مەمەت، كېلىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم
(ھېكايە)


ئۇرۇشنىڭ ئەڭ قانلىق كۈنلىرىدىن بىرسى ئىدى. ئەسكەر ئەڭ يېقىن دوستىنىڭ بىر ئاز ئالدى تەرەپتە قانلار ئىچىدە يەرگە يىقىلغانلىقىنى كۆردى. بۇ ۋاقىتتا ئىستىكامدىن ئادەمنىڭ بېشىنى چىقىرىش ئىمكانى يوق بولۇپ، دۈشمەن ئوقلىرى خۇددى يامغۇردەك يېغىۋاتاتتى.
ئەسكەر قۇماندانىغا يۈگۈردى. قۇماندانىم، بىر يۈگۈرۈپلا بېرىپ ئاغىنەمدى ئېلىپ كىلەيمۇ؟
- كاللاڭ جايىدىمۇ دېمەكچى بولغاندەك بىر قىياپەت بىلەن قارىدى قۇماندان...
- ئوغلۇم بېرىشىڭغا ئەرزىمەس، ئاغىنەڭنىڭ بەدىنى ھۆتمە تۈشۈك بولۇپ كەتتى. ھەقاچان ئۆلگەندەك تۇرىدۇ. ھەرگىزمۇ ھاياتىڭنى خەتەرگە ئاتىما!
ئەمما ئەسكەر شۇنداق قاتتىق يالۋىرىپ تۇرۇۋالدىكى، قۇماندان رۇخسەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
- قېنى كۈرەيلى، دېدى قۇماندان.
ئەسكەر ئىستىكامدىن كۆزنىمۇ ئاچقىلى بولمىغىدەك ئوق يامغۇرى ئاستىدا ئاغىنىسىغا قاراپ ساداقتىن چىققان ئوقتەك ئېتىلدى. مۆجۈزە يۈزبەرگەندەك ئىش بولدى. ئەسكەر ئاغىنىسىنىڭ يېنىغا سالامەت باردى ۋە ئاغىنىسىنى يۈدۈپ ئىستىكامغا ئېلىپ كەلدى.
قۇماندىن يۈگرەپ كېلىپ يارىدار ئەسكەرگە قاراپ چىقتى ۋە نەپىسى يېتىشمەي بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ قالغان ئەسكەرگە قارىدى:- ساڭا ھاياتىڭنى خەتەرگە ئېتىشقا ئەرزىمەيدۇ دېگەن ئىدىمغۇ؟ ئاغىنەڭ ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپتۇ...
ئەرزىدى قۇماندانىم، ئەرزىدى! دېدى ئەسكەر - قانداق ئەرزىدى، ئاغىنەڭ ئۆلۈپ بوپتىغۇ، كۆرمىدىڭمۇ؟ ...
يېنىلا ئەرزىدى قۇماندانىم، چۈنكى يېنىغا بارغان ۋاقتىمدا تېخى ھايات ئىدى. ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئاڭلاش مەن ئۈچۈن دۇنيالارغا بەدەل ئىدى قۇماندانىم. ئەسكەر ئېسەدەپ يىغلاپ تۇرۇپ ئاغىنىسىنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى تەكرارلىدى:
- «مەمەت، كېلىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم!»
كېلىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم!.
تەرجىمە قىلغۇچى، مۇزەپپەر
[ بۇ يازمىنىmuzepper 2011-08-20 23:58قايتا تەھرىرلىد ]