ئەزرائىل ئالدامچى
(ئىستانبۇلدا بولغان ۋەقە)
بىر كۈنى كېچىدە بىر تاكسىچى كېتىۋاتقان ئىكەن بىر ئادەم ئۇ تاكسىچىغا توختاش توغۇرلۇق ئىشارەت قىلپتۇ. تاكسىچى توختاپ ئۇ ئادەمنى تاكسىغا چىقىرىپتۇ. ئۇ ئادەپ پەقەت گەپقىلماپتۇ. تاكسىچى بولامماي ئۇ ئادەمدىن نەگە بارىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. ئۇ ئادەم بىر ھازا سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن شۇنداق دەپتۇ:
- «مەن ئەزرائىل بولىمەن سېنىڭ جېنىڭنى ئالغىلى كەلدىم». تاكسىچى:
- «نېمە دېگىنىڭ! بۇ قانداق گەپ؟» دەپتۇ.
- «ئىشەنمىسەڭ 100 مېتىر ئالدىڭدا بىر ئادەم تاكسىنى تۇسىدۇ. ئۇ ئادەمدىن سوراپ باققىن، مېنى كۈرەمدىكەن» دەپتۇ. راستىنلا 100 مېتىر ماڭغاندىن كېيىن بىر ئادەم تاكسىنى تۇسۇپتۇ. تاكسىچى ئۇ ئادەمدىن:
-«بۇرادەر! قارىغىنا شۇ ئارقىدا ئولتۇرغان ئادەم مەن ئەزرائىل دەيدۇ». ئۇ ئادەم قاراپ بېقىپ:
-«كىمنى دەۋاتىسەن، ئارقىدا ھىچكىم يوققۇ؟» دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ تاكسىچى قورقۇپ كېتىپتۇ. ئەزرائىل:
-«مەن ساڭا دىدىمغۇ، ئۇ مېنى كۈرەلمەيدۇ. پەقەت سەنلا كۈرەلەيسەن. ئەمدى مەن سېنىڭ جېنىڭنى ئېلىشىم كېرەك. ماشىننى ئوڭ تەرەپكە توختۇتۇپ نامىزىڭنى ئوقۇۋال. ئۇ دۇنياغا نامازسىز، نىيازسىز كەتمىگىن» دەپتۇ. قورقۇپ كەتكەن تاكسىچى ماشىنىسىنى يول بويىدا توختۇتۇپ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئولتۇرۇپتۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا تاكسىچىنىڭ تاكسىسى شامالدەك كېتىپ قاپتۇ.
_______________
بۇ ئىش ھېلىقى ئۈچ ئوغىرىنىڭ ئىمامنىڭ قويىنى ئىت دەپ ئالدىۋالغىنىغا ئوخشايدىكەن
