باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2110 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: چوشقىنىڭ ئۆي سېلىشى
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1706
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1706دانە
ئۆسۈش: 7950 %
مۇنبەر پۇلى: 22707 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-10 20:26

چوشقىنىڭ ئۆي سېلىشى

چوشقا تىرىشىپ ئىشلەپ يىغقان ئەللىك كوي پۇلىنى چاشقاننىڭ بانكىسىغان ئامانەت قويغان ئىكەن،چوشقا بۇ ئەللىك كوي پۇلغا  بىر ئۆي سېلىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن،ئۇ يىگىرمە كويغا يەر ئالسام ئوتتۇز كويغا ئۆي سالالارمەنمۇ دەپ چوت سوقىدىكەن،تاشپاقا بولسا قۇرۇلۇشچى ئىكەن.ئۇ چوشقىنىڭ ئارزۇسىنى بىلىۋېلىپ ئۇنىڭدىن جىق پايدا ئۈندۈرۈشنى مەخسەت قىلىپ مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىس بولغان تۇلكىنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ،تۇلكە بولسا بۇ ئاسان گەپ دەپ يەر باشقۇرىدىغان بۆرە،بانكا ئاچىدىغان چاشقان بىلەن مەسلىھەتنى پۇشۇرۇپتۇ.
شۇنداق قىلىپ تاشپاقا چاشقاندىن 200كوي قەرز ئېلىپ 100كويغا بۆرىدىن يەر ئالىدىغان،ئاندىن 30كويغا چوشقا ئۈچۈن ئۆي سالىدىغان،50كوينى تۇلكىگە مەسلىھەت ھەققىگە بېرىدىغان بولۇپ كېلىشىپتۇ،چوشقا يەر ئالالمىغاچقا ئامالسىز تاشپاقىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ سالغان ئۆيىنى سېتىپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ.تاشپاقا 500كويغا ساتىمەن دىگەندە،چوشقا ئۈزىدە پەقەت 50 كوي بارلىقىنى دەپ خۇرسىنىپتۇ،بۇ چاغدا تۈلكە كېلىپ چوشقىنى چاشقاندىن قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىشقا كۈشكۈرتىپتۇ.ھەمدە چاشقاننى چوشقىغا 500كوي قەرز بېرىشكە ماقۇل كەلتۇرۇپتۇ،بۇنىڭ شەرتى چوشقا دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قوشۇپ 600كوي قايتۇرىدىغان ،ھەم ئون يىل ئىچىدە قايتۇرۇپ بولىدىغان بۇ جەرياندا ئۆيمۇ رەنە ھىساۋىدا تۇرۇپ تۇرىدىغان بولۇپتۇ.
نەتىجىدە چوشقا 600كوي خەجلەپ بىر ئۆيگە ئېرىشىپتۇ،لېكىن ئۆزنىڭ ئەسلىدىكى پىلانىدىن 12 ھەسسە ئارتۇق پۇل كەتكەچكە چوشقا 10 يىلدا قەرزنى قايتۇرۇپ بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىپ ئشلەشكە باشلاپتۇ،بۇ قېتىملىق سودىدا بۆرە ،چاشقان ،تۇلكە ،تاشپاقا ھەممىسى جىق پايدا ئاپتۇ،شۇندىن باشلاپ ئۇلار مۇشۇ رەۋىشتە پۇل تېپىشقا چۈشۈپ كېتىپتۇ،نۇرغۇن چوشقىلار ئاۋۇ چوشقىنىڭ ئاسانلا ئۆيلۈك بولۇپ قالغىنىنى كۈرۈپ ھەممىسى بەس بەستە ئۆي سېتىۋېلىشقا چۈشۈپ كېتىپتۇ،بۇ چاغدا سودىگەرچىلىك قىلىدىغان ئىشەك بۇ سودىنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكىنى كۈرۈپ چاشقاندىن جىق قەرز ئېلىپ تاشپاقا سالغان ئۆيلەرنى تۈركۈملەپ سېتىۋېلىپ چوشقىلارغا باھا قوشۇپ پارچە سېتىش ئارقىلىق پايدا ئېلىشقا باشلاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ باھاسى تېخىمۇ ئۆرلەپ كېتىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن چوشقىلارنىڭ قايتۇرىدىغان قەرزىمۇ ئېشىپ ئۆسۈمى كۆپىيىپ كېتىپتۇ، ئاخىرىغا بېرىپ چوشقىلارنىڭ تۇرمۇش ئىستىمال سەۋىيەسى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ كېتىپتۇ،ھەتتا خاتىرجەم كۈچۈكلەشكىمۇ پېتىنالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ.
شۇنداق قىلىپ چوشقىلارنىڭ سانى ئازلاشقا باشلاپتۇ،بۇنى كۆرگەن بۆرە ئۆزى يەيدىغان چوشقىلارنىڭ ئازلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ،تەڭشەشكە باشلاپتۇ،ئالدى بىلەن چاشقاننى قەرز بېرىشتىن توختۇتۇپتۇ، لېكىن تاشپاقا ئۇۋا سېلىشتىن توختىماپتۇ،قەرز ئالغان ۋە ئۆزىنىڭ تاپقان پۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆي سېلىشقا سەرپ قىلىپتۇ،ئىشەكمۇ ھەممە پۇلغا ئۆي سېتىۋالغان ،ھەم بۇ ئۆيلەرنى ساتالمىغان بولغاچقا ۋەيران بولۇش گىرداۋىغا كېلىپ قاپتۇ، شۇنداق قىلىپ چاشقان تاشپاقا ئىشەكلەرنىڭ ھەممىسى چوشقا ئۆيىنىڭ ھەقدارى بولۇپ قاپتۇ،نەتىجىدە بۆرە پۇل تاپقان بولۇپتۇ،ھازىر ھەممىسى بولسا بۆرىنىڭ پۇل چىقىرىپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشىنى ئۈمىدى قىلىدىكەن ،،،
قېنى دەپ بېقىڭە،،سىز بۆرە بولسىڭىز قايسىنى قۇتقۇزاتتىڭىز،،،،،،،،،،،،،،،،
[ بۇ يازمىنىsamanyoli 2011-08-11 00:19قايتا تەھرىرلى ]
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6350
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 627
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە627دانە
ئۆسۈش: 410 %
مۇنبەر پۇلى: 6641 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-03
ئاخىرقى: 2012-03-25
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-11 17:51

خىشنىڭ باھاسى قاچانمۇ چۇشەر ......
............بىچارە دىھقان......... ئاندا ساندا قىلىپ ئىغىل بىلەن ئۇينى سالىۋەردى ....
ئەتىياز بىلەن كۇزدە يامغۇر بىر ياغسا ئۇيتىگە ياپقۇدەك سولياۋمۇ ئالالماي قىينىلىدۇ ....
سولياۋ سارىدىغان جازىنىغۇرلار ........ باھانى 4 قاتلايدۇ ...
بۇ ئەلەمگە چىدىمىغانلار قانداقلا بولمىسۇن بىر ئامال قىلىپ ئۇي سىلىشنى نىيەت قىلدى ...
مانا كارامەت ...
ئەنلى 10 نەچچە تىيىن بىلنە كىلىدىغان خىش 50 تىيىنغا چىقتى ...
شۇنىڭغا ماسلىشىپ قۇرۇلۇشنىڭ باشقا سايمانلىرىمۇ .... ئۆز نۆۋىتىدۇ ئۆستى ...
نىم بولسا بولسۇن ...ئۆسكەن بولسا نىم بوپتو ...دىھقان غەمدىن قوتۇلۇپ ئەتىيات ۋە كۇزدە سولياۋ ياپمايدىغان بولدى ...
بۇنىڭدىن يىزا كادىرلىرى پەخىرلەنگەن ھالدا بىر ئىككى قىتىم تىلۋۇرۇزغا چىقىۋىلىش شەرىپىگىمۇ ئىرىشىپ ئولگۇردى ..

لىكىن شۇ تامچە ئۆتمەيدىغان ئۇيلەردىن بىر يىل بولمايلا خاپىچىلىقنىڭ سادالىرى چىقىدىغان بولۇپ قالدى ...
بار پۇلنى ئۇيگە ئىشلىتىپ ............
                                           يانچۇق قۇرۇغدالغاندا .............
مال باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ ..........
                                                      خوتۇنلارنى كۇت كوت ....ئەرلەرنى چىچىلاڭغۇ قىلىۋەتتى.....

لىكىن يەنىلا ياخشى ............................. ھازىر كۆپ كىىشىلەر  كىچە كۇندۇر  ھارماي تالماي ..تىرىشىپ شۇ ئۇيلىرىنى بىزىۋىلىشنىڭ كۇيىدا .............................
                      



   يەنىلا تام ئۇيگە يەتمەيدىكەنغۇ .....
قىشتا ئىسسىق ...يازدا سالقىن ........