查看完整版本: [-- ئەخمەد نىجاد ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى يوق --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> موزىكا -> ئەخمەد نىجاد ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى يوق [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

zero903 2011-08-11 18:22
يەر شارى تورىنىڭ 9-ئاۋغۇست خەۋىرى: ئىراننىڭ يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئىچكى زىددىيەت يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ، ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي مەنىۋى داھىيسى  ھامىنىي ئاشكارا ئەيىبلەپ، ئەخمەد نىجاد ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدە كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى يوق دېگەن. سابىق پىرىزدېنت رافسانجانىمۇ تەكىتلەپ، ئەخمەد نىجاد ھۆكۈمىتى خاتا يولدا داۋاملىق ماڭماسلىقى كېرەك دېگەن.

8-ئاينىڭ 9-كۈنى نەشىردىن چىققان ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكىنىڭ «بىرلەشمە گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئىران يۇقىرى قاتلاملىرىنىڭ زىددىيىتى كۈنسېرى ئۆتكۈرلەشكەن، ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي مەنىۋى داھىيسى ھامىنىي 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىران ئىنقىلابىي ئارمىيىسى، ئىنقىلابىي تەشكىلات مەسئولى بىلەن كۆرۈشكەندە:«ئىراننىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئەڭ چوڭ ئاجىزلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئېغىر ئىشسىزلىق، پۇل پاخاللىقى ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى يوق. دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى سىياسىي كۈچلەر ئارىسىدىكى كۈرەش ئۈزۈلمىدى، بۇ دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ئىرانغا كىرىدىغان يوچۇق بولۇپ بەردى. بىز دۈشمەننىڭ ئىران ئىنقىلابىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش سۈيقەستىدىن چوقۇم ئاگاھ بولىشىمىز كېرەك» دېگەن.

ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلغاندا، ھامىنىي :«غەرب دۆلەتلىرى قاتتىق جازالاش ئارقىلىق ئىراننى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويماقچى بولىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلمىدى، ھازىر ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ تەسەۋۇرىدىكىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقتى، ئەينى يىلى ئامېرىكا ئافغانىستان ۋە ئىراق ئۇرۇشى قوزغاش ئارقىلىق ئىراننى مۇھاسىرىگە ئالماقچى بولغان ئىدى، نەتىجىدە ئامېرىكا بۇ ئىككى دۆلەتتە پاتقاققا پېتىپ قالدى» دېگەن.

باشقا خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ سابىق پىرىزدېنتى رافسانجانى 8-ئاۋغۇست سۆز قىلىپ:«ئىراننىڭ ھازىرقى مەسلىسى مەلۇم قاتلام ياكى مەلۇم ساھەدىكى مەسىلە ئەمەس، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق مەسئوللىرىغا چېتىلىدۇ، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى مەسىلە بايقىغان ياكى ھېس قىلغان ھامان دەرھال ئۆزگەرتىشى كېرەك، خاتا يولدا داۋاملىق مېڭىۋەرمەسلىكى كېرەك» دېگەن.


مەنبە.تور دۇنياسى

uytag 2011-08-11 23:45
ئەينى چاغدا ئەھمەد  نىجاتنىڭ قايتا سايلىنىشى ئۈچۈن بىر  بىلەت ھەم  مىليونلىغان ئىرانلىقلارنى بىلەت تاشلاشقا دەۋەت قىلغان كىم ئىدى؟!!!~~.......

bahram 2011-08-12 02:35
بۇ خەقنىڭ ئىشلىرىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ جۇما ..... بىر دەم يۆلەيدۇ بىردەم تىللايدۇ
قارىغاندا ئىقتىسادىي كىرىزىس ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتقان ئوخشايدۇ .....................

deyarem 2011-08-12 14:57
قارىغاندا ئىقتىسادىي كىرىزىس ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتقان ئوخشايدۇ

نومۇس2011 2011-08-12 22:18
مەنبە تور دۇنياسى دېگەن گەپ بارمۇ؟ ئىگىسى يوقمىكەن؟
http://news.okyan.com/View.aspx?ID=2740

ئۆركەش 2011-08-13 11:02
ئامېركىغا ، ئىسرائىلىيەگە قارشى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەممىسىگە كۆز تەككىلى تۇردىيا ؟؟؟ بۇ چاتاق ئەھۋال جۇما .

.boran 2011-08-13 19:42
بۇ قەغەز يولۋاسنىڭمۇ ئىشى تەسلىشىپ كەتكەن ئوخشايدۇ   ئاشۇ ئېتى ئۇلۇغ  سۇپرىسى قۇرۇق پوق ساقال  پوشكال ئوغرىسى  ئاياتۇللار  تەخىتىن  چۇشسە ئىران  ئاندىن ئوڭشىلىدۇ

anawatan 2011-08-13 21:49
قېرىندىشىم ،سىزنىڭچە  بولسا شۇ پوق ساقال ،پوشكال ئوغرىلىرىنى چۇشۇرۇپ ،ئورنىغا پۇق ساقال ،بالىلارغا پەسكەشلىك قىلىدىغان پوپتىن بىرنى چىقارسا ئوڭشىلارمۇ؟ ياكى بېشىغا قالپاق كېيىۋالىدىغان يەھۇدىنىمۇ؟ موللىلارنىڭ يېگەن پوشكاللىرىغا ئىچىڭىز تارلىق قىلىپ قالدىمۇ ؟ بىلىپ قېلىڭ ،شۇ موللىلار بولغاچقىلا بىز ھازىرغىچە مەۋجۇت بوپ تۇرۇپتىمىز ،بولمىسا مانجۇ ياكى موڭغۇللاردەك باشقىلارغا قوشۇلۇپ كېتەتتۇق.
موللىلارغا بۇنچىلىك ئۆچ بولسىڭىز  ئائىلىڭىزدە توي-تۆكۈن ياكى مىيىت -جىنازا بوپقالسا موللىلارنى چاقىرماڭ. ۋەتىنىمىزدىن چېركاۋ ياكى بۇتخانىلار تېپىلىدۇ . بەلكىم شۇلار ھەقسىز قىلىپ قويا .

samanda3 2011-08-16 12:31
راس جايىدا كەلتۈرۈپسىز،،،،،ئانا توپراق،،،،،يەنە شۇنداق پوقساقال موللىللارنى تىللىسا،ئىسمىنى ئانا،،قونى ياكى ۋاڭ ،گاڭ،دىگەنگەئۆزگەرسە بۇلىدۇ،،   

ئۆركەش 2011-08-20 16:37
ھاھاھاھا ما ئېنكاسنى .... توغرا بوشراق تىللايلى .


查看完整版本: [-- ئەخمەد نىجاد ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى يوق --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.049034 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us