باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 471 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ‹‹بۈگۈن›› نىڭ ئۆزى بىر سوۋغا
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 137
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە137دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-09 17:28

‹‹بۈگۈن›› نىڭ ئۆزى بىر سوۋغا

         ئويلاپ بېقىڭ،مەلۇم بىر بانكا ھەركۈنى سەھەردە سىزنىڭ ئامانەت پۇل كارتىڭىزغا 86 مىڭ 400 دوللار سېلىپ قويدى دەيلۇق،ئەمما كەچ كىرگەندە سىز خەجلەپ بولالمىغان پۇللار ئۆزلىكىدىن يوقاپ كەتسە سىز قانداق قىلىسىز؟ سىز چوقۇم ئامال قىلىپ پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ بۇلۇشنى ئويلايسىز، ئەلۋەتتە!ھەر بىر ئادەمدە مۇشۇنداق بانكا بار ئۇنىڭ ئىسمى«ۋاقىت».
ھەركۈنى سەھەردە ئۇ سىزنىڭ ئامانەت پۇل كارتىڭىزغا 86 مىڭ 400 سىكۇنتنى سېلىپ قويىدۇ، كەچ كىرگەندە ئۇنى بىراقلا يوق قىلىۋىتىدۇ. ئەگەر سىز مەبلەغ سالماي تۇرۇپ پايدىغا ئېرىشىمەن دېسىڭىز،ئۇ چاغدا پۈتۈنلەي زىيان تارتقان بولىسىز. ئارقىڭىزغا چېكىنىشكە يول يوق، ھەتتە ئەتىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئامالىڭىزمۇ يوق. سىز پەقەت بۈگۈنكى ئامانەت پۇلىڭىزغا تايىنىپلا ياشىيالايسىز.ئۇنداقتا:
«بىر يىل» نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئادەمدىن سوراڭ.
«بىر ئاي»  نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، بالدۇر تۇغۇپ قويغان ئانىدىن سوراڭ.
«بىر ھەپتە» نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ھەپتىلىك گېزىت مۇھەرىرىدىن سوراڭ.
«بىر سائەت» نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، مەشۇقىنى ساقلاۋاتقان يىگىتتىن سوراڭ.
«بىر مىنۇت» نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، پويىزغا ئۈلگۈرەلمىگەن يولۇچىدىن سوراڭ.
«بىر دەقىقە» نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن تەنھەركەتچىدىن سوراڭ.
يىغىپ ئيتقاندا، ئۆزىڭىزگە تەئەللۇق بولغان ھەر بىر مىنۇتنى قەدىرلەڭ، سىز ئۆزىڭىز بىلەن بىللە ۋاقىتتىن ئورتاق بەھرىمان بولىدۇ، دەپ قارىغان ئادەم بىللە بولغاندا ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەڭ، ئېسىڭىزدە بولسۇن ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ.
«تۈنۈگۈن»- ئۇ بىر تارىخ، «ئەتە»- ئۇ بىر سىر، ئەمما «بۈگۈن» نىڭ ئۆزى بىر سوۋغا.

مھنبە:تەرمىلەر ژورنىلىدىن