باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1188 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: تېلېۋىزىيە ئېلانىدىكى ماللارنى سېتىۋېلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ
دوستلىشىش
samanyoli
ھەربىر قىيىنچىلىقنىڭ  كەينىدە بىر ئاسانچىل ..
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1230
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1230دانە
ئۆسۈش: 5590 %
مۇنبەر پۇلى: 16284 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2011-10-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-23 23:51

تېلېۋىزىيە ئېلانىدىكى ماللارنى سېتىۋېلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ

«پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماڭ، ئاخىرقى 100ى قالدى! تېلېۋىزور ئېكرانىنىڭ ئاستىدىكى قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون نومۇرىغا دەرھال تېلېفون بېرىپ سېتىۋېلىڭ!» تېلىۋېزىيە  ئېلانلىرىدىكى بۇنداق مال سېتىش ئېلانلىرىنى دائىم كۆرىمىز.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالتاي يولىدا ئولتۇرۇشلۇق لى خانىم يۇقىرىقىدەك ساختا ئېلانغا ئالدىنىپ، 599 يۈەنگە بىر تېلېكامېرا سېتىۋالغان. ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ «12315» قوماندانلىق مەركىزى تېلېۋىزىيە ئېلانىدىن مال سېتىۋالغاندا ئېھتىيات قىلىش، مال سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى، شۇ جايدىكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ياكى مەھسۇلاتنى نازارەت قىلىش تارماقلىرىدىن مەسلىھەت سوراپ، چوقۇم مەھسۇلاتنىڭ لاياقەتلىك ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشنى ئىستېمالچىلارنىڭ سەمىگە سالدى.
لى خانىمنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، 5-ئىيۇل، ئۇ ئېرى بىلەن شاڭخەي سىملىق تېلېۋىزىيە قانىلىدا: «پەقەت 599 يۈەنگىلا، ئىقتىدارى كۈچلۈك تېلېكامېرا سېتىۋالالايسىز، يەنە تېخى كۆك ياقۇت قويۇلغان ئەرلەر ئۈزۈكىدىن بىرى سوۋغا قىلىنىدۇ» دېگەن ئېلاننى كۆرگەن، ئىككىسى شۇ ھامان تېلېۋىزىيە ئېكرانى ئاستىدىكى قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلىپ تېلېكامېرادىن بىرنى سېتىۋالغان ھەم قارشى تەرەپ تەمىنلىگەن بانكا ھېسابات نومۇرىغا پۇل سالغان. بىر ھەپتىدىن كېيىن، تېلېكامېرا يەتكۈزۈلگەن. ئەمما، تېلېكامېرا تېلېۋىزىيە ئېكرانىدا كۆرسىتىلگىنى بىلەن ئوخشاش چىقمىغان، لى خانىم تېلېكامېرانىڭ چۈشەندۈرۈش كۆرسەتمىسى بويىچە مەشغۇلات قىلىپ، بىر كېچە توك قاچىلىغان بولسىمۇ، تېلېكامېراسى ئېچىلمىغان.
لى خانىم: «بىز تېلېكامېرانى ئۈچ رېمونتخانىغا ئاپاردۇق، ئۇلار ئوخشاشلا بۇنىڭ يۇقىرى تېخنىكا بىلەن تەقلىد قىلىپ ياسالغان تېلېكامېرا ئىكەنلىكىنى، سىنغا ئېلىش ئىقتىدارى يوقلۇقىنى ئېيتتى، ئېرىم ئىككىمىز شۇ چاغدىلا ئالدانغانلىقىمىزنى بىلدۇق» دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، لى خانىم تېلېكامېرا ساتقۇچى ئورۇنغا تېلېفون قىلىپ تېلېكامېرانى قايتۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان ھەم پوچتا ئادرېسى بويىچە تېلېكامېرانى قايتۇرۇپ سېلىۋەتكەن، قارشى تەرەپ ئالماشتۇرۇپ بېرىمىز، دېگەن بولسىمۇ، ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغان.
لى خانىم نائىلاج گېزىتىمىزنىڭ قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئىلتىماس قىلغان.
1-ئاۋغۇست، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى «12315» قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى مېڭديې مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېلېۋىزىيە ئېلانى ئارقىلىق مال سېتىۋالغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرزى يىلدىن-يىلغا كۆپەيگەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى «12315» قوماندانلىق مەركىزى ئىستېمالچىلارنىڭ تېلېۋىزىيە ئېلانى ئارقىلىق سېتىۋالغان مال توغرىسىدا مەسلىھەت سوراش تېلېفونىدىن 180 نەچچىنى قوبۇل قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، پەقەت ئالتە دېلو تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى، بۇلار ئاساسلىقى، سىپىرلىق ئېلېكتىر سايمانلىرىغا چېتىشلىق ئىشلار. تېلېۋىزىيە ئېلانى ئارقىلىق مال سېتىۋالغۇچى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا رايون ھالقىپ، مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇشتەك ئامىللار ساقلانغاچقا، ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش قىيىن بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا، تېلېۋىزىيە ئېلانى ئارقىلىق مال سېتىۋېلىشتا ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى «12315» قوماندانلىق مەركىزى ئىستېمالچىلارنىڭ تېلېۋىزىيە ئېلانى ئارقىلىق مال سېتىۋالغاندا ئەھۋالنى چوقۇم ئېنىقلاپ، شۇ جايدىكى ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ياردەم سورىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سېتىۋالغان مال تالونىنى ئوبدان ساقلاپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلدى.
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
دوستلىشىش
رامىزان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8606
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 29
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
ئۆسۈش: 250 %
مۇنبەر پۇلى: 490 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-15
ئاخىرقى: 2011-10-16

مېنىڭ ئاكاممۇ تىلۋىزوردىكى ئېلاننى كۆرۈپ تىلفۇن سېتىۋالغان(ئالماس كۆز ئورنىتىلغان سائەت قوشۇپ بېرىدىغان) لېكىن پەقەت ياخشى چىقمىدى. مەن ئويلايمەن، تىلۋىزوردا پەقەت بازىرى يوق سۈپەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغان مەھسولاتلارنى ئېلان قىلامدىكىن، تىلۋىزوردا ئېلان قىلغان مەھسولاتلارنى سېتىۋېلىپ رازى بولغان ئادەملەردىن شۇ ئېلانغا قاتناشقان پۇلنى بەرسە ئاقنى قارا، ھارامنى ھالال دەپ ماختايدىغان ئېلانغا قاتنىشىپ پۇل تېپىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغانلارلا  قالدىمىكىن.
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1309
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1309دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 13928 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2011-10-19
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-24 10:33

ھىلىقى توختىماي كاسىلدايدىغان ، ئوزىچە ھاياجانلىنىپ ۋاقىراپ كىتىدىغانلارنىڭ گىپى ئىكەندە ،،
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 545
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە545دانە
ئۆسۈش: 2060 %
مۇنبەر پۇلى: 6862 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2011-10-19
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-24 11:53

بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچى ، قويمىچىلار !!!  
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3062
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 25
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە25دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 285 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2011-09-24
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-24 12:13

بۇ تىلۋىزيە ئىستانسى دىگەن پۇل بەرسە كەتكىلى سەكسەن يىل بولغان ئانام تىرىلدى دەپ ئىلان بىردۇ !       
ئېتقاد - جاندىن مۇھېمدۇر!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 735
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە735دانە
ئۆسۈش: 740 %
مۇنبەر پۇلى: 7947 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2011-10-19
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-24 12:26

بۇنداق ئىشلاردا تېلىۋىزىيە ئىستانسىللىرىنىڭ قىلچە مەسئۇلىيتى يوقمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن!
ئائىلە - ئەرنىڭ ئېپپىتى !
mp3
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8045
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 68
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە68دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 780 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-27
ئاخىرقى: 2011-10-18
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-24 17:52

بىر بالاسى بولمىسا قۇيرۇق تۇرامدۇ تاشتا..................دەپتۇ تۇلكە ئوۋ ئىتغا...........
پۇرسەت غەنىمەت ....
بىلىمنى بۈيۈك بىل ئوقۇشنى ئۇلۇغ، بۇ ئىككى يۈكسەل ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5984
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 59
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە59دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 1000 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-30
ئاخىرقى: 2011-10-20
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-24 18:21

6-قەۋەت (aral52) نىڭ يازمىسىغا

غوجئاكاڭغا ئۈچ كۈن بولدى قىلمىدى ناشتا
بىر بالاسى بولمىسا قۇيرۇق تۇرامدۇ تاشتا
دەپتۇ تۇلكە ئوۋ ئىتغا...........
ئىنسان نىمنى ئويلىسا شۇ بولامدۇ
ياخشىلق قىل قولۇڭدىن كەلسە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8509
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 84
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە84دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 935 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-08
ئاخىرقى: 2011-09-10
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-24 19:17

ئۆتمەس ماتا ،زولاپ ساتا.
  قانچە تەشۋىق قىلىپ خىرىدار چاقىرغانسىرى ،ظۇ شۇنچە ناچار تاۋاردۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 827
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە827دانە
ئۆسۈش: 3240 %
مۇنبەر پۇلى: 10567 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-10-20
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-24 20:03

نېنى كىچىك ناۋاي بەك تولايدۇ.....................