باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 556 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تىتودىن تارىخىي ئېتىراپلار.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5446
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 103
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە103دانە
ئۆسۈش: 1790 %
مۇنبەر پۇلى: 2424 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2011-10-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-22 11:22

تىتودىن تارىخىي ئېتىراپلار.

تېما:تىتودىن تارىخى ئېتىراپلار

                                    تىتودىن تارىخى ئېتىراپلار

    ئۆمرىنىڭ 50 يىلىنى كومۇنىزىم ئىدولوگىيىسى يۇلىدا سەرپ قىلغان بۇ باتىللىق دەۋاسىدا نامى دۆۋلەت سىرتىغىچە ئاڭلانغان سالى گۆككايا ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئىسلام بىلەن شەرەپلىنىپ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا قايتتى.  گۆككايا كومۇنىزىم بوران- چاپقۇنلىرىنىڭ دۇنيانى لەرزىگە سالغان كۈنلەرنىڭ بىرسىدە «تۈركىيە كومۇنىست ياشلىرى تەشكىلاتى باشلىقى» سۈپىتى بىلەن يۇگۇسلاۋىيە دۆۋلەت باشلىغى مارشال جوسىپ بروز تىتونىڭ (1892- 1980) شەرەپلىك مىھمىنى بولۇپ بېلگىراتقا تەكلىپ قىلىندى.

    ئۆمرۈنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى ياشاۋاتقان تىتونى كۆرگەن ۋاقتىدا ھاياتىنى كومۇنىزىمگە ئاتىغان بۇ قېرى رەھبەرنىڭ پۇشايمانلىق ئىچىدە ئېغىزىدىن چىققان شۇ سۆزلەرنىڭ تارىختا باشقىچە بىر قىممىتى بار.

    تىتو گۆككاياغا، يولداش ئەمدى مەن ئۆلۈپ كېتىۋاتىمەن. ئۆلۈمنىڭ قانچىلىك قورقۇنچلۇق بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى مەن سىزگە ئېيتىپ بۇلالمايمەن. ئېيتساممۇ سىلەردەك كۈچ- قۇۋۋىتىڭلار ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلار بۇ يېشىڭلاردا سۆزۈمنى چۈشۈنەلمەيسىلەن. ئويلاڭ: ئۆلمەك، يوق بولۇش...  توپراققا كۆمۈلۈپ مەڭگۈ قايتىپ كەلمەسكە كىتىش دېمەك. مېنى مەنە بۇ چۈشەنچە ۋەيران قىلىۋەتتى. دوسلىرىمىزدىن، يېقىنلىرىمىزدىن، ئۇنۋان ۋە ئورنىمىزدىن ئايرىلىش، دۇنيانىڭ گۈزەللىكلىرىنى مەڭگۈ كۈرەلمەسلىك... نىمە دىگەن قورقۇنچلۇق چۈشۈنۈۋاتامسىلەر؟

     يولداشلىرىم، مەن سىلەرگە تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن بىر ئىتىراپتا بولۇشنى ئۈمۈت قىلىمەن.

    مەن ئۆلگەندىن كېيىن تۇپراققا ئايلانسام، تىرىلىش، مۇكاپات ۋەياكى جازا بولمىسام مېنىڭ قىلغان كۈرەشلىرىمنىڭ نىمە قىممىتى بار؟ ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ ھە، يولداشلىرىمنىڭ قەلبىگە كۆمۈلەمىشمەن ۋەياكى ئۇنتۇلماسمىشىم ياكى بولمىسا تەبرىكلىنىمەنمىشىم نەگىچىلىك؟

    مەن گۇمران بولغاندىن كېيىن مېنى تەبرىكلىگەنلەرنىڭ قۇلاقنى يېرىۋېتكۈدەك ئەۋازلىرى، قەۋرەمدە ۋۇجۇدۇمنى پارچىلىغان يىلان- جايانلارنى ئىنساپقا ئېكىلەلەمدۇ؟ سۆزلەڭلار بۇ سەپەر نەگىچە؟ بۇنىڭغا ماركىس، ئېنگىلىس، لېنىنلەر ئىزاھات بىرەلمەيدۇ.

    ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرمەن:

    ئەمدى مەن ئاللاھ غا، پەيغەمبەرگە ۋە ئاخىرەتكە ئىشىنىمەن. دىنسىزلىك بىر چارە ئەمەس.  ئويلاڭلار، بۇ كائىناتنىڭ بىر ياراتقۇچىسى، ... شۇ تەڭداشسىز سېستىمىغا بىر قانۇن قويغۇچىسى بولۇشى كېرەك... مەنچە ئۆلۈم ئاخىرلىشىش بولماسلىقى كېرەك... گۇناسىز ئۆلگەنلەر بىلەن زالىمچە ئۆلگەنلەرنىڭ بىر ھېساپلاشما يېرى بولۇشى كېرەك. ھەققىنى ئالماي تۇرۇپ، جازاسىنى تارتماي تۇرۇپ كىتىشىدۇ. بۇنداق قاملاشمىغان ئەھۋال بولماسلىقى كېرەك. مەن بۇلارنى ۋىجدانىم بىلەن ھىس قىلىۋاتىمەن. مىليونلارچە گۇناھسىز ئىنسانلارغا سالغان جاپا- مۇشەققەت، قىلغان زۇلۇملار ھازىر بوغۇزۇمغا تىقىلىپ قالغان ۋەزىيەتتە تۇرىۋاتىمەن...

    ئۇلارنىڭ ئاھۇ زارىنى ئاڭلايدىغان بىر كۈچ بولۇشى كېرەك... بولمىسا ئىنسان تەسەللىنى نەدىن تاپىدۇ؟ بۇلارنىڭ بىر چۈشەندۈرۈلىشى بولۇشى كېرەك. ماركىس بۇ ماۋزۇدا بىزنى بىر نەرسە قىپتۇ، مىڭىمىزنى مەس قىلىۋېتىپتۇ...

    بىز نېمىشقا ئۆلۈم ئىشىگىمىزگە كېلىشتىن بۇرۇن بۇنىڭغا ئەقلىمىزنى ئىشلەتمەيمىز. بەلكىم بۇنداق قىلىشىمىزغا كۆزىمىزنى قاماشتۇرىۋىتىدىغان ئەمەل- مەنسەپلەر بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. « مەن بۇ ئىشىنىشنى تۇشۇيمەن يولداشلىرىم سىزلەر نىمە دىسىڭىزلەر دەڭلار!».

  


ئەسكەرتىش: ئەڭ ئاخىرقى قۇردىكى قوش تىرناقنىڭ ئىچىدىكى (... ئىشىنىشنى تۇشۇيمەن) دېگەن سۆز بەك مۇھىم بولغاچقا، ئېنىق بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن تەرجىمە قىلالمىدىم . Ben bu inancı taşıyorum yoldaşlarım ئەسلىسى شۇنداق ئىكەن.

    ئىبراھىم رېفىك «گېچمىشتىن گېلېجېگە ئىشىكلار»  

تەرجىمە قىلغۇچى، ئۈمۈت 68  

http://mehmetkonca.com/ana_baglanti_sayfalari/yol_gosteren_harika_hikayeler.htm

"ئەلكۈيى مۇنبىرى"دىن يۆتكەپ كېلىندى
[ بۇ يازمىنىkizilkowruk 2011-08-26 10:32قايتا تەھرىر ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8340
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 140 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-27
ئاخىرقى: 2011-10-13

جۈملىلەرنىڭ كەينى كورۈنمەي قاپتۇ. قايتا تەھرىرلەيلى.