ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا خەۋپ – خەتەرنى ئانالىز قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ – خەتەرنى تونۇشى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈشى لازىم. ئانالىز قىلىش ئارقىلىق كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان يامان ئاقىۋەتلەرنى ئالدىن ئويلىشىش كېرەك. مەسىلەن: مەبلەغ سالغاندا سەۋەنلىك كۆرۈلسە، زىيان قانچىلىك بولىدۇ؟ مەبلەغنىڭ ۋاقتى توشۇپ قايتۇرۇۋالغىلى بولمىسا، قانچىلىك ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلىدۇ؟ قەرزنى قايتۇرۇۋالغىلى بولمىسا، قانداق تەسىرلەر پەيدا بولىدۇ؟ ۋاھاكازالار.
مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار دائىم خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئويلاپ يۈرگەندىن كۆرە، ئاكتىپ ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۆزىنى خەۋپ – خەتەردىن قاچۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتىنى ئىمكانقەدەر يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئۆزىنى خەۋپ – خەتەردىن قاچۇرۇشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللىرىنى يىغىنچاقلاپ چىققان:
ئۆزگەرتىش ئارقىلىق غەلىبە قازىنىش
‹‹ماسلىشالىغانلار ھايات قالىدۇ›› دېگەنلىك دەل ‹‹ئۆزگىرىش››نى تەكىتلەشتۈر، تىجارەتچىلەر سىرتقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى تەڭشىشى كېرەك.
كۈتمىگەن يەردىن چىقىش
بۇنىڭدا ئالاھىدىلىك بەك مۇھىم، ئالاھىدە مەھسۇلات، ئالاھىدە تىجارەت ئىدىيەسى، تىجارەت ئۇسۇلى ۋە مۇلازىمەت ئۇسۇلى ئارقىلىق رىقابەتچىلىرىنى يېڭىش كېرەك.
سۈرئەت بىلەن غەلىبە قىلىش
پۇرسەت قولدىن كەتسە قايتا كەلمەيدۇ، رىقابەتچىلىرىدىن بىر مىنۇت تېز ھەرىكەت قىلىش بىر پۇرسەتكە ئارتۇق ئېرىشىشتۇر. ھەر قانداق ئىشتا ئەزمىلىك قىلىپ، ئىككىلىنىپ ئولتۇرىدىغانلار ھامان بازار تەرىپىدىن شاللىۋېتىلىدۇ، مىنۇت – سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، ۋاقتىدا ھۆكۈم چىقىرىدىغان كىشىلەرلا غەلىبە قازىنالايدۇ.
كېيىن قول سېلىش
غەلىبە قازىنىش تاكتىكىسىدىن قارىغاندا، كېيىن قول سېلىش ئاۋۋال قول سېلىشتىن ياخشى بولۇپ، كېيىن قول سالغاندا ئالدىنقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇتۇق قازانغىلى بولىدۇ.
كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق
بۆسۈش ھاسىل قىلىش
بۇ تاكتىكا كىچىك كارخانىلارغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچى، ئىقتىسادىي كۈچى ئاجىز بولىدۇ، شۇڭا بارلىق كۈچنى مەركەزلەشتۈرمىسە غەلىبە قازىنىش تەسكە چۈشىدۇ.
ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇش
قانداق مەھسۇلاتنى سېتىش، قايسى بازارنى تاللاشنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. قىلىشقا تېگىشلىك، قىلسا بولىدىغان ئىشلارنى قىلىش كېرەك.
ئايلىنىپ ئۆتۈپ غەلىبە قىلىش
كىچىك كارخانىلار بىۋاسىتە رىقابەتكە چۈشمەي، ئايلىنىش تاكتىكىسىنى قوللىنىشى، باشقىلار قىلمىغاننى قىلىشى، باشقىلار قىلىشنى خالىمىغاننى قىلىشى كېرەك.
ئاز – ئازدىن جۇغلاش
‹‹ئاز – ئازدىن جۇغلاش›› بىر خىل تەدبىر، غەلىبە قازانغان تىجارەتچى ‹‹تاما – تاما كۆل بولۇر›› دېگەن قاراش بويىچە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ، كىچىك پايدىغا سەل قاراپ، زور پايدىنى كۆزلەيدىغان تىجارەتچىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى تەس.
ئەرزانلىق بىلەن غەلىبە قىلىش
‹‹ئاز پايدا ئېلىپ كۆپ سېتىش›› نۇرغۇن تىجارەتچى دائىم قوللىنىدىغان تىجارەت تاكتىكىسى. سېتىلىدىغان بولۇش بۇ تاكتىكىنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى