باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2040 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ماۋزىدوڭنىڭ جەمئىي نەچچە بالىسى بار؟
ئوۋچى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1905
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2011-09-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-13 18:19

ماۋزىدوڭنىڭ جەمئىي نەچچە بالىسى بار؟

           ماۋزىدوڭنىڭ جەمئىي نەچچە بالىسى بار؟ ماۋزىدوڭنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى توغرىسىدىكى تەرجىمال خاراكتىرلىك كىتابلار كۆپلەپ نەشىر قىلىنۋاتقان بولسىمۇ ئەمما،ئۇ كىتابلاردا ماۋزىدوڭنىڭ بالا-چاقىلىرى توغرىسىدا بىرىلگەن مەلۇماتلار ئىنتايىن ئاز، ھەمدە ئاساسەن ئوخشاش.يەنى بىزگە مەلۇملۇق بولغان ماۋزىدوڭنىڭ بالىلىرى:ماۋ ئەنيىڭ،ماۋ ئەنچىڭ،لى مىن ۋە لى نا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەمما ماۋزىدوڭنىڭ بۇنىڭدىنمۇ باشقا پەرزەنىتلىرى بولغانلىقى توغرىسىدا خەنزۇلارنىڭ تور بەت،مۇنبەرلىرىدە تېمىلار تولا.تۆۋەندە مەن شۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر تېمىنىڭ تەرجىمىسىنى يوللۇدۇم،قىزىققۇچىلار بىرىلگەن ئەسلى مەنبەگە كىرىپ كۆرۈپ باقسا بۇلىدۇ.شۇ تېمىنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا،ماۋزىدوڭ ئۈچ ئايالىدىن جەمئىي ئون بالىلىق بولغان ئىكەن،بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا:1-           بالىسى ماۋ ئەنيىڭ:1922-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى خۇنەن چاڭشادا تۇغۇلغان بۇلۇپ،ماۋزىدوڭنىڭ تۇنجى ئايالى ياڭ كەيخۇيدىن بولغان.دەسلەپتە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇغان، 1950-يىلى چاۋشىيەنگە ياردەم بىرىش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان.2-           بالىسى ماۋ ئەنچىڭ:1923-يىلى تۇغۇلغان.ئۇمۇ ياڭ كەيخۇيدىن بولغان.3-           بالىسى:ماۋ ئەنلوڭ:1927-يىلى 2-ئايدا ۋۇچاڭدا تۇغۇلغان. 1931-يىلى 5-ئايدا ئىچى سۈرۈپ،قىزىتمىسى يانماي ئۈلۈپ كەتكەن،ئۇمۇ ياڭ كەيخۇيدىن بولغان.4-           بالىسى (چوڭ قىزى) ماۋ جىنخۇا: ئۆزگەرتكەن ئىسمى ياڭ يۆخۇا ، 1929-يىلى 3-ئايدا ماۋزىدوڭنىڭ ئىككىنچى ئايالى خېزى جېندىن تۇغۇلغان.كىيىن پۇقرالارنىڭ بېقىشىغا بىرىلگەن.1973- يىلى تېپىلغان ۋە سالاھىيىتى بىكىتىلگەن.5-           بالىسى ماۋ ئەنخۇڭ:1932-يىلى 11-ئايدا خېزى جېن فۇجىيەندە تۇققان.ئۇزۇن سەپەر مەزگىلىدە ماۋزېمىننىڭ بېقىپ تۇرىشىغا بىرىلگەن.كيىن ماۋزېمىن قۇربان بولغاندىن كېيىن،بالىنىڭ دېرىكى بولمىغان.6-           بالىسى:خې زىجېن كەينى-كەينىدىن قوساق كۆتۈرىۋەرگەنلىكى ۋە تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ناچار بولغانلىقى سەۋەبىدىن، 6-بالىسى تۇغۇلۇپلا ئۈلۈپ قالغان.7-           بالىسى :1935-يىلى 2-ئايدا خې زىجېن گۇيجۇدا تۇققان قىز.بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن شۇ يەرلىك كىشىگە بىرىۋىتىلگەن،كىيىن ئىز- دېرىكى بولمىغان.8-           بالىسى لى مىن:خې زىجېن تۇققان قىز،ئەسلى ئىسمى ماۋ جياۋجياۋ،1947-يىلى ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ماۋزىدوڭ ئۇنىڭ ئىسمىنى لى مىنغا ئۆزگەرتىپ قويغان.9-           بالىسى:1938-يىلى 10-ئايدا خې زىجېن موسكۋادا تۇققان ئوغلى بۇلۇپ،10 ئايلىق بولغاندا ئۆپكە ياللۇقى بىلەن ئۈلۈپ كەتكەن.10-     لى نا:1940-يىل 8-ئايدا تۇغۇلغان،جياڭ چىڭدىن تۇغۇلغان قىزى.ئەسلى مەنبە: http://hi.baidu.com/liuzhl/blog/item/2ce67cd15383f73e9b5027d1
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8525
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 148
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە148دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1555 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-09
ئاخىرقى: 2011-12-03
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-14 15:39