ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى بىناۋا نىڭ 2011-08-11 07:52 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
<<...6 ياشقا كىرگەندىن كېيىن مۇستەقىل ياشاشنى ئۈگىنىدىكەن...>> بۇ مۇبالىغە بولۇپ قاپتۇ. 6 ياشتا مۇستەقىل ياشاش مۇمكىنمۇ؟
مەن بالامنى 7 ئايلىق بولغاندىن باشلاپلا ئويگە يالغۇز تاشلاپ قويەتتىم. ئۆزى مېڭىشنى بىلگەندىن باشلاپ بىرەر كۇن ئۆيگە تاشلاپ قوياتتۇق. قۇشقاچ چېغىدا بالىسىنى ئۇۋىسىدا باقىدۇ ئەمەسمۇ؟ بالا باققۇچى ئىزدىمىدۇق. پەقەت ئاللاھقا تاپشۇردۇق! خىزمەت ئورنىمىز 10 كىلومېتىر كېلەتتى. بۇ جەرياندا بالكوندىن چۈشۈپ كەتمىدى، توك سوقمىدى، كويۇپ قالمىدى ئاللاھقا شۇكرى. تىلى تولۇق چىققاندا ماڭا تېلفۇن بۇراپ تاماق يىگىنىنى ۋە تەرەتكە ئولتۇرغىنىدىن دوكلات قىلاتتى. تۇغۇلۇپلا مۇستەقىل ئويناشقا ئايرىم يېتىشقا ئادەتلەندى. ئۇچ ياشتىن باشلاپ بازاغا نان، مانتا سېتىۋېلىپ كىرىپ ئۆزى يەيدىغان بولدى. خىزمىتىم ئالدىراش بولۇپ قالسا كۇنلەپ بالامنى كۆرەلمەيتتىم. بىز ئىشتىن چۈشكەندە بالا ئۇخلاپ قالاتتى. ئىشقا ماڭغىچە ئۇخلاقلا ياتاتتى. چېيىنى راسلاپلا كېتەتتۇق. ئىچەرمۇ-ئىچمەسمۇ دەپ ئەنسىرمىدۇق. ئەنسىرەش ۋە قورقۇش، دەككە-دۇككە شەيتاننىڭ بىزنى ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرىدىغان ھۈنىرىگە ئالدانمىدۇق. دائىم كۈنلەپ ئاللاھقا تاپشۇرۇپ ماڭاتتۇق. ئاللاھ قارغاينىڭ، ئۆت-چۆپلەرنىڭ رىسقىنى بەرگەندەك بالامنى ئاچ قويمىدى. مىليونلىغان ئاغرىقلاردىن ساقلىدى. بالام ھازىر ئالتە ياش. ئىككى يېشىدىن باشلاپلا كومپىيۇتېرنى شۇنداق ياخشى ئوينايدۇ. ھازىر ئاپتۇۋۇزلۇق بىر يەرلەرگە بارالايدۇ. قەتتىئىي ئىتەككە چىقمايدۇ، غەلۋە قىلمايدۇ، ئەگەشمەيدۇ، جىدەل قىلمايدۇ. بازارلارغا بارساق. سىز بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭ مەن سەل تۇرۇپ ئالغىلى كېلىمەن دەپ ئۇنتۇپ قېلىپ يادىمغا كەلگەندە يەنىلا شۇ جايىدا تۇرۇپ تۇرىدۇ. زېرىكىپ، قورقۇپ قالمايدۇ. ئۆزى ئۆيۇن تېپىپ خەن بولسۇن، تۇڭگان بولسۇن دۇكانچىلار بىلەن چىقىشىپ ئويناپ قۇرسىقى ئاچسا مۇسۇلمانچە تاماق سوراپ يەيدۇ. يىقىلسا يىغلىمايدۇ. قۇرئاننى ئوقۇمىغان، ئوقۇشنى بىلمىگەن بولسىمۇ. ئايالىم ئىككىمىز سۆزلەپ باقمىغان بولساقمۇ. بالا بىلەن بولىدىغان ۋاقتىمىز ئۇنچە كۆپ ئەمەس. قىزىم ئاللاھنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ.
_تاماقنى كىم بەردى؟
_ئاللاھ.
_ئاپىڭىز قىلىپ بەردىغۇ؟
_ ئاللاھ ئاپامغا كۈچ بەردى!
_ دادىڭىز سېتىۋالغان ئۇن-ياغ بىلەن ئانىڭىز ئاش ئەتتىغۇ؟
_ دادام ئېلىپ كەلگەن مۇئاشتا مېنىڭمۇ رىزقىم بار. ئاللاھ رىزقىمنى ئاپام- دادام ئارقىلىق بېرىدۇ.
قاراڭ بۇ بەش ياشتىن باشلاپ ئېيتىدىغان سۆزى.
گەپنى قانداق ئەگىتىپ سىنىسىڭىزمۇ. ئېزىپ تېزىپ قالماي....سۆزلەيدۇ. ئىتلارنى چوڭ-كىچىكى دىمەي قىزىم قۇلۇقىدىن سورەپلا ماڭىدۇ. قوشقار توخو ئۇنىڭ دوستى. قىززىق يامان ئىتلارمۇ ھاۋشىماي رايىش ئەگىشىپ ماڭىدۇ. شۇنىسى تەييارلىققا بارغاندىن باشلاپ قورقۇش پىسخىكىسى شەكىللىنىپتۇ. ھەي شۇ مەكتەپتىكى مۇئەللىمى يامان ئۆگىتىپ قويۇپتۇ. يەنە مەكتەپكە بارسا نىمە بولىدىكىن. مۇسۇلمانلار ئ.اچقان مەكتەپ بولغان بولسىغۇ قورۇقماس بالا بولار ئىدى..... ئۇخلا، تاماق يە، يۇزۇڭنى يۇ دىمىسەكمۇ بولىدۇ. پايپاقلىرىنى يۇيۇش، چۆچۈرە تۇگۇش، چاي قاينىتىش، قونچاق كۆرۇش، ئويۇنچۇق ئويناش، تاققا مەندىنمۇ چىداملىق ھالدا يامىشىش ئۇنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغان ئىشلىرى. موگونى مەندىن كوپ تېرىيدۇ...كىىك بولغاندىكىن كىيك بالىسىدەك يۇتلاق ئېتىپ چېپىپ يۇرۇپ تېرىيدۇ. دوستلىرىم بالىسىنى تەربىيلەشتە كىچىككىنىنى بىلىپ، چىقىشقاق قىلچە ئېغىرچىلىقى بولمىغان بالامغا بەكمۇ ئامراقلىق قىلىدۇ.
ئەتراپىمغا قارىسام كىشىلەر بالىنى ئىتەكتىن چۈشەرمەي باقىدۇ....ھەلا دىسە زۇكامدەك كېسەللەر بولىدۇ. قاچان ئاللاھقا تاپشۇرۇپ چوڭ قىلىدىكىن بىلمىدىم. بالا ۋە پۇل مۆمىنگە نىمەت ۋە زىننەت، كاپىرغا زۇلۇم ۋە ئازاب. كۇفرىلار قالغاچلارغا قاراپ ئىبرەت ئالمامدىغاندۇ؟ قوزىلارغا قاراپ ئىبرەت ئالمامدىغاندۇ دەپ ئويلىنىپ قالىمەن. ئاللاھنىڭ ھېكمىتى بىلەن كىيىك بالىسى تۇغۇلۇپلا ئىمىشنى ۋە ئوت يىيىشنى بىلىدۇ، يىرىتقۇچ ھايۋاندىن قېچىپ قوغدىنىشنى بىلىدۇ....ئانا كىيىك ئىتەككە ئېلىپ باقمايدۇ....يىقىلسا يۆلەپ تۇرغۇزمايدۇ. ئولۇپ قالسا قاخشاپ يىغا زارە قىلماي سەۋر(ئاللاھتىن ئۇياتلىنىپ رازىمەنلىك بىلەن قالىدۇ) قىلىدۇ. ئىنسان ئىبرەت ئېلىشقا تەبىئەت كىچىكلىك قىلمايتتىغۇ؟!
بالامغا ئالتە ياشتىن باشلاپ مۇئاش بېكىتتۇق، زاكاتنى ئايرىشنى ئېيتتۇق. قېنى سىزمۇ قىلچە ئېغىرچىلىقى بولغان بالىنى ياخشى كۆرۇپ مانا تىلى چىقتى، مانا ماڭدى، مانا خەت يازدى، مانا ئەلاچى بوپتۇ دەپ مازۇزلىنىپ باقالامسىز ياكى.....ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن! ھەممە ماختاشلار بىزگە ھەممىنى بىلدۇرگەن ۋە بوي سۇندۇرۇپ بەرگەن ئاللاھقا خاس.
[ بۇ يازمىنىnewruz 2011-08-11 13:37قايتا تەھرىرلىدى ]