باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2389 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تارىخىمىزدىكى ئۇيغۇر مەشھۇرلىرى1
ئەر بولساڭ ئەل  دەپ   ياشا
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3140
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 719
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە719دانە
ئۆسۈش: 5870 %
مۇنبەر پۇلى: 5761 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 1515 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-05-03
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-22 02:18

تارىخىمىزدىكى ئۇيغۇر مەشھۇرلىرى1


   تۆمۈر خەلپە 1891-يىلى تۇرپاندا ئىشلەمچى (كارىز چاپقۇچى) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ دادىسى ھەددىدىن ئاشقان ئالۋاڭ-ياساق دەستىدىن ئائىلىسىدىكى تۆت جاننى باقالماي ، 1893-يىلى ياز پەسلىدە قۇمۇلنىڭ قوراي يېزىسىغا كۆچۈپ بېرىپ يەرلىشىدۇ . بىراق قوراي يېزىسى قۇمۇل ۋاڭىغا قاراشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ يەردىكى ئالۋاڭ-ياساق تېخىمۇ ئېغىر ئىدى . شۇڭا ، بۇ يەردىمۇ كۈن ئۆتكۈزۈش تەس بولۇپ ، 1905-يىلى ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن تۆمۈرنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ-دە ، ياز كۈنلىرى نەنمېن سىرتىدا كېسەك قۇيىدۇ ، قىش كۈنلىرى باداۋاندىكى كانلاردا ياللىنىپ كۆمۈر قازىدۇ . لېكىن ئۈرۈمچىدىمۇ جان بېقىش قىيىن بولۇپ ، ئاخىرى قۇمۇلغا قايتىپ بېرىپ ، قۇمۇل بازىرىغا ئورۇنلىشىدۇ ۋە تۆمۈرنى ياغاچچىلىققا شاگىرتلىققا بېرىدۇ . زېرەك ۋە ئەقىللىق تۆمۈر ئۇزاق ئۆتمەي ياغاچچىلىقنى ئوبدان ئۆگىنىۋالىدۇ . ئۇنىڭ دۇكىنى بازاردا بولغانلىقى ئۈچۈن ، ھۆكۈمەت ۋاڭ ئۈستىدىكى شىكايەتلەرنى كۆپ ئاڭلاپ ، ئېزىلگۈچى خەلقلەر بىلەن ئەزگۈچى سىنىپ ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسى زىددىيەتنى چۈشىنىۋلىدۇ .
    1907-يىلى قۇمۇل دېھقانلىرى رەجەپ ئاكا باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ ، بىراق قۇمۇل ۋاڭ تەرىپىدىن پاجىئەلىك باستۇرىلىدۇ .بۇ ئىش تۆمۈرنى سەگەكلەشتۈرىدۇ . شۇڭا ،ئۇ ھەرقېتىم ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەرنىڭ ئادەم ئۇرغان ۋە ئادەم ئۆلتۈرگەن زوراۋانلىقلىرىنى ئاڭلىغاندا قاتتىق غەزەپلىنىپ : «رەجەپ ئاكا ھايات بولغان بولسا ، دېھقانلار ئۈچۈن چوقۇم ئىنتىقام ئالغان بولاتتى » دەيدۇ .
    بىر كۈنى ، تۆمۈر خەلپە ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەر تەرىپىدىن چوڭ دەرەخكە باغلاپ ئۇرۇپ ، چالا ئۆلۈك قىلىپ قويۇلغان بىر دېھقاننى ئۇستىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ داۋالاپ ساقايتىدۇ ، ئۇنىڭ بۇ ياخشى خىسلىتى پۈتۈن قۇمۇل يېزىلىرىغا تارقىلىدۇ . دېھقانلار «بۇ قالتىس باتۇر بالىكەن-ھە ، بۇ ۋاقىتقىچىمۇ ۋاڭ جازالىغان كىشىنى قۇمۇلدا ھېچ كىشى قۇتۇلدۇرالىغان ئەمەس... » دېيىشىپ ، تۆمۈر ھەققىدە تەرىپلەر قىلىشىدۇ .
    دېھقاننىڭ يارىلىرى ساقىيىپ ئائىلىسىگە قايتىش ۋاقتىدا ئۇنى ئۇزىتىپ ماڭغان تۆمۈر : «سىز ئوبدان ساقىيىڭ ، بىزمۇ رەجەپ ئاكىدەك ۋاڭ ئوردىسىنى تاقىۋىتىمىز ، خۇدا نۇسرەت ئاتا قىلسا ، ۋاڭنى قۇمۇلدىن قوغلىۋىتىمىز ... » دەيدۇ . تۆمۈرنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن دېھقانلار ۋە ئۇنىڭ ئۇستىسى ناھايىتى رازى بولىدۇ . تۆمۈرنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغانلىقى (ۋەقە تېرىيدىغانلىقى) نى ئويلاپ ،شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئۇنى ئاسرايدۇ . شۇنداقتىمۇ تۆمۈرنىڭ ھېلىقى دېھقاننى قۇتۇلدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئوردىغا ئاڭلىنىدۇ ، ۋاڭ تۆمۈر خەلپىنى تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ .
    1910-يىلى ، تۆمۈر خەلپە ئىككىنچى قېتىم ئۆزى يالغۇز ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەنىدى . مۇشۇ مەزگىللەردە شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسى ليەنكۈي ئورنىنى يۇەن داخۇاغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى . يۇەن داخۇا شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئوت يالقۇنىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭغا تۇتىشىپ كېتىشنى توسۇش ئۈچۈن ، ئىچكىرىسىدىن ياڭزېنشىننى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا خۇيزۇلاردىن چېرىك تۇتۇپ بەش باتالىيون تەشكىللەشكە بۇيرۇيدۇ .
بۇ كۈنلەردە تۆمۈر خەلپە ۋەزىيەتكە ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ ، ئىچكىرىدىكى ئىنقىلاۋى پارتىيە ئەھۋالىنى ، جۇمھۇرىيەت ئورنىتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلايدۇ . ئۇ ئېپى كەلسە ھەركەت قىلىش ئۈچۈن قۇمۇلغا قايتىدۇ .تۆمۈر خەلپە ئۈرۈمچىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئۇستىسىغا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بېرىدۇ ۋە ئاخىرقى ھېسابتا ئۆلۈپ كەتسىمۇ رەجەپ ئاكىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالماي قويمايدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم ئىچىدۇ . ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنقىلاپ يولىدا ئىزدىنىدۇ .
    تۆمۈر خەلپە ئىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ غەلبە قىلىپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق خەۋەر ئاڭلىغاندىن كېيىن ، قۇمۇل دېھقانلىرىغا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئىلى ئىنقىلاۋىنى تەشۋىق قىلىدۇ ۋە ئاشكارا ھالدا «قۇمۇل ۋاڭنىڭ كۈنى ئاز قالدى» دەيدۇ . تۆمۈر خەلپە قۇتقۇزۇپ قالغان ھېلىقى دېھقان ھەممىلا يەردا تۆمۈر خەلپىنى تەرىپلەپ تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ ، جۈملىدىن ئۇنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئابرويى ئۆسىدۇ. قۇمۇل دېھقانلىرى زور ئۈمىد بىلەن ۋاڭنىڭ ئاغدۇرىلىشىنى كۈتمەكتە ئىدى .
1912-يىلى 1-ئايدا ، يۇەن داخۇا ئۆلكە مەركىزىگە قاراپ كېتىۋاتقان ئىلى خەلق قوشۇنىنى توسۇش مەخسىتىدە ، قۇمۇل ۋاڭىغا 500 ئەسكەر ئەۋەتىش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ . قۇمۇل ۋاڭى خەلققە ئۆزىنى كۆرسىتىش مەخسىتىدە : « يۇەن داخۇا ماڭا ئىشىنىدۇ ، مىنىڭ ۋاڭلىقىم مەڭگۈ ساقلىنىدۇ ، كىمكى ۋاڭ ئاغدۇرىلىدۇ دەيدىكەن ، كاللىسى ئېلىنىدۇ ! » دەپ خەلققە تەھدىت سالىدۇ ھەمدە ئۆزى ئۈچۈن تەھدىت دەپ ھېسابلىغان ئادەملەرنى ئەسكەرلىككە ئالىدۇ ، تۆمۈر خەلپە ئۆزلىكىدىن ئەسكەر بولىدۇ .
    يېڭىدىن ئەسكەرلىككە ئېلىنغان 500 كىشى قۇمۇلدىن يولغا چىقىدۇ . تۆمۈر خەلپە يول بويى قوزغىلاڭ قىلىش توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ئېلىپ ماڭغان خەنزۇ باشلىقنى پالتا بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرىدۇ . 500 ئەسكەر تۆمۈر خەلپىنى قولدىن قولغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ ۋە ئۇنى سەردار قىلىپ بەلگىلەيدۇ . بۇ قوشۇن كەينىگە قايتىپ ، چاقماق تېزلىكىدە قۇمۇلغا باستۇرۇپ كىرىدۇ ، دېھقانلار ئۇلارغا كېلىپ قوشۇلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، ئىنقىلاپ باشلىنىدۇ . شەھەرگە قامالغان شاھ مەھسۇت بىلەن شەھەر ئامبىلى بەي ۋېنچاۋ يۇەن داخۇادىن ياردەم سورايدۇ ...
    1912-يىلى 3-ئاينىڭ 11- كۈنى ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى خانى شۇەنتۇڭ ئۆزىنىڭ تەختتىن چۈشكەنلىكى توغرىسىدا پۈتۈن مەملىكەتكە جاكارلايدۇ . 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ، يۇەن داخۇامۇ شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسىلىقىدىن ئىستېپا بىرىدۇ . ئۇچاغدا ھۆكۈمەت ياڭ زېنشىننى شىنجاڭغا تۇتۇق قىلىپ تەيىنلەيدۇ . تۆمۈر خەلپە باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار بۇ خەۋەردىن ھەقىقەتەن خۇشاللىنىدۇ ، جۈملىدىن « شاھ مەھسۇت ئوردىدىن چىقىپ كەتسۇن ! دېھقانلار ئۈستىدىكى ئالۋاڭ-ياساقلار بىكار قىلىنسۇن ! »دېگەن خىتابلار بىلەن شاھ مەھسۇتنى قىستايدۇ .
   ياڭ زېنشىن باركۆلدە تۇرۇشلۇق ھەربى قوشۇن باشلىقى يې شىڭفۇغا قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ .
تۆمۈر خەلپە بار كۆلدىكى ھەربى قوشۇننىڭ قۇمۇلغا يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرىدۇ . يې شىڭفۇ قوشۇننى باشلاپ نەنسەن ئېغىزىغا كەلگەندە ئوق تېگىپ ئۆلىدۇ ، قىسىملىرى تەسلىم بولىدۇ ، نۇرغۇن قورال غەنىمەت ئېلىنىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلار سانى 2000 دىن ئاشىدۇ .  
   1912-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ، يۈەن داخۇا ئىچكىرىگە قايتماقچى بولغىنىدا ، ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا چيەن گۇاڭخۇەي بىلەن بىرلىشىپ قوزغىلاڭنى باستۇرۇش بۇيرۇقى بېرىدۇ .
   يۇەن داخۇا بىلەن چيەن گۇاڭخەي بىرلىشىپ قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ . تۆمۈر خەلىپە بۇ ئۇرۇشتىمۇ كۆپلىگەن قورال غەنىمەت ئالىدۇ (يۇەن داخۇا ، چيەن گۇاڭخەيلەر 6-ئاينىڭ 15-كۈنى يېڭىلىپ ، ئىچكىرىگە كېتىدۇ ).
   جىددىي ئۇرۇش ھازىرلىقىدا تۇرغان ياڭ زېڭشىن بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، پىلانىنى ئۆزگەرتىپ ھىيلە-مىكىر پىلانلايدۇ . ئۇ ئوردىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان ھاكىمدىن تۆۋەنرەك ئەمەلدار جاڭ سەيتىڭنى تۆمۈر خەلپە بىلەن سۆھبەت قىلىشقا ئەۋەتىدۇ . ئون كۈن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت نەتىجىسىز بولۇپ ، جاڭ سەيتىڭ قايتىدۇ .
    ياڭ زېڭشىن كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ، تۆمۈر خەلپىنىڭ ئەڭ يېقىنلىرىدىن بولغان مۇھەممەدجان ھاپىز دىگەن كىشىدىن تۆمۈر خەلپىگە خەت ئەۋەتىدۇ . بۇ خەتتە مۇنداق دېيىلگەنىدى : «مەن سىزنىڭ ئىسيان كۆتۈرىشىڭىزنىڭ قۇمۇل ۋاڭىغا قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلاشماقچى ئەمەسلىكىڭىزنى ئوبدان چۈشىنىمەن ، سىلەرنىڭ ھەركىتىڭلارغا نىسبەتەن مېنىڭ باشتىن-ئاخىر زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىم يوق ...» دېيىلگەن .
    دەل شۇ كۈنى ياڭزېڭشىن قۇمۇل ئامبىلى بەي ۋېنچاۋغا يازغان بىر پارچە مەخپى خېتىدە : « تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، تۆمۈر قارا نىيەت ئادەم ئىكەن ، ئاسىيلىق قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز شۇغۇللىنىۋاتىدۇ ... پېقىر تۇتۇق كەلگۈسىدىكى بالايى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى قەتئىي باستۇرۇش نىيىتىگە كەلدىم ...» (ياڭ زېڭشىن : «ئىستىغبار ھوجرىسىدا يېزىلغان خاتىرىلەر» 2-توپلام)
    تۆمۈر خەلپە مۇھەممەدجان ھاپىزدىن : «سىز ياڭ تۇتۇققا (قوماندان ياڭغا) ئىشىنەمسىز ؟ ياڭ تۇتۇقنىڭ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتى بولمىسا ، نىمە ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئەسكەر ئەۋەتىپ بىزنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىدۇ ؟ ياڭ تۇتۇق مىنگونىڭ تۇتۇقى تۇرۇپ ، نىمە ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسى خانلىقى قۇمۇل ۋاڭىغا بەلگىلەپ بەرگەن ھاشار تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدۇ ؟...'' قاتارلىق 10 نەچچە سۇئال قويىدۇ . مۇھەممەدجان ھاپىز جاۋاپ بېرەلمەي قايتىدۇ .
    بۇ ھىيلىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ياڭزېڭشىن خۇيزۇ باتالىيونىنىڭ كوماندىرى لى شۇفۇ ، ئىچكى ئىشلار كابېنتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جايى گەنسۇ -شىنجاڭ تەپتىش خادىمى يۇەن ساڭ قاتارلىقلارنى 1913-يىلى 3-ئايدا سۆھبەتكە ئەۋەتىدۇ .
    لى شۇفۇ پۇخراچە ياسانغان بولۇپ ، دىنىي بىلىمنى ئىشقا سېلىپ ، ئىسلام مۆتىۋەرلىرى قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ ، تۆمۈر خەلپە تۇرغان ئۆيگە كىرىش بىلەن تەكبىر ئېيتىپ ، قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ مەنىسىنى يېشىپ ، نەقىل كەلتۈرۈپ سۆز باشلايدۇ ۋە ياڭزېڭشىن ئەۋەتكەن ئالاقىنى ئوقۇيدۇ . ياڭزېڭشىننىڭ خېتىدە مۇنداق دېيىلگەنىدى: « بىرىنچى ، قۇمۇل ۋاڭنىڭ دىھقانلارنىڭ ئۈستىگە قويغان ھەرئايدىكى يەتتە كۈنلۈك ھاشار تۈزۈمى .ئككى كۈنگە قىسقارتىلىدۇ . ئىككىنچى ،قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ئاتلىق باتالىيونىغا ئۆزگەرتىلىپ ، تۆمۈر باتالىيون كوماندىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ ۋە ئۆلكە مەركىزىگە بېرىپ ئورۇنلىشىدۇ . ئۈچىنجى ، قوشۇندىن قايتىپ دېھقانچىلىق قىلىشنى خالايدىغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەممىسى ئەسلى يۇرتىغا بېرىپ ، دېھقانچىلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ ...» لى شۇفۇ بۇ خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ، بىر ئايەت ئوقۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ يەنە تەكبىر باشلايدۇ . ئىسلام دىنىي قائىدىسى بويىچە تۆمۈر خەلپە تەكبىرگە قوشۇلۇش ۋە دۇئاغا قول كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ .  
بۇنىڭ بىلەن تۆمۈر خەلپە ياڭزېڭشىن قويغان يۇقىرىقى ئۈچ شەرتنى شەرتسىز قوبۇل قىلغان بولۇپ قالىدۇ .
بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ياڭ زېڭشىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن قۇۋلۇق-شۇملۇق ئىشلىتىپ ، قۇمۇلدىكى ھەرقايسى تەبىقىدىكى زاتلار ۋە خەلقلەرنى ئارقا-ئارقىدىن تاغقا چىقىرىپ تۆمۈر خەلپىنى تەبرىكلەيدۇ ۋە قائىدە بويىچە ''خەلىپە'' دەپ ئاتايدۇ .
تۆمۈر خەلىپە قىسىمنى باشلاپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ، بۇ پاجىئەنىڭ باشلىنىشى ئىدى . ئۇ چاغدا ئۈرۈمچىنىڭ شەرقى كىچىك دەرۋازىسى سىرتىدا بىر-بىرىگە تۇتىشىپ تۇرىدىغان ئىگىز گازارما بار ئىدى . بىرى ، شەرقى گازارما بولۇپ ، شور بۇلاققا ،يەنە بىرى غەربە گازارما بولۇپ ، دۇڭمىنغا يېقىن ئىدى .
    تۆمۈر خەلىپە قىسىمىنى شەرقى گازارمىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ . غەربى گازارمىغا ياڭ زېڭشىن ئۆزىنىڭ سادىق ئادىمى بولغان ما فۇشىڭ (ماتىتەي) باتالىيونىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ .
    تۆمۈر خەلپە ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ياڭ زېڭشىن ئەندىشە قىلىپ بىئارام بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇش غەرىزىدە تۆمۈر خەلىپىنىڭ تۇڭچىسىنى سېتىۋىلىپ ، تۆمۈر خەلىپىنى نازارەت قىلسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ، مافۇشىڭغا ھۇشيار تۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بىرىدۇ . مافۇشىڭ 1913-يىلى 9-ئاينىڭ6-كۈنى روزى ھېيتنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق كۆرۈش باھانىسى بىلەن تۆمۈر خەلىپىنى غەربى گازارمىغا ئالداپ ئېلىپ كېلىدۇ ۋە قولغا ئالىدۇ . تۆمۈر خەلىپىنىڭ قوشۇنىنى ئۆز گازارمىسىدا قورالسىزلاندۇرىدۇ .، ئۇنى تۈرمىدە قىيىن-قىستاققا ئالىدۇ . خائىن ئىلگىرىكى سۆھبەتلىرىنى پاش قىلىدۇ ياڭ زېڭشىن قاقاقلاپ كۈلگىنىچە تۆمۈر خەلىپىگە : « گۇناھ مەندە ئەمەس ، مانا بۇ ئۆز ئادىمىڭىز ، مەن سىزنىڭ باتۇرلۇقىڭىز ۋە ئەقىل-پاراسىتىڭىزگە ئىشىنىمەن . سىزگە كەلگەن ئۆلۈمنى تەڭرى ئالدىدىمۇ مەندىن كۆرمىگەيسىز. ئۆلۈم ئالدىدا مەن سىزنىڭ قاتىلىڭىزنى ئۆلتۈرۈپ ، سىز ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىپ بېرىمەن» دەيدۇ-دە، خائىن تۇڭچىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ .
خائىن نالە-پەريات قىلغاندا ، « ئۆز مىللىتىگە ۋاپا كەلمىگەن سەن ئىتتىن ماڭا ۋاپا كېلەتتىمۇ ؟...»دەيدۇ ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا .
مافۇشىڭ تۆمۈر خەلىپىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ . ئەتىسى ئوردىغا تەكلىپ قىلىنغان ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىغا تۆمۈر خەلىپىگە ھەربى تۈزۈم بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ . پىشقەدەم يىڭجاڭ روزى ھاجى ياڭ زېڭشىنغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ . ياڭ زېڭشىن بۇ ئىشنى مافۇشىڭغا دۆڭگەپ قويىدۇ .
   خەلق ئاممىسى داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ،تۆمۈر خەلىپىنىڭ جەسىتىنى خاڭچىڭدىكى قەبرىستانلىقنىڭ ھازىرقى خاڭچىڭ مەسچىتىدىن 50 قەدەملەر ئىچكىرىدىكى بىر جايغا دەپنە قىلىدۇ .
    تۆمۈر خەلىپە ۋاپاتىدىن كىيىن ، ئۇنىڭ قولىدىكى 300 نەپەر جەڭچىنى قورالسىزلاندۇرۇپ قۇمۇلغا ئاپىرىپ قويىمىز ، دېگەن باھانە بىلەن ئېلىپ مېڭىپ گۇچۇڭدىكى چۈەنزىگەي دېگەن يەردىن ئۆتكەندە ، ئالدىن تەييارلاپ قويغان قىسىملىرى ئارقىلىق قىرغىن قىلىپ تۈگىتىدۇ .
    تۆمۈر خەلىپە ئۆلتۈرۈلۈپ 18 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ، خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلايدۇ ، قوزغىلاڭ يالقۇنى تېزلا پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلايدۇ .
 (شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر)
[ بۇ يازمىنىjula520 2011-08-22 10:33قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
تاھىربەگ
يا بولغۇنۇڭ كەبى كۆرۈن، يا كۆرۈنگىنىڭ كەبى بول
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2837
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2837دانە
ئۆسۈش: 5890 %
مۇنبەر پۇلى: 34646 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-09-04

ئاق ئىت كۆك ئىت ھەممىسى بىر ئىت ، مەيلىگە قويىۋەتسە ئادەم چىشلەيدۇ ....    دەپ تۇرۇپ يەنە خاتالاشتى ھە  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8258
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 23
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە23دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 240 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-22
ئاخىرقى: 2012-05-20
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-22 22:53

خۇيزۇلار قۇرئان تۇتۇپ ئالداپ تۇتۇپ بىرىدۇ بۇ باھادىرنى،ئىسسىت.ئىسمىغا لايىق تۇمۇردەك يىگىت ئىكەنتۇق،يۇرۇكۇڭمۇ تۇمۇردەك بولسىچۇ.
ئانىلار ئايىقى ئاستىدا جەننەت
ۋىجدان_ئادەمنى ئۆلچەيدىغان ئادىل تارازا .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8533
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 60
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە60دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 630 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-09
ئاخىرقى: 2011-10-24
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-23 00:35

تۇمۈر خەلپە ، خۇجىنىياز ھاجىم تارىخىنى ئۇقۇسام يۈرۈگۈم ئاچچىق بۇلىدۇ ........ئىچىم سىقىلىپ ....ھەي........
بىر ئادەمنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق پاجىئەسى ۋىجدانىنىڭ يۇقالغانلىقىدىن ئارتۇق بولمىسا كىرەك .
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 609
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە609دانە
ئۆسۈش: 1270 %
مۇنبەر پۇلى: 7275 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-07-13
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-23 00:41

!!!!!!!!!!
[ بۇ يازمىنىرەسسام 2012-03-30 20:44قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
جەڭچى
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2122
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2122دانە
ئۆسۈش: 1040 %
مۇنبەر پۇلى: 22364 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-09-02
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-23 02:18

[quote]بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى رەسسام نىڭ 2011-08-23 00:41 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
http://serhush.com/?p=260
-----شىنجاڭ تارىخدىكى بىر مەشھۇر شەخسى بار ئىكەن بۇ يەردە،،،،!!!!!!!!!!
[/quot
لەنتى تەقدىر،،،ساۋاق ئىلشىمىز كىرەك.
ئەلدىن -ئەلگە نەپ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8340
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 67
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە67دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 700 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-27
ئاخىرقى: 2012-08-30
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-23 17:23

ھىيلە-مىكىرگە ئامال يوق ئوخشايدۇ.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 609
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە609دانە
ئۆسۈش: 1270 %
مۇنبەر پۇلى: 7275 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-07-13
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-30 20:43

ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە  تەپسىلى مۇلۇمات باركەن..


http://www.uycnr.com/wqhg/mrt/