باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 568 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: غۇجىمۇھەممەد غەزەلىرى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 95
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
ئۆسۈش: 982 %
مۇنبەر پۇلى: 1000 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-04
ئاخىرقى: 2012-04-23
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-18 02:00

غۇجىمۇھەممەد غەزەلىرى

غەزەللەر



1

مېنى كىم دەر قەلەندەر مەن ئۇنىڭ شاھى

مېنى كىم دەر ئۇ گۇمراھ، مەن ئۇنىڭ ماھى.

ئۆلۈمسىز قويمىسا تەڭرىم ھاياتىمدا

ياشارمەن ھەر كۈنى مەن ھەم ئۆلۈپ گاھى.

تېنمنىڭ ئەۋۋىلى تۇپراق، يەنە تۇپراق

جېنىم ئوق بولسا ھەم نەدۇر ئۇنىڭ جايى؟

مېنىڭ ئاسماندىكى يەردە ئۆيۈم بولسا

ئۇ ئۆيدە ئۇخلىسام، ئۆينى بۇزۇپ گاھى...

غوجى ئەي... ئەمدى نەزمەڭدە ئۆزۈڭ بولما،

ئۆزۈڭ بول نەزمىنىڭ سەن نالىسى، ئاھى.



2

يۈزۈڭمۇ سېھىردىن ئەپسانىگە ماڭغان؟

كۆزۈڭمۇ قۇياشتىن ئەپشانىگە ماڭغان؟

زىناقىڭ بىر كۈلۈپ گۈل بەرگى قان- قان،

بۇلبۇلمۇ پەرىشان گۈلخانىگە ماڭغان؟

لېۋىڭدىن ئۇچماقتا مەست كىپىنەكلەر،

لېۋىممۇ لېۋىڭدىن مەيخانىگە ماڭغان؟

چانايدۇ كىرپىكىڭ جادۇ- قىلىچنى،

جېنىڭمۇ تېنىڭدىن غەمخانىگە ماڭغان؟

لەپىلدەر ۋۇجۇدۇڭ جەڭگاھتا تۇغدەك

ئاشىقلار داد ئىيتپ ئاستانىگە ماڭغان؟!



3

كېچە بىر غەم ئىلە ياتسام جانان پەيدا،

مېنىڭ يالغۇزلۇقۇمغا ئاشىيان پەيدا.

چۈشۈمنىڭ كارۋىتىدا گۈل كەبى شوخ- شوخ،

قىلىپ ناز، ناز ئىلە شاد- شادىمان پەيدا.

كۆزىدە بىر قارا دەريا ياسار ئۆركەش،  

بورانلىق كىرپىكى ھەم ناگىھان پەيدا.

مۇقامنىڭ مەرغۇلى ئۇندا قەلەندەرمىش،

ئۇنىڭ ھەر نالىسىدىن يەر- جاھان پەيدا.

ئاۋال سۆي يارنى سەن، ئاندىن خۇداۋەندە

قىلۇر ئىشق ئوتىدىن سەندە ئىمان پەيدا.



4

جېنىم بىر، مەن ساڭا ئىككى ئۆلەي دەيمەن،

جېنىمنىڭ جاڭگىلىدا مەن يۈرەي دەيمەن.  

چىقىپ جان كۆزلىرىم زۇلمەت بولار چاغدا

سېنىڭكى نۇر جامالىڭنى كۆرەي دەيمەن.

سۆيۈشلەر ئەۋجىدە ئاسمان ئېگىلگەندە  

لېۋىڭدىن بارچە يۇلتۇزنى ئۈزەي دەيمەن.

گۈلۈڭنىڭ غۇنچىسىغا مەن بولۇپ بۇلبۇل

پىراقتىن مەي ئىچىپ قەھ- قەھ كۈلەي دەيمەن.

ئايا جان تەندەدۇرسەن كى، سېنى ئىزدەپ

چېكىپ ئاھ، دەشتى- چۆللەرنى كېزەي دەيمەن .



5

جېنىمنى بەرگىلى ئاھ، بىر جانان يوق- يوق،

جانانغا ئۆزگە ھەم ھىچ  ئىمتاھان يوق- يوق.

ئۆلۈپ مەن ھەر كۈنى يار قەلبىگە كەلسەم

ئۆزى  بارۇ، يار ئۇندا ھىچقاچان يوق- يوق.

كۆزىدە يەتتە ئاسماننىڭ قاراڭغۇسى،

يۈزىدە مىسلى ئاپتاپ مېھرىبان يوق- يوق.

مۇھەببەت! دەپ ئۆلۈكلەردىن كېلەر پەرياد،

تىرىكلەر ئالىمىدە ھىچ زۇۋان يوق- يوق.

ئايا ئۆل، جان ئىرۇر ھېجرۇ- پىراق يارغا،

جېنىڭدىن كەچمىگۈنچە ئۇ ھامان يوق- يوق.



6

ۋۇجۇدۇم ئىچرە بىر قۇلدەك ياتار بولسام،

ئۆزۈمنى يارغا مەن يۈزمىڭ ساتار بولسام.

جېنىمنى ئالسا جانان دەپ نىدا ئەيلەپ،

نىتەي، ئاياغىغا جاننى ئاتار بولسام.  

جىنازام كەينىدىن ماڭغان ئۆلۈكلەرنىڭ

جۇدالىق زارىنى كۈيگە قاتار بولسام.

دۇتار باغ خىلۋىتى، تەمبۇر باياۋاندىن

ناۋا قىپ كەلسىلەر، مەن ھەم ساتار بولسام.

ئايا ئول چۆل خوجا، ئاندىن قەلەندەررەك،

قىزىل گۈل بولسا بۇ چۆلدىن تاپار بولسام!



2011- يىل. ئىيۇن


مەنبە شىنىجاڭ يازغۇچىلار تورى
يۇللۇغۇچى مەتۇرسۇن ئېلى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2097
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2097دانە
ئۆسۈش: 5500 %
مۇنبەر پۇلى: 15839 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-05-10

كىم ئۇ غوجا مۇھەممەت دىگەن؟