باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 504 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئېيىتقىم كەلمەس ناخشىلارنى ئېيتىمەن...
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1276
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1276دانە
ئۆسۈش: 4410 %
مۇنبەر پۇلى: 16016 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2011-10-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 20:54

ئېيىتقىم كەلمەس ناخشىلارنى ئېيتىمەن...

ئېيىتقىم كەلمەس ناخشىلارنى ئېيتىمەن
كۆڭلى تارىتماي تاماق يىگەن بالىدەك.
ئىچ-ئىچىمدىن پىغان ئۆرلەپ تۇرسىمۇ،
قۇنۇۋالدى گۈل ئۇستىگە كېپىنەك.
+++++++++++++++++++++
بىراق مېنىڭ بىر دەستىمۇ گۇلوم يۇق،
ناخشىلارنى ئەركىلەتكەن بەرگىدە.
ئەزرائىلغا شېئىر ئۇقۇپ بېرىمەن،
سۆيگۇ،ئاشىق،ھايات،ئۆلوم..ھەققىدە.
++++++++++++++++++
بۇ دۇنيادا قۇدرەتلىكتۇر ھەممىدىن ،
كۆزياشلىرى سېمۇۋۇللوق بالىلار.
مەنمۇ تىخى بالا ئىدىم تۇنۇگۇن ،
خياللىرى يۇلتۇزلارنى يىغلىتار.
++++++++++++++++++++++
بالىلىقىم يۈرىكىمنى قىلسا قان،
كېپىنەككە ئايلانغىملا كىلەتتى.
قىزىل گۈلۈم ئاشۇ قاننىڭ ئچىدە
بىر جەسەتنىڭ بارلىقىنى بىلەتتى.
++++++++++++++++++++
رېئالىققا يۇزلەنمەسكە نە ئامال،
تاشلاپ كەتتى مېنى گۈل ھەم كىپىنەك ،
كۈن نۇرىدىن زىرىكمىگەن تاغ كەبى،
زىرىكمىدى ئاھ ئۇرۇشتىن بۇ يۇرەك.
----------------------------
          پىياز
بىر باش پىياز ئىدىم مەن گۇيا،
قەۋەت-قەۋەت دەردكە ئورالغان .
تۇغرالغاندا بىر قەۋەت قېنىم
ۋاقىرايدۇ تاغلار پەرىشان.
++++++++++++++++
ئېچىشىدۇ يارىمنىڭ كۆزى،
كۈلومسىرەپ سالغاندا پىچاق .
ھېچكىم ئۇيلاپ باقمىغان بىلەن ،
مېنىڭ باغرىم قان تۇلغان بۇلاق.
+++++++++++++++++++++
بۇ بۇلاقتا يۇيۇنمايدۇ ئاي،
قۇللىرىنى سۇنمايدۇ يۇلتۇز،
غەمگە پاتقان تاغنىڭ كەيندىن .
بىر باش پىياز ئەگىشەر يالغۇز.
++++++++++++++++++
بىر كۇبلىتلىق قۇشاقتەك گۇيا،
تۇيۇلماقتا سرلىق ئۆتمۇشۇم.
قايتا-قايتا ئۇقۇيدۇ ئۇنى
پىياز بۇلوپ تۇغرالغان گۈلۈم .
مەنبە :ئىلى دەرياسى ژۇرنىلى 2008-5-سان ئاپتۇرى:شىنجاڭ ئىقتىساد گىزىتىدىن قەيسەر تۇرسۇن .
دوستلىشىش
زاكات
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8565
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 25
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە25دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 320 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-12
ئاخىرقى: 2011-10-19

شېئىرنى ياخشى يېزىپتۇ. مەنغۇ شېئىر يازالمايتتىم. تۇرۇپلا قوشاق يازغىم كېلىپ قالدى.

بىر كۇپلىت شېئىردەك قسىلدىم  ئەجەپ
ھەر مىسرا قوينىدا تولغىنىپ نەچچە.
ئارزۇيۇم يېزلسا  قېپقىزىل بولۇپ،
ئېچلاتتى پورەكلەپ  مىڭلىغان غۇنچە.

كەتمدىم تېخىچە پتىمدىن يېنىپ، 
ياشايمەن ئۆزۈمنىڭ داستانلىرىدا. 
چىن تۆمۈر باتۇردەك ئوغۇز بۇۋامدەك  
تىكلەيمەن  ئابىدە ئانا تۇپراقتا.