باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 892 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: نەتىجە–ئۈنۈم مائاشى نىزامى پات ئارىدا يولغا قويۇلىدۇ
دوستلىشىش
رامىزان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8606
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 87
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە87دانە
ئۆسۈش: 730 %
مۇنبەر پۇلى: 1230 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-15
ئاخىرقى: 2012-05-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-24 07:07

نەتىجە–ئۈنۈم مائاشى نىزامى پات ئارىدا يولغا قويۇلىدۇ

نەتىجە–ئۈنۈم مائاشى نىزامى پات ئارىدا يولغا قويۇلىدۇ

كەسپىي ئورۇن خادىملىرى ۋە مەمۇرلاردىن ئىبارەت ئىككى ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان مائاش ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تۈزگەن ‹‹كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىش ئورنى نەتىجەئۈنۈم مائاشى تۈزۈمى›› پات ئارىدا يولغا قويۇلىدىكەن. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يەنە مەمۇرلارنىڭ قوشۇمچە ياردەم پۇلى ئەھۋالىنىمۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن ‹‹مەمۇرلارنىڭ قوشۇمچە ياردەم پۇلى لايىھەسى››نى تۈزىدىكەن.
    ئىگىلىنىشىچە، ‹‹كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىش ئورنى نەتىجە – ئۈنۈم مائاشى تۈزۈمى››، ئاساسلىقى، تۈر بويىچە ئىسلاھ قىلىشتا قېپقالغان پاراۋانلىق كەسپىي ئورۇنلىرىغا تەتبىقلىنىدىكەن. گوۋۇيۈەننىڭ 3 – ئايدا تارقاتقان ‹‹كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مائاش ئىسلاھاتىنى تۈرلەر بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش پىكرى›› دە پاراۋانلىق تىپىدىكى كەسپىي ئورۇنلار پاراۋانلىق 1 – تۈرى ۋە پاراۋانلىق 2 – تۈرى، دەپ ئىنچىكە ئايرىلغان.
 
    مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرىقى تۈزۈملەر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇنداق ئىككى تۈردىكى پاراۋانلىق تىپىدىكى كەسپىي ئورۇنلاردا ئىش ئورنى نەتىجە – ئۈنۈم مائاشى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن، پاراۋانلىق تىپىدىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مائاشى ئىش ئورنى مائاشى ۋە نەتىجە – ئۈنۈم مائاشى، دەپ ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، پات ئارىدا يولغا قويۇلىدىغان ‹‹ئىش ئورنى نەتىجە – ئۈنۈم مائاشى تۈزۈمى›› ئوخشىمىغان ئورۇنلارنىڭ مائاشى ۋە نەتىجە – ئۈنۈم مائاشى نىسبىتى 3: 7، 4: 6 ۋە 5: 5 بويىچە ئۈچ قاتلامغا ئايرىلىدىكەن، پاراۋانلىق خاراكتېرى قانچە كۈچلۈك بولسا، ئىش ئورنى مائاشى نىسبىتى شۇنچە كۆپ بولىدىكەن.
 
    پاراۋانلىق تىپىدىكى كەسپىي ئورۇنلاردىن مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي پەن تەتقىقاتى، ئاممىۋى مەدەنىيەت، ئاساسىي قاتلام ئاساسىي داۋالىنىش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئاساسىي پاراۋانلىق مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى بايلىق بازار ئارقىلىق تەقسىملىنىش تۈرىگە كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ، بۇ ئورۇنلار پاراۋانلىق 1 – تۈرىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئالىي مائارىپ، پايدا ئالمايدىغان دوختۇرخانا قاتارلىق پاراۋانلىق مۇلازىمىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلارنىڭ بىر قىسمى بايلىق بازار ئارقىلىق تەقسىملىنىش تۈرىگە كىرگۈزۈلۈپ، پاراۋانلىق 2 – تۈرىگە كىرگۈزۈلىدۇ.
    يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بېيجىڭ، يۈننەن قاتارلىق جايلاردا مەمۇرلارنىڭ قوشۇمچە ياردەم پۇلى ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىمى مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا، ھازىر، جايلارنىڭ قوشۇمچە ياردەم پۇلىنى تارقىتىش ئەھۋالى ئىگىلىنىپ، كەلگۈسىدە ‹‹مەمۇرلارنىڭ قوشۇمچە ياردەم پۇلى لايىھەسى›› نى تۈزۈشتە ئوخشىمىغان رايون، ئىش ئورنىدىكى مەمۇرلارنىڭ قوشۇمچەياردەم پۇلى ئۆلچىمى بېكىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، رايون مەمۇرلىرىنىڭ كىرىم پەرقى ئىمكانقەدەر كىچىكلىتىلىدۇ.
    ئىگىلىنىشىچە، رايونلارنىڭ قوشۇمچە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئوخشىمىغان رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ۋە تەرەققىيات سەۋىيەسى قاتارلىق پەرقلىرى بويىچە پەرقلەندۈرۈلۈپ بېكىتىلىدىكەن.
 «جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتى››دىن

مەنبە: http://www.wolkan.biz/?p=525

دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6995
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 67
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە67دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 770 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-10
ئاخىرقى: 2011-10-18

تەرەققىيات ئەھۋالى دەڭ...