇ.
ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن شۇ يىلى نەتىجەم چىققاندىن كىين ئىمتىھان نومۇرۇمنىڭ مۆلچەرىمدىكىدىن بەكلا تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ بەكلا ئازاپلاندىم. باشقا ساۋاقداشلىرىم شۇنچە يۇقىرى نەتىجىگە ئىرشىپتۇ. مىنىڭ نىمە ئۈچۈن نەتىجەم بۇنچە تۆۋەن چىققاندۇ؟! شۇ سەۋەپلىك روھىم چۈشۈپ ئىلگىركىدىن كۆپ جىمغۇرلىشىپ كەتتىم. بىر كۈنى كۆڭلۈم ناھايتى بىئارام بولۇپ ئايۋاننىڭ سۇپىسىدا خىيال سۈرۈپ ئولتىراتتىم. بۇ دەل مىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچەم پۈتۈنلەي دىگۈدەك يوقالغان، كىينكى تەغدىرىم ئۈستىدە ئويلانغانسىرى كۆڭلۈم تىخممۇ يىرىم بولۇشقا باشلىغان ۋاقىت ئىدى. شۇ تەرقىدە كۆزۈمدىن بىلىپ-بىلمەيلا ئىككى تامچە ياش سىرقىپ چۈشتى. مەن ئولتۇرغان جاي سىمونىت بولغاچقا كۆز يىشىم تىخى سىڭىپ كىتىشكە ئۈلگۈرمىگەن ئىدى. تۇيۇقسىز كۆزۈمگە ئاجايىپ بىر مەنزىرە چىلىقتى. كۆز يىشىم دەل كىتىۋاتقان بىر چۈمىلىنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ئىدى. چۈمۈلە خۇددى تۇزلۇق دىڭىز سۈيىگە چۈشكەن بايقۇشتەك ھەر تەرەپكە قۇتراپ چىقىپ كىتىشكە ئىمكانىيەت ئىزدەۋاتاتتى. قاراپ ئولتۇرسام ھىلىقى بىچارە چۈمۈلە نىمجان ھالەتكە كىلىپ قالدى. رەھىمىم كىلىپ قولۇم بىلەن بىر تامچە يىشىمنى ئاستا سۇۋاپ چۈمۈلىنى چىقىرۋەتتىم. چۈمۈلە ئاخىرى قۇتۇلۇپ قالدى. ئۇ بىر ئاز ھودۇقۇش ئىچدە تۇرغاندىن كىين ئەسلىگە كىلۋىلىپ نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى.
دەل شۇ چاغدا كاللامدىن مۇنداق بىر ئوي كەچتى. مەن ھازىر بايقى چۈمۈلىگە ئوخشاپ قاپتىمەن. مىنىمۇ بىر تامچە ئاچچىق كۆز يىشى بىسۋالدى. ئەگەر ساخاۋەتلىك بىر قول كىلىپ ياش تامچىسىنى سۈرتىۋىتەلىگەن بولسا ئىدى. مەنمۇ بەلكىم ئۆزەمگە چۇشلۇق چىقىش يولى تاپالىغان بولاتتىم.
شۇ پەيىتتە راستىنلا بىر مۆجۈزە يۈز بەردى. بىشىمغا بىرسىنڭ ناھايتى ئىللىق بىر قولىنى قويغانلىقىنى ھىس قىلدىم. بىشىمنى كۆتۈرۈپ قارسام ئالدىمدا ئاپام بىلەن دادام تۇرۇپتۇ. ئۇلار بەلكىم مىنىڭ بۇ ھالىمغا قاراپ ئىچىنغان بولسا كىرەك.
-نىمە دىگەن ئىرادىسىزلىك بۇ قىزىم-دىدى دادام قەتئى تەلەپپۇزدا- بىز سىزنى بىر نىمە دىگىنىمىز يوققۇ؟! مۇشۇ مىشچان ھالىڭىز بىلەن قانداقمۇ بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايسىز. تۇرۇڭ ئورنىڭىزدىن . بۇ ھاياتتا بىردىن يىڭىلگەن بولسىڭىز غەلبە قازنىشقا يەنە نۇرغۇن پۇرسەتلەر بار ئەمەسمۇ؟!
شۇندىلا كۆڭلۈم ۋىللىدە يورۇپ كەتتى. ئەسلى مىنىڭ ئەتراپىمدىمۇ مىنى قۇتۇلدىرالايدىغان مىنى كىچىكمدىن بىقىپ چوڭ قىلغان بىر جۈم قوللار باركەن ئەمەسمۇ؟! مەن ئاخىرى ئەنە شۇ بىر تامچە كۆز يىشىنىڭ خاسيىتى ئاستىدا ئورنىمدىن دەس تۇرالىدىم.
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم
سەمىمى ئەسكەرتىش: بۇ ئەسرىمنىمۇ ئالى مەكتەپ ئىتىھانى بىرىپ بولغاندىن كىينكى ۋاقىتلاردا يازغان بولۇپ، ئۇستازلىرىمنىڭ تەھرىرلىشىدىن ئۆتۈشكە ئۈلگۈرمىگەن ئىدى.