查看完整版本: [-- ماۋزىدوڭنىڭ جەمئىي نەچچە بالىسى بار؟ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> يۇمۇر لەتىپىلە -> ماۋزىدوڭنىڭ جەمئىي نەچچە بالىسى بار؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ubulkasim 2011-08-13 18:19
           ماۋزىدوڭنىڭ جەمئىي نەچچە بالىسى بار؟ ماۋزىدوڭنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى توغرىسىدىكى تەرجىمال خاراكتىرلىك كىتابلار كۆپلەپ نەشىر قىلىنۋاتقان بولسىمۇ ئەمما،ئۇ كىتابلاردا ماۋزىدوڭنىڭ بالا-چاقىلىرى توغرىسىدا بىرىلگەن مەلۇماتلار ئىنتايىن ئاز، ھەمدە ئاساسەن ئوخشاش.يەنى بىزگە مەلۇملۇق بولغان ماۋزىدوڭنىڭ بالىلىرى:ماۋ ئەنيىڭ،ماۋ ئەنچىڭ،لى مىن ۋە لى نا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەمما ماۋزىدوڭنىڭ بۇنىڭدىنمۇ باشقا پەرزەنىتلىرى بولغانلىقى توغرىسىدا خەنزۇلارنىڭ تور بەت،مۇنبەرلىرىدە تېمىلار تولا.تۆۋەندە مەن شۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر تېمىنىڭ تەرجىمىسىنى يوللۇدۇم،قىزىققۇچىلار بىرىلگەن ئەسلى مەنبەگە كىرىپ كۆرۈپ باقسا بۇلىدۇ.شۇ تېمىنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا،ماۋزىدوڭ ئۈچ ئايالىدىن جەمئىي ئون بالىلىق بولغان ئىكەن،بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا:1-           بالىسى ماۋ ئەنيىڭ:1922-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى خۇنەن چاڭشادا تۇغۇلغان بۇلۇپ،ماۋزىدوڭنىڭ تۇنجى ئايالى ياڭ كەيخۇيدىن بولغان.دەسلەپتە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇغان، 1950-يىلى چاۋشىيەنگە ياردەم بىرىش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان.2-           بالىسى ماۋ ئەنچىڭ:1923-يىلى تۇغۇلغان.ئۇمۇ ياڭ كەيخۇيدىن بولغان.3-           بالىسى:ماۋ ئەنلوڭ:1927-يىلى 2-ئايدا ۋۇچاڭدا تۇغۇلغان. 1931-يىلى 5-ئايدا ئىچى سۈرۈپ،قىزىتمىسى يانماي ئۈلۈپ كەتكەن،ئۇمۇ ياڭ كەيخۇيدىن بولغان.4-           بالىسى (چوڭ قىزى) ماۋ جىنخۇا: ئۆزگەرتكەن ئىسمى ياڭ يۆخۇا ، 1929-يىلى 3-ئايدا ماۋزىدوڭنىڭ ئىككىنچى ئايالى خېزى جېندىن تۇغۇلغان.كىيىن پۇقرالارنىڭ بېقىشىغا بىرىلگەن.1973- يىلى تېپىلغان ۋە سالاھىيىتى بىكىتىلگەن.5-           بالىسى ماۋ ئەنخۇڭ:1932-يىلى 11-ئايدا خېزى جېن فۇجىيەندە تۇققان.ئۇزۇن سەپەر مەزگىلىدە ماۋزېمىننىڭ بېقىپ تۇرىشىغا بىرىلگەن.كيىن ماۋزېمىن قۇربان بولغاندىن كېيىن،بالىنىڭ دېرىكى بولمىغان.6-           بالىسى:خې زىجېن كەينى-كەينىدىن قوساق كۆتۈرىۋەرگەنلىكى ۋە تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ناچار بولغانلىقى سەۋەبىدىن، 6-بالىسى تۇغۇلۇپلا ئۈلۈپ قالغان.7-           بالىسى :1935-يىلى 2-ئايدا خې زىجېن گۇيجۇدا تۇققان قىز.بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن شۇ يەرلىك كىشىگە بىرىۋىتىلگەن،كىيىن ئىز- دېرىكى بولمىغان.8-           بالىسى لى مىن:خې زىجېن تۇققان قىز،ئەسلى ئىسمى ماۋ جياۋجياۋ،1947-يىلى ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ماۋزىدوڭ ئۇنىڭ ئىسمىنى لى مىنغا ئۆزگەرتىپ قويغان.9-           بالىسى:1938-يىلى 10-ئايدا خې زىجېن موسكۋادا تۇققان ئوغلى بۇلۇپ،10 ئايلىق بولغاندا ئۆپكە ياللۇقى بىلەن ئۈلۈپ كەتكەن.10-     لى نا:1940-يىل 8-ئايدا تۇغۇلغان،جياڭ چىڭدىن تۇغۇلغان قىزى.ئەسلى مەنبە: http://hi.baidu.com/liuzhl/blog/item/2ce67cd15383f73e9b5027d1

bilig 2011-08-13 22:17
ماۋزىدۇڭدىن ئۆگەنمەيلى  بۇ ئادەم پىلانلىق تۇغۇتنى  بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ

nazim 2011-08-13 23:03
ۋاي -ۋۇي نىمانداق كۆپ، يىغسا بىر تۈۋەن ئەسكەر بولغۇدەك ھە....

kuwruk 2011-08-14 12:44
ماۋزىدۇڭ جۇڭگۇ خەلىقنىڭ ئازاتلىق ئىشلىرى ئۇچۇن ئايالى ۋە پەرزەنىتلىرى نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بەرگەن بەزى پەرزەنىتلىرى ئىز-دىرەكسىز يۇقىلىپ كەتكەن ،،لىكىن ئاخرقى ئايالى جاڭ چىڭ ،،،،،،تازا ياخشى چىقماي قالدىدە،،،،!!!!!!

deyarem 2011-08-14 15:39

پولات 2011-08-14 16:38
تازا   خوتۇن  پۇرۇش نىمىدەك قىلىدۇ . بۇ باشلىق ھە.

جەڭچى 2011-08-14 20:00
http://news.qq.com/a/20110814/000741.htm?qq=0&ADUIN=1505622828&ADSESSION=1313316940&ADTAG=CLIENT.QQ.3439_.0بۇ ئادرىستىكى خەۋەرنى تەرجىمە قىلىپ خەۋەر قىلىپ مۇنبەرگە يوللاپ قويساڭلار.

salaf 2011-08-14 20:59
بۇ قېرى پاشۋازنىڭ سىرلىرى ئاز تۇلا پاش بولغىلى تۇرۇپتۇ دە. تىخى مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇنلۇق كۆپ خۇتۇنلۇق بۇلۇشنى خۇراپات، ئاقچى، كۆكچى دەپ جۆيلۈشلىرى بۇ  قېرى پاشۋاز  كوممۇنىستلارنىڭ.

ئەنى-بەنى 2011-08-16 18:50
..قالايماقان   گەپ سۆز    قىلماڭ   قېىرندىشىم ........ ئاغزىڭىزدىن  كىتىپ قالماڭ  يەنە .......

بىلىپ قالسىڭىز  شۇ كۇپايە ..........    بىلىپ قالغاندىن  باشقا  بۇ گەپلىرىڭزگە  سىزگە ھەرگىز مۈڭگۈز قۇلاق  چىقىپ قالمايدۇ..

ئاللا ئىگىمىزنىڭ  ئۇرۇنلاشتۇرشى  زامان  ۋە ماكان  شارائىت   ،،،سىز ۋە بىز  بۇنىڭغا  بىرنىمە  دىيەلمەيمىز ...

يەنە بىرگەپ ....

لالما  ئىت  بەك قاۋايدۇ  
قاۋاپ قىردىن  ئاشالمايدۇ.

بىرنىڭ  پۇقى مىڭغا بولمىسۇن .....مۇنبەر نىڭ   تىنىچلىقىنى  ساقلىساق  سىزگىمۇ  بىزگىمۇ ياخشى .

قويچى 2011-11-19 13:39
داھىمۇ جوڭگۇ ئۈچۈن خېلى  كۆپ ئىنقىلاپچى تەربىلەپتىكەن جۇمۇ


查看完整版本: [-- ماۋزىدوڭنىڭ جەمئىي نەچچە بالىسى بار؟ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.059978 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us