دىنىمىز بىلەن پەخىرلىنىش، ئېتىقادىمىز بىلەن ئىززەت ھېس قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ بىزنى مۇسۇلمان قىلغانلىقى بىلەن شەرەپ ھېس قىلىش ئەسلى پرىنسىپلىرىمىزنىڭ قاتارىدىندۇر. كىم دىنى بىلەن پەخىرلەنمىسە ۋە شەرەپ ھېس قىلمىسا، ئۇنىڭ قەلبىدە شەك ۋە ئىمانى ئاجىزلىق كىسىلى بولغان بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھغا خىتاب قىلىپ:“ قۇرئان ساڭا ۋە سېنىڭ قەۋمىڭگە ئەلۋەتتە (ئۇلۇغ) شەرەپتۇر، سىلەر كەلگۈسىدە (بۇ نېمەت ئۈستىدە) سورىلىسىلەر“( زۇخرۇف سۈرىسى، 44-ئايەت) يەنى ئۇ ساڭا، قەۋمىڭگە ۋە قىيامەتكىچە ساڭا ئەگەشكەنلەرگە شەرەپ. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن مۇسۇلمان ۋە قۇرئان ئۈممىتى بولغانلىقىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم بىلەن شەرەپ ھېس قىلىشىڭ كېرەك.
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:“(جىھادتىن)بوشىشىپ قالماڭلار،شېھىت بولغانلار ئۈچۈن قايغۇرماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار،ئۈستۈنلۈك قازىنىسىلەر“ ئال ئىمران سۈرىسى، 139- ئايەت.
يەنى سىلەر ھەقىقى مۆمىن بولساڭلار تايانچا جەھەتتە ئۈستۈن، پرىنسىپ ۋە پروگىرام جەھەتتە ئۈستۈن بولىسىلەر دېگەن بولىدۇ. پرىنسىپىمىز ئەسلى پرىنسىپ، دەستۇرىمىز بۈيۈك قۇرئان، تايانچىمىز پەزىلەتلىك پەرۋەردىگارىمىزدۇر. ئاللاھ تايانچا بولۇپ بەرگەن كىشى قانداق خارلانسۇن! ئاللاھ ئىگىسى بولغان كىشى قانداق ئاجىزلىشىپ قالسۇن! ئەلچىسى ۋە ئۆلگىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولغان كىشى قانداقمۇ خارلانسۇن! دىنى ئىسلام بولغان كىشى قانداقمۇ ئاجىزلىشىپ قالسۇن؟!
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاللاھنىڭ بىزنى مۇسۇلمان قىلغانلىقى بىلەن پەخىرلىنىشىمىز ۋە شەرەپ ھېس قىلىشىمىز لازىم.
شەرەپ ۋە يوقۇرى پرىنسىپلار مال- دۇنيا توپلاشتۇر دەپ ئويلاپ قالغانلارغا ئاللاھ رەددىيە مۇنداق دەيدۇ:“ئۇلار:«بۇ قۇرئان نېمىشقا ئىككى شەھەر (يەنى مەككە بىلەن تائىف ئادەملىرىدىن) بىر كاتتا ئادەمگە نازىل قىلىنمىدى؟» دېيىشتى. پەرەۋردىگارىڭنىڭ رەھمىتىنى ئۇلار تەقسىم قىلىپ بېرەمدۇ؟ بىز ئۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى رىزقىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى (ھەق بېرىپ) ئىشقا سالسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق، پەرەۋردىگارىڭنىڭ رەھمىتى ئۇلارنىڭ توپلىغان نەرسىلىرى (يەنى پۇل-ماللىرى)دىن ياخشىدۇر“ ( زۇخرۇف سۈرىسى، 31- 32- ئايەتلەر“.
شەرەپ ۋە ئىززەت ئۆي، ساراي، مال- دۇنيادا ياكى يۈز-ئابرويدا ئەمەس. ھەقىقى شەرەپ سېنىڭ ئاسمان ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھغا ھەقىقى بەندە بولۇشۇڭدا؛ ھەقىقى شەرەپ سېنىڭ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىغان، ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن يىراقلىشىدىغان ۋە ياخشىلارنى ياخشى كۆرىدىغان ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرىدىن بولۇشۇڭدا كۆرۈنىدۇ.
تەقۋا ئادەمنى كۆرگنىڭدە، قەلبىڭ ئۇنى- ياخشىلىق ۋە رازىلىق ئالامەتلىرى ئۇنىڭدا كۆرۈنۈپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن- ياخشى كۆرىدۇ، كاپىرنى كۆرگىنىڭدە قەلبىڭ- گەرچە ئۇ چىرايلىق كىلىشكەن بولسىمۇ- ئۇنىڭغا غەزەبلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى ئازغۇن قەلىبتۇر.
ساھابىلار دۇنيادىن كۆپ نەرسىگە ئىگە بولالمىغان كىشىلەر ئىدى، قەلبلىرى ساپ، نىيىتى تۈز بولغاچقا ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قاراپ ئۇلارنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغان.
مۇسۇلمان قېرىندىشىم! مۇسۇلمان بولغانلىقىڭىز بىلەن پەخىرلىنىڭ، سىز ئېتىقاد قىلىۋاتقان بۇ دىننىڭ كاتتىلىقىدا قەلبىڭىز ھەرگىز شەكلىنىپ قالمىسۇن! دىنىڭزدا مۇستەھكەم تۇرۇڭ! دىنىڭىزنىڭ بايرىقى ئاستىغا توپلىشۇڭ. شۇنداق قىلغىنىڭزدا تەرەققى قىلالايسىز، شەرەپ ھەمرايىڭىزغا ئايلىنىدۇ، ئورنىڭىز ئۈستۈن بولىدۇ، غەلىبە ئىتتىپاقدىشىڭىز بولىدۇ.
شۇنى ئىسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭكى، سىز ئىسلامسىز نۆلگە تەڭ. يەنى سىز پەقەت ئىسلام بىلەن مەۋجۇتلىقىڭىزنى، مەدەنىيىتىڭزنى ۋە سالاھىيىتىڭىزنى ساقلاپ تۇرالايسىز…