باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 843 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم...
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 136
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە136دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-20 18:58

مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم...

مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم ،كۈندىلىك ئورنۇمدىن تۇرۇش ۋاقتىم چۈش سائەت 12 دىن ئەتىگەن سائەت يەتتىگە ئۆزگەردى ، كەچلىك ئۇخلاش ۋاقتىم سەھەردىن كەچلىك 11 گە ئۆزگەردى ،
مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم،خىزمەتتە ھەر خىل ھەر ياڭزا ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىشقا باشلىدىم،
مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم،ئۇرۇق – تۇغقان ،دوست – بۇرادەرلىرىم بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇلار مەندىن ئىمتىھاندا نەچچە نومۇر ئالدىڭ؟ دەپ سورىماس بولدى ،بەلكى ئۇلارنىڭ قىزىقىدىغى مېنىڭ ئايلىق مۇئاشىمنىڭ نەچچە پۇل ئىكەنلىكى ،
مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم،ھازىرقى سۆز تېمام ھەر خىل تور ئويۇنلىرىدىن ماشىنا ۋە ئۆي سېتىۋېلىشقا ئۆزگەردى ،تاماق ۋاقتىدىكى مۇنازىرىمىز بولسا كىملەرنىڭدۇ توي قىلماقچى بولىۋاتقانلىقى ياكى كىملەرنىڭ قاچان توي قىلغانلىقى توغرىسىدىكى پاراڭلارغا ئۆزگەردى ،
مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم،ئەمدى مەكتەپتىكى ئىشلەپ بولالمىغان تاپشۇرۇقلىرىم توغرىلىق غەم قىلمىساممۇ بولىدۇ ،بىراق ماي باھاسى ۋە ئۆي باھاسىنىڭ قانچىلىك ئۆرلەپ كېتىۋاتقانلىقى ۋە پايچىك باھاسىنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقى توغرىلىق غەم قىلىشقا باشلىدىم ،
مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم،ئەمدى قالايمىقان نەرسە سېتىۋالماس بولدۇم ،بەلكى ئاي ئاخىرىدا ئامانەت قەرزى ۋە ئۆي سېتىۋېلىش قەرزىنى تۆلىگەندىن سىرت قانچىلىك پۇل ئاشۇرۇپ قالغانلىقىمنى ھېسابلايدىغان بولدۇم ،
مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم، ھاراق ئىچىش ۋە كارا دا ناخشا ئېيتىشتىن بارا – بارا بىزار بولۇشقا باشلىدىم ، بەلكى تەبىئەتنى ياقتۇرىدىغان ، ساغلام تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغان بولدۇم ،
مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم،بەزىدە ئۆزۈمچە يالغۇزلۇق ھېس قىلدىغان ،كىمنىدۇر سېغىنىدىغان بولۇپ قالدىم ،
مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم، بىز بارغانسېرى ئارزۇيىمىزغا ئىنتىلىدىغان ، ئاسان ياش تۆكمەيدىغان ، كىچىككىنە مەغلۇبىيەتلەر ئۈچۈن بەل قويىۋەتمەيدىغان بولدۇق ،
مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم،بالىلىقتىكى يەڭگىلتەكلىكلەرمۇ يوقىدى ،يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى ھاياتلىقتىكى قىممەتلىك تەجرىبە – ساۋاق دەپ قاراپ كەڭ قورساقلىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان ،چىداشلىق بېرىدىغان بولدۇم ،
   مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم،ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىسەم بىز نۇرغۇن خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپتىمىز ، نۇرغۇن ئەگرى يوللارنى بېسىپ ئۆتۈپتىمىز ،بىز دائىم پۇشايمانلا قىلالايمىز ،ئەمما ئۇ ساددا بالىلىقىمىز دەۋرىمىزگە قايتالمايمىز ، بىز جەمئىيەتتىكى ھەر خىل كۆرۈنمەس بېسىملار تەرىپىدىن ھالىمىزدىن كەتكەندە ئاشۇ ئۆتكەن بالىلىقىمىزنى سېغىنىمىز ، تۇرمۇشنى ئازادە بولسىكەن ،ئىشتىن چۈشۈپلا بىللە تاماق يەپ بىللە كىنو كۆرەلەيدىغان ،تۇرمۇشتىكى بېسىملارنى تەڭ ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىپ بېرەلەيدىغان بىرەيلەننىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز ،بىزتۇرمۇشتا رىغبەتلەندۈرۈشكە موھتاج .
مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم، ئەمدى يالغۇز قالغان ۋاقىتلىرىمدا تورخانىغا بارمايمەن .   بەلكى تېلىفۇنۇمدا يوشۇرۇنچە تورغا چىقىپ كىملەرنىڭ توردا ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقىمەن ،ئەگەر تونۇشلار بولۇپ قالسا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىمەن ،ئەمەلىيەتتە دىيىشكۈدەك گەپمۇ توق ،مۇشۇنداق قىلىپ ئۆتىدىغان گەپ ...بىزيەنە  تور بوشلۇقىمىزنى يېڭىلىغاندىن كېيىن كىملەرنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى يېڭىلىغانلىقىنى قاراپ باقىمىز ،
مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم،تىت – تىت بولغان ، بىئارام بولغان ۋاقىتلاردا بورۇنقىدەك قاقشىمەيدىغان ، زارلىمايدىغان بولدۇق ، ئەكسىچە جىمجىت ھالدا كۆزىتىدىغان ، ئاڭلايدىغان بولدۇق ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنتايىن رىئال ھەم ساختا بولغان دۇنيا .
مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم،شۇنداق يىغلىغۇم كەلسىمۇ ئەمما كۈلۈپ تۇرىمەن ،شۇنداق كۆڭۈل قويساممۇ ئەمما ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالىمەن ،شۇنچىلىك قېپ قالسىكەن دىسەممۇ ئەمما كەسكىنلىك بىلەن كېتىڭ دەيمەن ،شۇنچىلىك ئازاپلىق يۈرسەممۇ قەستەن ئۆزەمنى بەختلىك دەيمەن ، ئۇنتۇيالمىغان بولساممۇ ئەمما ئۇنتۇپ كەتتىم دەيمەن ،ھەر كۈنى ئۇنى ئەسلەپ تۇرساممۇ ئەمما يەنىلا ئېتىراپ قىلمايمەن ،ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمىسىمۇ ئەمما قەستەن مەن ئۈچۈن ھەممە يىتەرلىك بولدى دەپ قارايمەن ، دەۋاتقانلىرىمىنىڭ ۋىجدانىمغا خىلاپ ھالدىكى يالغان سۆزلەر ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرساممۇ ئەمما قەستەن بۇ مېنىڭ يۈرەك سۆزلىرىم دەيمەن ،كۆز ياشلىرىم كۆز چاناقلىرىمدا تولۇپ تۇرسىمۇ ئەمما قەددىمنى رۇس تۇتۇپ تۇرىمەن ، ئۆتكەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغىنىنى ئېنىق بىلىپ تۇرساممۇ ئەمما جاھىللىق بىلەن تۇرىۋالىمەن ،ئۆزۈمنىڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرساممۇ ئەمما سىز ماڭا يۈز كېلەلمىگۈدەك ئىش يۈز بەرمىدى دەيمەن،مۇشۇنداق ساختا قىياپەتتە يۈرۈشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرساممۇ ئەمما يەنىلا ...
 مەقسىتىم ئۆزۈمنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى يوشۇرۇپ قېلىش ، كۆڭلۈپ شۇنچىلىك بىئارام بولسىمۇ ئەمما ھېچ ئىش بولمىغان قىياپەتتە يۈرىمەن ، پەقەت باشقىلارنىڭ كۆڭۈل ئازارىمنى بىلىپ قېلىشىنى خالىمايمەن ، باشقىلارنىڭ مەندىن ئەنسىرەپ قېلىشىنى ، ماڭا ھېسداشلىق قىلىشىنى خالىمايمەن ،بەلكى كۆڭۈل تېگىمدە ئۆزۈم جىمجىت ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن ، گەرچە كۆڭۈل ئازارىم تېنىمنى ئۆرتىسىمۇ ئەمما خۇشال ھالدا «ماڭا ھېچ ئىش بولغىنى يوق » دەيمەن ئاندىن تىنچ قالغان ۋاقىتلىرىمدا ئۆزۈمنى مەسخىرە قىلىپ قالىمەن ،بۇنداق ساختا قەيسەر قىياپەتكە كىرىۋېلىشنىڭ نېمە ھاجىتى باردۇ ؟خۇددى ئۆزۈم يالغۇز بارلىق ئازاپلارنى كۆتۈرۈپ كېتەلەيدىغاندەك ؟
مەن بەك ھېرىپ كەتتىم ، بەكلا ھېرىپ كەتتىم ...
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟كۆڭلىڭىزنىڭ نىمە ئۈچۈن بىئارام ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز ؟ ئەمما ھېچكىمگە گەپ قىلغىڭىز كەلمەيدۇ ،پەقەت جىمجىت ئولتۇرۇپ خىيال سۈرگىڭىز ، ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىگۈڭىز كېلىدۇ ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ئىچىڭىز تىت بولۇپ نىمىنىلا كۆرسىڭز بىئارام ھېس قىلىسىز ، ئىچىڭىز سىقىلغىنىدىن بىئارام بولۇپ بىرەر ئامال تېپىشنى ئويلايسىز ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ئەتراپىڭىزدىكى ئادەملەر سىزنى چۈشەنمەيدۇ ، ئۇلارغا سىزنىڭ گەپ قىلغۇڭىزمۇ يوق ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ تۇيۇقسىز ئۆزىڭىزنى دۇنيا بىلەن سىغىشالمايۋاتقاندەك ،سىز ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان نەرسە بىر كېچىدىلا ئۆزگىرىپ پۈتۈنلەي باشقە نەرسىگە ئايلىنىپ قالغاندەكلا ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ھازىرقى تۇرمۇشىڭىزدىن ئايرىلىپ ھېچنەرسىگە قارىماستىن يۈك – تاقىڭىزنى يۈدۈپ يىراقلارغا چىقىپ كەتسەم دەپ ئويلايسىز ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟باشقىلار سىزگە : سىز ئۆزگىرىپ كېتىپسىز دېگەندە ئاندىن ئۆزىڭىز ھەققىدە تۈرلۈك خىياللارغا چۆمىسىز ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ تۇيۇقسىز ۋاقىتنىڭ سىز ئۈچۈن توختاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىسىز ، بۇنداق بولغاندا ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىز بىلەن قانغۇچە مۇڭدىشالاتتىڭىز ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئۆزىڭىزنى بىر يەرگە يالغۇز يوشۇرۇپ قويغۇڭىز كېلىدۇ ، بۇنداق بولغاندا باشقىلار سىزنىڭ ئاجىزلىقىڭىزنى بىلەلمەيتتى ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟كۆڭلىڭىز يېرىم بولغان ۋاقىتلاردا يىغلىغۇڭىز كەلسىمۇ ئەمما ئازاپلانغىنىڭىزدىن ھەتتا يىغلىيالمايسىز ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ كېچە قاراڭغۇلىقىدا يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ يالغۇزلۇقنىڭ ھەتتا تومۇرلىرىڭىزغىچە سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ تونۇش كوچىدا كېتىۋېتىپ تونۇش سىمالارنى ئۇچراتقىنىڭىزدا تۇيۇقسىز بىرەيلەننى ئەسكە ئېلىپ قالىسىز ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ كۆڭلىڭىزدە نۇرغۇن گەپلەرنى دىمەكچى بولىۋاتقانلىقىڭىزنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىڭىزمۇ ئەمما ئۇنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيسىز ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ ئىچىڭىزدە ئېيتقۇسىز بىر ئاچچىق بار ، بىرەيلەننى تېپىپ دەردىڭىزنى تۆكمەكچى ، يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ روھىي ئازابىڭىزنى يېنىكلەتمەكچى ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ ئۆزىڭىزنى بۇ دۇنيادا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان ئادەتتىكى بىر نەرسە دەپ قارايسىز ،خۇددى دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندەك ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ گەرچە ئەتراپىڭىزدا نۇرغۇن دوستلىرىڭىز بولسىمۇ ئەمما ئۆزىڭىزنى يەنىلا شۇنچىلىك يالغۇز ھېس قىلىسىز ، 
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ ئۆزىڭىزنى مۇشۇ بىر قېتىم مەيلىڭىزگە قويۇۋەتكىڭىز كېلىدۇ ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا بۇرۇنقى قارارىڭىزنى داۋاملاشتۇرىسىز ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ ئارمانلىرىڭىز شۇنچىلىك كۆپ ۋە گۈزەل ، ئەمما ئارمانغا چۈشلۇق دەرمان يوق ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ دائىم قىلىدىغان ئىش تاپالماي قالىسىز ، زېرىككىنىڭىزدىن نىمە قىلىشىڭىزنىمۇ بىلەلمەي قالىسىز ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ تۇيۇقسىز ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويغاندەك ، ئۆزىڭىزنى تاپالمايۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ تۇيۇقسىز ئۆزىڭىزنى ھەممە ئىشتىن رايى يېنىپ كەتكەندەك ، بەكلا چارچاپ كەتكەندەك ھېس قىلىسىز ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ كەلگۈسىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز ، ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن كەلگۈسىڭىز خىرە بولۇپ ، ھېچ نەرسىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايدۇ ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ بىر كېچىدىلا ئۆزىڭىزنى چوڭ بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ بىر كونا ناخشىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا تۇيۇقسىز بىر ئادەمنى ئەسلەپ قالىسىز ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ ئۆزىڭىزگە كۆيۈنىدىغان ، سىزنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادەم تاپقۇڭىز ،بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشكۈڭىز كېلىدۇ ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ مەقسەتسىزلا ئېيتىلغان سۆزىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنىشىگە قېلىپ ئالاقزادە بولۇپ كېتىسىز ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ دائىم بۇرۇنقى ئەسلىمىلەر ئىچىدە ئېسەنكىرەيسىز ، نۇرغۇن ئۆتمۈشلىرىڭىزنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالىسىز ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ بىر مەيدان قىزغىن مۇھەببەتلەشكۈڭىز ، ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىپ باققۇڭىز كېلىدۇ ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟باشقىلارنىڭ چۈشىنىگە ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشكۈڭىز ، بىر كىشىلىك ئاددى خۇشاللىقا ئېرىشكۈڭىز كېلىدۇ ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ۋاقىت بارا – بارا ئۆتىۋاتىدۇ ، بىراق سىز بۇنىڭغا ئامالسىز ،
سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ تونۇش ياكى ناتونۇش بولغان سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغان بولسا دىمەك سىز نائىلاجلىق ئىچىدە بارا – بارا ئۆسۈپ يېتىلمەكتىسىز ، نائىلاجلىق ئىچىدە بارا – بارا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە سىزمۇ بار ، مەنمۇ بار .
                  مەنبە:ياشلار ژورنىلى
دوستلىشىش
kadir7448
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 367
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
ئۆسۈش: 20 %
مۇنبەر پۇلى: 152 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-21
ئاخىرقى: 2012-05-09

   很遗憾,今年我已经29岁了
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 882
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە882دانە
ئۆسۈش: 2842 %
مۇنبەر پۇلى: 9293 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-09
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-21 19:04

ئۈمىدلىك ياشاش ھەر بىر كىشىگە يار بولسۇن، ئۈمىد سىز ياش تام تۈۋىدىكى تاش.
پۇرسەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، لىكىن پۇرسەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانىدەك چۆرگۈلەپ تۇرىدۇ، گەپ سىزنىڭ بايقشىڭىزدا. تىرىشچانلىق، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ سىزگە بايلىق ئاتا قىلىدۇ. كۈنىڭىز مەنىلىك، ئەھمىەتلىك،خوشال ئۆتىدۇ.