باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 787 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر ››رومانىنىڭ پەلىسەپەۋى مۇۋەپپەقىيىتى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 95
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
ئۆسۈش: 982 %
مۇنبەر پۇلى: 1000 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-04
ئاخىرقى: 2012-04-23
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-18 02:26

پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر ››رومانىنىڭ پەلىسەپەۋى مۇۋەپپەقىيىتى

‹‹پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر ››رومانىنىڭ

پەلىسەپەۋى مۇۋەپپەقىيىتى

ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەر تۇرا

تالانىتلىق ياش شائىر ۋە يازغۇچى باتۇر روزىنىڭ ‹‹پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر ››رومانى (1ـ قىسىم ) نەشىردىن چىققىلى ئازغىنە كەم ئىككى يىل بولۇپ قالدى .بىزدە بۇ ئەسەرنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغانلار ھەقىقەتەن كۆپ بولدى ، ئەمما بۇ ھەقتە لىللا تۆت ئېغىز گەپ قىلىپ ماقالە يازىدىغانلار ئاساسەن يوق بولدى . دەرۋەقە ،ئەدەبىيات ھادىسلىرىگە نىسبىتەن ئوبيېكتىپ باھا بېرىشنى ئۆزىگە مىزان قىلغان تەنقىدچىمىز كېرىمجان ئابدۇرەھىمنىڭ بۇ روماننى ‹‹ 20- ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يۈز مەشھۇر ئەسەر تىزىملىكى››دە 9ـ رەتكە تىزغىنى ، رومان ھەققىدە ئۆتكۈزىلگەن تېلېۋىزىيە مۇھاكىمە يىغىنىدا ئاتاقلىق مۇھاكىمىچى ئەدىپ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مەزكۈر ئەسەرنىڭ پەلسەپىۋى مۇۋەپپىقىيىتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ مۇئەييەنلەشتۈرۇپ لىللا تۆت ئېغىز گەپ قىلغىنى ، داڭلىق ياش يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ بۇ ئەسەر ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ قورقۇمسىز روھىنىڭ يىڭىۋاشتىن تارىخ سەھنىسىگە چىققىنىغا خوش بولغىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ، بۇ يىرىك بىر نادىر ئەسەر ھەققىدە ئوبزورچىللىرىمىز ئاساسەن ھېچنىمە دېمەي ئۆتۈپ كەتتى .ئەدئبىي تەنقىتىچىلىكىمىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق ئۇتۇق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقاشنىڭ ھۆددئىسدىن ئۇدا چىقالماي كېلىۋاتقىنى بىر ئاچچىق پاكىت . بىراق ، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا خېلىلا جانلىنىۋاتقان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزگە نىسبىتەن ئېيىتقاندا ، ‹‹ پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر ›› رومانىدەك كۈچلۈك ئىزلىنىش روھى بىلەن تويۇنغان ۋە كىتاپخانلىرىمىزنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغان بىر نادىر ئەسەر ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلماسلىقى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان ھادىسە.

‹‹پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر ›› رومانى ھەققىدە مەيلى بەددىئىيلىك ،مەيلى پەلسەپىۋىلىك ، مەيلى ئۆزىدە ئىلگىرى سۈرىلگەن ئېتىكىلىق غايە نوقتىسىدىن كۈزەتكەندە بولمىسۇن ، قوۋۇزىمىزنى توشتۇرۇپ تۇرپ بىزدە خېلىدىن بېرى يېزلىۋاتقان رومانلارنىڭ ئالدىدا ، ياكى قاتارىدا تۇرۇدۇ ، دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز .چۈنكى ، ئىلگىرىكى تارىخى رومانلىرىمىزدا رومان قەھرىمانلىرى روھىدا پەقەت ھېسسىيات بىرلەمچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپلا چىقاتتى ،ئۇلار بىر خىل قاراملىق بىلەنلا ھەممنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ ، دەپ قارايتى . ئۇلار قىينچىلىقلار ئالدىدا ئۆزىگە ئەمەس ، ،بەلكى باشقىلارنىڭ سايىسىگە ئايلىنىپ قالاتتى ، يەنى ئۆزىگە خاس مۇستەقىل تەپەككۈر ئاساسىدا پىكىر يۈرگۈزەلمەيتى .ئۆز تەقدىرى ھەققىدە مۇستەقىل ھۆكۈم چىقىرالمايتتى ، ئۇلار روماندا باشتىن - ئاخىر روھىي جەھەتتىن تامامەن مۇنقەرىز قىلىنغان ھالەتتە ھەركەت قىلاتتى . كىتاپخانلىرىمىزنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغان تارىخى رومانلىرىمىزدا ، بىزگە تولۇق ئۆزلۈك ئېڭى ئويغانغان مۇكەممەل پېرسۇناژ ئوبرازلىرى  كەم ئۈچرىدى .بىر قىسىم تارىخى ئەسەرلەر ھەقىقەتەن خەلقىمىزنى بىر مەھەل ئىپتىخارلىق ھېسىياتىغا چۆمۈلدۈردى .ئۇلارنى ئالدى بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرىمىز  . بىراق ، سېلىشتۇرمىغۇچە پەرىقنى تاپقىلى ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى بايقىغىلى بولمايدۇ .بۇ دۇنيادا خەلىقىمىز قانچە ئالقىشلىغان بىلەن ،بىر قىسىم تارىخى ئەسەرلەرنى يەنىلا كەم - كۈتسىز ئۇتۇقلۇق چىققان ئەسەرلەر دەپ كەتكىلى بولمايدۇ . ئەگەر مەسىلىگە مۇشۇنداقلا قارالسا ،ئەدەبىياتىمىزنىڭ كېيىنكى تەرققىياتىدىن ئېغىز ئېچىشمۇ مۆمكۈن بولماي قالىدۇ .چۈنكى ،ئالدىنقىلار ياراتقان ئەدەبئي ئەسەرلەر كالتە پەملىك بىلەن تولۇق ئۇتۇقلۇق چىققان ئەسەرلەر دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە ،ئاتلاپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر - بىرىدىن ئېگىز داۋانلار ساقلاپ تۇرغان ئەدەبىياتىمىزنىڭ كېيىنكى مەنزىلى خىرەلىشىپ قالىدۇ - دە ، كېيىنكى ئەدىپلەرگە ئەدەبىياتىمىزدا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك ھېچقانداق نەرسە قالمىغان بولۇپ چىقىدۇ . بىراق ، ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس . خەلىقىمىز شاھانە ئەسەرلەر دەپ تونىۋاتقان بىر قىسىم تارىخى ئەسەرلەردە ئاقىلانە تەپەككۇر قىلشقا تولۇق يۈزلەنگەن ، ئۆزلۈك ئېڭى تولۇق ئويغانغان ،ھېچ بولمىدى دېگەندىمۇ ‹‹مەمەت ئاۋاق ›› قا پەنجە ئۇرالايدىغان يىرىك بەدىئي تىپلارنىڭ بولماسلىقى ھەقىقەتەن بىر پاجئە . بۇ ئەسەرلەردە خەلىقىمىزگە چىقىش يولى كۆرسۈتۈپ بېرەلەيدىغان  ،مۇستەقىل مىللىي تەپەككۈر ئەنئەنىسى بىلەن جانلىنىپ تۇرغان يەنە بىر يوشۇرۇن قاتلام پاجئەلىك رەۋىشتە كۆمۈپ تاشلانغان .ئىگىرى يېزىلغان تارىخىي رومانلىرىمىز كۆپرەك مۇھىم تارىخىي تېمىلارنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى ئۈچۈن خەلىقىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى . ئاپتورلارمۇ تارىخنىڭ يۈزەكى قاتلاملىرىدىكى ھادئسەۋى دولقۇنلارغا سادىقلىق بىلەن ئەگەشتى .بىراق ، باتۇر روزى ئۇنداق قىلمىدى .روماندا ئادىل ھوشۇر ۋە ئۇنۇڭ دارۋاز ئەجداتلىرىنىڭ  ھاياتى باتۇر روزىنىڭ قەلىمىگە خاس بولغان بىرخىل ئىجادىي ئۆزگۈچۈلىك بىلەن بىز پۈتۈنلەي كۈتمىگەن بىر نوقتىدىن ، باشقىچە بىر تەرىزدە ئاجايىپ بىر جانلىق يورۇتۇپ بېرىلدى . باتۇر روزى تارىخنىڭ يۈزەكى قاتلاملىرىنى سادىقلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرشتىن ئىبارەت پاسسىپ ئىجادىيەت مېتودىنى دادىللىق بىلەن چۆرۈپ تاشلىغان ھالدا ، تارىخنىڭ ماھىيەتلىك قاتلاملىرىغا شوڭغۇپ كىرىپ ،ئۆزىگىچە بىر خىل بەدىئىي تارىخنى يارتتى . چۈنكى ، بۇ ئەسەردە باتۇر روزى ئادىل ھوشۇر ۋە ئۇنىڭ دارۋاز ئەجداتلىرى ھاياتىغىلا تايىنىپ قالماي ، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدىكى  چوڭقۇر ئويلىنىشلىرىنى ،ئۇيغۇر پەلسەپەسى ھەققىدىكى جانلىق مۇھاكىمىللىرىنى پېرسۇناژلار ئوبرازىغا ئىجادئىي تەدبىقلاپ ماڭالىغاچقا ،ئەسەردە ئادىل ھوشۇر ۋە ئۇنۇڭ دارۋاز ئەجداتلىرى ئوبرازى ئۇيغۇرلاردىكى بارلىق ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكلەرگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتنىڭ ئانا تىپىنى ۋە يېگانە ئەۋەزللىكىنى ئۆزىدە گەۋدىلەندۈرگەن . تىپىك ئۇيغۇرچە تەپەككۈر بىلەن قۇراللانغانلىقى بىلەن ھەقىقىي مىللىي تىپ دەرجىسىگە كۆتۈرۈلگەن يارقىن ۋە جانلىق بەدىئىي ئوبرازلارغا ئايلىنىپ توختىدى .بىز ئەدەبئىي تەنقىدچىلىكتە خەلىقنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغايدىغان قىززىق نوقتا تېمىللىرىغا ئۆلۈك ھالدا تايىنىپ قېلىش بىلەن ئۇنىڭدىن ئىجادىئىي پايدىلىنىش ئوتتۇرسىدىكى ھەقىقىي تالانىت تەلەپ قىلىدىغان نازۇك پەرقنى سەگەكلىك بىلەن بايقىشىمىز لازىم . بۇ جەھەتتە باتۇر روزىنى ئەدەبىياتىمىزدا بىر ياخشى ئۈلگە ياراتتى دېمەي تۇرالمايمىز . ‹‹پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر ›› رومانى رومان تىلىنىڭ خەلق تىلىغا يېقىنلىقى  ، پېرسۇناژلار ئارسىدا قارا تۈرۈك خەلق تىپىنىڭ ئىگەللىگەن سالمىقى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ‹‹ئىز ›› ،‹‹ئويغانغان زىمىن ››... رومانلىرى ئالدىدا خېلى ئەپچىل پىستان چاقماي قالمايدۇ . بىراق ، ئۆزلۈك ئېڭى ئويغانغان بەدىئىي تىپلار ۋە ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان مىللىي پەلسەپە روھى بۇ ئەسەرنى ئىلگىرى پىروزىمىزدا كەم بولغان مۇھىم بوشلۇقلارنى تولدۇرغان بىر نادىر رومانغا ئايلاندۇرۇپ توختىغان . بىزدە ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ‹‹بىرىنچى تامچە قان ›› فىلىمىنى كۆرگەنلەر خېلى جىق .فىلىمدىكى باش قەھىرمان رامبو قىينچىلىق ئالدىدا يېڭىلمەس ئىرادىگە ئىگە ،ئۇنىڭ روھىدىن ھەقىقىي ئىنسانغا خاس ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ . ئۇنىڭ روھىدا ئىرادە ، تەپەككۇر ،ھېسسىيات ،ئەقىل تەڭ ھەركەت قىلىدۇ .ئۇ مۇستەقىل روھقا ئىگە . ئۇنۇڭدا كەمچىلىكمۇ بار ،ئارتۇقچىلىقمۇ بار ،نادانلىقمۇ بار ، دۆتلۈكمۇ بار ،ئۇ ھەم ئىنسانىيەتنى قوغدۇغۇچى ، ھەم شەخسىيەتچى ؛مانا بۇ ھەقىقئي ئىنساننىڭ تەبىيىتى  .شۇڭا رامبو  ئوبرازىنىڭ تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ھېچنىمە توغرا كەلمەيدۇ .ئىنسان مۇكەممەل ئەمەس ، بىزنىڭ بۇرۇن يېزىلغان رومانلىرىمىزدا ئىجابىي پېرسۇناژلارنىڭ ئىجابىي تەرىپى يۈز پىرسەنىتىكە ئاپىرىۋېتىلگەن ، سەلبىي پېرسۇناژلارنىڭ سەلبىيلىكىمۇ يۈز پىرسەنىتكە يەتكۈزىۋېتىلگەن  ، بۇنداق  ئىجادىيەت خاھىشى ناھايىتى ئەدەپ كەتكەن بولۇپ ، بۇ بىزنىڭ بۇرۇنقى پىروزىچىلىقىمىزدا ساقلىنىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىر ئىدى .بىراق ، ‹‹پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر ›› رومانىدا بۇنداق خاھىشقا ئۈزۈل - كېسىل يول قويۇلمىغان ، روماندىكى روشەن ئۆزگۈچىلىكلەرگە ئىگە بولغان پېرسۇناژلار ئوبرازى ، بۇ ئەسەرنى بەدىئىي دىت جەھەتتىن ئەنئەنىۋى رومانچىلىقتىن خېلىلا ھالقىتىۋەتكەن .‹‹ پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر ›› رومانىدىكى ئىسمايىل ھاجى ، توختى ، روزىلارنىڭ تۇراقسىز روھىي دۇنياسىدا كۈلكە بىلەن يىغا ،خوشالىق بىلەن خاپىلىق ، ئەخلاق بىلەن ئىشرەت ، ياشاش ئىستىكى بىلەن ئۆلۈم ۋەھىمىسى ، بىر - بىرىگە زىچ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەچكە ، كىتاپخانلارنى باشتىن - ئاخىر تىراگىدئيىلىك يېتىلىش باسقۇچىغا سۆرەپ كىرىپ ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا زىلزىلىلىك يىمىرىلىشنى پەيدا قىلىدۇ .

ئاپتور ‹‹پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر ››رومانىنى باشقا ئاپتورلاردىن پەرقلىق ھالدا ئۆزگىچە بەدىئىي قۇرۇلمىغا ئىگە قىلغان .ئادىل ھوشۇرنىڭ داردىن يىقىلىپ چۈشكەن چاغدىكى كېسەللىك روھىي ھالىتى ،شۇ چاغدا كۆرگەن چۈشلىرى ،سۈرگەن خىياللىرى بىزگە روشەن چىنلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ .ئەسەردا ئادىلنىڭ كېسەللىك روھىي ھالىتى بىلەن رومان  ۋەقەلىكى باشتىن - ئاخىر ئۆتۈشمە ھاسىل قىلىدۇ .بۇ خىل ئۆتۈشمە ھاسىل قىلغان بەدىئىي قۇرلما ئىچىدە ئاپتور ئادىل ھوشۇرنۇڭ دارۋاز ئەجداتلىرىنىڭ جاھانكەزدىلەرگە خاس تەۋەككۇلچىلىق بىلەن تولغان ئاجايىپ - غارايىپ سەرگۈزەشىتلىرىنى ئاخبارات چىنلىقى ۋە تارىخىي چىنلىققا ئاساسلانغان ھالدا مۇۋەپپىقىيەتلىك   بەدىئىي ئىش قوشۇش يولى بىلەن ئىنتائىن تەسىرلىك يوسۇندا بايان قىلىپ ، كىتاپخانلارنىڭ قەلبىدە زىلزىلىلىك سۆيۈنۈش  پەيدا قىلىدۇ .ئاپتور دارۋازلارنىڭ سەرگۈزەشىتىللىرىنى تەسۋىرلىگەندە ئۇنى قۇرۇقتىن - قۇرۇق بايان قىلىۋەرمەستىن ، بەلكى دارۋازلار ياشىغان ئەينى يىللاردىكى مىللەتلەر ئارا يۈز بەرگەن تارىخىي ۋە مەدەنىئىي ئالاقىلەر مۇھىتى ئىچگە قويۇپ تەسۋىرلەپ ، كۆپ قۇتۇپلۇق ، كۆپ لىنىيەلىك  بەدىئىي قۇرۇلما ئىچىدە ئۆزىگىچە بىر ئىستېتىك  دۇنيا  يارىتىدۇ . ئۇيغۇر پەلسەپەسى ۋە مەدەنىيىتنىىڭ دارۋازلىق سەنىتى ئارقىلىق جۇلالىنىپ تۇرغان يېگانە ئالاھىدىلىكى ، روماننىڭ دىققەت مەركىزىگە قويۇلغان ھالدا پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېر رەڭدارلىقى ،پىسخىك كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق جانلىق سۈرەتلەپ بېرىلىدۇ . دارۋازلىق سەنئىتى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بىر پۈتۈن ھېكىمەت دۇنياسىنى دەس كۆتۈرۈپ تۇرغان تەڭشەك پەلسەپەسى روماندا باشتىن - ئاخىر ئىچكى رىتىم سۈپىتىدە يۈرەكتەك ئۇرغۇپ تۇرىدۇ . ئادىل ھوشۇرنۇڭ بىۋاستە سەرگۈزەشتىللىرى ۋە ئەجدادلىرى ھەققىدىكى ئەسلىمىللىرى ئاساسىدا قانات يايغان سىتىرولۇق ئۆتۈشمە ھاسىل قىلغان ئەپچىل قۇرۇلما ئىچىدە تارىخ ، بۈگۈن ،ئەسلىمە ۋە رېئاللىق ئۆز ئارا بىمالال ئۆتۈشۈپ تۇرۇدۇ . رومادا تارىخىي رومانغا ، بىئوگرافىك رومانغا ، پەلسەپە رومانغا ،ئاخبارات ئەدەبىياتىغا خاس تۈرلۈك ئالاھىدىلىكلەر بىر - بىرى بىلەن يۇغۇرۇۋېتىلگەن بولۇپ ،ۋەقەلىكلەر  ئادەتتىن تاشقىرى جىددىي ۋە ئۆزگۈرۈشچان ، تاسادىپىيلىقلارغا باي ۋە ئاجايىپ - غارايىپ . شۇڭا روماننى قولغا ئالغان ئادەمنىڭ تاكى ئوقۇپ تۆگىتىۋەتمىگىچە كۆزىگە ئۇيقا كەلمەي قالىدۇ . چۈنكى روماندىكى پېرسۇناژلار ئوبرازى ناھايىتى جانلىق ، تىرىك ئادەملەرگە بەكمۇ ئوخشىغان ، كارتون ئادەملەرگە ئوخشاش ياپىلىق ، تاناپ بىلەن تارتىپ قويۇلغاندەك تۈپتۇز ، سەلبىي ۋە ئىجابىي دەپ ئىككى قۇتۇپقا  ئايرىۋېتىلگەن بولماستىن ، بەلكى ساغلام روھىي ھالەت بىلەن كېسەل كەيپىيات ، ،ئۇتۇق بىلەن يېتەرسىزلىك ، ھېسسىياتچانلىق بىلەن ئاقىللىق ،ئېھتىياتجانلىق بىلەن قورقۇمسىزلىق بىر - بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن ھالەتتە ئىككى ياقىلىمىلىق خاراكتېرگە ئېگە قىلنغان ھەقىقىي يومۇلاق پېرسۇناژلاردۇر . بولۇپمۇ روزى ئوبرازىدا بۇ ھالەت باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ روشەن ئەكىس ئېتىدۇ . روزى تۇرپلا بىر قىزنى ياخشى كۆرسە ،ئارقىدىنلا ئۇنىڭدىن سوۋىيدۇ ، سەسكىنىدۇ ،ھەتتا نەپىرەتلىك سۆيۈشلەردىن  ئۆزىگە تەسەللىي ئىزلەيدۇ ...ئۇ ھىندىستاندا ئېنگىلىز قىزى ۋىۋىيانغا كۆيۈپ قالىدۇ .بۇ جەرياندا ئۇ ئەقىل بىلەن ھېسسىيات ئوتتۇرئسىدا تىتما - تالاڭ بولىدۇ .بىراق، روزى سىنگاپورغا كەلگەندە  يەنە ۋىۋىيانغا قېيداپ ،ئۆز مۇھەببىتىگە ئاسىيلىق قىلىپ ،سىنگاپورنىڭ پاھىشەخانىللىرىنى بېشىغا كىيىدۇ .ھەتتا پاھىشە ئاياللارغا پۇل دېگەننى ساماندەك خەجلەيدۇ  . مانا بۇ روزىنىڭ خاراكتېرىدىكى ئاڭسىز ، ئەسەبىي ھالەت ،ھېسسىيات ئەقىلنىڭ گەجگىسىگە مىنىۋالغان مەجنۇنانە ئاقكۆڭۈللۈك ... دېمەك ، روماندىكى ئادىل ھوشۇر ئەجداتلىرىنىڭ روھىدا ياخشىلىق ، يامانلىق ، ئاڭلىقلىق ۋە ئاڭسىزلىق ،قورقۇمسىزلىق ۋە ئېھتىياتچانلىق ، ئەخلاق ۋە ئەخلاقسىزلىق زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن . ئۇلارنى يە سەلبىي ،يە ئىجابىي دېگىلى بولمايدۇ . ئۇلار گاھىدا ‹‹قۇرئان ›› ئەقىدىسىنى ئۆزىگە مەنىۋى يېتەكچى قىلسا ، تۇرۇپلا بۇ ئەقىدىدىن چەتنەپ بەڭۋاشلىشىپ قالىدۇ . ئۇلار پاھىشىۋازلىقنىڭ ئۆز ئەقىدىسىگە مۇخالىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭدىن تولۇق ۋاز كېچەلمەيدۇ . دېمەك ، ئۇلارنىڭ خاراكتېرىدە كۆپ ھاللاردا ھېسسيات ۋە  ئەسەبىيلىك ئۈستۈنلۈكنى ئىگللەيدۇ . دەرۋەقە بۇ بىز ئۇيغۇرلاردا  تارىختىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەجەللىك ئىللەت . ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادىل ھوشۇر ئەجداتلىرى خاراكتېرىدە بۇ خىل ئىللەتتنىڭ بولماسلىقى مۆمكۈن ئەمەس .پېرسۇناژلار خاركتېرىدە پۈتۈن مىللەتكە ئورتاق بولغان ئەجەللىك ئاجىزلىقلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ ،پېرسۇناژلارنى ھەقىقىي تىپ دەرجىسىگە كۆتۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق چوقۇر قاتلاملىق تارىخىي چىنلىق سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كەلگەن مىللىي ئاجىزلىقىمزنى دەللىڭ يورۇتۇپ ،ئۇنۇڭغا پەلسەپىۋى نوقتىدىن چىقىش يولى ئىزلەش ، مەزكۈر روماننىڭ ئاساسلىق ئۇتىقى ھېساپلىنىدۇ .بىز باتۇر روزى ياراتقان روزى ،توختى ، ئىسمايىل ھاجىدەك باش پېرسۇناژلاردىن تارتىپ ، تا قوشۇمچە پېرسۇناژلارغىچە ھېچقايسىسىنى ئىجابىي ياكى سەلبىي پېرسوناژ دەپ ئايرىيالمايمىز ( ئەمەلىيەتتە پېرسوناژلارمۇ ئىجابى ياكى سەلبىي دەپ ئايرىلماسلىقى كېرەك ، بۇ بىزدە ئەدەبىيات نەزەريىسىنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويغان ئەخمىقانە قاراش ) .ھەتتا روماندا باش پېرسوناژ بىلەن قوشۇمچە پېرسوناژنى ئايرىۋېلىشمۇ تەس . چۈنكى ،ھەممىسى ئۆز نۆۋىتىدە بىزگە ناھايىتى مۇھىم بىلىنىدۇ .شۇنداقلا خاراكتېر جەھەتتىن ،جانلىقلىق نوقتسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ،باش پېرسۇناژلاردىن قېلىشمايدۇ . ئاپتور باش پېرسوناژلار ئوبرازىغا قانداق ئەھمىيەت بەرگەن بولسا ، قوشۇمچە پېرسۇناژلار ئوبىرازىغىمۇ شۇنداق ئەھمىيەت بەرگەن . مانا بۇنىڭدىن بىز ئىجادىيەت جەريانىدا گاھ ئاڭلىق ، گاھ ئاڭسىز يوسۇندا ئەكس ئەتكەن بىر خىل يۈكسەك دىمۇكىراتىيىنى ھېس قىلالايمىز . شۇڭا ئاپتورنىڭ ھەممە پېرسۇناژلىرى دېگۈدەك ئىككى ياقىلىما خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ ،پېرسوناژلار ئوبرازلىرىنى يارىتىشتىكى ئۇتۇق نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ئۇلار ئوتتۇرئسىدا ھېچقانچە پەرق ياكى چەك - چېگىرا يوق ..خاراكتېر  ،تەسسەۋۇر ۋە بايان قىلىش ئۇسلۇبى جەھەتتىن ھەر تەرەپلىمە ئىشقا ئاشقان ئىككى ياقىلىمىلىق بىزدە باشقا ئاپتورلاردىن ئۇچرىتىش قىيىن بولغان ،باتۇر روزىنىڭلا قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان ئۆزگىچە خاسلىق . خاسلىق ئىجادىيەتنىڭ قېنى ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىمىزدا ، ئەدەبىياتىمىزدا بۇنداق خاسلىقنى قانچە راۋاجلاندۇرساق شۇنچە ياخشى . روماندا پۈتۈن ۋەقەلىكنى كېسەل كارۋىتىدا ھوشسىز ياتقان ئادىلنىڭ چۈشى دېسەكمۇ بولىدۇ . ئادىل ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن كەچۈرمىش دېسەكمۇ بولىدۇ ،ھەتتا ئادىل ھوشۇر ئەجداتلىرىنىڭ ئۆزىنى ئىزدەش جەريانى دېسەكمۇ بولىدۇ . روماندا تارىخىي ۋەقەلەر بار دېسەكمۇ بولۇدۇ،  ياكى ھازىرقى زامان تۇرمۇشىمىزدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تارىخىي تېما ۋاستىسى ئارقىلىق دارىتمىلاپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان دېسەكمۇ بولىدۇ . چۈنكى ، ئادىل ھوشۇر ۋە ئۇنىڭ دارۋاز ئەجداتلىرى خاراكتېرىدە ئەكىس ئەتكەن ئەجەللىك ئىللەتلەر ، ئىجتىمائىي روھىي ھالەت سۈپىتىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىدىمۇ ئومۇمى يۈزلۈك مەۋجۇت . بىزدە تارىخنىڭ ئوق تومۇرىدا ئېقىپ  تۇرغان  قاننى ئىجادىيەتنىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەسىگە  ئايلاندۇرپ تاشلىيالايدىغان بۇنداق ئەزىمەت ئەدىپلەر ھەقىقەتەن بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا .

‹‹پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر ›› رومانىنى رېئالىزىملىق ئەسەر دېگىلىمۇ ، روماتىزىملىق ئەسەر دېگىلىمۇ ،ياكى باشقا ئىزم - پىزىملارغا تەۋە قىلغىلىمۇ بولمايدۇ . ئەسەر يېزىلىش ئۈسلۇبىدىن تارتىپ ، تاكى قۇرۇلمىسىغىچە ،بايان قىلىش شەكلىدىن تارتىپ ، تاكى سۆز - جۇملىلەرنىڭ ئورامىغىچە پۈتۈنلەي ئۆزگىچە . ئاپتور بۇ ئەسەردە ھەر خىل ئىجادىيەت مىتودلىرىدىن ئىجادىي پايدىلانغان .بىر خىللا ئىجادىيەت مىتودى بىلەن چەكلىنىپ قېلىش ئىجادىي كۈچنىڭ بوغۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .بىرەر ئىزمغا چۈشىدىغان ئەسەر يېزىش شەرت ئەمەس ،ئەكسىچە ئىجادىي روھ بىلەن تويۇنغان ھالدا خەلىقنىڭ ئالقىىشغا ئېرشەلەيدىغان نادىر ئەسەر يارتىش شەرت .‹‹پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر ››رومانىدىكى يەنە بىر ئۆزگۈچىلىك شۇكى ، باتۇر روزى يارئاتقان پېرسۇناژلار ئۇلارنىڭ خاراكتېرىدىكى ئەقىل بىلەن ھېسسىيات توقۇنىشلىردىن، ۋۇجۇدىدىكى داۋالغۇپ تۇرغان زىدىيەتلىك ھالەتلەردىن ئېنىق كۆرۈۋىلىشقا بولىدىغان مۇھىم ئالاھىدىلىك - پېرسۇناژلار مەيلى ئىتىقاد ۋە ئەخلاق نوقتىسىدىن بولسۇن ،مەيلى زامان ،ماكان نوقتىسىدىن بولسۇن ، ئۇلار ھەركەت ۋە پىكىر قىلىش جەھەتتە ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۈچرىمايدۇ .گېگىل :‹‹ گۈزەللىكنىڭ ئۆلچىمى يوق ›› دەپ توغرا ئېيتقان . چەك ئىچىقدىكى چەكسىزلىكنى بايقاشلا ھەقىقىي ئىجادىي بايقاش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . باتۇر روزى ياراتقان پېرسوناجلار ۋۇجۇدىدىكى بۇ خىل چەك ۋە چەكسىزلىك ئوتتۇرئسىدىكى زىدىيەتلىك كېرىلىش كۈچىدە لەرزىگە كېلىپ تۇرىدىغان تىراگىدىيەلىك ھالەت رومانغا باشقىچە جان كىرگۈزگەن . ئالايلۇق ،بىز روزىنى تولۇق مۇسۇلمان دەپ ئېيتالمايمىز ،چۈنكى ئۇ ئىشقىۋازلىق قىلغان قىزلارنىڭ كۆپ قىسمى خرستىئان ،بۇددئسىت ياكى باشقا دىنلارغا ئېتقاد قىلىدىغانلار . ھەتتا ئۇنىڭ بەزى ئىشرەتخورلۇقلىرىمۇ شەرىئەت ئەخلاقىغا خىلاپ . بىز روزىنىڭ غەيرى قىلىقلىرىغا قاراپ ئۇنى يەنە مۇسۇلمان ئەمەس دەپمۇ ئېيتالمايمىز .چۈنكى ، روزىنىڭ ئۆزى ئۇچرىغان قىين مەسىلىلەرنى شەرىئەت مىزانى يويىچە ھەل قىلىۋاتقانلىقى ئۇنىڭ گەپ - سۆزى ، ھەرىكەت ۋە پىسخىك كەچۈرمىشلىرىدىن مانا مەن دەپ تېشىغا تېپىپ تۇرىدۇ .روزىنىڭ خاركتېرىدا  پۈتكۈل ئىنسانلارغا خاس ئاجىزلىقمۇ ، ئارتۇقچىلىقمۇ مەۋجۇت . ئۇنىڭ پائالىيىتى ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۈچرىمايدۇ ،ئۇنىڭ ۋەتىنى پۇتكۇل ئىنسانىيەتنىڭ قەلبى .ئۇ پۈتكۈل مىللەتنى سۆيىدۇ .، پۈتكۈل مىللەت زېمىنىدا ئۆز ئۆيىدىكىدەك ئەركىن يۈرەلەيدۇ . باتۇر روزى ياراتقان پېرسوناژلار ئىنسان قەلبىدەك چەكسىزلىكىنى ئۆزىگە ۋەتەن قىلغان .بىرلا پەرقى شۇكى ،ئۇنىڭ باش پېرسۇناژلىرىنىڭ ھەممىسى سېپى ئۆزىدىن ئىسلامىيەت تامغىسى بېسىلغان ئۇيغۇر . پروزىمىزدا ئىدىيىسى ياۋروپادىن ،كىيىمى روسلاردىن ، يېمەك - ئىچمەك ۋە يۈرۈش - تۇرش ئادەتلىرى يەنە قانداقتۇر باشقا مىللەتلەردىن ئارىيەت ئېلىنغان شالغۇت پېرسوناژلار ئوبرازى ئاۋۇپ قالغان بۇ دەۋىردە ، بۇنداق ھەقىقىي  مىللىي خاركتېرگە ئىگە پېرسوناجلار ئوبرازى بىلەن تولغان ئەسەرلەر بىزگە تۇتىيا . باتۇر روزىنىڭ ئەدەبىياتتىكى مىللىيلىك مەسىلىسىدە باشقا يازغۇچىلارغا ئوخشىمايدىغان يول تۇتقانلىقىنى روماندىكى ھەر بىر سەھىپىدىن ئېنىق ھېس قىلالايمىز .ئىلگىركى ئەدەبىيات - سەنئىتىمىزدە مىللىيلىك مەسىلىسى بىر مىللەتنىڭ كىيگەن كىيىمى،ساقال - بۇرىتى ،ياسىنىش ۋە گىرىم قىلىش ئادەتلىرى قاتارلىق تاشقى پەرىقلەر بىلەن ئۆلچىنىدىغان تېتىقسىزلىق ھامان ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز يوسۇندا مەۋجۇت بولۇپ كەلدى . سەھنىللىرىمىزدە چىمەن دوپپا بىلەن بادام دوپپا كىيگەنلەرننىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بولۇپ چىقتى ، مىللىيلىك ئۆلچىمىنى خاس ماددىي بەلگىلەر بىلەنلا چۈشەپ قويۇشتىن ئارتۇق ھاماقەتلىك بولمىسا كېرەك ؟ ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي مىللىيلىك مىللىي مەدەنىيەت ئۆزگۈچىلىكى ، يەنى مىللىي پىسخىكا ، مىللىي ئېتىقاد ،مىللىي روھ ۋە مىللىي تەپەككۇردىكى ئۆزگۈچىلىكلەردە گەۋدىلىندۇ . باتۇر روزى ئەدەبىياتىمىزدا مىللىيلىك مەسىلىسىنى توغرىدىن - توغرا روھ مەسىلىسىگە يۆتكەپ ،‹‹ مىللىيلىك پەقەت روھىيەتتىلا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىپادىسنى تاپىدۇ ›› ، دەپ قارىدى . دەرۋەقە ئۇيغۇرلار تىپىك ھېسسىيات مىللىتى بولغاچقا ،ئۇيغۇرلاردا ھېسسىيات باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا ئالاھىدە كۈچلۈك .بۇ مىللىي روھىيىتىمىزدىكى پاسسىپ ئۆزگىچىلىك ،ئەلۋەتتە . ئەقىلنى چەتكە قاقىدىغان نوقۇل ھېسسىيات مەركەزچىلىكىمۇ قىسمەن ھاللاردا بىر مىللەتنىڭ مىللىي ئوبىرازىنى گەۋدىلەندۈرپ بېرەلەيدۇ . شۇنداقتىمۇ مىللەتتىكى كەمچىلىكنى مىللىيلىك دەپ قاراش مۇۋاپىق ئەمەس .باتۇر روزى رومانىدا كۆتۈرۈپ چىققان مىللىيلىكمۇ ھەرگىز مىللەتتىكى ئومۇمىي ئىللەتلەرنى مىللىيلىك دەپ قارئايدىغان پاسسىپ مىللىيلىك ئەمەس . باتۇر روزى رومانىدا ئۆز پېرسۇناژلىرىنى باشتىن ئاخىر ئەينى چاغلاردا مىللەتلەر ئارا يۈز بەرگەن تارىخىي ۋە مەدەنىي ئالاقىلەر مۇھىتى ئىچىگە قويۇپ تەسۋىرلەپ ، ئۇيغۇر مەدەنىيتنىڭ دارۋازلىق سەنئىتى ئارقىلىق ئەكىس ئەتكەن يوشۇرۇن كۈچى ۋە يېگانە ئەۋزەللىكىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرگەن . باتۇر روزى رومانىدا تارىخىمىزنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە پەلسەپە ھېساپلانغان‹‹ تەڭشەك پەلسەپەسى››  نوقتىسدىن ئىجادىي كۆزەتكەن .بۇ پەلسەپەدە ھەم روشەن مىللىيلىكمۇ ، ھەم ئومۇمى ئىنسانىيلىقمۇ ئۆز ئارا تەڭشىلىپ تۇرۇدۇ .بۇ پەلسەپەدە مىللىي تەپەككۇرىمىزدىكى خاسلىقمۇ ،پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خاس ئورتاقلىقمۇ ، ھېسسىياتچانلىقمۇ ۋە ئاقىللىقمۇ ،مىللەت تەقتىرىگە بولغان قايغۇرۇشمۇ  ، شۇنداقلا ئومۇمىي ئىنسانىيەت تەقدىرىگە تۇتاشقان ئۇلۇغۋار روھمۇ تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ . رومان پېرسۇناژلىرىمۇ بىرلا مىللەتتىن بولۇپ قالماي ،ئۇنىڭدا پارسلارمۇ ، ھىندىلارمۇ ، سىگانلارمۇ ، ئېنگىلىزلارمۇ ،خەنزۇلارمۇ ...ئۇچىرايدۇ .روماندا جۈملىدىن دۇنايدىكى ھەممە مىللەتلەرنىڭ ئەۋرىشكىسىنى تاپقىلى بولىدۇ .مىللىيلىكىنى بۇنداق كەڭ دۇنياۋى ئومۇمىيلىق ئىچىگە قويۇپ گەۋدىلىندۈرۈش ھەقىقەتەن زور كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ھادئىسە . ئۇنىڭ ئۈسىتىگە باتۇر روزىنىڭ پېرسۇناژلىرى قايسى مىللەتتىن بولغان بولسا ، شۇمىللەتكە شەكىلەن ئەمەس ، بەلكى مەنىۋى ماھىيەت جەھەتتىن ۋەكىللىك قىلالايدۇ .دېمەك باتۇر روزى رومانىدا ئەدەبىياتتىكى مىللىيلىك  بىلەن دۇنياۋىيلىقنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىنى  ئۇتۇقلۇق ھەل قىلالىغان .ئەدەبىيات تارىخىمىزدا بۇنداق ئەسەرلەر خويمۇ كەم . ئەلىشىر نەۋائنىڭ ‹‹سەددى ئىسكەندەر ›› داستاندىن كېيىن ، بىزدە مىللىيلىك بىلەن دۇنياۋىلىقنىڭ مۇناسىۋىتى زور كامالەت بىلەن ئۇتۇقلۇق ھەل قىلىنغان ئەسەرلەر ئاساسەن چىقمىدى  . بۇ جەھەتتىن باتۇر روزىنىمۇ ھەقىقەتەن تەلەيلىك يازغۇچى دېمەي بولمايدۇ .باتۇر روزى كۆتۈرۈپ چىققان مىللىيلىك  يۈكسەك ئىنسانپەرىۋەرلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان مىللىيلىك ، ئۇ يارئاتقان ئۇيغۇرغا خاس ‹‹تەڭشەك پەلسەپىسى ›› پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەنىۋى ئالىمىنى يورۇتالايدىغان قۇدرەتكە ئىگە ئاجايىپ مىللىي پەلسەپە . دەرۋەقە ، ئەدەبىيات قانچە مىللىي بولسا ،شۇنچە دۇنايۋى بولىدۇ . مىللىيلىك قانچە سۇس بولغان ئەسەردە دۇنياۋىلىقمۇ شۇنچە سۇس بولىدى . ئەدەبىياتقا نىسبەتەن ئېيىتقاندا مىللىيلىك بىلەن دۇنياۋىلىق مەسىلىسى ھەرگىز زىدىيەتلىك مەسىلە ئەمەس ، ئەكسىچە بىر - بىرنى قان بىلەن گۆشتەك تولقۇلايدىغان مەسىلە ؛ ‹‹پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر ›› رومانى بۇ نوقتىنى تولۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ . باتۇر روزىنىڭ نەزىرىدىكى مىللىيلىك ئۆلچىمى ھەم روھىي ۋە ماددى تۇسنىڭ بىرلىكىدۇر .ئۇنىڭ قارىشىدا مىللىي پەرىقنى ماددى ئۆلچەم بىلەنلا بەلگىلەش تەڭشەك پەلسەپەسىگە خىلاپ . ماددا بىلەن روھنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدىكى بىرلىكى مىللىي خاسلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ ئادىل تارازا بولالايدۇ . باتۇر روزنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي خاسلىق ئەقىل بىلەن ھېسسىيات ، ھۇشيارلىق بىلەن قاراملىق يۈكسەك دەرىجىدە تەڭپۇڭلاشقان دارۋازلىق سەنئىتىدە روشەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان .دارۋازلىق سەنئىتى باشقا مىللەتلەردە ئاساسەن ئۈچرىمىغاندەك  بۇ خىل غەنىمەت خاسلىقمۇ ئۇيغۇرلارغىلا تەۋە بولغان يۈكسەك مىللىيلىكتۇر .بۇ خىل مىللىي خاسلىق ئات ئۈستى مەدەنىيتى دەۋرىدىكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ روھىدا تولۇق ئەكىس ئەتكەن . كېيىنچە تارىخمىزدا ھېلى ماددىغا ،ھېلى روھقا ،ھېلى ھېسسىياتقا ، ھېلى ئەقىلگە ئېغىپ كېتىشتەك يېتەرسىزلىكلەر كۆپ تەككرارلاندى . نەتىجىدە بېشىمىزغا مىللىي چۈشكۈنلۈك ئاراقا - ئارقىدىن باستۇرپ كەلدى. بىزدىكى مىللىي خاسلىق روشەن تەڭشەك پەلسەپىسىنى ئۈزەك قىلغان مىللىي خاسلىق . تەڭشەك پەلسەپىسى بىزنىڭ ھەقىقىي مىللىي تەپەككۇر ئەنئەنىمىز .بىز قاچان بۇ ئەنئەنىدىن داجىدۇق ، شۇ ھامان تەڭرىنىڭ جازاسىغا ئۈچرىدۇق . ‹‹مىللىي ئۆزلۈك تەڭشىك پەلسەپەسىدىن باشلانغان ››. بىز بۇ پەلسەپەدىن يىراقلاشقان ھامان مىللىي مەۋجۇتلۇق ئاساسىمىزنى يوقۇتۇپ قويغاندەك ئەجەللىك سوققىلارغا ئۇرۇلدۇق .‹‹ھەركىم ئۆز تەڭشىكىنى كۆتۈرۈپ ئالەمشۇمۇل رىتىمغا يانداشمىقى لازىم ›› دەيدۇ باتۇر روزى پېرسۇناژلار تىلىدىن تەڭشەك پەلسەپەسىنىڭ ھەقىقىي غايىسىنى ئاشكارىلاپ ، مىللىي خاسلىقلارنىڭ ۋە شۇ ئاساستا ئىنسانىي رەڭدارلىقنىڭ گۈلگۈن دالاسى بولغان بۇ دۇنيادا ئۆز خاسلىقىنى يوقاتقان ھەر قانداق مىللەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسىنى يوقاتقان مىللەت ھېسابىدا ئالەمشۇمۇل رىتىمغا قاتنىشالمايدۇ . ئۆزلۈك ئېڭىنى يوقاتقان ھەرقانداق ئادەممۇ ئۆزىنىڭ ئادىمىلىكىنى  يوقاتقان بىر مەخلۇق سۇپىتىدە ئىنسانىيەت دۇنيايسىنى تەشكىل قىلغۇچىلاردىن بولۇش شەرئىپىگە مۇيەسسەر بولالمايدۇ .

ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا ئىسلام ئالىمىگە كەڭ تارقالغان تەسەۋۋۇپ پەلىسەپەسى بىزنىڭ تەپەككۈر تارىخمىزدا ئىككىنچى چوڭ قاتلامنى ھاسىل قىلىدۇ . تەسسەۋۋۇپ پەلسەپەسىنىڭ ئەدەبىياتىمىزغا كىرىپ كەلگىنىگىمۇ 500يىلدىن ئاشتى . بىراق ، ئەلىشىر نەۋائى ۋە  بابا رەھىم  مەشرەپتىن كېينكى دەۋرلەردە ئىلغار تەسسەۋۋۇپ ئىدىيەسى ئەدەبىياتىمىزدا ئۆز كۈچىنى تامامەن يوقاتقان ئىدى .ياۋۇرۇپا سەنئەتكارلىرى ۋە پەيلاسوپلىرىدىن شېكىسپىر ، گېگىل ،گىيوتى قاتارلىقلارنىڭ ئىدىيەلىرىگىمۇ ئاجايىپ زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن ئىلغار تەسسەۋۋۇپ ئىدىيەسى ئەينى يىللاردا ئىسلام پەلسەپەسىنىڭ دۇنيا پەلسەپە تەرەققىياتى يۈكسەكلىكىدىكى راۋاجى سۈپىتىدە ، ياۋروپا ئەدەبىيات - سەنئەت ئويغۇنىشىغىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى .بىراق ، كېيىنكى خوجىلار دەۋرىدە ئۇ بىزگە قارانىيەت سىياسەتۋازلارنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ۋە ئەلنى جاھالەتتە قالدۇرۇش ۋاستىسى سۈپىتىدە ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلىنىپ ، پۈتۈنلەي دۈم كۆمتۈرىۋېتىلدى .شۇنىڭ بىلەن يېقىنقى زامان تارىخمىزدا تالاي ئەسىرلىك جاھالەتلىك دەۋىرنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇپ قالدى .500 يىلدىن كېينكى بۈگۈنكى دەۋىردە ، تەپەككۇر تارىخىمىزدىكى ئىككىنچى قاتلام سانالمىش ساغلام تەسسەۋۋۇپ ئىدىيەلىرىنىڭ مىللىي پەلسەپىمىزنىڭ تولۇقلىمىسى سۈپىتىدە ، ھازىرقى زامان پروزىچىلىقىمىزدا بىر خىل يېڭى شەكىل ۋە يېڭىچە پەلسەپەۋى مەزمۈن بىلەن يۇغۇرۇلغان ھالدا باتۇر روزنىڭ بەدىئىي دىتى ئارقىلىق قايتا تىرىلىشى ، ھەقىقەتەن بىر خوشاللىنارق ھادىسە ، ئارىدا ساختا تەسسەۋۋۇپ ئىدىيەلىرىنى يەتكۈچە قامچىلىغان بولساقمۇ ، لېكىن قامچا ئاساسەن جايىغا تەگمىدى .چۈنكى بىز تەسسەۋۋۇپ ئىدىيەسىنىڭ ھەقىقىي ساغلام ماھىيىتنى چۈشەنمەي تۇرپ قارىسىغىلا قامچىلاۋەرگەشكە ،ئاتقان ئوق ئەلۋەتتە جايىغا تەگمىدى . چۈنكى ،ناچار ئىدىيىۋى خاھىشلارنىڭ زەھەرىنى ئىلمىيلىكتىن چەتنىگەن ھالدا قارىسىغا كۈرەش قىلىش ،ئاممىۋى ھەركەت قوزغاش ئارقىلىق ھەرگىزمۇ تازلاپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ .بۇرمىلانغان ئىدىيىلەرنىڭ زەھەرىنى تازلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى يەنىلا ئۇنىڭ بۇرمىلانغان ھەقىقىي ماھىيىتىنى خەلققە كۆرسۈتۈپ بېرىشتۇر . ئىزچىل تۈردە بەدىئىي تەپەككۇرغا ئادەتلىنىپ كېلىۋاتقان ،نەزەريىۋى تەپەككۇرغا ئانچە كۆنمەيدىغان خەلقىمىز ئۈچۈن ئېيىتقاندا ،بۇرمىلانغان ئىدىيىلەرنىڭ زەھەرىنى تازلاشتا يەنىلا ئەدەبىياتتىنمۇ ئۆنۈملۈك ۋاستە بولمىسا كېرەك ؟ ئۇزاقتىن بۇيان پەلسەپە ياكى پىكىر نامراتلىقىغا گىرپتار بولۇپ كېلىۋاتقان كەم ماغدۇر ئەدەبىياتىمىزدا ، ئىزچىل ئۆز جۇلاسىنى نامايان قىلشقا تەققەززا بولۇپ تۇرغان بۇ خىل خاھىش تەكلىماكان چۆللۈكىگە ئوخشاپ قالغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ پەلسەپەگە ئىنتىزار بولۇپ قاغجىراپ كەتكەن زېمىنىدا ، باھار يامغۇرىدىن كېيىنكى يېڭى نوتا بولۇپ بەس - بەس بىلەن ئۈنۈپ چىقماقتا .باتۇر روزىنىڭ رومانى ئەدەبىياتىمىزغا ئەنە شۇنداق ياخشى باشلىنىشنى تەقدىم قىلغانلىقى بىلەن خويمۇ قەدىرلىك . ‹‹پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر ›› رومانى پىروزىمىزدا ئۇزۈن يىل داۋاملاشقان پەلسەپە نامراتلىقىغا خاتىمە بەرگەن نادىر ئەسەر بولۇش سۈپتى بىلەن ، بىزنىڭ مۇنداقلا ئوقۇپ تاشلىۋەتمەي ،ئەكسىچە چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ . كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا ئۆزگۈچە قىممەتكە ئىگە تەسسەۋۋۇپ ئەسەرلىرىدىن ئەلىشىر نەۋئائى ھەزرەتلىرىنىڭ ‹‹مەنتىقۇتەيىر ››( قۇشلار مەنتىقىسى ) دىن باشقا يىرىك ئەسەرلەر يوق دىيەرلىك ، باتۇر روزى رومانىدا تەسسەۋۋۇپ پەلسەپەسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا پەلسەپەسى بولغان تەڭشەك پەلسەپەسى بىلەن يۇغۇرۇپ تاشلىغان ھالدا  تېخىمۇ جانلىق قىياپەت بىلەن يېڭىۋاشتىن ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقتى .

ئون نەچچە ئەسىر ئىلگىرى ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ئىدى . بۇ جەرياندا ئۇلار بۇددا پەلسەپەسى ئاساسىدا ‹‹ئىككى تېكىننىڭ ھىكايىسى ›› ،‹‹ چاشتانى ئىلىك بەگ›› ، ‹‹ ئالتۇن يارۇق ›› دېگەندەك شاھانە ئەسەرلەرنى يارتتى . بىراق ، بۇ ئەسەرلەرنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ تۇرغان  پەلسەپەۋى ئىدىيەلەر ،گۈزەللىك  ۋە ئەخلاقىي قاراشلار تامامەن ھىندىلاردىن سۈيئىستىمال قىلنغاچقا ،بۇ ئەسەرلەر يەنىلا خاس مىللىي ئەدەبىياتىمىزغا تەۋە ئەسەرلەر بولالماي قالدى. گەرچە تەسەۋۋۇپتا ئەرەپ ۋە  پارسلارنىڭ تەسىرى بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقىي راۋاجى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرۈكلىرىدىن باشلانغان .دېمەك ، تەسەۋۋۇپ پەلسەپەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەپەككۇرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان ھالدا ، مۇئەييەن مىللىي پەلسەپە تۈسىنى ئالغان ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ ، كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىز ۋە مۇقامشۇناسلىق ھادىسەلىرى ئارقىلىق خەلىقىمىزنىڭ قان - قېنىغا سېڭىپ كەتكەن ئىدى . باتۇر روزى ‹‹پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر ›› رومانى ئارقىلىق مىللىي پەلسەپىمىزنىڭ تارىخىي قاتلاملىرىنى تولۇق نامايەن قىلىپ ، ئىجتىمائىي خاركتېرلىك ئۆزىمىزنى ئۇنتۇش ئاپىتى باش كۆتۈرۈپ چىققان بۇ يىللاردا  ، بىزنى ئەسلىمىزنى تېپېۋېلىشقا ، دادىللىق بىلەن مەنىۋى يىلتىزىمىزنى ئىزدەپ تېپىشقا دەۋەت قىلىدۇ . بۇ خوشاللىنارلىق بىر ئىش ،ئەلۋەتتە . بۇ ئەسەرنىڭ پەلسەپەۋى مۇۋەپپىقىيىتى ھەققىدە گەپ ئېچىشتىن ئاۋۋال ، بىزنىڭ پەلسەپە ئەنئەنىمىز ھەققىدە قىسىقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتۈپ كېتىشكە توغرا كېلىدۇ .

دارۋازلىق سەنئىتىدە ئەكس ئەتكەن سەزگۈرلۈك بىلەن قاراملىق ، ئەقىل بىلەن ھېسسيات ،روھ بىلەن تەن مۇۋازىنەتلىك ھالەتتە بىرلەشكەن ئانا تەپەككۇر ئەندىزىمىز ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئىسلام ئىدىيەلىرىنىڭ تەسىردە بىراقلا شاخ ئايرىپ ئەقىلچىلىك ۋە ھېسياتچىلىقىنى ئاساس قىلغان ئىككى لىنىيە بويچە تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى .فارابى ۋەكىللىكىدىكى تەبىئەت - مەۋجۇدىيەت پەلسەپەسى ۋە ئەلىشىر نەۋئائنىڭ سەنئەت قارشى ۋاستە قىلىنغان تەسەۋۋۇپ پەلسەپەسى مانا مۇشۇ ئىككى لىنىيىگە ۋەكللىك قىلدى .تەبىئەت - مەۋجۇدىيەت پەلسەپىسى - ۋەھدەتى مەۋجۇت : ئىنسان روھى بىلەن مەۋجۇدىيەت - تەبىئەت بىرلىكى ئاساسىدا ئىنسان كامالىتىنى تەبىئەت قوينىدىن - مەۋجۇدىيەتتىن ئىزدەپ ، ئىنسان ماھىيىتىنى تەبىئەتكە باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ  .  مەۋجۇدىيەتنى ئەقلىي تەپەككۇر ياردىمى بىلەن بىلگىلى بولۇدۇ دەپ قارىدى . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىنساننىڭ ئەقلىي تەپەككۇرى دەرىجىدىن تاشقىرى كۆپتۈرىۋېتىلگەن بولۇپ ،ئۇلار ئىنساننىڭ ھېسسىيات ئامىلىغا سەل قارىدى ، يەنى ھېسسىياتنىڭ دۇنيانى بىلىشتىكى رولىغا سەل قارىدى .

ۋەھدەتى ۋۇجۇد - ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن ئۇيغۇر تەسەۋۋۇپ پەلسەپەسىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى بولۇپ ، بۇ قارئاشتىكىلەر ئۆز پەلىسەپەسىنى يۈكسەك گۈمانىستىكى روھ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى .دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى ئۆز قەلبىدىن - ئىنسان قەلبىدىن ئىزدەشتى .ئىنسان قەلبى بىلەن تەڭرىنىڭ بىردەكلىكىنى ئىساپتلاشقا تىرشتى  . تەسەۋۋۇپچى شائىرلارمۇ ئۆزىگە خاس شېئىرى تىلى ، شېئىر شەكىل ۋە شېئىرى ھېسيات بىلەن تەسەۋۇپنىڭ شۇئارى بولغان ھىسىيات ئارقىلىق خۇداغا يېتىش يوللىرىنى ئىپادىلەشتى ، بۇ خىل تەسەۋۋۇپ روھى بىلەن يوغۇرۇلغان ئەسەرلەردە يەنىلا ھىسىيات بىرلەمچى ئورۇندا تۇرپ كەلدى ، ئەقىل ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنمىدى.

ۋەھدەتى ۋۇجۇد - ئىنسان بىلەن تەڭرىنىڭ بىردەكلىكى ۋە ۋەھدەتى مەۋجۇت - مەۋجۇدىيەت بىلەن تەڭرىنىڭ بىردەكلىكى تەشەببۇس قىلنغان پەلىسەپەلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەت ، جۇملىدىن تۇران خەلقى ۋە باشقا ئىسلام ئالىمىدىكى خەلىقلەرنىڭ روھىي دۇنياسىنى بېيىتىش ئۈچۈن ،شۇ مىللەتلەرنىڭ مەنىۋى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلار بۇ خىل ئارتۇقچىلىقلىرى ئارىسىغا خۇددى تۈندىكى ئاي گۈزەل كۆمۈش نۇرلىرى بىلەن جىلۋە قىلىپ تۇرسىمۇ ، شۇ گۈزەللىكلىرى قوينىغا داغدىن ئىبارەت سەتلىكنى يوشۇرغاندەك ،تەسەۋۋۇپ ۋە تەبىئەت پەيلاسوپلىرىنىڭ ھېچ قايسىسى ئەقىل بىلەن ھېسيات ئوتتۇرسىدىكى مۇۋازىنەتكە ئىمكان قالدۇرمىدى . ئىلگىرىكى تەسەۋۋۇپ پەيلاسوپلىرى نەزەريە جەھەتتە ئەقىلنى قىسمەن ئېتىراپ قىلغان  بولسىمۇ ، لېكىن ھېسياتنىڭ رولىنى مۇتلەقلەشتۈرىۋېتىشتىن خالى بولالمىدى .ئۇلار دەۋاتقان مەي ، خامۇشلۇق ، بىھۇش بولۇش ، ۋىسال قاتارلىق ھېسسىي ھالەتلەر خۇداغا (ۋەھدەتى ۋۇجۇد) قا يېتشتىكى ۋاستە ۋە مەقسەتلەر ئىدى .ئەلشىر نەۋئاىنىڭ مەشھۇر داستانى ‹‹ پەرھاد - شېرىن ››دىكى پەرھادنىڭ ۋىسال (ۋەھدەتى ۋۇجۇد) ئىزدەپ ، ئەقىلنىڭ سىمۋولى بولغان ئاتىسىنىڭ پادىشاھلىقىدىن ۋاز كېچىپ ،شېرىن (ھەقىقەت ياكى تەڭرى ) نىڭ ۋىسالىغا يېتىش ئۈچۈن جاھان كېزىدۇ . ئۇ ئاتىسىنىڭ ئوردىسىدا كۆرگەن جاھاننامە ئەينىكى ئەسلىدە قانداقتۇر بىر خىيالىي تەسسەۋۋۇر ئەينىكى بولماستىن ،بەلكى پەرھادنىڭ ئۆزىدۇر . دېمەك پەرھاد ئۆزىگە ( شېرىنغا ) ئاشىق بولغۇچى،ئۆز ۋىسالىغا ( ئىنسانىيەت بىلەن خۇدانىڭ بىرلىكىگە ) يەتكۈچى . ئۇ پەقەت ھېسسىيات ئارقىلىقلا گۈزەللىككە يەتمەكچى بولىدۇ .گەرچە ئۇ ئاتىسىنىڭ ئوردىسىدىكى چاغدا تۈرلۈك ئەقلىي بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرگەن ،مىمارچىلىق ،نەققاشلىق ،تاشتارش قاتارلىق ھۈنەرلەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگەنگەن بولسىمۇ ، بىراق ، ئۇنىڭ ئەقلي تەرەپكە مەنسۇپ ھەممە نەرسىسى ئۆزىنى تېپىش ۋە ئۆزىنى پاكلاش ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ .  دېمەك نەۋائىنىڭ قويۇق تەسسەۋۋۇپچە پۇراققا ئىگە بۇ داستانىدا ھېسسىيات يەنىلا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا ‹‹لەيلى - مەجنۇن ››،‹‹تاھىر - زۆھرە ››،‹‹گۈل ۋە بۇلبۇل ›› قاتارلىق ئاشىقلىق (يەنى ھېسسىيات مەركەزچىلىكى )تەكىتلەنگەن ئەسەرلىرىدىمۇ  ، ئەقىل بىلەن ئەمەس ، بەلكى ھېسىيات (يەنى ئاشىقلىق يولى ) بىلەن گۈزەللىككە ،ھەقىقەتكە يېتىش ، ۋىسال ئىزدەش تەششەببۇس قىلىنغان .

گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ ۋە شائىر گىيوتىنىڭ مەشھۇر شېئىرىي رومانى ‹‹فائۇسىت››تىكى باش پېرسوناژ فائۇسىت روھىدا تەڭرى ( ئەقىل ) بىلەن شەيتان ( ھېسىيات ) نىڭ كەسكىن كۈرىشى پارتىلاش تۈسىنى ئالغان بىر تەرىزدە يۈز بېرىدۇ . نەتىجىدە ئەقىل ھېسىيات ئۈستىدىن غەلبە قىلىدۇ . بۇ ئەسەردىمۇ باشتىن - ئاخىر ئەقىل بىلەن ھېسىياتنىڭ مۇۋازىنەتلىك ھالىتىگە سەل قارالغان .

ياش تالانىت ئىگىسى باتۇر روزى ‹‹پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر رومانىدا ئۇلاردىن كەسكىن پەرقلەنگەن ھالدا ، ئەقىل بىلەن ھېسىيات ئوتتۇرئسىدىكى مۇئاۋىزىنەتلىك بىرلىكنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرغان . شۇڭا مەزكۈر رومان باشقا رومانلاردىن پەرىقلىق ھالدا ، بىزگە ھەم چوڭقۇر ئەقىل ،ھەم يۈكسەك ئىستىتىك تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ . چۈنكى بۇ ئەسەردە ئەنئەنىۋى سەنئەت قېلىپى بۇزۇپ تاشلىنىپ ،‹‹سەنئەت پەقەت گۈزەللىكنىلا ئەكس ئەتتۈرىدۇ ، ئۇنىڭ ئەقلىي جەھەتتىن ئىنسانىيەتنى يېتەكلەش رولى بولمايدۇ ›› ،دېگۈچىلەرنىڭ سەنئەت پىرىنسىپىغا ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق رەدىيە بېرىلگەن . ئاپتور يارئاتقان پېرسۇناجلار روھىدا ھېسىيات بىلەن ئەقىلنىڭ مۇۋازىنەتلىك ھالەتتىكى بىرلىكى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا تولۇق ئىشاقا ئاشۇرۇلغان .‹‹پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر››رومانىدا باشتىن - ئاخىر ماكان - زامان بىرلىكى ،ھېسىيات بىلەن ئەقىل بىرلىكى ، خىيال(چۈش ) بىلەن رئىياللىقنىڭ بىرلىكى ،ئۆلۈم ھاياتلىق بىرلىكى ،بۈگۈن بىلەن تارىخنىڭ بىرلىكى ئاساسىدا كىتاپخان روھىنى ئىككى خىل يول بىلەن ئىگىلەپ ،ئۇلارنى ئىنساننىڭ ۋە ھاياتنىڭ ماھىيىتى ئۈستىدە چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە ، شۇنداقلا ھەر بىر ئىنساننى دار ئۈستىدىن - رېئال ھاياتتىن ئىبارەت قىيىن شارائىتتا ، ئۆزىگە ئەقىل ۋە ھېسىيات بىرلىكى ئاساسىدا چىقىش يولى ئىزدەشكە دەۋەت قىلىدۇ .دەرۋەقە ،پىلسىرات كۆۋرۈكى - رېئال ھاياتنىڭ دەل ئۆزى .بۇ كۆۋرۈك ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا جەننەتتىن قوغلىنىپ ،زئىمىنغا مەھكۇم بولغاندىن باشلاپلا ، پەيدا بولغان . دېمەك ، پىلسىرات كۆۋرۈكى تۈسىنى ئالغان بۇ ئازاپلىق ھايات ئىنسانىيەت جىنايى قىلمىشىنىڭ مەھسۇلى ،شۇنداقلا ئىنسانىيەتنى سىناشتىكى تەجىربە كۆۋرۈكى .ئاپتورنىڭ نەزىرىدە ئىنسان ھاياتى باشتىن - ئاخىرغىچە قىل ئۈستىدە - پىلسىرات كۆۋرۈكىدە تۇرماقلىقتىن ئىبارەت. ئۇنىڭدا ھەر ۋاقىت مۇدىھىش ئۆلۈم جىلمىيىپ تۈرىدۇ .ھاياتنىڭ ئۆزى پىلسىرات ، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتىكى بىردىنبىر ئازابلىق ھەم شەرەپلىك يول ، شۇنداقلا ئاخىرقى پۈرسەت . پىلسىرات كۆۋرۈكى پەيدا بولغاندىن تارتىپ ، قانچىلىغان ئىنسان ئۇنىڭ قۇربانىغا ئايلانمىدى - ھە ؟! پەرھادمۇ ،تاھىرمۇ ، مەجنۇنمۇ بۇ خىل پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆزلىرىنىڭ كامالىتىنى ئىزدىگەن ئىدى .ئۇلار پەقەت ھېسسىياتتىن ئىبارەت مەنىۋى ۋاستىنىلا ئۆزلىرىگە يېتەكچى قىلدى . ئۇلار ھەر بىر ئادەم پىلسىراتتىن - ھاياتتىن ئىبارەت بۇ دار ئۈستىدىن ئۆتكەن دەملەردە ، مۈتلەق زۆرۈر بولغان تەڭشەك تايىقىغا پەقەت ھېسىيات بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ھالاك بولغان .باتۇر روزىنىڭ نەزىرىدە ھەر بىر ھايات ئىگىسى ، جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى  مۈكەممەل بىر مەنىۋى تەڭشەككە مۇختاج ، بىزنىڭ تارىختىن يوقاتقانلىرىمىز تەڭشەكتىن مەھرۇم بولغانلىقىمىزدىن بولسا،ئىگە بولغىنىمىز تەڭشەككە - مەنىۋى تەڭشەككە ، يەنى ئەقىل بىلەن ھېسىيات ئوتتۇرئسىدىكى مۇئاۋىزىنەتلىك بىرلىككە ئىگە بولغانلىقىمىزدىن بولغان :‹‹ ئەي تەڭشەك ! - دەيتتى توختى  قولىدىكى تەڭشەككە خىتاپ قىلىپ ، - ئادەملەر سېنىڭ بىلەن ھەقىقىي تونۇشسىلا دۇنيادا بىر - بىرىدىن ياتسىراپ يۈرمىگەن بولاتتى .ئۇلار ئارىسىدا تاقاپ قويۇلغان ئىشىكلەرمۇ قالمىغان بولاتتى ...›› . ‹‹ ئۇ ئۆز قولىدىكى  تەڭشەك بىلەن تەڭپۇڭلىقىنىلا ئەمەس ،بەلكى پۈتكۈل تۇران زىمىنىنىمۇ بىر تەڭشەپ توختىغۇسى كېلەتتى - يۈ ،بىراق مۇتلەق كۆپ ساندىكى يۈرۇتداشلىرىنىڭ قولىغا تەڭشەك چىقمىغان ، يەنى ئۆزىنى ۋە تەڭرىنى تونىمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا ، ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنى تەڭشىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ ،ئەلەم بىلەن لەۋلىرىنى چىشلەيتى ...›› . يەنە باتۇر روزىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان مونۇ جۇملىلەرگە قاراپ باقايلى :‹‹ خۇدانى تەڭرى ( يەنى تەڭلەشتۈرگۈچى ) دەپ ئاتايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكىمەتلىك دۇنياسى سۇ ، ھاۋا ، ئوت ۋە تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت ئاناسىرنىڭ  ، شۇ ئاساستا تەن ۋە روھ ، ئەقىل ۋە ھېسىياتنىڭ باراۋەر ئاساستىكى تەڭشىكى ئۈستىگە قۇرۇلغان  ... دارۋازلىق سەنئىتىدە تەن ۋە روھ ،ئەقىل ۋە ھېسىياتنىڭ ،يەنى قاراملىق ۋە سەزگۈرلۈكنىڭ مۇئاۋىزىنەتلىك ھالىتى تولۇق ئىشقا ئاشقاندۇر . دارۋازنىڭ قولىدىكى تەڭشەك ، سۇدەك سوغۇق ئەقىل بىلەن ئوتتەك قىززىق ھېسىياتنى ، تۇپراقتەك ئېغىر ۋە ھۆل تەن بىلەن،  ھاۋادەك يەڭگىل ۋە قۇرۇق روھنى ئارىلاشتۇرۇپ ، چالغىتىپ تەڭشەيدىغان تەڭشەكتۇر ››. مانا بۇ جۈملىلەردە تەڭشەك مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان . يۇقارقىلار ئادىل ھوشۇر ۋە ئۇنىڭ دارۋاز ئەجداتلىرىنىڭ تەڭشەكنىڭ خاسىيىتىنى - يەنى ھېسىيات بىلەن ئەقىل  ئوتتۇرئسىدكى مۇئاۋىزىنەتنى چۈشىنىپ تەڭشەپ ماڭغىنى ئۈچۈن ، پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتەلىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىدۇر .پىلسىرات كۆۋرۈكى - بۇ بىر مۈشكۈلات كۆۋرۈكى ، بۇ كۆۋرۈكنىڭ مۇشكۈلاتلىرى خۇددى ‹‹ غەرىپكە ساياھەت ››فىلىمدىكى تاڭسىڭنىڭ ئۆزىنى ئىزدەش ،ئۆزىنى پاكلاش ئۈچۈن شاگىرتلىرىنى باشلاپ غەربكە يۈرۈش قىلغاندا ، ئۇچرىغان سەكسەن بىر مۈشكۈلاتىنىڭ بەئەينى ئۆزىدۇر . مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ‹‹ ھەر بىر ئىنساننىڭ ئالدىغا بىردىن دار تارتىلغان بولىدۇ ›› . پەقەت ئەقىل ۋە ھېسىيات تارازىسىنى قولىدا مەھكەم تۇتۇپ تەڭشەپ ماڭالىغان ئىنسانلارلا ، رېئال گۈزەللىككە چۆمۈلۈپ دار ئۈستىدىن خۇددى ئادىل ھوشۇرغا ئوخشاشلا ئازابلارنى يېڭىش ، ئۆزىنى چەكلەش بەدىلىگە ئۆتەلەيدۇ  .

مەيلى شەرىق ياكى غەرىپتە بولسۇن ، نۇرغۇن ئىستىتىكاشۇناس ۋە پەيلاسوپلار ،   روھىي گۈزەللىك بىرلەمچىمۇ ، ياكى ماددىي گۈزەللىك بىرلەمچىمۇ دېگەن مەسىلىنى چۆردەپ ، تۈگىمەس تالاش - تارتىشلارنى قانات يايدۇرۇپ كەلدى  . ئىدېئالىزىمچى ئىستېتىكا شۇناسلار ،  روھىي گۈزەللىكنى ئۇلۇغلاپ ،ماددىي  گۈزەللىككە سەل قارىغان بولسا ، ماتېريالىزىمچى ئىستېتىكاشۇناسلار  ماددىي گۈزەللىكنى ئۇلۇغلاپ ، روھىي گۈزەللىككە سەل قارىدى . نەتىجىدە مەيلى پەلسەپە ساھەسىدە  ، مەيلى ئىستېتىكا ساھەسىدە بولسۇن ، ئىككى چوڭ سوغۇق قۇتۇپ شەكىللەندى . بۇ ئىككى خىل قۇتۇپ ئوتتۇرسىدىكى ‹‹سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى›› ھەتتا پىسخىلوگىيە ۋە ئېتىكا ساھەسىگىمۇ بۆسۈپ كىرىپ ،ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى ئىككى چوڭ لاگىرغا بۆلۈپ  ئۈلگۈرگەنىدى . ھېچبىر پەلسەپەۋى  ئېقىم ۋە ئىستېتىكا ساھەسى ، ماددا بىلەن روھنىڭ ياكى ماددىي گۈزەللىك بىلەن روھىي گۈزەللىكنىڭ بىر تەندىكى ئىككى خىل نەرسە ئىكەنلىكىنى ، ئۇلار ئارسىدا بىرلىكنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى يەككە ھالدا بىرلەمچى بولمايدىغانلىقىنى ، بەلكى ئىككىسىنىڭ بىرلىكى ھەقىقىي تۈردە بىرلەمچى بولالايدىغانلىقىنى ئويلاشماي ، ئايىغى چىقماس مۇنازىرەلەرگە سەھنە ھازىرلاپ ،توختىماي دەتالاش قىلىپ كەلدى .تالانىتلىق ئەدىب باتۇر روزىنىڭ بۇ ھەقتىكى  مەيدانى باشقىلارنىڭكىدىن تۈپتۈن پەرقلىق بولۇپ ، ئۇنىڭ قارىشى ھېچكىمنى ئۈمىتسىزلەندۈرمەيدۇ :‹‹ بىز روھىيىمىزنىمۇ ،تېنىمىزنىمۇ تەڭ كامالەتكە يەتكۈزگەندە ، ئاندىن ئىلاھىي سۈپەتلەرنىڭ مۇجەسسەم كۆرۈنىشى بولالايمىز . شۇڭا روھ بىلەن تەننى تەڭ ئېتىبارغا ئېلىش كېرەك . ئۇنىڭ بىرىنى يەنى بىرىنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ قويۇش خاتا ھەم بىھۇدە . روھ بىلەن تەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇئاۋىزىنەت بۇزۇلسا بىزنىڭ ئېتىقادىمىز ۋە تائەت - ئىبادەتلىرىمىز قىڭغىر - قىيسىق يولغا كىرىپ قالىدۇ .تەننى پەس كۆرسەك تەڭرىنىڭ سۈپىتىنى  پەس كۆرگەن بولىمىز .روھقا سەل قارىساق ئاللانىڭ نۇرىدىن غەپلەتتە قالىمىز .تەن بىلەن روھ ئىككى قاناتقا ئوخشايدۇ . ئۇلاردىن قايسى بىرى سۇنسا ئىككىنچىسىمۇ رولىنى يوقۇتىدۇ . قۇش پەرۋاز قىلالمايدۇ ››. يۇقۇرىقىي مىسالدا كۆرسىتىلگەن تەن ماددىغا ئىشارەتتۇر .

شىنجاڭ تارىخدىكى ئەرەپلەرنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدىنمۇ  ئېشىپ كەتكەن ، مۇدىھىش دەۋر  ـ خوجىلار دەۋرىدە،  ئۇيغۇرلار ئارسىدا ساختا سوپا - ئىشانچىلىق ئەۋج ئالغان ئىدى .شۇ دەۋىر روھانىيلىرى خەلىقنى بىخوتلاشتۇرش ئۈچۈن تەننى پەس كۆرىدىغان ، بىر يۈرۈش ساختا ‹‹يامان بولىدۇ ›› ئەقىدىسى بىلەن نىقاپلانغان ،ئۇ دۇنيا جەننىتىنى ئەۋزەل كۆرۈپ ، بۇ دۇنيا جەننىتى ئۈچۈن ھەركەت قىلمايدىغان بىر يۈرۈش پەتىۋالاردىن پايدىلىنىپ ،ئىشانلىقنى ،ئەقىلگە سىغمايدىغان ساختا ئاشىقلىقنى ،تەركى دۇنياچىلىقىنى بازارغا سالغان ئىدى . ئاپئاق خوجا دەۋرىدىمۇ ئۇ دۇنياغا تەلپۈنۈپ ، بۇ دۇنيانى كەمسىتىدىغان ، ياكى تەن مەڭسىتىلمەي ، روھنى ئەۋزەل بىلىش شوئارى خۇددى سىبىرىيەنىڭ دەھشەتلىك سوغۇقىدەك ھەممە يەرنى قاپلىغاچقا ،قول قوشتۇرۇپلا يۈرۈش ، ‹‹يامان بولىدۇ ››ئەقىدىس بىلەن خەلىقى زەھەرلەش ، مانا بۇلار ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇلۇغۋار ئاشىقلىق ، تەڭرىگە ،جەننەتكە يېتىش يولى ھېسابلىناتتى .مانا بۇ روھىيەتكە شىپالىق بېرىدىغان ئەخمەت يەسسەۋى ،باھاۋۇددۇن نەقشەبەندى قاتارلىق مەشھۇر تەسەۋۋۇپ ئالىملىرىنىڭ ساغلام تەسەۋۋۇپ قارشلىرىنىڭ پەرغانىدىن ئەنچە يىراق بولمىغان ، ‹‹ ئىسلام دىنى كەينىچىلاپ كىرگەن قەشقەرىيىدە ›› دەپسەندە قىلنىغانلىقىنىڭ ،بۇرمىلانغانلىقىنىڭ ئەمەلىي مىسالى . ئاپپاق خوجىدىن ئىبارەت پەرغانىدىكى تەسەۋۇپچىلارنىڭ نەپىرىتىگە ئۈچرىغان بۇ ئاسىي روھ ، ئۆلۈك دېڭىزدەك مەدەنىيەت كىرىش ئېغىزلىرى  پۈتۈنلەي تاقىۋېتىلگەن قەشقەرىيە زېمىنغا سېسىق ئاغمىخاندەك كىرىپ كېلىپ ،بىز پەخىرلىنىدىغان ساغلام تەسەۋۋۇپ ئىدىيەلىرىنى ئەسەبىيلەرچە بۇلغىدى . ئاپپاق خوخا ئۆزى ئويدۇرۇپ چىقارغان ساختا تەركى دۇنياچىلىقنى خەلىققە تېڭىپ ،ئۆزىنىڭ پەسكەش مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مەنىۋى قورال قىلدى .كىشىلەرنىڭ روھىنى بىز نومۇس قىلىدىغان سېسىق ئەقىدىلەر بىلەن ئىستىلاھ قىلدى . ئۇنىڭ تەسىرى تا ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ سەلبىي رولىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە ... مانا بۇلار تەن بىلەن روھنىڭ بىردەكلىكىنى  ، ھايات ۋە ئۆلۈم بىردەكلىكىنى ، ئىنسان ۋە تەڭرى بىردەكلىكىنى چۈشەنمىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسدۇر  .

نەچچە يۈز يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى دەۋىردە ، باتۇر روزىنىڭ ‹‹پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر ›› ناملىق پەلسەپەۋى رومانىدىن ساغلام تەسەۋۋۇپ ئىدىيەلىرىنىڭ ئۇيغۇر پەلسەپەسى بىلەن جانلانغان يېڭىچە قىياپىتىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق .ئەس - ھوشىنى يوقاتقان روھىي بىماردەك گاڭگىراپ قالغان چېغىمىزدا ‹‹پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر ›› بىزگە تەپەككۈر تارىخىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى قاتلاملىرىنى ئېچىپ كۆرسىتىپ بەردى . ئۇ قۇرغاق روھىي دۇنيايىمىزدا يامغۇر تۆكىدىغان گۈلدۈرقاس بىر چاقماق بولۇپ چېقىلدى . بۇ چاقماق بەش يۈز يىل ئىلگىرى نەۋائى ھەزرەتلىرى روھىدا ، ئۈچ يۈز يىل ئىلگىرى ئېسىيانكار شائىرىمىز بابارەھىم مەشرەپ روھىدا ئەنە شۇنداق شىددەت بىلەن چېقىلغان ئىدى .

باتۇر روزىنىڭ ‹‹پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر ›› رومانىدىكى يەنە بىر مەركىزى نوقتا : تەڭرى بىلەن ئىنسان ئوتتۇرئسىكى بىرلىك مەسىلىسىدۇر .بىز بۇ نوقتىدىكى ئۇقۇملارنىڭ روشەن يېشىمىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ، يەنىلا ئاپتورنىڭ ئۆز قەلىمىگە مۇراجئەت قىلماي تۇرالمايمىز:‹‹ ئىنساندا بولسا ئاللانىڭ سۈپەتلىرى تولۇق ۋە مۇجەسسەم ھالدا تەجەللى تاپقان .ئىنسان نۇسخەئى ئەسرارى ئىلاھىدۇر . ئاللا ئىنساننى شۇ قەدەر ئۇلۇغلىغانكى ،ئاسمان - زېمىندىكى جىمى نەرسىنى ئۇنۇڭ باشقۇرىشىغا بەرگەن .ئىنسان زاتەن ، سۈرەتەن ،زاھىرەن ۋە باتىنەن ھەقنىڭ تولۇق تەجەللىسىگە ئېرشكىنى ئۈچۈن ، ئىنسانسىز ئالەمدە تولۇق كۆرۈنۈش بېرشكە قابىلىيەت يوقتۇر . كۆرۈنۈش جەھەتتە ئادەم ئالەمنىڭ مېۋىسى ۋە نەتىجىسىدۇر .شۇڭا كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ بەلگىللىرى ئىنساندا باردۇر .ئىنسان قەلبى ئىلاھىي سىرلارنىڭ ماكانى بولسا ، ئىنساننىڭ ۋۇجۇدى ئىلاھىي گۈزەللىكنىڭ ئەينىكىدۈر .ئىنسان ئاللانى تاشقىرىدىن ئەمەس ، ئۆزىدىن ئىزدىمەكلىكى لازىم .ۋۇجۇدى مۇتلەق ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئالەمگە نامايان قىلغان سۈرەتلىرىنى ئىنساندىن ئىبارەت كىچىككىنە شەكىلگە ئىخچاملىغان ...››

نەچچە مىڭ يىل ئاۋال يايلاق مەدەنىيت دەۋرىگە كىرگەن ئەجداتلىرىمىز ، تەبىئەت روھىغا ئىگە ۋە تبىئەتكە يېقىن ئىدى . تەبىئەت روھى بىلەن بوۋىللىرىمىزنىڭ روھى بىردەكلىككە ئىگە ئىدى .‹‹ئوغۇزنامە ›› داستانىدىكى ئوغۇزخاقاننىڭ ئاسماندىن چۈشكەن كۆك نۇر ئىچىدىكى قىزغا بولغان مۇھەببىتى ، ئەمەلىيەتتە ئوغۇز بىلەن كۆك تەڭرىنىڭ ۋىسالى ياكى بىرلىكىدۇر .ئۇغۇز ۋە كۆك تەڭرىنىڭ ۋىسالىدىن كېيىن ئۇلاردىن بولغان بالىلار : قۇياش ، يۇلتۇز ، ئاي قاتارلىقلار بولۇپ ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئىنسان بىلەن ئالەمنىڭ بىرلىكىدۇر . ئادەم قەلبى ئالەمدە ،ئالەم ئىنسان قەلبىدە ئەكس ئەتكەن كۆرۈنۈشتۇر .ئوغۇزخاقان بىلەن دەرخ كاۋىكىدىن چىققان قىزنىڭ تويى ، ماھىيەتتە ئىنسان بىلەن تەبىئەتنىڭ بىرلىكىدۇر.بۇخىل بىرلىكنىڭ مەھسۇلى بولغان بالىلار كۆل ، دېڭىز دەريالاردۇر... ئوغۇز ۋە تەبىئەتتىن بولغان بۇ بالىلار ماھىيەتتە ئادەمگە ئايلانغان ئىلاھلاردۇر .بۇ ئادەم قەلبىدە تەبىئەتنىڭ ، تەبىئەتتە ئادەمنىڭ ئەكس ئېتىشىدۇر .بۆرىنىڭ يول باشلىشى تەڭرى بىلەن تەبىئەت ، ئالەم بىلەن ئىنسان ئوتتۇرئسىدىكى پەرقنىڭ يوق قىلىنىشى بولۇپ ،تەڭرىنىڭ قايغۇسى ئىنساننىڭ قايغۇسى ،تەڭرىنىڭ غەزىۋى ئىنساننىڭ غەزىپى بولۇپ قالغان ...بۇ خىل تەسۋىر تەڭرى ئادەلەر ئارسىدا مەۋجۇت ،تەڭرى ئىنسانلار بىلەن بىرگە ياشايدۇ دېگەنلىك ئىدى .ئوغۇزخاقاننىڭ ئالەمنى بوي سۇندۇرغۇچى ئىلاھ سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىشى ، ماھىيەتتە ئىنسان قەلبى بىلەن تەبىئەت ۋە ئالەمنىڭ بىرلىكى بولۇپ ،بۇ خىل قەلىپ بىرلىكى ئالەم ۋە تەبىئەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ . دېڭىز ،تاغ ، ئۆسۈملۈك ھەممە قەلىب بىرلىكىنىڭ نامايەندىسدىن ئىبارەت . ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تەپەككۇرى بولغان ئەپسانىۋى تەپەككۈرمۇ ، تەبىئەتكە بولغان يېقىنلىقىتىن كېلىپ چىققان ئىلھامنى ئۆزىگە ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلغان . شۇڭا ئەجداتلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىلا :‹‹بىز كۆكتىن تامغان ،يەردىن ئۈنگەن ›› دېگەن ئەقىلىيىلەر ئارقىلىق ، ئۆزلىرنىڭ ئىنسان سۈپىتىدە ساماۋى ۋە زىمىندىن ئىبارەت ، ئىككى ئالەمگە باراۋەر ئىكەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرەلىگەن ۋە شۇ ئاساستا ئەقىل بىلەن ھېسسيات ئوتتۇرىسىدا تەڭشەك تۇرغۇزالىغان ئىدى. ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان بىز بۇخىل ئەنئەنىۋى ئەقىدىنى يوقۇتۇپ قويغانلىقىمىز تۈپەيلى ، يېقىنقى زامانلارغا كەلگەندە جاھىلىيەت دەۋرىگە باشچىلاپ پاتتۇق . باتۇر روزى ‹‹پىلسىراتتىن ئوتكەنلەر ›› رومانىدا ئەجداتلىرىمىز روھىدا ئۇرۇق بولۇپ تېرلغان ، بۇ خىل روھىي ماھىيەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەپ بەردى .ھەتتا تەبىئەتكە يېقىنلىق ۋە تەبىئەتتىن ئەندىز ئېلىشنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئانا تىپى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا قويىدۇ - دە ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىلنىڭ ئالدىدىكى ئۆز ئەجداتلىرى روھىدا كۆرگەن ،ئەمما ھازىر يىتتۈرۈپ قويغان بىر ھەقىقەتنى ،كەلگۈسىمىزنى يورۇتالايدىغان بىر ئەنگۈشتەرنى ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا يىراق تارىختىن قايتۇرپ ئېلىپ كەلدى ...!

ئەسكەرتىش : مەزكۈر ‹‹پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر رومانى ۋە ئۇنىڭ پەلىسەپەۋى مۇۋاپپىقىيىتى ››  ناملىق ، بۇ ماقالە‹‹قومۇل  ئەدەبىياتى ››ژۆرنىلىنىڭ  ،2002ـ يىللىق  1ـ سانىدا ئېلان قىلىنغان

مەنبە شىنىجاڭ يازغۇچىلار تۇرى
يۇللۇغۇچى مەتۇرسۇن ئېلى  
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3248
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 88
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە88دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 485 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-27
ئاخىرقى: 2012-03-06

بۇ ئوبزۇرچە ماقالىنىك تېمىسىنى پەلىسەپەۋى مۇۋەپپەقىيىتى دېمەي بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتى دېسە ،ماقالە مەزمۇنىغا ماس كېلىدىكەن .  
ھايات مەقسەت ئەمەس، بىر جەريان.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4750
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 347
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە347دانە
ئۆسۈش: 450 %
مۇنبەر پۇلى: 2223 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-05-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-19 02:09

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزىلغان نادىر رومانلارنىڭ ئالدى!