باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2276 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: رېماتىزم كېسەللىكىنى داۋالاش ھەققىدە
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 136
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە136دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-17 11:29

رېماتىزم كېسەللىكىنى داۋالاش ھەققىدە

ئەسكەرتىش: بۇ يازما general تەرىپىدىن يۇمۇر لەتىپىلە بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-08-17)
  رېماتىزىم كېسەللىكى ئۈزۈل-كېسىل داۋالىماق تەس بولغان جاھىل خاراكتىرلىك كېسەللىكلەردىن بولۇپ تۆۋەندىكى يازمىدا بۇ كېسەللىكنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالىغىلى بولىدۇ دەپ ئەنئەنىۋى بولغان بەزى رېتسىپ ۋە ئۇسۇل چارىلەر كۆرسىتىلگەن. ھەمدە ئاشۇ چارىلەرنى قىلىپ بەرگەندە بۇ كېسەللىك سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ دەپ بىمارلارغا ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ. بۇ يازمىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. دورا ۋە داۋالىنىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە دوختۇر-تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە ئىش قىلغايسىز!كېسەللىك سەۋەبى:
رېماتىزم كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى خىلمۇ-خىل ھەم ناھايىتى كۆپ. ئاساسەن بەدەن سۆڭەكلىرىگە سوغۇق ئۆتۈپ كېتىش، ئۇزاق مۇددەت سۇدا، پاتقاقتا يۈرۈش، نەم، زەي يەردە ياشاش،  كۆپ قېتىم قاتتىق سوغۇق ۋە يامغۇردا قىلىپ سوغۇق ئۆتۈپ كېتىش، سۆڭەك، بوغۇملار زەخمىلىنىش، كالا، قوتاز گۆشى، ئاچچىق، سوغۇق، يەللىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىستېمال قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولىدۇ. رېماتىزم ئاغرىقى سۆڭەك-بوغۇملارنى ئاساس قىلىپ پەيدا بولغاچقا ، ئادەمنىڭ ھەركەت پائالىيىتىنى قىيىنلاشتۇرۋېتىدۇ. ئۇزاققا سوزۇلغانچە پۇتتىن قولغىچە كېڭىيىپ ئاخىرى پالەچ قىلىدۇ ياكى رېماتىزم مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما، بۇ مەيلى ئىسسىقتىن ياكى سوغۇقتىن قوزغالسۇن، قانچىلىك ئېغىرلاپ كېتىشىدىن قەتئىي نەزەر بۇ ساقىيىپ كېتىدىغان كېسەللىك.
ھەر خىل رېماتىزم كېسەللىكى ئۈچۈن تۆۋەندىكى دورا رېتسىپى تەييارلاپ بىرىلىدۇ:
ئاق يەر يىلان تالقىنى، ئالىي دەرىجىلىك بۇغا مۈڭگۈزى تالقىنى، زەنجىۋىل، يانتاق چېچىگى، چارمىق، شاقاقۇل، بىخ مارجان  كۈشتىسى، كابۇل ھېلىلىسى، ئاق ئۈجمە يېلتىزىنىڭ ئاقلانغان قوۋزىقى، قەلەمپۇر 30گىرامدىن، ئۇچقۇر پاقا، سۇمبۇل، چايان، چۈچۈكبۇيا يېلتىزى، سۆرۈنجان، موزا 20گىرامدىن، كۇچۇلا كۈشتىسى 10 گىرام، ئوق يىلان 6 گىرام، ئىپار بىر گىرام، زەپە 4 گىرام. دورىلارنىڭ ھەممىسى يۇمشاق تالقان قىلىنىپ مۇۋاپىق مىقداردىكى ھەسەل جەۋھىرى بىلەن مەجۈن قىلىنىپ ئەتتىگەن-كەچتە تاماقتىن كىيىىن جىگدە چوڭلىقىدا يەپ بىرىلىدۇ.
سىرتىدىن سۆڭەك ئوتىغا قاقلىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
بۇنىڭدا قوي، ئات، ئىت، قاغا قاتارلىق ئىسسىق تەبىئەتلىك ھايۋان، ئۇچار قاناتلارنىڭ قۇرۇپ قاقشال بولغان سۆڭەكلىرىنى يېغىپ مەشكە سىلىپ ئۈستىگە ئادراسمان ئۇرۇقىنى سېلىپ ئوت يېقىپ، مەشنىڭ ئاغزى ۋە ئۈستىنى ئېتىپ، كىچىك جەينىكىنى كارۋاتنىڭ بىر تال شىلى ئېلىۋېتىلگەن كاماردىن چىقىرىپ، سۆڭەك راسا كۆيۈپ، تۈتۈن قۇيۇندەك قويۇق چېقىشقا باشلىغاندا يالىڭاچلىنىپ، قىسقا ئىشتان بىلەنلا ئولتۇرۇپ ئاغرىغان ئورۇننى ئاساس قىلىپ ئىسلاپ قىزدۇرۇپ، ھەر تەرەپنى ئايلاندۇرۇپ قاقلاش، كۆيگەن يەرنى قاتتىق مۇجۇپ ئۇۋۇلاش كېرەك. سۆڭەك ئوتى يالقۇنىنى ئىلاج بار تۈتۈن شەكلىدە چىقىرىپ ئىككى سائەت چامىسىدا قاقلىنىش قايتا-قايتا ئۇۋۇلىغاندىن كىيىن ، كېسەللىك ئېغىر، قاقلىنىش، ئۇۋۇلىنىش يېتەرلىك بولمىدى دەپ قارالغان ئورۇنلارنى سۆڭەك ئوتى يالقۇنىغا يەنە قاقلاش لازىم. ئاخىرىدا يەنە بىر قېتىم چوغ ئۈستىدە ئادراسمان ئۇرۇقىنى كۆيدۈرۈپ 10 مىنۇت قاقلاش كىرەك. بۇ سىرتتىن تەسىر كۆرسىتىدىغان فىزىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ خىل داۋالاش ئىككى قېتىم تەكرارلانسا بىمار ئاساسەن ساقىيىدۇ.
رېماتىزىم كېسەللىكىنىڭ زادىلا قوزغالماسلىقى ئۈچۈن مۇرەككەپ رېماتىزم مەجۈنى بېرىلىدۇ.
تەركىبى: ئاق يەر يىلان 80گىرام، قورۇلغان ئادراسمان ئۇرۇقى، تازىلاپ كۈشتە قىلىنغان تۇخۇم شاكىلى، يالپۇز ، ئاقىرقەرھا 50 گىرامدىن، چۈچۈكبۇيا يېلتىزى، بادام مېغىزى، قاقىلە ، قەلەمپۇر، شاقاقۇل، كۇندۇر، كەترا، جويۇز، بوزۇغا، بىخ مارجان كۈشتىسى، ئۇچقۇر پاقا، ئالىي دەرىجىلىك بۇغا مۈڭگۈزى ، سەمغى ئەرەبى 30گىرامدىن، خۇلۇنجان، مەرۋايىت، كۇچۇلا كۈشتىسى، كىرپە تېكىنى، قارا ھېلىلە، كابۇل ھېلىلىسى، سېرىق ھېلىلە، ئادەمگىياھ، چار مىق، موزا، كاۋاۋىچىن، كات ھىندى، ئاقاقىيا، تۇخۇمى خەشخاش، پىلپىل، زەنجىۋىل، ئاق ئۈجمە يېلتىزىنىڭ ئاقلانغان قوۋزىقى، توخۇ تاشلىقى ئېتى 20گىرامدىن، خەيما 10گىرام، زەپەر، ئوق يىلان 5 گىرامدىن. ئىپار 3 گىرام، ساپ ھەسەل يېتەرلىك مىقداردا ئېلىنىپ قائىدە بويچە مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
ئىستىمال مىقدارى: كۈندى ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن 5-6 گىرامدىن يەپ بىرىلىدۇ.
دورىلىق ھاراق سۈركەپ ئۇۋۇلاش
دورىلىق ھاراق تەركىبى: بۇغا مۈڭگۈزى 30گىرام، جويۇز، بوزۇغا، خۇلۇنجان، شاقاقۇل، قەلەمپۇر 50گىرامدىن، ئادەمگىياھ، خەيما 15 گىرامدىن، زەھەرسىز كۇچۇلا 10گىرام، ئاقىرقەرھا 40گىرام، ھاراق 500 گىرام.
يۇقۇرقى دورىلارنى تالقان قىلىپ ئىككى قات داكىدا تەييارلانغان خالتىغا قاچىلاپ ئاغزى ھىم ئېتىلىدىغان ئەينەك قاچىغا سېلىپ 500 گىرام ھاراققا بىر ھەپتە چىلاش لازىم.
ئىشلىتىلىشى: ئاغرىغان ئورۇنلار ئەتتىگەن - كەچ دورىلىق ھاراق سۈركىلىپ ئۇۋۇلاپ بىرىلىدۇ. خۇسۇسىيىتى: پەي-سۆڭەك، بوغۇم، مۇسكۇللارنى قىزىتىش، كۈچەيتىش، ئاغرىق توختىتىش رولى بار.
 * كۈن ئارىلاپ تۇخۇم يېغى بىلەن ياغلاپ ئاپتاپقا قاقلىنىپ قول -پۇت ئۇۋۇلاپ بىرىلىدۇ.
* چارمىق، ئادراسمان ، ئۇچقۇر پاقا، ئاقيەر يىلان، بوزۇغا، موزا، ئاقىرقەرھا، قەلەمپۇرلار ئارىلاش تالقان قىلىنىپ ، ئۈزۈم سىركىسى بىلەن ئاغرىق ئورۇن قايتا-قايتا تېڭىلىدۇ. تېڭىشتا ئاۋۋال ئاغرىق ئورۇن بىر قەۋەت داكا بىلەن تېڭىلغاندىن كىيىن ئۈستىگە دورا تالقىنى چىپىلىپ داكا بىلەن يەنە تېڭىلىدۇ. كەپتەر مايىقىنى قايناق سۇدا بۇسلاپ پۇت، قول، تېز، بەل بوغۇملىرىغا تاڭسا بۇنىڭمۇ پايدىسى كۆپ.
ئەگەر رېماتىزم ئاسارىتى شۇنچە دورىلار بىلەنمۇ 2-3 ئايغىچە ساقايمىسا 6-7-ئايلاردىكى ھاۋا تازا قىززىغان كۈندە ، زادىلا سۇ كۆرۈپ باقمىغان دۆڭلۈكتىكى كونا باراقسان چېغنى تېپىپ، بىر مېتىر چوڭقۇرلۇقتا كولاپ چىغنى چىقىرۋېتىپ، چۈشتە بىمارنى ئىچ كىيىمى بىلەنلا ھېلىقى چىغ چىقىرۋېتىلگەن ئورەككە كۆمۈپ ئاندىن يىلان، شاقاقۇل، ئاقمۇچ، قارامۇچ، كاۋاۋىچىن، قەلەمپۇر، پاقا قاتارلىقلاردا تەييارلانغان چاينى دەملەپ ئىچىپ كەم دېگەندە 2 سائەتنى ئۆتكۈزۈپ قوپۇرۇلسا ، بۇ كېسەللىكتىكى ھەممە ئىللەت تۈگەيدۇ. (خۇدا خالىسا). بۇنىڭدا چىغنىڭ توپىسىدىكى قۇۋۋەت بەدەنگە ئۆتۈش ئارقىلىق شىپالىق رولىنى ئوينايدۇ. كەچتە گۆش، تۇخۇم بىلەن قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلىنىپ ياتسا ئەتىسى يەڭگىللەپ سالامەتلىكى تېز ئەسلىگە كىلىدۇ. مانا بۇ تەلتۆكۈس داۋالىنىشتۇر.
 پەرھىز قىلىدىغان يېمەكلىكلەر ۋە ئىشلار:
گۈرۈچ، كالا، قوتاز، بىلىق، تۆگە گۆشلىرى، لازا، ئاچچىقسۇ، جىياڭيۇ، جاڭدۇ، ياڭيۇ، تۇرۇپ، سۈت، قېتىق، تاۋۇز، شاپتۇل، بىھى، ئامۇت، ئالىرات قاتارلىق يېمەكلەردىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ.
تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق، پىۋا، كولا قاتارلىق سانائەت ئىچىملىكلىرىنى ئىچمەسلىك، جىنسىي ئالاقە قىلماسلىق لازىم.
 
مەنبە:جاھىل خاراكتىېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش دېگەن كىتابتىن ئۆزلەشتۈرۈپ ئىلىندى

دوستلىشىش
مۇھاجىر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7954
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 54
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە54دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 571 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-19
ئاخىرقى: 2011-12-16

دوستۇم يىلان نىمانداق كوپ چۇشۇدۇ بۇ رىستىپقا يىلان شۇنداق پايدىلىق دورىمۇ
دەرتسىز ئىشەك ئىشقىسىز كىسەك
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2625
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 229
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە229دانە
ئۆسۈش: 390 %
مۇنبەر پۇلى: 2347 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-03
ئاخىرقى: 2012-06-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-17 18:46

يىلان چۇشكەن دورىنى ئامال بار ئىستىماي قىلمايلى دوسلار ، چوشقا گۆشىنى ھارام دەپ ھارامنى تۇيماي يەپ سالمايلى . ئۇ نى سالمىساقمۇ ياسىغىلى بۇلىدۇ دورىنى . ئۇنداق پايدىلىق بۇنداق پايدىلىق دىسە يەۋەرسەك كىيىن شۇنىڭ سورىغىنى بىرىپ بۇلالماي قالىمىز، بىزنىڭ ئۇستازىمىز بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا تىۋىپچىلىك قىلىپ يىلان ياكى چايان دىگەندەك دورىلارنى ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ دورا ياساپ كىسەل داۋالاپ پۇتۇن شىنجاڭغا تۇنۇلۇپ ئالامدىن كەتتى ،  ئەمما سىرتىدىن ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ ،جاھاندىكى ئىشلار تەغدىرگە تەئەلللۇقتۇر ، ۋە لېكىن ئۇنىڭمۇ تەدبىرى باردۇر، بۇ جايىدا ئېيتىلغان گەپ. شۇڭا بىلىپ دورا يەيلى .
ئوۋچىنىڭ قۇرالى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن.!!!......؟
دوستلىشىش
ئپارە408
ئانا  رازى   ﷲ   راز
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9754
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 26
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 360 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-25
ئاخىرقى: 2011-12-04
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-25 18:31

يىلان  قاتارلىق  ئىسسىقلىق  دورلارنى   كۆپ  ئىستىمال  قىلغاندا    بۆرەكنى   زەئىپلەشتۇر ۋىتىدۇ.
ئانا تىلىنى بىلمەسلىك، ئۆز ئانىسىنى تونۇمىغانلىق
kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1128
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1128دانە
ئۆسۈش: 2780 %
مۇنبەر پۇلى: 13592 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2012-09-07
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-25 23:43

رەھمەت قېرىندىشىم ساقلىۋالاي.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7275
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 226
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە226دانە
ئۆسۈش: 550 %
مۇنبەر پۇلى: 2661 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-07
ئاخىرقى: 2012-05-23
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-27 11:09

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !!!!!!!رەھمەت قېرىندىشىم  قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن . مەن سىناپ باقسام بۇلىدىكەن !