رەسىم:
ئەرەب دۇنياسى ۋە بالقان رايونىدا بارغانسېرى كەڭ تارقىلىۋاتقان تۈرك كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى نۆۋەتتە ئىراندىمۇ كەڭ تارقالماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:
ئەرەب دۇنياسى ۋە بالقان رايونىدا بارغانسېرى كەڭ تارقىلىۋاتقان تۈرك كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى نۆۋەتتە ئىراندىمۇ كەڭ تارقالماقتا.
تۈرك كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بولۇپمۇ تەبرىزگە ئوخشىغان ئەزەربەيجان تۈركلىرى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان شەھەرلەردە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە.
تۈرك كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئوتتۇرا شەرق ۋە بالقان رايونىدىكى خەلقلەر شۇنچىلىك ياقتۇرۇپ كۆرىدۇكى، تۈرك كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى قويۇلغان چاغدا كوچىلاردا ئادەم قالمايدۇ.
تۈركىيە ۋە تۈركلەرگە بولغان سۆيگۈنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان تۈرك كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ، ئەرەب دۇنياسىدا يېقىندا تېزلاشقان ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەردىمۇ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ھەتتا بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، دېموكراتىيە تەلەپلىرى ۋە ئەرەب باھارىنىڭ پارتلىشىدا تۈرك كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى قەيت قىلىشماقتا.