ئامېرىكىلىق 55 ياشلىق ئەر مورسىن يېقىندا ئالەم ئۆتكەن بولۇپ، 55 ياشلىق ھاياتىدا ئۇنىڭ پەقەت 20 سىكۇنتلىقلا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بولغان، ئۇ مەيلى قانداق ئادەم ياكى ئىشقا يولۇقمىسۇن 20 سىكۇنت كېيىن پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالغان، ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسى ئېينىشتىيىننىڭ چوڭ مېڭىسىگە ئوخشاش ساقلاپ قېلىنىپ ، كېيىنكى ئىلمىي تەتقىقاتتا ئىشلىتىلىدىكەن.
تازلاش سۇيۇقلىقىغا سېزىك بولۇپ قالغان ئايال
سىنگاپور ئەتىگەنلىك بىرلەشمە گېزىتىنىڭ يېقىندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھامىلدار ئاياللار ئادەتتە يىگىلى بولمايدىغان نەرسىلەرگىمۇ سېزىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. مەسىلەن ، ئەنگىلىيەدە 26 ياشلىق بىر ھامىلدار ئايال ئۆي سايمانلىرىنى تازلاش سۇيۇقلۇقىغا سېزىك بولۇپ قالغان، گەرچە ئۇ تازىلاش سۇيۇقلىقىنى ئىچسە ھامىلىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئۆزىنى زادىلا تۇتۇۋالالمايدىغان بولۇپ قالغان، ئېگىلىنىشچە بۇ ئايال ھېلىقى تازىلاش سۇيۇقلىقى كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئىچىدىكەن، ھازىرغىچە ئۈچ قۇتا تازلاش سۇيۇقلىقىنى ئىچىپ بوپتۇ. بۇ ئايالنىڭ ئاپىسى بىلەن قىينئاپىسمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش غەلىتە سېزىكنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، كۆمۈرگە سېزىك بولغان.
ماشىنا سۆيۈش مۇسابىقىسى
2006-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، چىلىنىڭ پايتەختىدە ئۆتكۈزىلگەن ماشىنا كۆرگەزمىسىدە ، بىر قانچە ئەر ماشىنىلارنى كۆرۈپ ھاياجانلىنىپ كەتكىنىدىن ماشىنىلارنى سۆيۈپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن يەرلىكتىكى بىر تېلىۋىزىيە ئىستانسى كۆرگەزمىدە ، بىر مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇپ ماشىنىنى ئەڭ ئۇزاق سۆيۈپ تۇرالىغان كىشىگە شۇ ماشىنىنى سوۋغا قىلىپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مۇسابىقىگە ئىنتايىن قىزىققان.
مەنبە: رادىئو « جاھان ئەينىكى» پىروگىراممىسى