ئېيىتقىم كەلمەس ناخشىلارنى ئېيتىمەن
كۆڭلى تارىتماي تاماق يىگەن بالىدەك.
ئىچ-ئىچىمدىن پىغان ئۆرلەپ تۇرسىمۇ،
قۇنۇۋالدى گۈل ئۇستىگە كېپىنەك.
+++++++++++++++++++++
بىراق مېنىڭ بىر دەستىمۇ گۇلوم يۇق،
ناخشىلارنى ئەركىلەتكەن بەرگىدە.
ئەزرائىلغا شېئىر ئۇقۇپ بېرىمەن،
سۆيگۇ،ئاشىق،ھايات،ئۆلوم..ھەققىدە.
++++++++++++++++++
بۇ دۇنيادا قۇدرەتلىكتۇر ھەممىدىن ،
كۆزياشلىرى سېمۇۋۇللوق بالىلار.
مەنمۇ تىخى بالا ئىدىم تۇنۇگۇن ،
خياللىرى يۇلتۇزلارنى يىغلىتار.
++++++++++++++++++++++
بالىلىقىم يۈرىكىمنى قىلسا قان،
كېپىنەككە ئايلانغىملا كىلەتتى.
قىزىل گۈلۈم ئاشۇ قاننىڭ ئچىدە
بىر جەسەتنىڭ بارلىقىنى بىلەتتى.
++++++++++++++++++++
رېئالىققا يۇزلەنمەسكە نە ئامال،
تاشلاپ كەتتى مېنى گۈل ھەم كىپىنەك ،
كۈن نۇرىدىن زىرىكمىگەن تاغ كەبى،
زىرىكمىدى ئاھ ئۇرۇشتىن بۇ يۇرەك.
----------------------------
پىياز
بىر باش پىياز ئىدىم مەن گۇيا،
قەۋەت-قەۋەت دەردكە ئورالغان .
تۇغرالغاندا بىر قەۋەت قېنىم
ۋاقىرايدۇ تاغلار پەرىشان.
++++++++++++++++
ئېچىشىدۇ يارىمنىڭ كۆزى،
كۈلومسىرەپ سالغاندا پىچاق .
ھېچكىم ئۇيلاپ باقمىغان بىلەن ،
مېنىڭ باغرىم قان تۇلغان بۇلاق.
+++++++++++++++++++++
بۇ بۇلاقتا يۇيۇنمايدۇ ئاي،
قۇللىرىنى سۇنمايدۇ يۇلتۇز،
غەمگە پاتقان تاغنىڭ كەيندىن .
بىر باش پىياز ئەگىشەر يالغۇز.
++++++++++++++++++
بىر كۇبلىتلىق قۇشاقتەك گۇيا،
تۇيۇلماقتا سرلىق ئۆتمۇشۇم.
قايتا-قايتا ئۇقۇيدۇ ئۇنى
پىياز بۇلوپ تۇغرالغان گۈلۈم .
مەنبە :ئىلى دەرياسى ژۇرنىلى 2008-5-سان ئاپتۇرى:شىنجاڭ ئىقتىساد گىزىتىدىن قەيسەر تۇرسۇن .