باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3977 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاياللار ئەرلەرگە دېسە قەتئىي بولمايدىغان ئالتە جۈملە سۆز
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 136
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە136دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-19 11:01

ئاياللار ئەرلەرگە دېسە قەتئىي بولمايدىغان ئالتە جۈملە سۆز

ئەسكەرتىش: بۇ يازما general تەرىپىدىن شىپاخانا بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-08-19)
  كونىلاردا: « يېمەكلىكنى قالايمىقان يەپ قويسىمۇ،گەپنى قالايمىقان دەپ قويماسلىق كېرەك.» دەيدىغان سۆزلەر بار،ئەگەر يېمەكلىكنى خاتا ياكى قالايمىقان يەپ قويسا ئازراق دورا يېسە ياكى دوختۇرغا بارسا بولىدۇ،لېكىن گەپنى خاتا ياكى قالايمىقان دەپ قويىدىغان بولسا ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس،بەزىدە كاللا كېتىشى،بەزىدە يۈز-ئابرۇي بىراقلا يەربىلەن يەكسان بۆلىشى ھەتتا بەزىدە ئادەتتىكى بىر ئېغىز گەپ بىلەن باشقىلارغا بىر ئۆمۈرلۈك ئازاب ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
      مۇھەببەت ۋە نىكاھنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇرۇشى پەقەت خانىم-قىزلارغىلا تۈگىمەس قايغۇ ھەسرەت ئېلىپ كەلمەستىن،ئەرلەرگىمۇ ئېغىر دەرد ئەلەم ئېلىپ كېلىدۇ.بەزى خانىم - قىزلار ئەرلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىدىن ئۇلارنىڭ ئازابلانغان،قايغۇرغان ھالىتىنى ئاسانلىقچە بىلەلمەيدۇ. شۇڭا بەزىدە ئەرلەرمۇ « يۈرىكىم يىغلايدۇ » دەپ قويىدۇ. نۇرغۇنلار نىكاھتىن ئاجراشقاندا ياكى مۇھاببەتتە ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ ئايرىلىپ كەتمەكچى بولغاندا ناھايىتى سەت گەپلەرنى قىلىشىدۇ. لېكىن ھەر قانداق گەپنى ئېغىزىمدىن چىقتى دەپ دەۋەرسە بولامدۇ؟ ئېسىڭىزدە بولسۇن تۆۋەندىكى يەتتە جۈملە گەپنى ھەرگىز ئېغىزىڭىزدىن چىقىرىپ قالماڭ،بولمىسا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئەرمۇ سىزگە بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىدۇ.
     1-جۈملە : سېنىڭ ماڭا بەرگۈدەك نېمەڭ بار ؟
       ئادەملەرنىڭ ماددىي نەرسىلەرگە بولغان ئېھتىياجى كۈنسېرى ئۆسۈۋاتقان،مال باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە بەزى خانىم-قىزلىرىمىز مودا قوغلىشىش،جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن بەزى ئارتۇقچە ماددىي نەرسىلەرنى ئېزىقتۇرۇشىدىن قۇتۇلالماي قېلىۋاتقان ئەھۋاللار مەۋجۇت. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ماددىي ئېھتىياجى قالدۇرۇلۇشقا ئېرىشەلمىگەن ۋاقىتتا، ھەمراھىدىن ئاغرىنىپ « سېنىڭ ماڭا بەرگۈدەك نېمەڭ بار ؟ باشقىلارغا بىر قاراپ باقساڭچۇ» دەپ سۆزلەپ قويىدىغان ۋاقىتلارمۇ بار. ئەگەر بۇ گەپنى دەپ قويسىڭىز ئۇ سىزگە بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىشى مۇمكىن،چۈنكى ئەرلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى،غۇرۇرى دەخلى-تەرىزسىزدۇر.
      2-جۈملە : سېنى تاللىغىنىم گۈلنى تېزەككە سانجىغاندەك ئىش بوپتۇ
       بەلكىم بۇ جۈملە ئەرلەر ئۈچۈن بەك چوڭ ھاقارەت بولۇشى مۇمكىن،سىزنى بىرى سەن بىر پارچە كالا تېزىكى دېسە ئاچچىقىڭىز كېلەمدۇ؟ غەزەپتىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بولامسىز؟ ئەگەر ئۆزىڭىزنى چىرايلىق گۈل دەپ ئويلاپ قارشى تەرەپنى تېزەككە ئوخشىتىپ رەنجىگەن بولسىڭىز خاتالاشقان بولسىڭىز،چۈنكى ھازىر مۇنداق بىر ئېغىز گەپ مودا : « گۈللەرنى تېزەككە سانجىغاندىلا ئاندىن قۇۋۋەت تېپىپ تېخىمۇ چىرايلىق ئېچىلىدۇ .»
       3-جۈملە : سەن ئەر كىشى ئەمەسكەنسەن
         «سەن ئەر كىشى ئەمەس» دېيىش بىلەن « سەن ئايال كىشى ئەمەس» دېيىش تەڭ دەرىجىدە،ھەر ئىككىلىسى ناھايىتى كۈچلۈك مەسخىرىگە تولغان. ئەرلەرنىڭ غۇرۇرى بەك كۈچلۈك بولىدۇ.شۇڭا ئالدىراپ بۇ گەپنى قىلماسلىق لازىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەركىشى بولمىسا ئۇنداقتا ئۇ زادى نېمە؟ سىز شۇنداق ئەر كىشى ئەمەس بىر نېمە بىلەن توي قىلغان ياكى ئارىلاشقانما؟ ئەگەر مۇنداق دېگىنىڭىز باشقىلار ئاڭلاپ قالسا ئەركىشى ئەمەس ئۆزىڭىزلا مەسخىرىگە قالىسىز،باشقىلار سىزنى ئەركەكلەردەك ئەرنى تاپالماي،شۇنچىلىك ئادەم تېپىپتۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
       4-جۈملە : ئاپاڭ ياكى ئاتاڭ ئادەم ئەمەسكەن
       قېينانا كېلىن مۇناسىۋەتنى ئەر-ئايالنىڭ نىكاھىنىڭ مۇھىم ھالقىلىرىدىن بىرى.ئەگەر سىز قېينانىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ ،ئۇنى ياخشى كۈتەلىسىڭىز ،ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز ياخشى بولسا كېيىنكى تۇرمۇشىڭىز خاتىرجەم،ئازادە ئۆتىدۇ. ئەكسىچە بولسا بەلكىم ئۇزاققا بارالمايسىلەر ياكى نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرايسىز. مۇشۇنداق مۇناسىۋەت ياخشى بولمىغان،قېينانا تەرەپتىن خاتالىق ئۆتكەندە،سىز ئالدىراپ ئاچچىقىڭىزغا پايلىماي جۈپتىڭىزنىڭ ئاپىسىنى شۇنداق سەتلەپ سالسىڭىز ئۆزىڭىزمۇ ئۇقمايلا بىرەر تەستەك ياكى بىرەر مۇش يەپ كېتىسىز،چۈنكى ئاجراشسا يەنە توي قىلسا بولىدۇ،لېكىن ئاتا-ئانىنى ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ.
      5-جۈملە : سەن ھېچ نەرسە ئەمەس
        سىزنىڭ ھەرقانچە كارامىتىڭىز، ياخشى خىزمىتىڭىز،باي ۋە قولى ئوچۇق ئاتا-ئانىڭىز... بولسىمۇ سىز بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان ئۇ كىشىنى مۇنداق دەپ ھاقارەتلىسىڭىز بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا سىز «ھېچنېمىنىڭ» بىرنېمىسى بولۇپ قالمامسىز. ئەگەر شۇنداق دېسىڭىز بەزى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرى كۈچلۈك ئەرلەر سىزدىن ئۆچ ئېلىشى،سىزنى چەكسىز ئازابلارغا مەھكۇم قىلىشى مۇمكىن.
      6-جۈملە : سەن بىلەن بىرگە بولغىنىمنىڭ ئۆزى بىر كۈلكىلىك ئىش
       مۇھەببەت ياكى نىكاھنى ئىككىڭلار ئۆز رازىلىقىڭلار بىلەن تاللىغان،ھېچكىم سىلەرنى مەجبۇرلىمىغان بولسا،ئەگەر سىزدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۆڭۈل قالمىغان بولسا،ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولسىڭىز چىرايلىق ئايرىلىپ كەتسەڭلار بولىدۇ،لېكىن ھەرقانداق مەقسەتتە ئىككىمىزنىڭ بىرگە بولۇشى ناھايىتى كۈلكىلىك بىر ئىش بوپتۇ دەپلا قويسىڭىز ئىشىڭىز چاتاق،چۈنكى ئەرلەر مۇنداق چاقچاقنى ھەرگىز كۆتۈرەلمەيدۇ. بۇ خۇددى ئۇنىڭ يۈرىكىگە پىچاق سانجىغاندەك ئىش.ئۇ سىزنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ.
               مەنبە:ئاياللار ژورنىلىدىن

باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+3(general) پايدىلىق تېم ..
  • دوستلىشىش
    كوكتالالىق
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 136
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە136دانە
    ئۆسۈش: 3750 %
    مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-06-16
    ئاخىرقى: 2011-09-09

    خىجىل بولماي پىكىر بەرسە بولىۋىرىدۇ.
    دوستلىشىش
    野花413
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8258
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 23
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە23دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 240 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-07-22
    ئاخىرقى: 2012-05-08
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-22 22:37

    ئەرلەر مەڭگۈ ئاياللارنىڭ باشپاناھى،باشقىلارنى ئەيىپلەشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزنى قارشى تەرەپكە قانچىلىك بېغىشلىيالىغانلىقىمىزنى دەڭسەپ كۈرىشىمىز كېرەك،مەيلى قانچىلىك كۈچلۈك (كەسپى،ئىقتىسادى جەھەتتە)ئايال بۇلۇشتىن قەتئىنەزەر ئەرلەر بىزنىڭ روھى ۋە جىسمانى جەھەتتە يۆلەنچۈكىمىز!
    ئانىلار ئايىقى ئاستىدا جەننەت
    دوستلىشىش
    dulbarqin310
    توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1208
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1208دانە
    ئۆسۈش: 570 %
    مۇنبەر پۇلى: 12873 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-31
    ئاخىرقى: 2012-05-09
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-24 12:25

    مەن قانداق ئىنكاس يېزىشنى بىلمەيلا قالدىما؟!
    دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
    ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3011
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 185
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە185دانە
    ئۆسۈش: 10 %
    مۇنبەر پۇلى: 1000 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-16
    ئاخىرقى: 2012-04-27
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-07 13:12

    بۇ خەنلەر گە ماس كىلىدىغان گەپلەردەك قىلىدۇ، بىزنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىمىز بۇنىڭدىن دەھشەت گەپلەرنى قىلىدۇ.