باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4499 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: شەھۋانى تور خۇمارلىقى ۋە قول بىلەن لەزەتلىنىش خۇمارلىقىدىن قۇتۇلۇش
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 136
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە136دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-18 11:21

شەھۋانى تور خۇمارلىقى ۋە قول بىلەن لەزەتلىنىش خۇمارلىقىدىن قۇتۇلۇش

مۇنبەداشلانىڭ سەمىگە
مەن بۇ تېمىنى باشقا بىر تور بەتتىن كۆرۈپ،بۇ تېمىنى باشقا مۇنبەرلەرگە يوللاش توغۇرلۇق نۇرغۇن ئويلاشتىم،ئاخىرى يوللاشنى قارار قىلدىم.مۇنبەرداشلارنىڭ بۇ مەزمۇنلارنى ئوقۇۋىتىپ مۇشۇنداق چۈكۈنە نەرسىلەرنى يوللىغان بارمۇ دەپ قىلىشى مۈمكىن.لېكىن ئاز بىر قىسىم كېشىلەردە مۇشۇنداق بولمۇغۇر، ئىللەتلەر بار.بۇلارنىڭ بۇ ھەركىتى ئۇلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى ھەم ئەڭ مۇھىمى ئۆزلىرىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.بۇنداقلارنىڭ بالدۇراق ھوش-كاللىسىنى يېغىۋىلىشى ئۈچۈن تەربىيە ئەھمىيىتى بولۇپ قالارمىكىن دەپ يوللۇدۇم.توغرا چۈشۈنىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
                                         ئالىبابا

شەھۋانى تور خۇمارلىقى ۋە قول بىلەن لەزەتلىنىش خۇمارلىقىدىن قۇتۇلۇش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادىرىم، بويتاقلىق زېرىكىشلىك تۇرمۇش پىسخىكىڭىزدا بەزى بىر نۇرمالسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتامدۇ؟سىزخىلىدىن بىرى شەھۋانىي مەزمۇندىكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈشكە خۇمار بولۇپ قېلىۋاتامسىز؟ئانانىزىمغا ئۈگۈنۈپ قىلىش سەۋەبلىك روھىيتىڭىزنى پەيمان قىلىشتىن باشلانغان ئېغىر دەرىجىدىكى خورىتىش ئەرلىك جاسارىتىڭىزنى، بىر ئائىلىگە باش، تۈۋرۈك بولغۇدەك مەزمۇت قەدەملىرىڭىزنى ھالسىرتىپ قويغاندا زەئىپلىك، ئىمكانسىزلىقنىڭ بىر ئەركەك ئۈچۈن نەقەدەر ئېغىر خورلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتامسىز؟!!! دۇرۇس، بۇ ھەقتە ئارتۇق سۆز ئاچمىساقمۇ، شۇ كەچمىشلەرگە ئىشتىراك ئەتكەن ئىكەنسىز-نېمە دېمەكچى بولغىنىمىز ئاللىقاچان كۆڭۈل ئىكرانىڭىزدا زاھىر بولۇپ بولدى. تىنىمسىز سوقۇۋاتقان يۈرىكىڭىزنى جىمجىت ئولتۇرۇپ تېڭشاپ ئۆزىڭىزدىن قانچىلىك يىراقلاپ كەتكەنلىكىڭىزگە  ئەستايدىل قاراپ بېقىڭ! ئاندىن ئاياللارغا قاراڭ، كۆزلەردىكى ئۈمۈدسىزلىك كىشىنى ئىچىندۇرىدۇ. ئەنە شۇ سىھىرلىك، تىنىق كۆزلەر ئۆزىنى خورلاش كېسىلىگە گېرىپتار بولغان ئەركەكلەرگە شۇنداق نىدارلار قىلىۋاتىدۇكى-ئەييۇھانناس، تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ!
ئانانىزىمدەك بولمىغۇرلۇقلار بىلەن ئەرلىك ھاياتى كۈچىڭىزنى بىر پۇل قىلىپ سۆلىڭىز قالمىغاندا بىر ئۆمۈر خىزمىتىڭىزنى قىلىدىغان، سىزگە بارلىقىنى، مۇھەببىتىنى بېغىشلايدىغان ئايالىڭىزغا ئېغىرىڭىزنى سىلىپ گاھى ئىچىڭىزگە تىنىپ زەئىپانا بۇرۇقتۇرما بولۇپ يۈرسىڭىز، گاھى سەپرالىشىپ ئۇرۇشۇپ يۈرسىڭىز - قېنى سىزدىكى ئەرلىك كامالەت، ئۇرغۇپ تۇرغان قۇۋۋەت، ئوتلۇق مۇھەببەتلەر؟ قېنى سىزنىڭ ئايالىڭىز ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت، ئۇماق پەرزەنتلىرىڭىز ئالدىدىكى سۈلكىتىڭىز؟!!!
ئاياللىرىڭلارنى ئۇنداق تاشلاپ قويماڭلار، بىچارە مەزلۇمە سۈيى يوق كۆلدەك قاغجىراپ يېرىلىپ ئۆتۈپ كەتمىسۇن،ئۇنىڭمۇ ياشلىق گۈللىرى تولۇق پورەكلىسۇن، كۈچتۈڭگۈر، پالۋان كەبى ئەرلىرىدىن زوقلىنىپ، پەخىرلىنىپ ياشىسۇن!!!باغرى قانسۇن!!ئەگەر سىزدە ئەنە شۇ تور خۇمارى ھەم ئانانىزىم خۇمارى روھىيتىڭىزنى ئۆز چاڭگىلىغا ئىلىۋالغان بولسا چوقۇم پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا ئىزدەۋاتقان بولىشىڭىز مومكىن. تۆۋەندە «شەھۋانى تور خۇمارلىقى ۋە قول بىلەن لەزەتلىنىش خۇمارلىقىنى داۋالاشنىڭ ئىسلامدىكى كۆرسەتمىسى» دېگەن سۆھبەت مەزمۇنى ئۆزىڭىزنى تېپىۋېلىشىڭىزغا ئازدۇر-كۆپتۇر ھەمدەم بولغۇسى
______________________________ بىرزات
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئالىملا، مەن يېقىندا ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان ئىدىم. ئۆزگەرگەندىن كىيىن ئىش- پائالىيەتلىرىمنى ھەر جەھەتتىن ئىزچىل ئىسلاھ قىلىپ كىلىۋاتىمەن. ئۆزۈمنى شەھۋانىي نەرسىلەرنى كۆرۈش ھەم ئانانىزىمغا خۇمار بولۇپ قالغىنىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا ياخشى ئادەم دەپ قارايمەن. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئىسلامدا قانداق داۋالاش كۆرسەتمىسى بار؟ ئاللا ئەجرىڭلارنى بەرگەي!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
مىھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن.
بارلىق گۈزەل ماختاش ۋە تەشەككۈرلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقىلا خاستۇر ، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە دۇئايى-سالاملار بولسۇن!
ھۆرمەتلىك قىرىندىشىم ، ئىسلامغا كىرگەنلىكىڭىزنى قۇتلۇقلايمىز! بىزگە ئىشەنچ باغلاپ سۇئال سورىغانلىقىڭىزغا رەھمەت. قۇدرىتى چەكسىز ئاللاھتىن ئىشلىرىمىزدا خالىسلىق ۋە پەقەت شۇ ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئەينەن ئىجرا قىلىشىمىزغا ياردەم قىلىشىنى تىلەيمىز!
پاكىز ۋە مۇقەددەس روھىيتىڭىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ، ئۆزى ئىنتايىن خەتەرلىك بولغان بۇ يامان ئادەتكە خۇمار بولۇپ قالغىنىڭىزدىن باشلاپ مەنىۋىيتىڭىزگە بېسىپ كىرگەن ئۇ ناچار ئادەت سىزنى ئۆز- ئۆزىنى ھالاك قىلىش يولىغا باشلايدۇ. سىز بۇ ئادەتنىڭ زېيىنىنى تونۇپ يەتكىنىڭىزدە ئەڭ يۇقۇرى چەكتىكى ئىرادە كۈچىڭىزنى ئىشقا سىلىپ شۇ يامان ئادەت خۇمارىنى قايتا ئەسلىتىدىغان بارلىق ئىھتىماللىقلاردىن يىراق تۇرۇشىڭىز ھەمدە ئۈزۈل-كېسىل قول ئۈزۈشىڭىز كېرەك!
بۇنىڭ ئۈچۈن (بۇ خىل ئادەتلەرنى تاشلاش ئۈچۈن) سىز مۇشۇ ساھەدە پىشقان، تەقۋادار مۇسۇلمانلاردىن بولغان كەسپى مەسلىھەتچى ياكى پىسخىك دوختۇر ئىزدەپ تېپىشىڭىز زۆرۈر. بۇنداق كىشىلەرنى تاپالمىغاندا ئەخلاق جەھەتتە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ۋە ئەھمىيەت بېرىدىغان كىشىلەرنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ سىزنىڭ ئاشۇ ناچار ئادەتتىن قول ئۈزۈشىڭىزدە تولىمۇ مۇھىم. سىزدىكى بۇ يامان ئادەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس بولۇپ، بۇلار شەك-شۈبھىسىزكى سىزنىڭ روھىيىتىڭىزنى چىرىتىپ، مەنىۋى دۇنيارىڭىزنى ھالاك قىلىدۇ.
بۇ ئادەتلەر خاراكتىرى جەھەتتىن ئېيتقاندا خۇمار خاراكتىرىنى ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈپ ماھىيىتى گۇناھ يولى بىلەن جىنسى جەھەتتە ئۆز-ئۆزىنى خۇشال قىلىشتىن ئىبارەت.
خۇددى ئەل-بۇسىرى ئېيتقاندەك، «جىنسىيەت خۇددى بىر بوۋاققا ئوخشايدۇ؛ ئەگەر ئۇنىڭغا سەل قارىسىڭىز، ئۇمۇ خۇددى ئانا سۈتىگە قانغاندەك ئىزچىل چوڭىيىدۇ؛ ئەگەر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسىڭىز، ئۇ ھەم سىزدىن ئايرىلىدۇ».
تۆۋەندە سىزگە ياردەم سۈپىتىدە بىر قانچە تۈرلۈك تەكلىپ بېرىمەن:
1.توختىماستىن بۇ قەبىھ گۇناھنىڭ پەسكەشلىكىنى خىيالىڭىزغا كەلتۈرۈڭ ۋە ئويلاڭ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ كالامى «قۇرئان كەرىم» دە ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدە تەسۋىرلەنگەن دوزاخ ئوتى ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. تاكى سىز توردىن شەھۋانىي نەرسىلەرنى كۆرمەكچى بولغىنىڭىزدا ياكى شۇنداق مەزمۇندىكى ژورناللارنى ئوقۇشقا تەمشەلگىنىڭىزدە دوزاخ ئوتىنىڭ سىيماسى سىزنىڭ كاللىڭىزدا ئەكس ئېتىدىغان بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، سىز بۇ خۇمارىڭىزدىن ھوزۇرلانغان ۋاقتىڭىزدا يەنە بىر خىل يوشۇرۇن ئازاپ ھېس قىلىدىغان بولسىىز.
2.بۇ خىل ناچار ئادەتنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى كۆرسىتىش ، بۇنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىگە ئائىت بارلىق بايانلارنى تىزىپ چىقىشقا ئوخشاش كۆپ خىل چارە- ئاماللاردىن پايدىلىنىپ، بۇ خەتەرلىك ئۆسمىدىن قۇتۇلۇشنىڭ سىز ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىگە ئۆزىڭىزنى قايىل قىلىڭ. شۇنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭكى، بۇ نىجىس ئىللەت سىز ئۈچۈن تېنىڭىزغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئۆسمىدىنمۇ خەتەرلىك. چۈنكى، تېنىڭىز يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ چىرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ روھىڭىز يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
3.مۇشۇ پەسكەش خۇمار بىلەن قەبىھ گۇناھقا شېرىك بولۇپ ئالەمدىن ئۆتسىڭىز، ئۇ ئالەمدە قانداق يامان ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ.
4.چىن ئىخلاسىڭىز بىلەن ئاللاھتىن ياردەم ۋە كۈچ- قۇۋۋەت تىلەڭ. بىراق، ئۆزىڭىزنىڭ مۇنتىزىم تائەت-ئىبادەتلىرى ئارقىلىق ئاللاھ بىلەن ئۆزىڭىز ئارىسىدا رىشتە باغلىمىغۇچە ئاللاھتىن ياردەم تەلەپ قىلالمايدىغانلىقىڭىزنى ئەستە چىڭ تۇتۇڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن تائەت-ئىبادەتلەردە ھەرگىز بوشاڭلىق قىلماڭ.
5.كۈندىلىك پائالىيەتلىرىڭىزنى شۇنداق تەرتىپلىك، زېچ ئورۇنلاشتۇرۇڭكى ئۇ ئىشلارنى ئويلاشقا ۋاقتىڭىز چىقماي قالسۇن! ئىمام شافىئىي مۇنداق ئېيتقان ئىكەن: ئەگەر سەن كاللاڭنى ياخشى ئىشلار بىلەن توشقۇزمىساڭ نەپسى-شەھۋىتىڭ سېنى يامان قىلىق ، ئىش پائالىيەتلەر بىلەن ئالدىراش قىلىۋېتىدۇ.
6.ئەتراپىڭىزدا ئىسلام مۇھىتى بەرپا قىلىڭ ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن چۆكۈڭ.
7.ساۋاپلىق (ياخشى) ئىشلارنى قىلىش بىلەنلا ئالدىراش يۈرىدىغان تەقۋادار مۇسۇلمانلارغا داۋاملىق يېقىن تۇرۇڭ. ئىسلام ئۆگىتىش بىلەن بىرگە روھنى چېنىقتۇرىدىغان ئۆگىنىش سورۇنلىرىغا كۆپ قاتنىشىڭ.
8.قەتئىي بىر قارارغا كېلىڭ ۋە تۆۋەندىكى زىكرىنى (ئاللاھنى ياد ئېتىش) تىلىڭىزدىن چۈشۈرمەڭ:
سۇبھاناللاھ، ۋەلھەمدۇلىللاھ، لائىلاھە ئىللەللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋەلاھەۋلە ۋەلاقۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ، ئەستاغفۇرۇللاھ ئەلئەزىم، مىن كۇللى زەنبىن ۋە ئاتۇبۇئىلەيھى. (ئاللاھنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، جىمى ھەمدۇساناھ ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ئەڭ ئۇلۇغ، بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوقتۇر، بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت ئاللاھقىلا خاس، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمىزكى ئاللاھتىن باشقا ھېچ بىر مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ ھەمىشە تېرىكتۇر، مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر).
9.بۇ يامان ئادەتتىن قۇتۇلغاندا توي قىلىش ھەققىدە چوقۇم ئەستايىدىل ئويلىنىڭ، نىكاھ بۇ ناچار ئىللەتنىڭ قايمۇقتۇرىشىدىن ساقلايدىغان ئەڭ ياخشى قالقاندۇر.
شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ بىزلەرنى رەزىل ھەۋەسلەردىن يىراق قىلىپ روھىمىزنى پاك قىلغاي! بىزلەرنى كۇپۇرلۇقتىن، مۇناپىقلىقتىن ۋە گۇناھلاردىن ساقلىغاي! چىن ئىتىقادىمىز ۋە ياخشى ئەمەللىرىمىز بىلەن ئۇنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولغىلى نىسىپ قىلغاي، ئامىن!

تەرجىمىدە : مايسەم ، بىرزات قاتارلىقلار.
بۇ ھەقتە تورداش دىلارەنىڭ ئىنكاسى:
كۆپىنچە كېسەللىك مىكروپتىن كېلىپ چىقىدۇ. كېسەل بولماي دېگەن كىشى شۇڭا مىكروپتىن ئۇزاق تۇراي، پاكىزە بولاي دېگىنى تۈزۈك. كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن ھەر ھارام ئىشنى كۆزىمىزدىكى ئاپارات رەسىمگە تارتىپ، مېڭىمىزدىكى "قاتتىق دىسكا" ئىچىدە خاتىرلەپ ساقلايدۇ. رەسىمى تارتىلغان بۇ ھارام كۆرۈنۈش بىر مىكروپقا ئوخشايدۇ، مەنىۋىيىتىمىزدە مۇشۇنداق مىكروپلار يىغىلغانسىرى، مەنىۋىيەت ئېغىر كېسەل بولىدۇ، ساغلاملىقتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇڭا چوڭلار "ئېغىز زىناسى" (شەھۋانىي ھارام گەپلەر قىلىش)، "كۆز زىناسى (نامەھرەملەرگە قاراش)، "قۇلاق زىناسى" (شەھۋانىي ھارام گەپلەرنى ئاڭلاش)تىن يىراق بولۇشنى تەكىتلىگەن. قۇرئاندا زىنا ھارام قىلىنغان ئايەتتە: "زىنا قىلماڭلار" دېيىلمىگەن، بەلكى، "زىناغا يېقىن كەلمەڭلار!" دېيىلگەن. شۇڭا كىشىنى "زىناغا يېقىن ئەكىلىپ سېلىش ئېھتىمالى بولغان بارلىق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش" ئەقەللىي مۇسۇلمانلىق ئۆلچىمىدۇر. جەننەت دېگەن ئاسان قولغا كېلىدىغان نەرسە ئەمەس، مۇشۇنداق نەپسىمىزگە چىرايلىق كۆرۈنگەن نۇرغۇن گۇناھلاردىن قول ئۈزۈپ، بەدەل تۈلىگەندە ئاندىن ئېرىشكىلى بولىدۇ ئۇنىڭغا......
 

       مەنبە:http://www.hasrat.cn

ئى ئاللا بىر سلگە ئىبادەت قىلمىز ۋە بىر سلدىن ياد ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3898
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1220
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1220دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 7230 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2012-08-23

ياخشى تېما ئىكەن ، كىسەلنى يۇشۇرساڭ ئۈلۈم ئاشكارە دىگەن راس گەپ  ،ئاللاھتىن بۇ پىسخىكىلىق كىسەلدىن پانا تىلەيمەن
adasdsadas
ئاللاھنىڭ قۇلى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1442
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 805
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە805دانە
ئۆسۈش: 730 %
مۇنبەر پۇلى: 8884 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-08-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-19 01:18

ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ تىنىنى سالامەت ئىمانىنى كامىل قىلىپ بەرگەي  
ئاللاھقا شۇكرى....مەن تىرىشىمەن
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8760
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 201
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە201دانە
ئۆسۈش: 1490 %
مۇنبەر پۇلى: 2351 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-27
ئاخىرقى: 2012-07-08
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-22 19:30

بەك كاتتا تىمىكەن رەھمەت ........
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9142
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-02
ئاخىرقى: 2011-10-02
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 16:58

يھشھ ۇيەۇر
دوستلىشىش
ئىزھار1
كۆپ كۈلۈش قەلىبنى ئۆلتۈرىدۇ
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8187
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 187
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە187دانە
ئۆسۈش: 440 %
مۇنبەر پۇلى: 2270 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2012-08-28
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 19:21


يا رەپ ئۈزۈڭ ساقلا ، ئۈزۈڭ قوغدا !
دۈشمەننىڭ پىلانى بۇيىچە ئىش قىلىپ  دۈشمەننىڭ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بۇلۇش نىمە دىگەن دانالىق ھە !
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9146
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-02
ئاخىرقى: 2011-10-02
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 20:36

بۇ رەزىل قىلمىشنىڭ ئىنسانغا قايسى تەرەپلەردىن زىيىنى بار تەپسىلى ئىنىق جاۋاپ بەرگەن بولساڭلار ؟
بۇنىڭغا بىر دوستۇم مۇپتىلا بولغانلىقىنى يىقىندا بىلدىم ؟
دوستلىشىش
رەھمۇتىللا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9147
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-02
ئاخىرقى: 2011-10-02
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 23:27

مۇشۇنداق تىمىلار كۆپ بولسىكەن دەيمەن
دوستلىشىش
رەھمۇتىللا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9147
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-02
ئاخىرقى: 2011-10-02
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 23:31

بىزگە لازىمى ساغلاملىق ناپاكلىق ئەمەس  لىكىن ھازىر ئەتراپىمىزدا يۇقارقى ئىللەتلەر گۇنا بولماي قالدى  مىنىڭ ئىچىم بەك سىقىلدۇ قاراپ تۇرۇپ خەقنىڭ خوتۇنىغا چاڭ سالدىغان  ،ئۆز تىنىنى ساتىدىغان قىلمشلار ئىنتايىن كۆپ
دوستلىشىش
ئۇزتۇرۇك
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8987
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 29
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 290 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-17
ئاخىرقى: 2012-06-25
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-04 12:16

ئاللا ساقلىسۇن ئۇنداق رەزىل ئىشتىن نىرى تۇرۇڭلار قىرىنداشلار