رادىل ئابلا ___ شنجاڭمۇ يىمەكلىك‹‹ھالال ››ئۆلچىمى بېكىتىشى كىرەك.رەسىم:

تارىم تورى يازمىسى.
شنجاڭ تىلىۋىزىيە ئستانسى بۈگۈنكى سۆھبەت پىروگىراممسنىڭ ئالاھىدە مىھمىنى سۈپىتىدە زىيارەت قوبۇل قىلغان جۇڭگو شنجاڭ ئارمان مۇسۇلمانچە يىمەكلىك سانائەت چەكلىك شركىتى لىدىرى رادىل ئابلا ئەپەندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:ھازىر پۈتۈن دۇنيا مىقياسدا مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەرنىڭ ئۆلچىمى ‹‹ھالال››ماركىسى بىلەن ئۆلچنىدۇ،بۇ ماركا بىسلمىسا خەلقئارادا ‹‹مۇسۇلمانچە››ياكى ‹‹清真››دەپلا يېزىلىپ قويۇلغان خەتنى ئېىتىراپ قىلمايدۇ،شۇڭا شنجاڭمۇ خەلقئارا مۇسۇلمانچە يىمەكلىك ئېتىراپ گۇۋاھنامىسى بولغان ‹‹ھالال››ماركىسنى تارقىتالايدىغان بولۇش ئۇچۇن بىر ئشەنچىلىك ئاپپارات ئوتتۇرىغا چىقىشى،‹‹ھالال››يىمەكلىك ئۆلچىمىنى بىكىتىپ ئىلان قىلىشى كىرەك.
ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەك-ئىچىمىكىنىڭ ،مىللىيچە تائاملىرىنىڭ رەڭگى،قۇۋۋىتى،تارىخى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى.ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ جۇڭگودىلا ئەمەس،خەلقئارادىمۇ يۈكسەك ئىناۋەت ۋە ئىتىراپقا ئىرىشش سالاھىيتى ۋە ئورنى بارلىقى ،چوڭ سودا پۇرسىتى ئىلىپ كىلەلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.ئەمما ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى پۇرسەتنى جىددى تۇتۇشى كىرەكلىكى ھەققىدە جىددى ئۇچۇر بەردى.نىڭشيا ئۆلكىسنىڭ مۇسۇلمانچە يىمەكلىك ئېىتىراپ بەلگىسى ‹‹ھالال››خېتىنى ئالغانلىقى ،بۇنىڭدىن كىين شىنجاڭمۇ دەرھال مۇستەقىل ئالاھىدە ئۆلچەم قوللانمىسا،بۇ بەلگىنى ئىلىش ئۇچۇن نىڭشياغا بىرىشىقا مەجبۇر بولىدىغانلىقى،شۇلارنىڭ ئۆلچىمى بىردىنبىر ئۆلچەم بولۇپ قالىدىغانلىقىنى يەتكۇزدى.
ئۇ يەنە ئىتالىيە چۆپى ۋە پىسا قاتلىمىسنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇر تائامى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمنلەپ،ماركوپولو زىيارەت قىلىپ خوتەنگە كەلگەندە،قاتلىما ساتىدىغان ئۇيغۇر بوۋايدىن ماڭىمۇ بىرنى،ماڭىمۇ بىرنى بەر دىگەن،ئۇيغۇر بوۋاي :پشسا بىرەي ،پشسا –دىگەن.ماركوپولو ‹بۇنىڭ ئسمى پشسا››ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان،ئۆزىگە ياراپ قاراپ قالغان بۇ تاماقنى ئتالىيەگە ئاپارغان ،كىينچە ئسمى پسا بولۇپ قالغان.ئىتالىيە چۆپىنىڭ ئۇيغۇر لەغمىنىدىن ئۆزگەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئارمان شركىتىنىڭ تەرەققيات نىشانى ھەققىدە بەزى ئۇچۇرلارنى بەردى.
مەنبە :تارىم مۇنبىرى