查看完整版本: [-- چوشقىنىڭ ئۆي سېلىشى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> يۇمۇر لەتىپىلە -> چوشقىنىڭ ئۆي سېلىشى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

samanyoli 2011-08-10 20:26
چوشقا تىرىشىپ ئىشلەپ يىغقان ئەللىك كوي پۇلىنى چاشقاننىڭ بانكىسىغان ئامانەت قويغان ئىكەن،چوشقا بۇ ئەللىك كوي پۇلغا  بىر ئۆي سېلىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن،ئۇ يىگىرمە كويغا يەر ئالسام ئوتتۇز كويغا ئۆي سالالارمەنمۇ دەپ چوت سوقىدىكەن،تاشپاقا بولسا قۇرۇلۇشچى ئىكەن.ئۇ چوشقىنىڭ ئارزۇسىنى بىلىۋېلىپ ئۇنىڭدىن جىق پايدا ئۈندۈرۈشنى مەخسەت قىلىپ مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىس بولغان تۇلكىنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ،تۇلكە بولسا بۇ ئاسان گەپ دەپ يەر باشقۇرىدىغان بۆرە،بانكا ئاچىدىغان چاشقان بىلەن مەسلىھەتنى پۇشۇرۇپتۇ.
شۇنداق قىلىپ تاشپاقا چاشقاندىن 200كوي قەرز ئېلىپ 100كويغا بۆرىدىن يەر ئالىدىغان،ئاندىن 30كويغا چوشقا ئۈچۈن ئۆي سالىدىغان،50كوينى تۇلكىگە مەسلىھەت ھەققىگە بېرىدىغان بولۇپ كېلىشىپتۇ،چوشقا يەر ئالالمىغاچقا ئامالسىز تاشپاقىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ سالغان ئۆيىنى سېتىپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ.تاشپاقا 500كويغا ساتىمەن دىگەندە،چوشقا ئۈزىدە پەقەت 50 كوي بارلىقىنى دەپ خۇرسىنىپتۇ،بۇ چاغدا تۈلكە كېلىپ چوشقىنى چاشقاندىن قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىشقا كۈشكۈرتىپتۇ.ھەمدە چاشقاننى چوشقىغا 500كوي قەرز بېرىشكە ماقۇل كەلتۇرۇپتۇ،بۇنىڭ شەرتى چوشقا دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قوشۇپ 600كوي قايتۇرىدىغان ،ھەم ئون يىل ئىچىدە قايتۇرۇپ بولىدىغان بۇ جەرياندا ئۆيمۇ رەنە ھىساۋىدا تۇرۇپ تۇرىدىغان بولۇپتۇ.
نەتىجىدە چوشقا 600كوي خەجلەپ بىر ئۆيگە ئېرىشىپتۇ،لېكىن ئۆزنىڭ ئەسلىدىكى پىلانىدىن 12 ھەسسە ئارتۇق پۇل كەتكەچكە چوشقا 10 يىلدا قەرزنى قايتۇرۇپ بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىپ ئشلەشكە باشلاپتۇ،بۇ قېتىملىق سودىدا بۆرە ،چاشقان ،تۇلكە ،تاشپاقا ھەممىسى جىق پايدا ئاپتۇ،شۇندىن باشلاپ ئۇلار مۇشۇ رەۋىشتە پۇل تېپىشقا چۈشۈپ كېتىپتۇ،نۇرغۇن چوشقىلار ئاۋۇ چوشقىنىڭ ئاسانلا ئۆيلۈك بولۇپ قالغىنىنى كۈرۈپ ھەممىسى بەس بەستە ئۆي سېتىۋېلىشقا چۈشۈپ كېتىپتۇ،بۇ چاغدا سودىگەرچىلىك قىلىدىغان ئىشەك بۇ سودىنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكىنى كۈرۈپ چاشقاندىن جىق قەرز ئېلىپ تاشپاقا سالغان ئۆيلەرنى تۈركۈملەپ سېتىۋېلىپ چوشقىلارغا باھا قوشۇپ پارچە سېتىش ئارقىلىق پايدا ئېلىشقا باشلاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ باھاسى تېخىمۇ ئۆرلەپ كېتىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن چوشقىلارنىڭ قايتۇرىدىغان قەرزىمۇ ئېشىپ ئۆسۈمى كۆپىيىپ كېتىپتۇ، ئاخىرىغا بېرىپ چوشقىلارنىڭ تۇرمۇش ئىستىمال سەۋىيەسى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ كېتىپتۇ،ھەتتا خاتىرجەم كۈچۈكلەشكىمۇ پېتىنالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ.
شۇنداق قىلىپ چوشقىلارنىڭ سانى ئازلاشقا باشلاپتۇ،بۇنى كۆرگەن بۆرە ئۆزى يەيدىغان چوشقىلارنىڭ ئازلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ،تەڭشەشكە باشلاپتۇ،ئالدى بىلەن چاشقاننى قەرز بېرىشتىن توختۇتۇپتۇ، لېكىن تاشپاقا ئۇۋا سېلىشتىن توختىماپتۇ،قەرز ئالغان ۋە ئۆزىنىڭ تاپقان پۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆي سېلىشقا سەرپ قىلىپتۇ،ئىشەكمۇ ھەممە پۇلغا ئۆي سېتىۋالغان ،ھەم بۇ ئۆيلەرنى ساتالمىغان بولغاچقا ۋەيران بولۇش گىرداۋىغا كېلىپ قاپتۇ، شۇنداق قىلىپ چاشقان تاشپاقا ئىشەكلەرنىڭ ھەممىسى چوشقا ئۆيىنىڭ ھەقدارى بولۇپ قاپتۇ،نەتىجىدە بۆرە پۇل تاپقان بولۇپتۇ،ھازىر ھەممىسى بولسا بۆرىنىڭ پۇل چىقىرىپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشىنى ئۈمىدى قىلىدىكەن ،،،
قېنى دەپ بېقىڭە،،سىز بۆرە بولسىڭىز قايسىنى قۇتقۇزاتتىڭىز،،،،،،،،،،،،،،،،

muzepper 2011-08-11 07:32
    قىزىقارلىق ھەم ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك ھېكايە ئىكەن. بىزگىمۇ ئوبدانلا ماس كېلىپ قالىدىكەن. (يانچۇغۇمدا بىموچىنىمنىڭ تايىنى يوق ئەتىم ماجان بۈۋى) دىگەندەك، ھالىمىز بۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق بەس- بەس بىلەن ئۆي ئېلىۋاتىمىز، ھەشەمەتلىك قىلىپ بېزەۋاتىمىز. ۋاقتى كەلگەندە ھەممە ئىشقا پۇل لازىم، ھەممە ئىش پۇل بىلەن بولىدۇ. ئەنە شۇ ۋاقىتتا بىزگە بەك كۆپ ۋە بەكمۇ كۆپ پۇل يەنى ئىختىسات لازىم بولىدۇ. ئەنە شۇ ۋاقىتتا، بىزنىڭ ئاشۇ پۇلغا ئىھتىياجىمىز چۈشكەن ۋاقىتتا يانچۇغىمىز قۇرۇق بولىدۇ. بۇ دەل شۇ تاشپاقىلارنىڭ، ئىشەكلەرنىڭ... پىلانى... دەك بولغان بولىدۇ.

dulbarqin310 2011-08-11 12:41
سامانيۇلى ئەپەندىم، مۇشۇنداق ھەم قىزىقارلىق ھەم ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى بىر يەردىن تىپىۋالدىڭىزمۇ نېمە؟ ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن. رەھمەت بىزگە مۇشۇنداق ئويلىنىش پۇرسەتلىرىنى يارتىپ بېرۋاتقىنىڭىزغا!

fatih204 2011-08-11 12:43
بۇ نەق ئامرىكىدىكى لېخمان ئاكا ئۇكىلار شىركىتىنىڭ ۋەيران بولىشى بىلەن باشلانغان ،دۇنياۋى چوڭ ئىجتىسادىي كىرزىس كىلىپ چىقىش سەۋەبىنىڭ ئاددى ھالدا چۇشەندۇرۇلىشى ،،،،  بىر تەرەپلەردە ئويلەر قورۇق ،،، بىر تەرەپتە ئويى يوق نۇرغۇن ئادەم ،،،،  قەرىز بىلەن ئىش بىجىرىلگەنلىكتىن ئاخىرى چوشقا ، ئىشەك دىگەندەك ھوددىگەر يۇ ، بانكايۇ ،، ھەممىسى بۇ ئويلەر سىتىپ چىقىرىلمىغانلىقتىن ۋەيران بولغان ،،،،  

deyarem 2011-08-11 13:11
رەھمەت بىزگە مۇشۇنداق ئويلىنىش پۇرسەتلىرىنى يارتىپ بېرۋاتقىنىڭىزغا!

newruz 2011-08-11 14:03
پەقەت گېرماندا بۇ ھادىسە يوق!

taranqi217 2011-08-11 17:51
خىشنىڭ باھاسى قاچانمۇ چۇشەر ......
............بىچارە دىھقان......... ئاندا ساندا قىلىپ ئىغىل بىلەن ئۇينى سالىۋەردى ....
ئەتىياز بىلەن كۇزدە يامغۇر بىر ياغسا ئۇيتىگە ياپقۇدەك سولياۋمۇ ئالالماي قىينىلىدۇ ....
سولياۋ سارىدىغان جازىنىغۇرلار ........ باھانى 4 قاتلايدۇ ...
بۇ ئەلەمگە چىدىمىغانلار قانداقلا بولمىسۇن بىر ئامال قىلىپ ئۇي سىلىشنى نىيەت قىلدى ...
مانا كارامەت ...
ئەنلى 10 نەچچە تىيىن بىلنە كىلىدىغان خىش 50 تىيىنغا چىقتى ...
شۇنىڭغا ماسلىشىپ قۇرۇلۇشنىڭ باشقا سايمانلىرىمۇ .... ئۆز نۆۋىتىدۇ ئۆستى ...
نىم بولسا بولسۇن ...ئۆسكەن بولسا نىم بوپتو ...دىھقان غەمدىن قوتۇلۇپ ئەتىيات ۋە كۇزدە سولياۋ ياپمايدىغان بولدى ...
بۇنىڭدىن يىزا كادىرلىرى پەخىرلەنگەن ھالدا بىر ئىككى قىتىم تىلۋۇرۇزغا چىقىۋىلىش شەرىپىگىمۇ ئىرىشىپ ئولگۇردى ..

لىكىن شۇ تامچە ئۆتمەيدىغان ئۇيلەردىن بىر يىل بولمايلا خاپىچىلىقنىڭ سادالىرى چىقىدىغان بولۇپ قالدى ...
بار پۇلنى ئۇيگە ئىشلىتىپ ............
                                           يانچۇق قۇرۇغدالغاندا .............
مال باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ ..........
                                                      خوتۇنلارنى كۇت كوت ....ئەرلەرنى چىچىلاڭغۇ قىلىۋەتتى.....

لىكىن يەنىلا ياخشى ............................. ھازىر كۆپ كىىشىلەر  كىچە كۇندۇر  ھارماي تالماي ..تىرىشىپ شۇ ئۇيلىرىنى بىزىۋىلىشنىڭ كۇيىدا .............................
                      



   يەنىلا تام ئۇيگە يەتمەيدىكەنغۇ .....
قىشتا ئىسسىق ...يازدا سالقىن ........
                                          

دىلناز 2011-08-12 11:31
سامانيولى   خاپا بولماي   بىز قىيلانماي ئوقىغىدەك قىلىپ يازغان بولسىڭىز ،نېمىدىگەن كۆپ ئىملا خاتالىقى بۇ؟رەنجىمەسسىز
                      

samanyoli 2011-08-12 17:28
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى دىلناز نىڭ 2011-08-12 11:31 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سامانيولى   خاپا بولماي   بىز قىيلانماي ئوقىغىدەك قىلىپ يازغان بولسىڭىز ،نېمىدىگەن كۆپ ئىملا خاتالىقى بۇ؟رەنجىمەسسىز
                      

دىلناز قىز ،،ئۇنچە ئەمەستۇ،،،مەن قارىسام خېلى ساقتەك تۇرىدۇ، يا سىز چالا ساۋاتمۇ قانداق،،،،،،،،،


查看完整版本: [-- چوشقىنىڭ ئۆي سېلىشى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.046619 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us