查看完整版本: [-- ئەقىللىق خوتۇن --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> يۇمۇر لەتىپىلە -> ئەقىللىق خوتۇن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

كوكتالالىق 2011-08-15 12:55
ئەقىللىق خئوتۇن ھەمىشە  ئېرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. سېلىشتۇرغانسىرى ئېرىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. ئەقىلسىز خوتۇن ئېرىنىڭ كەنچىلىكىنى باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرىدۇ، سېلىشتۇرغانسىرى ئۈمۈدسىزلىنىڭ، دىلى غەش بولۇپ، ئېرىدىن كۆڭلى سۇۋۇيدۇ. ئەقىلىق خوتۇن ئېرىنىڭ كەسپىنى قوللاپ،پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىدۇ، ئەقىلسىز خوتۇن  ئېرىنىڭ كەسپىگە بېرىلىشنى قوللىمايدۇ.   ئەقىللىق خوتۇن ئۆيدە ئېرىنىڭ خاتالىقىنى ئەيىبلىسىمۇ، ئەمما ئاممىۋى سورۇنلاردا دائىم ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ماختايدۇ. ئەقىلسىز خوتۇن ئۆيىدە ئېرىدىن ئىنتايىن رازى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىسىمۇ، ئەمما ئاممىۋى سورۇنلاردا ھەمىشە ئېرىنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدۇ. ئەقىللىق خوتۇن ھەمىشە ئېرىنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشۈنۈشكە تىرىشىدۇ، ئېرى قىلماقچى بولغان ئىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەنئ الدىن قىلىپ قويىدۇ.
   ئەقىلسىز خوتۇن ئېرىنىڭ  تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەي، بىپەرۋا يۈرىدۇ ھەمدە دائىم باشقىلار ئالدىدا ئېرىنى ئىشقا بۇيرىدۇ.ئەقىللىق خوتۇن ئېرىنىڭ لەۋزى بىلەن بىر تاۋۇزنى مېھماننىڭ ئالدىغا ئۈچ قېتىم ئېلىپ چىقالايدۇ. ئەقىلسىز خوتۇن بىر تاۋۇزنى مېھماننىڭ ئالدىغا بىر قېتىملا ئېلىپ چىقالايدۇ. ئېرى باشقىنى ئېلىپ چىقىشقا بۇيرىسا ئېرىنى ئوسال  ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.  ئەقىللىق خوتۇن ئېرىنى ئۇرۇنسىز كۈنلىمەيدۇ، ئەقىلسىز خوتۇن ئېرىنى ئۇرۇنسىز كۈنلەپ، دۇستلىرىغا ئېرىنى باشقىلار بىلەن ئارلاشتى دەپ ئېرىنىڭ يامان گېپىنى قىلىدۇ.
  
        مەنبە:ئاياللار ژورنىلىدىن

aral52 2011-08-15 21:09
<تاۋۇز>ۋەقەسى دىنلا خىېلى مەنەلار چىقىدىكەن......كورۇپ قويغۇدەك  تىما ئىكەن ماۋۇ................

abduwali123 2011-08-15 21:29
نادىر  تېما ئىكەن

deyarem 2011-08-16 13:34
نادىر  تېما ئىكەن

dulbarqin310 2011-08-16 18:56
ئوغۇللارغا بەك ياراپ كېتىپتۇ ماۋۇ تېما ھە. دېمىسىمۇ ياخشى تېمىكەن.


查看完整版本: [-- ئەقىللىق خوتۇن --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.044069 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us