ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئەزىز قىرىنداشلار:
ئارىمىزدىكى ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان ۋە مۇشۇ يولدا ئىزدىنىۋاتقان دوستلار ئۈچۈن ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان،ئۈگىنىدىغان ۋە ھەمكارلىشىدىغان قوللىنىشچان سەھنە ھازىرلاش مەقسىتىدە بىر ئىگىلىك تور پونكىتى قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلدىم. بۇ بىر غايەت زور خىزمەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئارىمىزدىكى بۇ ئىشقا قىزىقىدىغان دوستلار بىلەن ھەمكارلىشىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى بۇ تور ئادرىسىدىن كۆرگەيسىز:
http://www.igilik.org ئىشىنىمەنكى بۇ تور پونكىتى مۇشۇ جەھەتتىكى چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بازىسى بولۇپ شەكىللىنىش،غايەت زور ئىقتىسادىي مەنپەئەت يارىتىش بىلەن بىرگە خەلقىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشقۇسى.
گەرچە ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز پىكىرىنى بايان قىلىش ئەركىنلىكى بولسىمۇ، ئەمما «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغان ئادەمنىڭ پىكىر قىلىش ھوقوقى بولمايدۇ» دىگەن بۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتنىڭ ھۆكمى بويىچە دوستلارنىڭ ئىنكاس يوللىغاندا يۇقىرىدىكى ئادرىستىن بىزنىڭ دىمەكچى ۋە قىلماقچى بولغانلىرىمىزنى ئىنىق ۋە چوڭقۇر چۈشىنىپ ئاندىن ئىنكاس يوللىشىنى،ھەدىسلا قارشى،پاسسىپ ئىنكاسلارنى يوللاپ بۇ تىمنىڭ ئەھمىيتىنى خۇنۈكلەشتۈرىۋەتمەسلىكىنى شۇنداقلا ھە دىگەندىلا پايدىسىز تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
دوستۇم بۇنداق ياخش پۇرسەت داۋاملىق ئۇچراۋەرمەيدۇ ۋە ساقلاپ تۇرمايدۇ.ئۆزىڭىز ئىزدەۋاتقان ياكى ئىھتىياجلىق بولىۋاتقان مۇشۇنداق ياخشى بىر پۇرسەت يىتىپ كەلگەندە ھەرگىزمۇ سۇسلۇق قىلىش،سەل قاراش،ئىشەنمەسلىك،ئىككىلىنىش،گۇمانلىنىش،جۈرئەتسىزلىك قىلىش ... سەۋەبىدىن بۇ ئۆمۈرلۈك ياخشى پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويمىغايسىز.