باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1019 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: شۇنداق بىر ئارزۇرۇم باركى،،،،
دوستلىشىش
samanyoli
ھەربىر قىيىنچىلىقنىڭ  كەينىدە بىر ئاسانچىل ..
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1230
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1230دانە
ئۆسۈش: 5590 %
مۇنبەر پۇلى: 16284 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2011-10-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 16:20

شۇنداق بىر ئارزۇرۇم باركى،،،،



مېنىڭ ئارزۇيۇم
                                                                 مارتىن لۇتىر كىڭ
                                                           سۇلايمان قېييۇم تەرجىمىسى

بىر ئەسىر ئىلگىرى، ئامېرىكىلىق بىر بۈيۈك زات①" نېگىر قۇللارنى ئازات قىلىش خىتاپنامىسى''نى ئىمىزالىغانىدى. بۈگۈن بىز بۇ بۈيۈك زاتنىڭ سىمىۋوللۇق مەنىگە باي ھەيكىلى چۈشۈرگەن سايە ئاستىدا بۇ يەرگە يىغىلدۇق. بۇ مۇھىم بۇيرۇق ئادالەتسىزلىكنىڭ ئازاپلىق يالقۇنلىرىدا جەبىر تارتىۋاتقان نەچچە مىلىيۇن نىگىر قۇلغا نىسبەتەن گويا ئۈمىد بېغىشلىغۇچى بەھەيۋەت ماياك، ئۇزاققا سوزۇلغان قۇللۇق زۇلىمىتىگە خاتىمە بەرگۈچى سۈبھى نۇرى.
ئەمما 100 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە،بىز نېگىرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەنلىكىدەك ھەقىقەتكە يۈزلىنىپ تۇرۇپتىمىز!100 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە،ئېرىقىي كەمسىتىشنىڭ ۋە ئېرقىي ئايرىمچىلىقنىڭ ئېغىر ئىشكەللىرى ئاستىدا،نېگىرلارنىڭ تۇرمۇشى زەئىپلىكتە ئۆتىۋاتىدۇ.100 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە،نېگىرلارنىڭ تۇرمۇشى مول بايلىققا تولغان دىڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قاقاس ئارالدا تۇرىۋاتىدۇ.100 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە،نگىرلار يەنىلا ئامرىكا جەمئىيىتىنىڭ بىر بۈرجەكلىرىدە ياشاۋاتىدۇ،ھەمدە ئۆز زىمىنىدا سەرگەردانلىقنىڭ تەمىنى تېتىۋاتىدۇ.بۈگۈن بىزنىڭ بۇ يەردە يىغىلىشىمىزمۇ،دەل شۇنداق كىشىنى ھەيران قىلىدىغان ھەقىقىي ئەھۋاللارنى خەلقى -ئالەمگە ئېچىپ بېرىش ئۈچۈندۇر!
مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،بۈگۈن بىز بېرىلگەن ۋەدىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ پايتەختىگە يىغىلدۇق.جۇمھورىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرى «مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى »نىڭ يۈرەكنى تىترىتىدىغان ھەر بىر سۆزلىرىنى يازغىنىدا،ھەر بىر ئامرىكىلىققا ۋەدە بېرىپ،ھەر بىر كىشىگە ھاياتلىق،ئەركىنلىك ۋە بەختنى قوغلىشىشىنىڭ مۇقەددەس ھوقوقىنى بېرىمىز دىگەنىدى.
رەڭلىك ئېرقتىكى پۇقرالارغا نىسبەتەن،ئامرىكا ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىدى.ئامرىكا بۇ مۇقەددەس مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىدى،ئۇ نېەىرلارغا بىر پارچە قۇرۇق چەك كىسىپ بەردى خالاس!بۇ چەككە«مەبلىغىمىز يىتىشمەيدۇ»دىگەن تامغا ئۇرۇلغاندىن كىيىن،يەنە قولىمىزغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ.ئەمما بىز ھەققانىيەتنىڭ بانكىسىنىڭ ۋەيران بولغىنىغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز!بىز بۇ دۆلىتىمىزنىڭ غايەت زور پۇرسەتلەر خەزىنىسىنىڭ قۇرۇپ قالغىنىغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز!شۇڭا بۈگۈن بىز بۇ چەكنى ئەمەلىلەشتۈرمەكچى---بۇ چەك بىزنى قىممەتلىك ئەركىنلىك ۋە ھەققانىي كاپالەت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
بىز بۇ مۇقەددەس يەرگە كېلىپ ئامرىكىنى تەكىتلىمەكچى،ھازىر ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددىي،ھازىر ئۆزىمىزنى بېسىۋىلىشقا ياكى ھۆكۈمەتنىڭ تىنچلاندۇرۇش ئۇكۇللىرىغا بويسۇنالمايمىز!ھازىر دەل دىمۇكراتىيە ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان پەيىت!ھازىر دەل ئېرقىي كەمسىتىشنىڭ قاراڭغۇ جىلغىسىدىن مىللىي باراۋەرلىكنىڭ نۇرلۇق يولىغا قەدەم قويىدىغان پەيىت!ھازىر دەل پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئوغۇل -قىزلىرىغا پۇرسەتلەر ئىشىكىنى ئاچىدىغان پەيت!ھازىر دەل دۆلىتىمىزنى ئېرىقىي باراۋەرسىزلىكنىڭ تەتۈر قاينىمىدىن ياندۇرۇپ،ئاكا-ئۇكا باراۋەرلىكىگە كەلتۈرىدىغان پەيت!
ناۋادا ئامرىكا ۋاقىتنىڭ تەخىرسىزلىكىگە ۋە نېگىرلارنىڭ قارارىغا سەل قارايدىكەن،ئۇنداقتا،ئامرىكىغا نىسبەتەن بۇ ئەجەللىك زەربە بولۇپ قالىدۇ.ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ خۇش ھاۋا كۈنلىرى يىتىپ كەلمەيدىكەن،نېگىرلارنىڭ قەھرى جاھاننى ئالىدۇ.1963-يىلى جەڭنىڭ ئاخىرىلىشىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ،ئەكسچە باشلىنىشىشىدۇر!بەزىلەر نېگىرلارنى ئانچە -مۇنچە ئۇچۇغداپ قويساقلا ئوڭشىلىپ قالىدۇ دەپ ئويلىشىدۇ،ناۋادا دۆلىتىمىز بۇ ئىشقا پىسەنت قىلمايدىكەن،بۇنداق خىيالچىلار ئۈمىتسىزلەنمەي قالمايدۇ.نېگىرلار پۇقرالىق ھوقوقىغا ئېرىشەلمەيدىكەن،ئامرىكىغا تىنچ-ئامانلىق يوق!ھەقىقەتنىڭ نۇرلىرى بىر كۈن يىتىپ كەلمەيدىكەن،قارشلىق بورانلىرى بۇ دۆلەتنىڭ ھۇلىنى تەۋرەتمەي قالمايدۇ!
ئەمما ھەققانىيەتنىڭ دەرۋازىسىدا تاقىتى تاق بولغان كىشىلەرگە بەزى گەپلەرنى قىلىشىم زۆرۈر.قانونىي ئورنىمىزغا ئېرىشىش مۇساپىمىزدا،خاتا يوللاردىن،خاتا ئىشلاردىن ساقلىنىشىمىز زۆرۈر.ئەكىنلىككە بولغان تەقەززالىقىمىزنى دەپلا،دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك جامىدا شاراپ ئىچسەك بولمايدۇ.بىزنىڭ كۆرەشلىرىمىز مەڭگۈ توغرا يولدا،قاتتىق ئىنتىزام ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى لازىمدۇر.بىزنىڭ يېڭى مەۋقە ئۇقۇمدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمىز زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە ئايلىنىپ كەتسە بولمايدۇ.بىز ئىشلىرىمىزنى روھىيەت بىلەن ماددى دۇنيانى يېڭىدىغان دەرىجىگە كۆتۈرۈشىمىز لازىمدۇر. نېگىرلار دۇنياسىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىنقىلاۋى روھىمىز بار،ئەمما بۇنىڭ بىلەنلا بارلىق ئاق تەنلىكلەرگە بولغان ئىشەنچىمىزنى يوقاتساق بولمايدۇ،چۈنكى بىزنىڭ نۇرغۇن ئاق تەنلىك ئاكا-ئىنىلىرىمىز شۇنى تونۇپ يەتتىكى،ئۇلارنىڭ تەقدىرى بىزنىڭ تەقدىرىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.بۈگۈنكى يىغىلىشىمىزغا قاتناشقان ئاق تەنلىكلەر بۇنىڭ پاكىتى.ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز زىچ باغلىنىشلىق،بىز ئايرىم ھەرىكەت قىلساق بولمايدۇ.
بىز ھەرىكەتلەنگەندە چوقۇم ئالدىغا قاراپ مېڭىشىمىز كېرەك،كەينىمىزگە يېنىشقا بولمايدۇ،ھازىر بەزىلەر ئوتيۈرەك ئىنسانىي ھوقوقچىلىرىدىن «سىلەر قاچان زارى بولىسىلەر؟»دەپ سورىشىۋاتىدۇ.
ئەگەر نېگىرلار داۋاملىق ساقچىلارنىڭ ياۋۇزلارچە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدىكەن،بىز ھەرگىزمۇ رازى بولالمايمىز!
ئەگەر بىزنىڭ مىھنەتكەش گەۋدىمىز يول بويىدىكى ياكى شەھەرلەردىكى مىھمانخانىلارغا سىغمايدىكەن،ئۇنداقتا بىز ھەرگىزمۇ رازى بولالمايمىز!
ئەگەر نېگىرلارنىڭ ئاساسلىق تۇرمۇش دائىرىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراق رايونىنىڭ كىچىك نامراتلار رايونىدىن چوڭ نامراتلار رايونىغا يۆتكىلىدىكەن،ئۇنداقتا بىز ھەرگىزمۇ رازى بولالمايمىز!
ئەگەر مىسسىپى شىتاتىدا يەنە بىر نېگىر سايلامغا قاتنىشالمايدىكەن،ناۋادا نىيويوركتىكى بىر نېگىرنىڭ سايلام بىلىتى ئەتكەس قىلىنىدىكەن،ئۇنداقتا بىز ھەرگىزمۇ رازى بولالمايمىز!
ياق!بىز ھازىر ھەرگىزمۇ رازى بولالمايمىز،كەلگۈسىدىمۇ ھەققەنىيەتنىڭ دولقۇنلىرى مەۋج ئۇرۇپ دولقۇنلىمىغۇچە ،بىز ھەرگىزمۇ رازى بولالمايمىز!
مەن دىققەت قىلدىم،بۈگۈن يىغىلىشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا زۇلۇمنى بولۇشىغا تارتقان،ئەمدىلا تار قاماقخانىلاردىن چىققان،ئەركىنلىكنى قوغلاشقىنى ئۈچۈن،ئۆز زىمىنلىرىدا ئۆلگۈدەك تاياق يىگەن.ساقچىلارنىڭ بورانلىرىدا يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان كىشىلەر باركەن،سىلەر ئىنسانلار پەيدا قىلغان ئازاپنىڭ دەردىنى تارتقانلار،تىرىشىڭلار،شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى،سىلەرگە تەئەللۇق بولمىغان ئازاپلارنى تارتىش بىر خىل گۇناھىنى يەڭگىللىتىش يولىدۇر. !
بىز مىسسىپىغا قايتايلى،ئاراباماغا قايتايلى،جەنۇبى كارولىناغا قايتايلى،گىئورگىيەگە قايتايلى،لۇئىس ئانناغا قايتايلى،بىزنىڭ شىمالىدىكى شەھەرلىرىمىزدىكى نامراتلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىمىزغا قايتايلى،كۆڭلىمىزدە سان بولسۇنكى،بۇ خىل ئەھۋال ھامىنى بىر كۈنى ئۆزگىرىدۇ،بىز ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويساق بولمايدۇ.
دوستلىرىم،بۈگۈن سىلەرگە شۇنداق ئېيتالايمەنكى،مۇشۇ دەقىقىلەردە،بىز ھەر خىل ئازاپ-ئوقۇبەتلەرگە ئۇچرىساقمۇ،بىز يەنىلا ئارزۇغا ئىگە،بۇ ئارزۇ ئامرىكىنىڭ ئارزۇسى ئىچىگە يىلتىز تارتقان بىر ئارزۇ!
شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى،بۇ دۆلەت ئورنىدىن دەس تۇرۇپ،«بۇ ھەقىقەتلەرگە قىل سىغمايدۇ،ھەممە كىشى باراۋەردۇر» دىگەن سۆلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىگە يەتسە!
شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى،گىئورگىيەنىڭ قىزىل تېغىدا،قۇللارنىڭ بالىلىرى بىلەن قۇلدارلارنىڭ بالىلىرى بىللە ئولتۇرۇپ،ئاكا-ئۇكا بولۇشسا!
شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى،مىسسىپى شىتاتىمۇ ھەققانىيەت بايرىقىنى كۆتىرىپ،زۇلمەت دۇنيانىڭ قۇملۇقلىرى ھاققانىيەت دۇنياسىنىڭ بوستانلىقىغا ئايلانسا! !
شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى،مېنىڭ تۆت بالام كىشىگە تېرىسىنىڭ رەڭگىگە قاراپ ئەمەس بەلكى ئەخلاقىنىڭ ياخشى يامانلىقىغا قاراپ باھا بېرىدىغان دۆلەتتە ياشىسا!
شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى،ئاراباما شىتاتى ئۆزگىرىپ،بىر كۈنلەردە شۇ يەردىكى نېگىرلار ئاق تەنلىكلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ،بىللە ئىلگىرلىسە!
شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى،جىلغىلار ئۆرلەپ،تاغلار پەسىيىپ،مۇشاققەت يوللار تۈزلەنسە،نۇر جاھاننى قاپلىسا!
مانا بۇ بىزنىڭ ئارزۇيىمىز!بىز مۇشۇ ئارزۇ بىلەن جەنۇپقا قايتتۇق.مۇشۇ ئارزۇيىمىز بولسىلا،ئۈمىتسىزلىك قىيالىرىنى ئارزۇلارغا تولدۇرالايمىز،مۇشۇ ئارزۇيىمىز بولسىلا،بۇ دۆلەتتىكى يېقىمسىز ئۇرۇش ئاۋازلىرىنى،يېقىملىق سېمفونىيەگە ئايلاندۇرالايمىز!
مۇشۇ ئارزۇيىمىز بولسىلا،بىللە ئىشلىيەلەيمىز،بىللە دۇئا قىلالايمىز،بىللە كۆرەش قىلالايمىز،بىللە تۇرمىگە قامىلىمىز،ئەركىنلىكنى بىللە ھىمايە قىلالايمىز!شۇڭا ئىشىنىمىزكى،ھامىنى بىر كۈنى ئەركىنلىككە چىقىمىز!
ئەركىنلىك يىتىپ كەلگەن كۈنى،پەرۋەردىگارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى باشقىچە زوق بىلەن،«مېنىڭ ۋەتىنىم،مېنىڭ گۈزەل ماكانىم،مەن سېنى كۈيلەيمەن،سەن ئاجداتلار قان بەرگەن زىمىن،سەن بىزنىڭ پەخرىمىز،ئەركىنلىك ئاۋازىمىز ھەر جايدا ياڭرار»دەپ ناخشا ئېيتىشىدۇ.
ناۋادا ئامرىكا ئۇلۇغ دۆلەت بولىمەن دەيدىكەن،بۇ ئارزۇ چوقۇم ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك!ئەركىنلىكنىڭ ئاۋازى زىمىنلارنى تىترىتىشى كېرەك!نيويورك شىتاتىنىڭ تاغۇ دەريالىرىنى تىترىتىشى كېرەك!
ئەركىنلىكنىڭ ئاۋازى كولورادو سىتاتىنىڭ مۇزلۇقلىرىدا ياڭرىسۇن!ئەركىنلىكنىڭ ئاۋازى كالىفورنىيەنىڭ تاغلرىدا ياڭرىسۇن!بۇنىڭلىق بىلەنلە ئاماس،يەنە گىئورگىيە زىمىنىنىمۇ تەۋرەتسۇن!تىنناس شىتاتىدىكى تاغلاردا ياڭرسۇن!
ئەركىنلىك ئاۋازى مىسسىپىنىڭ ھەر بىر تاغلىرىدا ياڭرىسۇن!ئامرىكىنىڭ ھەر بىر زىمىنىدا ياڭرىسۇن!
بىزنىڭ ئەركىنلىك سادالىرىمىزنى ياڭرىتايلى،ھەربىر شىتات ۋە شەھەرلەردە ياڭرىتايلى،بىز شۇ كۈننىڭ كېلىشىنى تېزلىتەلەيمىز!شۇ چاغدا،پەرۋەردىگارنىڭ بەندىلىرى نېگىرلار،ئاقلار،يەھۇدىلار ۋە غەيرى يەھۇدىلار،خىرىستىيانلار،كاتولىكلار قول تۇتۇشۇپ،بىر قەدىمىي نېگىر ناخشىسىنى ئېيتىشىدۇ''ئاخىرى ئەكىن بولدۇق،ئاخىرى ئەركىن بولدۇق،پەرۋەردىگارغا رەھمەت!بىز ئاخىرى ئەركىنلىككە چىقتۇق!''
مەنبە: "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژورنىلى 2005-يىللىق 3- سانىدىن ئېلىندى.
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 1828
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1828دانە
ئۆسۈش: 4490 %
مۇنبەر پۇلى: 22106 سوم
تۆھپىسى: 171 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2011-10-19

ئەمەل تىگىپتۇ ھە  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
dulbarqin310
ئاللاھ خالىسا كۈلۈپ ياشايمەن.
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 749
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە749دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 7832 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2011-10-19
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 16:24

ئەركىنلىككە ئىنتىلمەيدىغان كىم بار، ھەممىمىز ئەركىنلىكنى قوغلۇشۇپ كۈنىمىزنى ئۆتكىزىمىز گەرچە بۇجاھاندا مۇتلەق ئەركىنلىك بولمىسىمۇ.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دوستلىشىش
nazli0998
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4714
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 466
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە466دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 4825 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2011-10-19
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 16:27

شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى . . . . . . . . . . . . . . . . . . .
دوستلىشىش
كۆكئاي
باراۋەرسىزلىك ئىتپاقلىققا ئۆچ.ئىتپاقلىق دۆلەت
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 610
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە610دانە
ئۆسۈش: 740 %
مۇنبەر پۇلى: 6958 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-09
ئاخىرقى: 2011-10-20
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 16:29

3-قەۋەت (nazli0998) نىڭ يازمىسىغا

قاچانغىچە ئارزويىڭىزنى چىكىت پەشلەر بىلەن ئىپادىلەيسىز دەۋىتىڭ بولدى بىزمۇ ئاڭلاپ باقايلى
dinimizislam.blogbus.com
دوستلىشىش
samanyoli
ھەربىر قىيىنچىلىقنىڭ  كەينىدە بىر ئاسانچىل ..
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1230
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1230دانە
ئۆسۈش: 5590 %
مۇنبەر پۇلى: 16284 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2011-10-19
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 16:38

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى تاھىر نىڭ 2011-08-16 16:23 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەمەل تىگىپتۇ ھە  

راس دەيسىز ،تاھىرجان،،،،،،،،،،،،،،كىچىككىنە بولسىمۇ ئەمەلدار بوپ قالدۇققۇ،،،،،،،،،،،،،
ئاۋۇ كۆۋرۈك دىگەن قېرىنىڭ ئەدىپىنى دەششەت بىرىمەن دەڭە ئەمدى،،،،،،،،ھا،،ھا،،،ھا،،،،،،،
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
mp3
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 4
ئومۇمىي يازما: 40
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە40دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 400 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2011-10-18
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 16:47

ئەركىنلىك يىتىپ كەلگەن كۈنى،پەرۋەردىگارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى باشقىچە زوق بىلەن،«مېنىڭ ۋەتىنىم،مېنىڭ گۈزەل ماكانىم،مەن سېنى كۈيلەيمەن،سەن ئاجداتلار قان بەرگەن زىمىن،سەن بىزنىڭ پەخرىمىز،ئەركىنلىك ئاۋازىمىز ھەر جايدا ياڭرار»دەپ ناخشا ئېيتىشىدۇ.

مونۇ مىسرالار يۈرەكنى چىكىدىكەن ھە؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
دوستلىشىش
samanyoli
ھەربىر قىيىنچىلىقنىڭ  كەينىدە بىر ئاسانچىل ..
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1230
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1230دانە
ئۆسۈش: 5590 %
مۇنبەر پۇلى: 16284 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2011-10-19
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 16:51

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى nazli0998 نىڭ 2011-08-16 16:27 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى . . . . . . . . . . . . . . . . . . .

قاملاشقان يىگىتتىن بىرنى تېپىپ ياتلىق بولۇش ،،،،،،،،،،،،شۇنداقمۇ يا،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،چاقچاق ھە،،،،،،،،،،،،
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8525
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 146
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە146دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1535 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-09
ئاخىرقى: 2011-09-17
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 17:10

ئەركىنلىككە ئىنتىلمەيدىغان كىم بار،
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6506
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 66
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە66دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 685 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-14
ئاخىرقى: 2011-09-16
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 17:29

بۇنڭ بىزگە دەرىس قىلىپ ئۆتكەن .