باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2138 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەخمەد نىجاد ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى يوق
五星红旗你是我的家
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1026
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1026دانە
ئۆسۈش: 2060 %
مۇنبەر پۇلى: 11726 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-01-13
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-11 18:22

ئەخمەد نىجاد ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى يوق

يەر شارى تورىنىڭ 9-ئاۋغۇست خەۋىرى: ئىراننىڭ يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئىچكى زىددىيەت يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ، ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي مەنىۋى داھىيسى  ھامىنىي ئاشكارا ئەيىبلەپ، ئەخمەد نىجاد ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدە كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى يوق دېگەن. سابىق پىرىزدېنت رافسانجانىمۇ تەكىتلەپ، ئەخمەد نىجاد ھۆكۈمىتى خاتا يولدا داۋاملىق ماڭماسلىقى كېرەك دېگەن.

8-ئاينىڭ 9-كۈنى نەشىردىن چىققان ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكىنىڭ «بىرلەشمە گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئىران يۇقىرى قاتلاملىرىنىڭ زىددىيىتى كۈنسېرى ئۆتكۈرلەشكەن، ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي مەنىۋى داھىيسى ھامىنىي 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىران ئىنقىلابىي ئارمىيىسى، ئىنقىلابىي تەشكىلات مەسئولى بىلەن كۆرۈشكەندە:«ئىراننىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئەڭ چوڭ ئاجىزلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئېغىر ئىشسىزلىق، پۇل پاخاللىقى ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى يوق. دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى سىياسىي كۈچلەر ئارىسىدىكى كۈرەش ئۈزۈلمىدى، بۇ دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ئىرانغا كىرىدىغان يوچۇق بولۇپ بەردى. بىز دۈشمەننىڭ ئىران ئىنقىلابىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش سۈيقەستىدىن چوقۇم ئاگاھ بولىشىمىز كېرەك» دېگەن.

ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلغاندا، ھامىنىي :«غەرب دۆلەتلىرى قاتتىق جازالاش ئارقىلىق ئىراننى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويماقچى بولىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلمىدى، ھازىر ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ تەسەۋۇرىدىكىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقتى، ئەينى يىلى ئامېرىكا ئافغانىستان ۋە ئىراق ئۇرۇشى قوزغاش ئارقىلىق ئىراننى مۇھاسىرىگە ئالماقچى بولغان ئىدى، نەتىجىدە ئامېرىكا بۇ ئىككى دۆلەتتە پاتقاققا پېتىپ قالدى» دېگەن.

باشقا خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ سابىق پىرىزدېنتى رافسانجانى 8-ئاۋغۇست سۆز قىلىپ:«ئىراننىڭ ھازىرقى مەسلىسى مەلۇم قاتلام ياكى مەلۇم ساھەدىكى مەسىلە ئەمەس، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق مەسئوللىرىغا چېتىلىدۇ، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى مەسىلە بايقىغان ياكى ھېس قىلغان ھامان دەرھال ئۆزگەرتىشى كېرەك، خاتا يولدا داۋاملىق مېڭىۋەرمەسلىكى كېرەك» دېگەن.


مەنبە.تور دۇنياسى
ھايات مەقسەت ئەمەس، بىر جەريان.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4750
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 187
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە187دانە
ئۆسۈش: 450 %
مۇنبەر پۇلى: 2213 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-01-12
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-11 23:45

ئەينى چاغدا ئەھمەد  نىجاتنىڭ قايتا سايلىنىشى ئۈچۈن بىر  بىلەت ھەم  مىليونلىغان ئىرانلىقلارنى بىلەت تاشلاشقا دەۋەت قىلغان كىم ئىدى؟!!!~~.......