لايىق ئىزدەش
قاراپ باقاي مۇنبەرلەرگە قىز بارمىكىن،
ماڭا ئوخشاش توي قىلمىغان يالغۇزمىكىن.
يالغۇز بولسا تونۇشۇپ قالساق دوس بولساق،
مەندەك غىرىپ ئاق كۆڭۈلگە تىگەرمىكىن.
بىر مىتىر ئاتمىش سانتا بويى بولسا،
ئۆي ئىشى ھەم تاماقلارغا ئۇستا بولسا،
گەپ سۆزلەردە مەن بىلەن ھەم تەڭ تۇرمىسا،
بۇ مۇنبەردىن شۇنداق قىزلار چىقارمىكىن.
ئىشتىن كەلسەم پىيالىگە لىق چاي تولسا،
سەھەرلىرى تاماقلىرىم تەييار بولسا،
خىزمەتلەردە مەن بىلەن ھەم بىرگە بولسا،
بۇ مۇنبەردە شۇنداق قىزلار چىقارمىكن.
ئۇزۇن بولغاچ توي قىلالماي قاتتى بۇ باش،
لايىقىم يوق يىگىرمىدىنمۇ ئاشتى ھەم ياش.
شۇڭلاشقا ئىچەلمىدىم ئىسسىققىنا ئاش،
بۇ مۇنبەردە ماڭا لايىق قىز بارمىكىن.
تەلەپلىرىم بەكمۇ ئاددى بەكمۇ قىسقا،
چۈنكى ئۆزۈم بەكمۇ ياۋاش بەكمۇ ساددا،
كۈنۈم ئۆتەر ھەجەپ تەستە بويتاقلىقتا،
بۇ مۇنبەردە ماڭا لايىق قىز بارمىكىن،
توي قىلىشقا جۈرئىتىمۇ ھەم بارمىكىن.
مەنبە : قەلىمىم