باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1277 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: خىيال ئوغرىسى
باتۇر بىر قېتىم ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق كۈندە ئۆلىدۇ.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6689
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 758
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە758دانە
ئۆسۈش: 6940 %
مۇنبەر پۇلى: 12657 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-24
ئاخىرقى: 2012-05-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-22 22:27

خىيال ئوغرىسى

                                                     خىيال ئوغرىسى 
                                                       (ھېكايە) 

    ئائىلە قىيىنچىلىغى سەۋەپلىك بالىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۇقۇشى ئاقساپ قېلىۋاتاتتى. ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2- سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭدىن چوڭ بولۇپ ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نىمىش قىلىدىغانلىقى، ۋە قايسى كەسىپكە قىزىقىدىغانلىقى توغۇرلۇق بىر ئىلمى ماقالە يېزىپ كېلىشنى تاپشۇردى. بالا كېچە بويىچە ئولتۇرۇپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ئات بېقىش مەيدانىنىڭ ئىگىسى بولۇش خىيالىنىڭ بارلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، بۇ جەھەتتىن ئويلىغان پىلانىنى يەتتە بەتلىك بىر ئىلمى ماقالە قىلىپ يېزىپ چىقتى. 
    پۈتۈن ئويلىغانلىرىنى ئەڭ ئىنچىكە نۇختىلىرىغا قەدەر تەپسىلى يېزىپ چىقتى. ھەتتا شۇنداق تەپسىلى يېزىپ چىقتىكى، بۇ ئات بېقىش مەيدانى ئۈچۈن 200 مو يەر يىتىدىغانلىقىنى، بىنالارنىڭ، ئېغىللارنىڭ، ئات چاپتۇرۇش مەيدانىنىڭ يوللىرىنىڭ يەرلىرىنى تەپسىلى يېزىپ چىقتى. بۇ 200 مو يەردە ئولتۇرىدىغان ئۈيىنىڭ 1000 ك.مېتىر بولىدىغانلىقىنىڭ تەپسىلاتىنىمۇ قوشۇپ قويدى. 
    بالىنىڭ ئەتىسى ئەتىگەندە ئوقۇتقۇچىسىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن بۇ پىلان لايىھەسى چىن يۈرىكىدىن ئويلىغانلىرى، ئارزۇسى ئىدى. ئىككى كۈندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىسى پىلاننى بالىغا قايتۇرۇپ بەردى. بۇ پىلاننىڭ ئۈستىدە قىزىل قەلەم بىلەن يېزىلغان يوغان بىر " 0 " تۇراتتى ۋە ئاستىغا دەرستىن كېيىن مېنىڭ بىلەن كۆرۈش دىگەن بىر خەت يېزىقلىق تۇراتتى. بالا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئالدىغا باردى ۋە ھەيرانلىغىنى يۇشۇرماستىن "مەن نىمىشقا "0" ئالدىم دەپ سورىدى ئوقۇتقۇچىسىدىن...". "بۇ سېنىڭدەك بىر ياشنىڭ يېشىغا ماس كەلمەيدىغان بىر خىيال" دېدى ئوقۇتقۇچىسى... "سەن پۇلۇڭ يوق، ئىختىسادى تۆۋەن بىر ئائىلىنىڭ بالىسى. كىرىم مەنبەئىڭىز يوق، ئات بېقىش مەيدانى قۇرۇش ناھايىتى كۆپ ئىقتىسات تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش. ئالدى بىلەن يەر سېتىۋېلىشىڭ كېرەك، ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا ھايۋانلاردىن سېتىۋېلىشىڭ كېرەك. بۇلارنى قىلالىشىڭ مۇمكىن ئەمەس" دېدى ۋە قوشۇپ قويدى: "ئەگەر سەن تاپشۇرۇقۇڭنى ئەمىلىيىتىڭگە ماس كېلىدىغان ئىشلارغا قارىتا يېڭىدىن يېزىپ چىقساڭ قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرىمەن." 
    بالا ئۆيىگە يېنىپ كەلدى، ئۇزۇن ئويلاندى. دادىسىغا مەسلىھەت سالدى. "ئوغلۇم" دېدى دادىسى "بۇ جەھەتتە ئۆزەڭ بىر قارارغا كېلىشىڭ كېرەك. بۇ مەسىلە سېنىڭ ھاياتىڭ ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم!." بالا بىر ھەپتە ئويلانغاندىن كېيىن تاپشۇرۇقىنىڭ ھىچقانداق يېرىنى ئۆزگەرتمەي ئوقۇتقۇچىسىغا شۇ پېتىم ئاپاردى. "سىز قويغان نومۇرنى ئۆزگەرتمەڭ" دېدى... " ئوقۇتقۇچىسىغا "مەنمۇ ئويلىغانلىرىمنى ئۆزگەرتمەيمەن..."..... 
    ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپ 2- سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ھازىر 200 مو يەرگە سېلىنغان 1000ك.مېتىرلىق ئۆيىدە ياشاۋاتىدۇ. يىللار بۇرۇن يازغان ئۇ تاپشۇرۇق لايىھەسى ئەينەكلىك رامكىغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىشخانىسىغا ئېسىقلىق. ۋەقەلىكنىڭ ئەڭ جان ئالغۇچى قىسمى شۇ:  بۇرۇنقى شۇ ئوقۇتقۇچىسى ئۆتكەن يىل 30 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنى بۇ ئات بېقىش مەيدانىغا ساياھەتكە ئېلىپ كەلدى. ئوقۇتقۇچى ئات بېقىش مەيدانىدىن كېتىدىغان ۋاقىتتا كونا ئوقۇغۇچىسىغا "قارا" دېدى، "ساڭا ئەمدى سۆزلەپ بىرەي. مەن سېنىڭ ئوقۇتقۇچۇڭ ۋاقتىمدا خىيال ئوغرىسى ئىدىم. ئۇ يىللاردا مەن ئوقۇغۇچىلىرىمدىن ناھايىتى كۆپ خىيال ئوغۇرلىغان ئىدىم. ئاللاھ بىلىدۇ، سەن خىيالىڭدىن پەقەتلا ۋاز كەچمەيدىغان دەرىجىدە جاھىل ئىدىڭ." 

تەرجىمە قىلغۇچى،مۇزەپپەر
http://www.meslekogretmenleri.com/rehberlik_servisi/
ھەقىقى دوستۇ سادىق گەر زەھەر سۇنسا شېكەر دەپ بىل،
مەگەر دۈشمەن ساڭا ئەپلەپ شەكەر سۇنسا زەھەر دەپ بىل.
زىيان يەتكۈزسە دوستۇڭ پايدا دەپ بىل كۆڭلى تۈز بولغاچ،
شۇنىڭدەك دۈشمىنىڭ گەر پايدا يەتكۈزسە زەھەر دەپ بىل.
...
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1577
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1577دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 16443 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-04-29

ياخشى يىزىلغان ماقالا ئىكەن. ئۇدىگەن ساپ يۇرەككە پۇككەن ئارزۇ ئىستەكتە .
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن ،قىرىنداشلىرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2097
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2097دانە
ئۆسۈش: 5500 %
مۇنبەر پۇلى: 15839 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-05-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-23 04:21

مىنىڭ بالاممۇ شۇنداق بولسىكەن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8675
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-20
ئاخىرقى: 2011-08-23
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-23 10:29

مەن خىيال ئوغىرسى ئىدىم دىگىنى نىمىسى ؟ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىگىنى چۈشەنمىدىمغۇ  
★كۆز تەگمىسۇن★