ئەقىللىق خئوتۇن ھەمىشە ئېرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. سېلىشتۇرغانسىرى ئېرىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. ئەقىلسىز خوتۇن ئېرىنىڭ كەنچىلىكىنى باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرىدۇ، سېلىشتۇرغانسىرى ئۈمۈدسىزلىنىڭ، دىلى غەش بولۇپ، ئېرىدىن كۆڭلى سۇۋۇيدۇ. ئەقىلىق خوتۇن ئېرىنىڭ كەسپىنى قوللاپ،پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىدۇ، ئەقىلسىز خوتۇن ئېرىنىڭ كەسپىگە بېرىلىشنى قوللىمايدۇ. ئەقىللىق خوتۇن ئۆيدە ئېرىنىڭ خاتالىقىنى ئەيىبلىسىمۇ، ئەمما ئاممىۋى سورۇنلاردا دائىم ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ماختايدۇ. ئەقىلسىز خوتۇن ئۆيىدە ئېرىدىن ئىنتايىن رازى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىسىمۇ، ئەمما ئاممىۋى سورۇنلاردا ھەمىشە ئېرىنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدۇ. ئەقىللىق خوتۇن ھەمىشە ئېرىنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشۈنۈشكە تىرىشىدۇ، ئېرى قىلماقچى بولغان ئىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەنئ الدىن قىلىپ قويىدۇ.
ئەقىلسىز خوتۇن ئېرىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەي، بىپەرۋا يۈرىدۇ ھەمدە دائىم باشقىلار ئالدىدا ئېرىنى ئىشقا بۇيرىدۇ.ئەقىللىق خوتۇن ئېرىنىڭ لەۋزى بىلەن بىر تاۋۇزنى مېھماننىڭ ئالدىغا ئۈچ قېتىم ئېلىپ چىقالايدۇ. ئەقىلسىز خوتۇن بىر تاۋۇزنى مېھماننىڭ ئالدىغا بىر قېتىملا ئېلىپ چىقالايدۇ. ئېرى باشقىنى ئېلىپ چىقىشقا بۇيرىسا ئېرىنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئەقىللىق خوتۇن ئېرىنى ئۇرۇنسىز كۈنلىمەيدۇ، ئەقىلسىز خوتۇن ئېرىنى ئۇرۇنسىز كۈنلەپ، دۇستلىرىغا ئېرىنى باشقىلار بىلەن ئارلاشتى دەپ ئېرىنىڭ يامان گېپىنى قىلىدۇ.
مەنبە:ئاياللار ژورنىلىدىن