باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1324 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ساقلاپ قويغۇدەك ھېكمەتلىك سۆزلەر
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5861
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 127
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە127دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 2740 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2012-01-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-09 15:03

ساقلاپ قويغۇدەك ھېكمەتلىك سۆزلەر

***دۈشمىنىڭنى كەچۈرىۋەت ، ئۇ ھەر قانچە زىيان سالسىمۇ سەن يېقىن بىلگەن ، ئىشەنگەن دوستۇڭدەك زىيان سالالمايدۇ .
*** ساڭا يامانلىق قىلغان ئادەمنى ئازاپلايدىغان ئىش ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىش ،
*** ئازاپ ۋە دەرتكە مۇپتىلا بولغاندا چۈشكۈنلەشمەسلىك ، قاتتىق ھاياجانلانغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش كېرەك .
*** بېشىڭغا بەخىت قۇشى قونغاندا دوستۇڭ سىنى چۈشىنىدۇ ، بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە سەن دوستۇڭنى چۈشىنىسەن .
*** ھايۋاننى چۈشىنىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقت كەتمەيدۇ ، ئادەمنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يەتمەيدۇ .
*** ئەڭ يېقىن ئادىمىڭلا سىنى ئەڭ قاتتىق ئازاپقا سالالايدۇ .
*** مەسلىھەتنى چېچى ئاقارغانلاردىن ئەمەس ، دىلى ئاقارغانلاردىن سۇرا .
*** ئىنسان يىغلاپ تۇغۇلۇپ ، باشقىلارنى يىغلىتىپ كېتىدۇ .
*** ئازاپلانغان ، قايغۇرغان ۋاقتىڭدا ساڭا تەسەللى بەرگۈدەك بىرەرىنىڭ يوقلۇقى روھىڭنى تاۋلايدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت .
*** ئادەم قانچىكى كۆڭۈلچان بولسا زىممىسىدىكى يۈكى شۈنچە ئېغىر بولىدۇ .
*** سەۋر – تاقەت ئىناق تۇرمۇشنىڭ بايلىقى .
*** بىر – بىرىگە مەپتۇن بولۇش ئائىلە ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئولى .
*** بىلىم ئۆگىنىش ئائىلە ئىتتىپاقلىقىنىڭ جەۋھىرى .
*** پەرزەنت _ چىن ئەقىدىنىڭ يېلتىزى .
*** قىمار ئويناش ئائىلىنى ئوتتا كۆيدۈرگەنلىك .

** ھەممە كىشى سىناق ئۈستىدە؛ ئالدىغۇچى ئالدىنىدۇ، ئەزگۈچى ئىزىلىدۇ.

** ھېچكىمنى كەمسىتمە، باشقىلارغا ئورا كولىغان كىشى ئۆزى دۇمۇلايدۇ.

** ئەڭ چوڭ بالا تىلدىن كېلىدۇ.

** كىشىنىڭ ئىشى بولسا ئىشى، سۆيەر ئۇنى ھەر كىشى، كىشىنىڭ ئىشى بولسا كىشى، راۋاج تاپماس ھېچ ئىشى.

** مۇھەببەتنىڭ ئاساسى ئۆزئارا ئىشەنچتۇر. ئىشەنچ بولغان يەردە مۇھەببەت بولىدۇ. ھەر ئىككىسى بولغاندا غەلىبە قولغا كېلىدۇ.

** مۆمىن ھەر دائىم ئىھتىياجنى قاندۇرىدىغان غىزاغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك.

** ئالدىنى دۇنياغا قىلغان كىشىنىڭ دوستى بولمايدۇ، ئالدىنى ئاخىرەتكە قىلغان كىشىىنىڭ دۈشمىنى بولمايدۇ.

** “ياخشى بولسا مۈشۈنچىلىك بولا” دېيىلىدىغانلار بىلەن بىرگە بولغانلار بەخت قۇچىدۇ.

** قەلبنى ئەڭ كۆپ نۇرلاندۇرىدىغان نەرسە، سېنى غەزەپلەندۈرگەن كىشىنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىشتۇر.

** قۇل ھەققىدىن قورققان كىشى پۇتىنى ئۇزۇتۇپ، راھەت ئۇخلىيالمايدۇ.

** مەردلىك – سېنى ياخشى كۆرمىگەن كىشىگە ئىھسان قىلىش ۋە سەن ياخشى كۆرمىگەن كىشى بىلەن تاتلىق تىلدا سۆزلىشىشتۇر.

** تىلى تاتلىق موزاي ئىككى ئانىنى ئىمىدۇ، تىلى ئاچچىق موزاي بىر ئانىنىمۇ ئىمەلمەيدۇ.

** مۇرۇۋۋەت – ئىنسانلىق ۋە ياخشىلىق قىلىش ئارزۇسىدۇر.

** ياخشىنىڭ يامان، ياماننىڭ ياخشى ئادىتى بولۇشى مۇمكىن. ياخشى ئادىتىنى ئۈلگە قىلىش لازىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: “بىر مۆمىننىڭ ياخشلىقىنى ئۇنتۇپ، يامانلىقىنى ئېسىدىن چىقارمىغان كىشىنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ” دېگەن.

** تەقۋادارلىق ئەقىل بىلەن قىلىنغان ئىشلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. ئاللاھ تائالاغا ئاسىي بولۇش، ئەخمىقانە قىلغان ئىشلارنىڭ ئەڭ قەبىھىدۇر.

** بېخىل ئىنسانلارنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

** ئۆمرىنى پايدىسىز، بىھۇدە ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشى، ئېتىزغا ئۇرۇق سېلىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولىدۇ. ۋاقتىدا ئۇرۇق سالمىغان كىشى مەھسۇل ئالىدىغان چاغدا چوقۇم پۇشايمان قىلىدۇ.

** ئىككى مۆرەڭدە ئىككى مۇپەتتىش بار، سېنى ھەر دائىم تەپتىش قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا ئاز سۆزلىگىن ۋە سۆزۈڭنىڭ ياخشى ياكى يامان دەپ يېزىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇما.

** بىر نەرسە دېمەكچى بولساڭ، ھەم ئۆزۈڭنىڭ ھەم ئاڭلىغۇچىنىڭ ئاخىرىتىنى ئويلاپ سۆزلە. ئاتىلىرىمىز “مىڭ ئويلاپ، بىر سۆزلە” دەپ بىكار ئېيتمىغان.

** ھەر قانداق كىشىدە باشلىق بولۇش ئارزۇسى بار. بۇ ئارزۇ پەقەت يۈزى ئاخىرەت تەرەپكە بولغان كىشىدە بولمايدۇ.

** تەبەسسۇمنى بىلمىگەن كىشىنىڭ سۆيۈملۈك ۋە مۆتىبەر بولۇشى ناھايىتى قىيىن.

** مۇسۇلمان باشقا مۇسۇلمانلار يېنىغا ھاجىتىنى سوراپ بېرىشتىن تارتىنىدىغان بولسا، يېنىغا تارتىنغان ھالدا بېرىلىدىغان مۇسۇلماننىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىنىدۇ.

** ئۆلۈمنى ئەسلەش ئۆمۈرنى ئۇزىتىدۇ. ئۇزۇن ياشاش ئارزۇسى ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ. ئۇزۇن ياشاش ئارزۇسى بىلەن ياشىغان كىشى ئۈچ نەرسىگە ھەسرەتتە كېتىدۇ. ئىستەكلىرىگە قانالمايدۇ؛ ئارزۇسىغا ئېرىشەلمەيدۇ؛ ئاخىرىتى ئۈچۈن يېتەرلىك تەييارلىق قىلالمايدۇ.

** ھالىڭدىن دەرتلەنمە، ياماننىڭ يامىنى بار.

** يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ يۇقماسلىق ئېھتىمالىمۇ بار. ئامما بىر بىنادا بىر يامان كىشى بولسا، ئۇنىڭ يامان خۇيلىرىنىڭ باشقىلارغا يۇقماسلىق ئىھتىمالى يوق.

** مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىررى تەبەسسۇم، تاتلىق تىل ۋە گۈزەل سىياسەتتۇر. گۈزەل سىياسەت ھەممە كىشىنىڭ خۇرسەن بولۇشىدۇر.

** مۇھەببەت يېقىنلىق تەلەپ قىلىدۇ، يىراقلاشقان مەھرۇم بولىدۇ.

** باشقا كەلگەن ھەر بىر خاپىلىقنىڭ سەۋەبى گۇناھ ئىشلەشتۇر.

** كىبىر ۋە ئاچچىقلىنىش ئىنساننىڭ بېشىغا نۇرغۇنلىغان بالالارنى كەلتۈرىدۇ.

** ياخشىلار بىلەن دوست بولغان كىشى يامانلارنىڭ شەررىدىن خاتىرجەم بولىدۇ.

** قەلبتە قانچىلىك كىبىر بولسا، ئەقىلدە شۇنچىلىك نۇقسانلىق پەيدا بولىدۇ.

** باشقىلارغا يۈك بولغان كىشى خورلىنىدۇ.

** گەپ توشوش ئامانەتكە خىيانەت قىلغانلىقتۇر.

** ئۆزىگە ئىچى ئاغرىمىغاننىڭ باشقىلارغا ھەرگىز ئىچى ئاغرىمايدۇ.

** ئالىم بىلەن يۈرگەن ئەزىز، بىلىمسىز بىلەن يۈرگەن زەلىل بولىدۇ.

** مۆمىن ئاز سۆزلەيدۇ، كۆپ ئىش قىلىدۇ. مۇناپىق كۆپ سۆزلەيدۇ، ئاز ئىش قىلىدۇ.

** ئەدەپ - ئەخلاق، ئەقىلنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىدۇر. كىشىنىڭ ئەقلى ئەخلاقى قەدەردۇر.

** ئەقلىدەك سەرمايە، ياخشى خاراكتىردەك دوست، ئەدەبتەك مىراس، ئىلىمدەك شەرەپ بولمايدۇ.

** تىل يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئوخشايدۇ، قويۇپ بەرسەڭ سېنى پارچىلاپ تاشلايدۇ.

** كىشى تىلىنىڭ ئاستىدىدۇر، قانداقلىقى سۆزىدىن مەلۇم بولىدۇ.

** يامان ئادەم ھەممە كىشىنى ئۆزىگە ئوخشاش يامان دەپ قارايدۇ.

** پۈتكۈل يامانلىقلارنىڭ بېشى يامان دوستتۇر.

** دىل پاك بولسا، تىلدىن چىرايلىق سۆزلەر چىقىدۇ.

** ئۆز قارىشىغىلا ئېسىلىۋالغان كىشى ھەقىقەتنى تاپالمايدۇ.

** ھەر قانداق ياخشىلىق سەۋر قىلىش بىلەن قولغا كېلىدۇ.


دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5861
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 127
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە127دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 2740 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2012-01-06

دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5861
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 127
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە127دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 2740 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2012-01-06
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-09 17:42

ناھەقچقلىككە سۈكۈت قىلىش ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلى ..
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 982
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە982دانە
ئۆسۈش: 1980 %
مۇنبەر پۇلى: 11216 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-01-06
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-09 18:14

مەن يامغۇرغا ئامراق چۈنكى يامغۇردا،دۈشمەنلەر كۆزيېشىمنى كۆرەلمەيدۇ..

بىر نى قېتىپ قۇياي    
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(fatih204) ئېسىل گەپكىن ..
  • all praise to allah , the lord of the worlds
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1369
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1369دانە
    ئۆسۈش: 330 %
    مۇنبەر پۇلى: 14530 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-27
    ئاخىرقى: 2012-01-05
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-09 18:43

    ** ياخشىنىڭ يامان، ياماننىڭ ياخشى ئادىتى بولۇشى مۇمكىن. ياخشى ئادىتىنى ئۈلگە قىلىش لازىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: “بىر مۆمىننىڭ ياخشلىقىنى ئۇنتۇپ، يامانلىقىنى ئېسىدىن چىقارمىغان كىشىنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ” دېگەن.



    ماۋۇ گەپ مىنى ئويغا سالدى ،، بەزىلىرىمىز كوپىنچە كىشىلەرنىڭ ياخشىلىقىنى ھىسابلاشماي ، كورمەي ، كىچىككىنە كەمچىلىكى خاتالىقىنى ئىشت يىلىدىن ئىشەك يىلىغىچە سوزلەپ يۇرىمىز
    allaga siginip xaytanlarning yamanlikidin pana tilayman
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8313
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 54
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە54دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 570 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-07-26
    ئاخىرقى: 2011-11-25
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-09 19:15

    تىل توغۇرلۇق ئەقىليە سۆزلىرىڭزنى بھكمۇ ياقتۇردۇم رەھمەت سزگە..........ئۇلۇغ ئاللا قەلەم قۇۋۋتىڭزنى تىخىمۇ ئاشۇرسۇن ئاميىن!
    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ۋە مەدھىلەشلەرئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئۇلۇغ ئاللاغا خاستۇر
    دوستلىشىش
    ئۇيغۇرقىزى
    بۇ دۇنيادا چۈشنىش ئەڭ قىيىن بولغان نەرسە ئادەمدۇ ..
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7833
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 65
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە65دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 660 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-06-11
    ئاخىرقى: 2011-08-09
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-09 19:45

    ھەقىقەتەن ساقلاپ قۇيغىدەك ياخشى ھېكمەتلەركەن بۇ.
    دوستلىشىش
    ohho~duqu
    kvlgenning hemmisi dost emes
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5343
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 417
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە417دانە
    ئۆسۈش: 30 %
    مۇنبەر پۇلى: 4356 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-30
    ئاخىرقى: 2012-01-03
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-10 00:17

    ئۆزۈڭنى بىل ئۆزگىنى قوي ، مەنمۇ قاملاشمىسىمۇ بىرنى قېتىپ قوياي
    man kangsay azasian
    سۇغا سالسا سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى ، ئالتۇن ب ..
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8536
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 6
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 60 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-08-10
    ئاخىرقى: 2011-08-18
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-10 02:50

    تېمىڭىزنى ساقلىۋالدىم . مەنمۇ بىر قانچىنى قالدۇرۇپ قۇياي :

    يامغۇردىن كېىينكى ھاۋا بەكمۇ ئوچۇق ساپ بولغىنىدەك ، قايغۇ-ئازاپتىن كېيىنكى كۈلكە شۇنچە تاتلىق بولىدۇ .

    دوست دېگەن دەرەخ يوپۇرمىقىغا ئوخشايدۇ. باھاردا بېھىساپ ، كۈزدە ساناقلىق. ياشلىق دەۋرىدە ھېساپسىز، قېرىغاندا ساناقلىق بولىدۇ.


    مۇقاۋىسىگە قاراپلا كىتابنىڭ قىممىتىگە، ئورىلىشىغا قاراپلا مالنىڭ قىممىتىگە باھا بەرگىلى بولمىغىنىدەك ، ئادەمنىڭ قىممىتىگىمۇ تاشقى كۆرۈنىشىگە قاراپ، بىرەر قېتىملىق سۆز-ھەركىتىگە قاراپ باھا بەرگىلى بولمايدۇ.


    قۇرت-قوڭغۇزلار يولۋاس بالىسىنى چاققانغا ئوخشاش ئالىيجاناپ ۋە ھىممەتلىك ئادەمنىڭ گۆشىنى ھەسەتخۇرلار يەيدۇ،

    ھەر بىر تىرىك جان مۇقەررەر ئۆلىدۇ. شۇنداق ئىكەن ، ئەڭ ياخشى ساۋاپ ۋە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش ھايات ئادەم ئۈچۈن ناھايىتى ساۋابلىقتۇر.

    ھۆنەر ئۆگەنگەن ، يېپىق ئىشىكلەرنى بىربىرلەپ ئاچار.

    داۋاسىز كىسەلنىڭ داۋاسى - چىدام.

    ياخشىلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولساڭ ئىشلىرىڭ ياخشىلىقتىن روناق تاپار.

    قۇياشنىڭ دۈشمىنى تام تۆپىسىگە چىقىۋېلىپ كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ، قۇياش پاتتى دەپ ئويلامىش.

    تاڭ ئاتمايدىغان تۈن يوق .
    سۇلتان بولۇپ خان ئۆتكەن
    ئۇيغۇرۇم سەن جاھاندا
    ئالەم شاھىد بولغانتى
    سەن تارىخنى يازغاندا
    بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2111
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 257
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە257دانە
    ئۆسۈش: 1680 %
    مۇنبەر پۇلى: 3834 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-20
    ئاخىرقى: 2012-01-06
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-10 06:16

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
        تولىمۇ قىممەتلىك ھېكمەتلەر ئىكەن. اللە تېما يوللىغان قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، امين!
    بىز تۇپراق ئۈستىدىكى تۇپراقمىز!