موڭغۇللارغا يېلىنغان قورچاق غالچا ‹پادىشا› ـــ ئاباق غوجا ئەسلى ئىسمى ھىدايىتۇللا ئىشان بولۇپ ، مىلادىيە 1626-يىلى لەنەتتەككۈر دادىسى ئۇيغۇر سەئىدىيە سۇلالىسى تەۋەسىگە پالچىلىق قىلغىلى چىگرا سىرتلىرىدىن كەلگەندە قۇمۇلدا تۇغۇلغان . دادىسى مۇھەممەد يۈسۇپ خۇجا مىلادىيە 1620 -يىلى نەمەنگاندىن قۇمۇلغا كەلگەن . ئاپپاق غۇجا مىلادىيە 1638-يىلى ئون ئىككى ياش ۋاقتىدا ، دادىسى بىلەن قەشقەرگە كەلگەن ۋە شۇنىڭدىن ئىتىبارەن دادىسىدىن رەسمى سوپى ئىشانلىقنى ئۈگىنىشكە باشلىغان . 1667-يىلى دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ يەكەندە « ئىسھاقىيە » مەزھىپىدىكى ئۆزىنىڭ نەۋرە ئەۋلادى بولغان جۇجا ئەبەيدۇللا تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۇلتۈرۈلگەندىن كىيىن ، ئاپپاق غۇجا ئۈزلىكسىز مۇرت كۆپەيتىش ، كۈچ توپلاش ۋە تەسىرى دائىرىسىنى كىڭەيتىش ئارقىلىق ، ئەڭ ئاخىرى تىغ ئۇچىنى دىنى پائالىيەتتىن ھالقىتىپ ، ھاكىميەتكە قاراتتى ۋە مىلادىيە 1678-يىلى جۇڭغار ئىشخالىيەتچىلەرنى باشلاپ كېلىپ ، سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ئون ئىككىنجى سۇلتانى ئىسمائىل خاننى ئاغدۇرۇپ ، تارىختا 165 يىل ھۆكۈم سۈرگەن شۆھرەتلىك سەئىدىيە خانلىقىنى بەربات قىلدى . ئۇنىڭ ئورنىغا جۇڭغارىيە ھامىيلىقىدىكى ئاپپاق خۇجا خانلىقىنى تىكلەپ ، بۇ خانلىققا ئون بەش يىل ھۆكۈمران بولدى . ئاباق غوجا ھاكىميەت يۈرگۈزگەن بۇ دەۋردە ، ئىلگىر كېيىن بولۇپ ، ئون بىر قىتىم چوڭ قىرغىنچىلىق بولدى. بىر يۈز سەكسەن مىڭ ئادەم قىرغىنچىلىقتا ئۆلدى . ئاپپاق غوجىغا ۋە ئۇنىڭ ھامىيىسى بولغان جۇڭغار ئىشخالىيەتچىلىرىنىڭ قاتمۇقات زۇلۇملىرىغا قارشى ئىككى يۈز قىتىمدىن كۆپرەك خەلق ئىسىيانى كۆتۈرۈلدى . ئاباق غوجا مانا شۇنداق ئىسىيانچىلاردىن ۋە ئۇ يۈرگۈزگەن زوراۋانلىقىغا قارشى چىققان تالىپلاردىن يىلىغا ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتۇپ ، مىلادىيە 1679-يىلى جۇڭغارلارنىڭ كۈچى بىلەن ئىلىغا پالاپ ، غالچا يىگىت ۋە غالچا چوكان نامىدا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە قۇل قىلىپ بەردى .ئۇ يەنە خانلىق يارلىقى چۈشۈرۈپ ، مەسچت - مەدرىسلەرنى خانىقا بىلەن تۈتەكخانىلارغا ئۆزگەرتتى ، قۇر ئان بىلەن ھەپتىيەكتىن باشقا بارلىق كىتاپ ، مەدەنى مىراس ۋە تارىخى قول يازمىلارنى كۆيدۈرۋەتتى . بۇنىڭغا نارازى بولغان قارشى چىققان شەرىئەت پىشىۋالىرىنى ، دىنى ئۆلىمالارنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئۆلتۈردى .② ئاپپاق غوجا مىلادىيە 1693-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ بېشىدىكى بىر پەيشەنبە كۇنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى . بىر كېچە-كۈندۇزدە يەكەندىن قەشقەرگە ئېلىپ كېلىنىپ ، ھازىرقى ھەزرەتتكى ئۆزى بىنا قىلدۇرغان «مازارى شاھان» غا ئاپىرىپ دادىسىنىڭ ئايىغىغا دەپنە قىلىندى .
4 . تۈن بالىسى ـــ نىياز ھېكىم بەگ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ياتلارنى تازىلاپ ، مۇناپىق خوجىلارنىڭ خەلقىمىزگە سالغان زۇلۇم -سىتەملىرىدىن جاق تويۇپ ، نەپەسمۇ ئالالماس ھالەتكە كېلىپ قالغان ئاۋامنى قايتىدىن قەددىنى رۇسلاش ۋە سەئىدىيە سۇلتانلىقىنىڭ سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بەل باغلىغان ياقۇپ بەگ (بە دەۋلەت) نى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن ساتقىن تۈن بالىسى نىياز ھېكىمبەگمۇ تارىخىمىزدىكى تالاي پاجىئەلەرنىڭ سەۋەپچىسىدۇر. نىياز ھېكىمبەگ ئۆزىنى شۇنچە ئەتىۋارلىغان ياقۇپ بەگنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن « زوڭتۇڭ دارېن » نىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىنى ئېلىپ قېلىپ ئىشلىتىشنى، ھېچ بولمىسا «چەنتو» لارنىڭ يېرىدە پايدا يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندا « زوڭتۇڭ دارېن» مىيىقىدا كۈلۈپ، «ئۆز پادىشاھىغا ئاسىلىق قىلغان كىشى ھامان بىزگىمۇ ئاسىلىق قىلىدۇ ،ئۇنى ئاپىرىپ تۇرمىگە تاشلاڭلار!» دەپ تۇرمىگە قامىغان. شۇندىن ئېتىۋارەن نىياز ھېكىمبەگ زىنداندا سۇنىڭ ئورىنىدا ھاراق ئىچىشكە ،ئوزۇقنىڭ ئورنىدا ئۆزىنىڭ تېنىدىن شىلىۋېلىنغان گۆشتىن قورۇلغان قورۇمىنى يىيىشكە مەجبۇر بولغان . شۇنداق قىلىپ 25 كۈن بولدى دېگەندە ئۇنىڭ جېنى كۆپ يەرلىرىنىڭ گۆشى شىلىۋېلىنغان ، زەي زىنداندا سېسىپ ،يىرىڭلاپ ،قۇرتلاپ ، بەدبۇي ھىد تارقىتىۋاتقان تېنىدىن جۇدا بولغان . ئۇنىڭ ئۈلۈكىنى مەھبۇسلارغا بورىغا يۆگەتكۈزۈپ ،كۈتەرتىپ يېڭىشەرنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى بارىن قەبرىستانلىقىغا ئېلىپ بېرىپ ،شۇ پېتى كۆمدۈرىۋەتكەن
5 . ئابدۇقادىر داموللامنى قەتلى قىلغان ـــ ئەھمەد مەزىن ئابدۇقادىر داموللام كېچىدە تەرەت ئالغىلى چىققاندا ئەھمەد مەزىن تەرپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرلىدۇ. ئەھمەت مەزىننىڭ ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆلتۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئابدۇقادىر داموللامنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھىندىستاندىكى ئوقۇشىنى تاشلاپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ بۇ دېلۇنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلىپ ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، قەشقەردىكى ئەمەلدارلار(ئۆمەربەگ بىلەن زۇنۇن پاششاپلار) شەھەر كاتتىسى تەرپىدىن سۈڭگۈتۈلگەن ئالتۇن يامبۇنىڭ كۈچى بىلەن بۇ سىرنى ئاشكارلىماسلىققا ۋەدە بېرىدۇ . ئەھمەت مەزىننىڭ ئۆزىگىمۇ بارلىق جىنايەتلىرىدىن تېنىش كىرەكلىكى ، شۇندىلا ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن خالاس بولىدىغانلىقى ئالاھىدە جىكىلىنىدۇ. لېكىن توختىماي قىلىنغان بۇ دەۋادىن زىرىككەن شەھەر كاتتىلىرى ئەھمەت مەزىننى تۆمۈر قەپەزگە سولاپ ئۈرۈمچىگە ماڭدۇرىۋېتىدۇ. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئىز قوغلىشىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئەرز سۇنىدۇ. ھۆكۈمەت تەرەپ ئەھمەت مەزىننى ئېتىپ بېرىشنى ئېيتقان بولسىمۇ ئابدۇلئەزىز مەخسۇم بۇنىڭغا قوشۇلماي پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىلارنىمۇ جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قاتىل ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ . لېكىن پەردە ئارقىسىدىكىلەر يەنىلا ئاشكارلانمايدۇ. قەشقەر كاتتىلىرىنىڭ تەلىپى ۋە ۋەدىسى بويىچە ئەھمەت مەزىن سولاقتىن بوشتىلىپ قويۇپ بىرىلىدۇ . بۇ قاتىل ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا بىر مەزگىل لاغايلاپ يۈرگەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇ ئىشتىن خەۋىرى بارلىكى كىشىلەرنىڭ تىل -ئاھانەت ، دەشناملىرىدىن بىر مىنۇتمۇ ئارام تاپالماي ، ياقا يۇرتلارغا قېچىپ بېرىپ جان باقىدۇ . روھى جەھەتتىن قاتتىق زەربە يېگەن مەزىن ئاقىۋەتتە ئېلىشىپ قېلىپ شۇ دەرىجىگە يېتىدۇكى ، ھەتتا ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېيىشكە باشلايدۇ . نەتىجىدە ئەنە شۇنداق ساراڭلىقتا بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆلىدۇ. -1924يىلى ئابدۇقادىر داموللام سۇيىقەسىتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، سۇيىقەسىتچىلەرنىڭ نىشانى ئۇنىڭ شاگىرتى سابىت داموللامغا مەركەزلىشىدۇ.
6 . شېڭ شىسەيگە ساداقىتىنى بىلدۈرگەن ـــ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللام پەيزاۋات شاپتۇللۇق كىشى بولۇپ دىنى مەلۇماتى يوقۇرى بولغاچقا، قەشقەر تەۋەسىدە تەسىرى زور بولغان. لېكىن بۇكىشى سېپى ئۆزىدىن مۇناپىق بولۇپ، ئابدۇقادىر داموللامغا قەست قىلىش سۇيىقەستىگە قاتناشقان . ئوسمان پاشا بىلەن تۆمۈر شىجاڭنى زىددىيەتكە سېلىپ، ما جەنساڭ ئۈچۈن كەتمەن چاپقان. ئۇ 1934 - يىلىدىن كېيىن يەنى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلگەن ھەم قەشقەردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان . 1935 - يىلى يازدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆلكەبويىچە ئېچىلغان« ئىككىنجى قېتىملىق ئاۋام كونفىرىنىيىسى » گە قاتناشقان . قايتىپ بارغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەيگە بولغان ئالاھىدە ئىخلاسى ھەققىدە سۆزلەپ يۈرگەن ھەم شىڭ شىسەينىڭ « ئالتە بۈيۈك سىياسىتى » نى تەشۋىق قىلغان . 1936 ـ يىلى 5 - ئايدا شېڭ شىسەي قەشقەرنىڭ ۋالىسى ۋاڭ باۋچەنگە تېلېگرام بېرىپ «سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن سودا - سانائەتچىلەر تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەشكىل قىلغانلىقىنى ، شۇڭا قەشقەر ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ بېرىشى لازىملىقى» نى ئۇقتۇرغان . شېڭ شىسەينىڭ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامدىن پايدىلانماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلگەن مەھمۇت شىجاڭ ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشىغا يول قويمىغان. ئۇ، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى كېچىدە ئادەم ئەۋەتىپ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللىنى قەشقەر كونا شەھەرنىڭ ئۆتەڭ بازىرىدا يۇشۇرۇن ئولتۇرگۈزۈۋەتكەن.
7 .ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى چاققان شېڭ سىسەينىڭ سادىق غالچىسى ــــ روزى موللا 1933 - يىلى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلاڭچىلىرىدىن ئەجەللىك زەربە يەپ، ئۈرۈمچىگە قېچىپ كېلىۋاتقان شېڭ شىسەي تۇرپانغا كەلگەندە ، روزى موللا شىڭ شىسەيگە غالچىلىق قىلىپ، ئېشەك مىنىپ ئالدىغا بېرىپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرىنى « دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەنىۋى تەرغىباتچىسى» دەپ چاقىدۇ. شىڭ شىسەي بۇنى ئاڭلاپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە تاشلايدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13 -كۈنى سەبداشلىرى بىلەن باتۇرلاچە قۇربان بولىدۇ.
8 . لۇتپۇللا مۇتەللىپنى چاققان گومىنداڭچى ــــ ھېكىم نۇر ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇق بۆلۈمىدىن مۇتەللىپنى كۈزىتىدىغان ئادەملەر ئاللىبۇرۇن تەشكىللەنگەن. شۇ چاغدا ئاقسۇ گېزىتخانىسىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تەكشۈرىدىغان «ئەپەندى»، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا «ياخشى»، «كاڭجيەن»، جەمئىيەتتە «گاڭبى» دېگەندەك مەخسۇس ئادەملەر بار ئىدى. ل.مۇتەللىپ قاتارلىقلارنى ئاشكاىرلاپ قويغان ھېكىم نۇرنىڭ مەخپى ئىسمى «گاڭبى» ئىدى. ھېكىم نۇر شۇ يىللاردىكى ساقچى ئەمەلدارى ، ل. مۇتەللىپلەرنىڭ تەشكىلاتىغا سوقۇنۇپ كىرگەن ئىشپىيون ھەم ل مۇتەللىپنىڭ قاتىلى ئىدى.
ئىزاھلار:
: ① ئابلىز مۇھەممەت سايرامى،«سۈي،تاڭ سۇلالىلىرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخى شەخسلەر» 65~71-بەتلەر،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1999-يىل 7-ئاي
: ② ئەخەت تۇردىنىڭ «بەخىتسىز سەئىدىيە» ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىندى . : ③ئابدۇۋەلى ئەلى ئەپەندى يازغان«بەدەۋلەت-ئۆركەشلەپ ئاققان قايدۇ دەرياسى» ناملىق روماننىڭ 11-بابىدىن ئېلىندىمەنبە:
http://bbs.alkuyi.com/read.php?tid=7842&fpage=0&page=20