غۇلجا شەھىرىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدە «خەنزۇ بازىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئەنئەنىۋى بازارنىڭ بارلىقى ئىلى جامائىتىگە ئۇزاق زامانلاردىن بەش قولدەك مەلۇم بولسىمۇ، لېكىن «خەنزۇ بازىرى» دېگەن يەر نامىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى تارىخىي مەنبە ۋە سەۋەب ئېلېمېنتلىرى ھەققىدە ئېھتىمال كۆپىنچە كىشىلەر ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە بولمىسا كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە سىز «خەنزۇ بازىرى»غا بېرىپ زەڭ قويۇپ كۈزەتسىڭىز، گەرچە، ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى بازارلىق قىياپىتى ۋە خۇسۇسىيىتى يەنىلا روشەن جۇلالىنىپ تۇرسىمۇ، لېكىن، مەيلى كۈندۈلۈك بازار ئىشتىراكچىلىرى بولغان سودا–سېتىقچىلار ۋە خېرىدارلارنىڭ مىللەت تەركىبىدىن بولسۇن ۋە مەيلى بازاردا كۈندۈلۈك ئوبورۇت قىلىنىۋاتقان تاۋارلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىدىن بولسۇن، مەزكۈر يەر نامىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مىللەت ئېنىقلىمىسى روشەن نامايەن بولمايدۇ.«خەنزۇ بازىرى» ئەمەلىيەتتە تۈرلۈك–تۈمەن تارىخىي سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بىر تالاي ئېتنوگرافىك ۋە گۇمانىتارلىق خىسلەتلەرگە باي سېھىرلىك ماكان. L[4Su;D
,1-n=eTQ
?2D1gjr
مەن كىچىكىمدىن «خەنزۇ بازىرى» دېگەن بۇ يەر نامىنىڭ ئۆزىگە يوشۇرۇنغان سېھرىگە قىزىقىپ كەلدىم. بۇ خىل قىزىقىش مەن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ئىلى تارىخى ھەققىدە ئانچە–مۇنچە ماقالىلەرنى يېزىپ يۈرگەندىن باشلاپ تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى. بۇ خىل قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسى مېنى بۇ ھەقتە خېلى ئۇزۇندىن بېرى ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشكە مەجبۇر قىلدى. لېكىن، ھەرقانچە ئۇرۇنساممۇ، ئۇيغۇرچە ماتېرىياللاردىن مۇكەممەل ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىدىم. دەل مۇشۇنداق ئىزدىنىش باسقۇچىدا باش قاتۇرۇپ يۈرگەن كۈنلىرىمىدە، خەنزۇچە «ئىلى گېزىتى»نىڭ 2003–يىللىق 12–سېنتەبر سانىغا لى جەننىڭ («خەنزۇ بازىرى»—ئىلىنىڭ كۆزى) ماۋزۇلۇق ماقالىسى، 13–سېنتەبر سانىغا چى پىڭنىڭ («خەنزۇ بازىرى»— قىممەتلىك تارىخىي مىراس) ماۋزۇلۇق ماقالىسى، 21–سېنتەبر سانىغا جياڭ چيۇشىڭنىڭ («خەنزۇ بازىرى ۋە مەن») ماۋزۇلۇق ماقالىسى، 2005–يىلى 15–دېكابىر سانىغا يەن لىڭنىڭ («ياڭ ليۇچىڭ ۋە خەنزۇ بازىرى»)ماۋزۇلۇق ماقالىسى، 29–دېكابىر سانىغا يەن لىڭنىڭ («قوشۇنغا ئەگىشىپ تىجارەت قىلىش بىر ئۇزۇن تارىخىي سىمفونىيە»)ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئارقا–ئارقىدىن بېسىلدى. بۇ ماقالىلار ئوخشىمىغان نۇقتىدىن «خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ھەققىدە مېنى خېلى تولۇق ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا قىزىقىۋاتقان كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە، شۇنداقلا يەر ناملىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان يولداشلارغا ئاز–تولا پايدىسى تېگىپ قالار دېگەن ئۈمىدتە قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ئۇشبۇ ماقالىنى رەتلەپ نەشرگە بېرىشكە تۇتۇندىم. يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ماقالە ئاپتورلىرى گەرچە خېلىلا جاپالاردا بۇ ماقالىلارنى ھۇجۇدقا چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار مەزكۇر تارىخنىڭ بىۋاسىتە شاھىدى بولمىغاچقا، ئىزدەپ سوراپ يېزىش جەريانىدا نۇرغۇن نۇقسانلارغا يول قويغان ئىكەن. مەن ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، زىيارەت ئوبيېكتلىرىنى قايتا ئېنىقلاپ ئادەم ئىسمى، يەر ناملىرى ۋە ۋاقىت جەھەتتىكى خاتالىقلارنى تۈزۈتۈپ، ماقالىنىڭ قۇرۇلمىسىنى قايتىدىن تەڭشەپ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە تونۇش مەزمۇنلارنى كېڭەيتىپ يېزىپ، ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىغا يوچۇن جايلىرىنى قىسقارتىپ قايتىدىن تۈزۈپ چىقتىم. U&W{;
myt
3K
Y-+ k
0OJBC~?{\
1. «خەنزۇ بازىرى» ۋە تىيەنجىنلىكلەر B J,U,!
7GN>o@ t
^HpUbZpat)
ھازىرقى كۈندە ئىلىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، يېشى ئەللىكتىن ئاشقان، ئادەتتە ئۆزىنى «يەرلىك» دەپ ئاتايدىغان خەنزۇلاردىن سۈرۈشتۈرسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېرىمىدىن كۆپرەكى يا «خەنزۇ بازىرى»دا تۇغۇلغان ياكى «خەنزۇ بازىرى»دا چوڭ بولغان بولۇپ چىقىدۇ. دەل مۇشۇ «يەرلىك» خەنزۇلارنىڭ ئاتا–بوۋىلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭ بازىرىدىن كەلگەنلەر (杨柳青— يەر نامى، ئۇيغۇرچە سۆگەتلىك، تاللىك، كۆكتال دېگەن مەنىلەردە). تىيەنجىن شەھىرى غەربىي شەھەر رايونى ياڭ ليۇچىڭ بازىرىنىڭ قەدىمكى سودا–سېتىق مەركىزى ۋە «چاغانلىق ئاسما رەسىملەر يۇرتى» دېگەن نامى بىلەن پۈتۈن جۇڭگوغا مەشھۇرلۇقى ھەممىلا كىشىگە ئايان بولسىمۇ، لېكىن، ياڭ ليۇچىڭلىقلارنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغان ھەربىي قوشۇنغا ئەگىشىپ، خۇلاڭزىچىلىق قىلىدىغان ئادىتىدىن خەۋەردار كىشىلەر ئانچە كۆپ ئەمەس (كونا غۇلجا تىلىدا خۇلاڭزىچى — سەييارە تىجارەتچى دېگەن مەنىدە). ئەمەلىيەتتە، تارىخىي تۇرقىدىن قارىغاندا، قوشۇنغا ئەگەشكەن سودىگەرچىلىك ئۇزۇن سەپىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرى ياڭ ليۇچىڭدىكى چاغانلىق ئاسما رەسىملەرنىڭمۇ داڭقىنى بېسىپ چۈشىدۇ. W(
O)J$j
,^]yU?eU
0Q\6GCzN\
* قوشۇنغا ئەگىشىپ تىجارەت قىلىش K5;
/
s*A#;
5v&mK 5zZ
چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈي پادىشاھلىنىڭ تۇنجى يىلىدىن (1875–يىلدىن) 1949–يىلى ئۆلكە ئازادلىقىغا قەدەر 74يىل مابەينىدە تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭ بازىرىدىن ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ 3000تۈتۈندىن، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 15مىڭدىن ئارتۇق كىشى شىنجاڭغا چىقىپ ئولتۇراقلاشتى. بۇ خىل كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش جەريانىدا سودىغا ماھىر ياڭ ليۇچىڭلىقلار بوخەي دېڭىز ساھىلىدىن تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تۇتاشقان بىر يېڭى سودا لىنىيىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاللىقاچان توپا بېىسپ قالغان قەدىمكى «يىپەك يولى»نىڭ شەرقىي بۆلىكىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى. +Usy
3vs;ZBM
Aqi9@BH
تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىقلارنىڭ قوشۇنغا ئەگىشىپ سودا قىلىش پائالىيىتىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ئىنتايىن كەڭ، سەرگۈزەشتىلىرى ناھايىتى مول، ئىگىلىك تىكلەش جەريانى ئەگرى–توقاي، جاپالىق بولغاچقا، بۇ پائالىيەت باشلىنىش، راۋاجلىنىش، يۇقىرى پەللىگە يېتىش ۋە پەسىيىشتىن ئىبارەت بىر پۈتۈن مۇئەييەن تارىخىي باسقۇچنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ باسقۇچ ئىلىنىڭ سودا–سانائىتىگە مۇئەييەن ئۇل سېلىش باسقۇچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى جاينىڭ ئۆرپ–ئادەت مەدەنىيىتى، قول–ھۈنەر مەدەنىيىتى، سودا–سېتىق مەدەنىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزئارا تەسىر قىلىش، تولۇقلاش، سىڭىشىش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا جايلاردىن ئۆزگىچە بولغان ئىلىنىڭ يەرلىك ئارىلاشما ئىجتىمائىي مەدەنىيەت كەيپىياتىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. y'gIx*6B@
u$A*Vsmr
x>Hg.%/c[
چىڭ سۇلالىسى تۇڭجى پادىشاھلىقىنىڭ 3–يىلى (1864–يىلى) غەربىي شىمالدا ئارقا–ئارقىدىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەبت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلدى. شەنشى–گەنسۇ رايونىدىكى خۇيزۇ دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى بىلەن ئىلىدىمۇ ئۇيغۇر، خۇيزۇ دېھقانلارنىڭ قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلدى. لېكىن، قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى شۇ چاغدىكى فېئودال، دىنىي ئىمتىيازلىق يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەچكە، ئىلىدا مەركىزىي ھاكىمىيەتنى ئىنكار قىلىدىغان ھاكىمىيەت «ئىلى سۇلتانلىقى» مەيدانغا كەلدى. تۇڭجىنىڭ 4–يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا قوقان خانلىقىنىڭ (ھازىرقى ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە) لەشكەر باشلىقى ياقۇپبەگ (بەدۆلەت) پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاتالمىش «يەتتەشەھەر دۆلىتى»نى قۇردى. تۇڭجىنىڭ 10–يىلى (1871–يىلى) چارروسىيە ئەسكەر چىقىرىپ ئىلىنى بېسىۋالدى. چېگرا رايوننىڭ ۋەزىيىتى بارغانسېرى كەسكىنلەشتى. 2m$\]\kCUv
h]|E,!H
"YUh4uZ~P
چىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، شەنشى–گەنسۇ باش مۇشاۋۋۇرى زوزۇڭتاڭنىڭ غەربكە ئەسكەر چىقىرىپ، توپىلاڭنى تىنجىتىشىنى بۇيرىدى. تۇڭجىنىڭ 12–يىلى (1873–يىلى) شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغان ئالدىنقى سەپ قىسمى گەنسۇ جۇۋچۈەننى ئىشغال قىلىپ، 60مىڭ ئەسكەرنى مۇشۇ شەھەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، قوشۇننى دەم ئالدۇرۇشقا باشلىدى. جۇۋچۈەن شەھىرى ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇش مالىمانچىلىقى تۈپەيلىدىن ھالىدىن كەتكەن بولۇپ، مۇشۇنچىلا زور قوشۇننىڭ تەمىناتىنى قامداش ئۇياقتا تۇرسۇن، شەھەر پۇقرالىرىنىڭ كۈندۈلۈك جان بېقىشىمۇ زور مەسىلە بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈزمىڭ كىشىلىك زور قوشۇن قاتناش ۋە ئۇچۇر–ئالاقىنىڭ قالاقلىقىدىن تەييارلىقسىزلا سەپەرگە ئاتلانغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىي تەمىنات ئۆكسۈپ قالدى. نەتىجىدە شىنجاڭغا چىقىپ جەڭ قىلىش ئەمەس، بەلكى، ئامان–ئېسەن شىنجاڭغا يېتىۋېلشىنىڭ ئۆزىلا چوڭ بىر باش قېتىنچىلىقى بولۇپ قالدى.
Fo$kD(
zjuU*$A4
F_Pv\?35z
ئۇدا نەچچە يىللىق قەھەتچىلىك، ئاچارچىلىق ۋە ئۇرۇش–توپىلاڭنىڭ دەستىدىن جېنىدىن جاق تويغان تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىقلار خېلى بۇرۇنلا يۇرتىدىن ئايرىلىپ سىرتلاردا تىرىكچىلىك قىلىشقا ئاتلانغان ئىدى. ئۇلار، ئادەتتە ئۇرۇق–تۇغقان، يارۇ–بۇرادەرلەردىن بەش–ئالتەيلەن بىر توپ بولۇپ، قوشۇنغا ئەگىشىپ ئەپكەش كۆتىرىپ، تىجارەت قىلىشنىڭ ئېپىنى ئېلىۋالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ سېۋىتىدە كۆپىنچە تاماكا–سەرەڭگە، لۆڭگە–سوپۇن، دورا–دەرمەك، يىپ–يىڭنە قاتارلىق مىلىچ ماللار بولاتتى. ياڭ ليۇچىڭلىقلار ئالدى–ساتتىدا ئادىل، سەمىمىي، ئاقكۆڭۈل بولغاچقا، چىڭ قوشۇنىنىڭ رازىمەنلىكىگە ئېرىشىۋالغان ئىدى. بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان زوزۇڭتاڭ قول ئاستىدىكى ئەسكەر باشلىقى ليۇجىنتاڭنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭغا مەخسۇس ئەمەلدار ئەۋەتىپ، ياڭ ليۇچىڭلىقلاردىن ئارمىيە شىتاتىدا بولمىغان مەخسۇس «ئارقا سەپ تەمىنات پىدائىي قىسمى» تەشكىللەشكە بۇيرۇدى. ھەربىي ئەمەلدار ياڭ ليۇچىڭلىقلار ئىچىدىن ياراملىق كىشىلەرنى تاللاپ ئۇلارغا «ئەجدىھار چېكىلگەن ئالاھىدە تىجارەت گۇۋاھنامىسى» تارقىتىپ، ئۇلارنى ئارقا سەپ تەمىنات تۈزۈمى بويىچە بىرلىكتە باشقۇرۇپ، ھەربىي قوشۇننىڭ كۈندۈلۈك لازىمەتلىكلىرىنى تەمىنلەشكە ئۇيۇشتۇردى. bZf18lvij:
R~=_,JUW
Pz=x$aY
شۇ چاغدا تۇنجى تۈركۈمدىكى ياڭ ليۇچىڭلىق ئەپكەشچىلەر ئىچىدىن ئەن ۋېجۇڭ دېگەن كىشىنىڭ سودىدا خېلىلا داڭقى بولغاچقا ھەمدە بىرىنچى بولۇپ «ئەجدىھار چېكىلگەن تىجارەت گۇۋاھنامىسى»غا ئېرىشكەچكە، ئۇنىڭغا «1–خۇلاڭزىچى» نامى تارتۇق قىلىنغان ئىدى. قوشۇن ھەربىي يۈرۈش داۋامىدىكى ئارام ئېلىش نۇقتىلىرىغا يەتكەندە «خۇلاڭزىچى» تىجارەتچىلەر مەخسۇس كۆرسىتىلگەن جايغا يايمىلىرىنى يېيىپ سودىسىنى باشلىۋېتەتتى. ^xBF$ua37)
=vqy5y
~E]ct F
چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈي پادىشاھلىقىنىڭ 2–يىلى (1876–يىلى) چىڭ قوشۇنلىرى قاشقوۋۇق (جيايۈگۈەن)تىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن قوشۇنغا ئەگىىشپ تىجارەت قىلىدىغان تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىقلار بەش–ئالتە يۈز كىشىگە يەتكەن ئىدى. ئۇندىن باشقا يولدا قوشۇلغان ئاز ساندىكى شەنشى، گەنسۇ، سەنشىلىق تىجارەتچىلەرمۇ ئارىلىشپ سودا قىلاتتى. Y?1
3_~
K
WcG!6.U>
`PV+.V}
توپىلاڭلار تىنچىتىلغاندىن كېيىن، زوزۇڭتاڭ شىنجاڭنىڭ چېگرا ئامانلىقى ۋە ئىگىلىكنىڭ روناق تېپىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، تىيەنجىنلىك «خۇلاڭزىچى»لارنى سودا تىجارىتىنى كېڭەيتىشكە ئىلھاملاندۇردى. ئۇچاغلاردا، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان سودا ئۆتكىلى دىخۇا شەھىرى (بۈگۈنكى ئۈرۈمچى) كەينى–كەينىدىن تۇغۇلغان يېغىلىقلار تۈپەيلىدىن تاشلاندۇق شەھەرگە ئايلىنىپ قالغاچقا، شەھەرگە كىرگۈچىلەر خالىغان يېرىدىن قورۇق سوقۇپ يەر ئىگەللىۋالالايتتى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان خۇلاڭزىچىلار باشلىقى ئەن ۋىنجۇڭ تۇنجى بولۇپ «تىيەنجىنلىكلەر يايما كوچىسى»نى تۆت كوچا كۈن چىقىش دوقمۇشىغا سامانلىق لايلەمپە بىلەن ئاددىي دۇكان سېلىپ، نەچچە يىللىق قوشۇنغا ئەگىشىپ، خۇلاڭزىچىلىق قىلىدىغان تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، يېڭىدىن مۇقىم دۇكاندارلىق سودا ھاياتىغا قەدەم قويدى. ياڭ ليۇچىڭلىق يۇرتداشلار ئارقا–ئارقىدىن ئۇنىڭغا قوشنا دۇكانلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئەڭ دەسلەپكى ئۈرۈمچى داشىزى (大十字) سودا كوچىسىنى شەكىللەندۈردى. lur$?_gt
j@j%)CCM
|=dmxfj@
بۇ خىل باشلانغۇچ باسقۇچتىكى مۇھىم سودا ئورۇنىدا ئۇرۇق–تۇغقان، يۇرتداشلارنىڭ دۇكانلىرى بىر–بىرىگە يانداش بولغاچقا، سودىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بەكمۇ قويۇق ئىدى. ئۇلار ئەن ۋىنجۇڭنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن تىجارەت ئەھۋالىغا قاراپ ئادەم كۈچىنى تەڭشەپ، يېشى چوڭراق، تېنى ئاجىززاق يۇرتداشلىرىنى دۇكانغا قاراشقا قويۇپ، ياش–قاۋۇلراقلىرىنى ئەپكەش كۆتىرىپ، يېقىن–ئوتتۇرىدىكى مەھەللە–يېزىلارغا، ھەربىي گازارمىلارغا مال ئاپىرىپ ساتاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، مەبلەغ جۇغلاپ، پاي قوشۇپ، پايغا قاراپ تەڭ تەقسىم قىلىپ ئەڭ دەسلەپكى ھەسسىدارلىق سودا شىركەت شەكىللىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، سودا–سېتىقنى جانلاندۇرۇۋەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەپكەش كۆتىرىپ قوشۇنغا ئەگىشىپ شىنجاڭغا چىققان 3000دىن ئارتۇق تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىقلار بىر نەچچە يىلدىلا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مۇھىم شەھەر–بازارلىرىغا تارقىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى غوللۇق سودىگەرلەردىن بولۇپ قالغانىدى. سودا–سېتىقنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، بارا–بارا كۆلىمى زور، تىجارەت مەبلىغى بىر قەدەر مول بولغان «تىيەنجىنلىك سودىگەرلەر گۇرۇھى» شەكىللەندى. نەتىجىدە، كېيىنچىرەك شىنجاڭغا كىرگەن بېيجىڭ، سەنشى، خۇبىي، خۇنەن، خېنەن، شەنشى، سچۈەن قاتارلىق سەككىز چوڭ سودا گۇرۇھى ئىچىدە تىجارەت دەسمايىسى ۋە بازار ئىجتىمائىي تەسىرى جەھەتتە ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، خېلى زامانلارغىچە باشقا يۇرتلۇقلار تاقابىل تۇرالمىغۇدەك ھالەتنى داۋاملاشتۇردى. 3@d{C^\
Z#2AK63/T
:9_N
Y"P
fn!(cE|`E
كېيىنچە، ياڭ ليۇچىڭدا قېپقالغان يۇرتداشلار سودا كارۋانلىرىدىن شىنجاڭدا ئىش–ئوقەتنىڭ راۋان، جان باقماقنىڭ ئاسانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئەپكەشلىرىنى كۆتىرىپ، خوتۇن، بالا–چاقىلىرىنى ئېلىپ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، ئۈزلۈكسىز شىنجاڭغا چىقىشقا باشلىدى. بۇ خىل كۆچمەنلەر دولقۇنى 20–ئەسىرنىڭ 30–يىللىرى ئاخىرىغىچە يەنى «لۇگۇچىياۋ ۋەقەسى»دىن كېيىن ياپونلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ھۇجۇم قىلىپ كىرىشى تۈپەيلىدىن، قاتناشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ۋە مال مەنبەسىنىڭ ئۆكسۈپ قېلىشى تۈپەيلىدىن تېزدىن پەسىيىشكە قاراپ يۈز تۇتتى. بۇ پەسىيىش تاكى فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىگىچە داۋاملاشتى. گەرچە، 1945–يىلى ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قازانغاندىن تارتىپ، 1949–يىلى پۈتۈن مەملىكەت ئازادلىقىغىچە، يەنە بىر قىسىم ياڭ ليۇچىڭلىقلار شىنجاڭغا تىرىكچىلىك قىلىشقا چىققان بولسىمۇ، لېكىن، بۇلار بۇ خىل 100 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئومومىي كۆچۈشنىڭ خاتىمىسى بولۇپ قالدى. v(ATbY75
<`'^rCWI?
eH*u,/
تارىخى 100 يىلغا، مۇساپىسى نەچچە ئون مىڭ چاقىرىمغا يېتىدىغان بۇ خىل قاينام–تاشقىنلىق سودا لىنىيىسىدە تىيەنجىنلىك سودىگەرلەر كارۋانلىرى مۇشەققەتلىك غەربىي شىمال چۆللۈكىدە كولدۇرما ئاۋازىنى ياڭرىتىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ خىلمۇخىل كۈندۈلۈك لازىمەتلىك تاۋارلىرىنى شىنجاڭغا يۆتكىگەن ئىدى. بازارنىڭ ئاۋات پەسىللىرىدە ھەربىر سودىگەر ئائىلىسىنىڭ ئوتتۇرىچە يۆتكىگەن مېلى 500 تۆگىدىن ئېشىپ كېتەتتى. بەزىلەرنىڭ ھەتتا مىڭ تۆگىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن ئىدى( ھەبىر تۆگىگە 150–200 كىلوگرامغىچە مال ئارتىلاتتى). شۇ چاغلاردا شىنجاڭغا قىس بولغان پاختا رەخ، ئىلمە توقۇلما بۇيۇملار، بەش خىل مېتال بۇيۇملار، كىيىم–كېچەك، ئاياق كىيىم، باش كىيىم، چاي–شېكەر،دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، فار–فۇر چىنە–قاچىلار، جۇڭگوچە دورا–دەرمەكلەر قاتارلىق 300 خىلدىن ئارتۇق تاۋار شىنجاڭغا توشۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان سودا تارىخىغا تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپلا قالماستىن، بەلكى، ئۆز نۆۋىتىدە، تىيەنجىندە ئەڭ دەسلەپكى قۇرۇلغان سانائەت كارخانىلىرى ئۈچۈنمۇ ئۆكسۈپ قالمايدىغان غايەت زور بازارنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. v Ft]n
l~Em2@c
'G.^g}N1
* كۈرە قەلئەسى ۋە تىيەنجىنلىكلەر بازىرى # j=r
efK)6T^p
!kPZuU`T
1882–يىلى، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى مانجۇ گېنېرال جىن شۈننى ئىلىنى چارروسىيە قولىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىش، كۈرە قەلئەسىنى ۋە ئىلى گېنېرال مەھكىمىسىنى قايتىدىن قۇرۇشقا مەسئۇل ئەمەلدار قىلىپ تەيىنلەپ ئىلىغا ئەۋەتتى. E!a5-SrR
\"E-z.wW=
7[V6@K!Al[
بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇزۇن قۇلاق تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىق سودىگەرلەر دەرھال پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ئاتا كەسپىنى تاشلىماي، ئىلىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ماڭغان چىڭ قوشۇنىغا يېڭىباشتىن ئەگىشىپ ئارقا–ئارقىدىن كۈرە، سۈيدۈڭ، غۇلجا قاتارلىق ئىلى توققۇز قەلئەسىگە ئورۇنلىشىپ، يەر ئىگەللەپ سودا–سېتىققا كىرىشىپ كەتتى. {
.z6J)?J2
iNTw;ov
QE:%uT
تىيەنجىنلىك سودىگەرلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپ ئىلىغا كىرگەنلىرى توققۇز قەلئە ئىچىدىكى مەركىزىي قەلئە — ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى جايلاشقان كۈرە قەلئەسىنى تاللىۋالدى. شۇ مەزگىللەردە، ئىلىدىكى كۈرە قەلئەسى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي، مەمۇرىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ، غەربىي شىمالدىكى ئەڭ چوڭ گېنېرال مەھكىمىسى — «ئىلى گېنىرال مەھكىمىسى» مۇشۇ يەردە تەسىس قىلىنغان ئىدى. قەلئەگە 5000دىن ئارتۇق سەككىز تۇغلۇق قوشۇنلۇقلار جايلاشقان بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى سۈيدۈڭ قاتارلىق يانداش سەككىز قەلئەدىمۇ نۇرغۇنلىغان چېرىكلەر بارئىدى. كونا كۈرەدە تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر نوپۇسىمۇ بىر قەدەر زىچ ھەم كۆپ بولغاچقا، سودا–سېتىق ئاۋات ئىدى. =xs{Ov=
]LvpYRU$P
-3M6[`/
تىيەنجىنلىق سودىگەرلەر كۈرەگە كېلىپلا كوچا بويلاپ دۇكان ئېچىپ، كېچە–كۈندۈزلەپ يېڭى مال توشۇپ تۆكمە قىلىپ سېتىپ، ئاز كۈندىلا بازارنى تېخىمۇ ئاۋاتلاشتۇرۇۋەتتى ھەمدە يىراق–يېقىنغا مەشھۇر بولغان «تىيەنجىنلىكلەر بازىرى»نى شەكىللەندۈردى. چىڭ سۇلالىسى شۈەنتۇڭنىڭ 3–يىلى (1911–يىلى)دىكى تىيەنجىن سودىگەرلەر باش جەمئىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئەينى چاغدىكى كۈرە «تىيەنجىن بازىرى»دا چوڭ–كىچىك جەمئىي 480دىن ئارتۇق دۇكان–ساراي بولۇپ، بۇنىڭ %90نى تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىقلار ئاچقان ئىكەن. EM_`` 0^
SX$Nef9p
>L#HE
يەن لىڭ ئۆز ماقالىسىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ: «مەن تۇنجى زىيارىتىمنى غۇلجا شەھەرلىك سودا–سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، كونا يۇرتى تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىق ياڭ جۈنجىيا ئاقساقالدىن باشلىدىم. "z
`&xB
A7~~{9
l\=M'D
ياڭ جۈنجيانىڭ دادىسى ياڭ ئېنكۈي چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈينىڭ 8–يىلى (1882–يىلى) 5–ئاينىڭ 27–كۈنى، تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭ بازىرى نيەنتۈزۈي مەھەللىسىدە بىر كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ياڭ ئېنكۈي ئاكا–ئۇكا ئالتە بالا بولۇپ، ياڭ ئېنكۈي كىچىكىدىنلا ئاتا–ئانىسىغا ھەمكارلىشىپ، بېلىق تۇتۇش بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن. كېيىنچە ئارقا–ئارقىدىن تۇغۇلغان قەھەتچىلىك ۋە يېغىلىقلار تۈپەيلىدىن جان بېقىش تەسلىشىپ كېتىپتۇ. 1903–يىلىغا كەلگەندە، ئەمدىلا يىگىرمىنىڭ قارىسىنى ئالغان ياڭ ئېنكۈي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغان قوشۇنغا ئەگىشىپ، ئەپكەش كۆتۈرۈپ شىنجاڭغا چىققان ئىكەن. بىر يىلغا جاپا–مۇشەققەتلىك سەرگۈزەشتىلەردىن كېيىن، ياڭ ئېنكۈي شۇ چاغدىكى نىڭيۈەن (بۈگۈنكى غۇلجا شەھىرى) قەلئەسىگە كېلىپ، مىڭبىر جاپادا بۇرۇن كەلگەن 2–ئاكىسى ياڭ ئېنخەينى ئىزدەپ تېپىپ بىرلىكتە تىرىكچىلىك قىلغان ئىكەن. ياڭ ئېنكۈي ئالدى بىلەن تامچىلىق قىپتۇ. كېيىنچە تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىق بىر سودىگەر ئاچقان «گوڭچىڭخې»(公庆和)دەپ ئاتىلىدىغان سودا دۇكىنىغا شاگىرتلىققا كىرىپ ئىشلەپتۇ. بىر نەچچە يىللىق تەجرىبە–ساۋاقلارغا ۋە بەلگىلىك دەسمايىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئاكىسى ياڭ ئېنخەي بىلەن بىرلىشىپ «خەنزۇ بازىرى»نىڭ چوڭ كۆۋرۈك بويىدا «گوڭشىڭخې»(公兴和) ئاكا–ئۇكىلار سودا دۇكىنىنى ئېچىپ تىجارەت باشلاپتۇ. 30–يىللارغا كەلگەندە سودىسى روناق تېپىپ ھاللىق سەۋىيىگە يېتىپتۇ. ياڭ ئېنكۈي پۇل تاپقاندا يۇرتداشلىرىنى ئۇنۇتماي، تاپقان پايدىسىنىڭ كۆپرەكىنى خەير–ساخاۋەت، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا سەرپ قىلىپ، ئالدى بىلەن ئۆزى پۇل چىقىرىپ«سەنمىن باشلانغۇچ مەكتىپى»( «سەنمىن»三民— بۇ يەردە سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان «ئۈچ مەسلەك» كۆزدە تۇتۇلىدۇ)نى قۇرۇپ، «خەنزۇ بازىرى» تەۋەسىدىكى ئاھالىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ خەنزۇچە ئوقۇش مەسىلىسىنى ھەل قىپتۇ. ئارقىدىنلا باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ سەنمىن كىنوخانىسى» (ئازاتلىقتىن كېيىن «ئاممىۋى كىنوخانا» دەپ نام بېرىلگەن. لېكىن شەھەر خەلقى يەنىلا «خەنزۇ بازىرى كىنوخانىسى» دەپ ئاتىغان— نەشرگە تەييارلىغۇچىدىن)نى سېلىپ، پات–پات ياپونغا قارشى ئۇرۇش تەسۋىرلەنگەن ئىلغار كىنولارنى قويۇپ، پۇقرالارغا ۋەتەن سۆيۈش ئىدىيىسىنى تەشىۋىق قىلغان ئىكەن. كېينچە غۇلجا شەھىرىدە ئەڭ دەسلەپكى پاراژنى ئەترىتى (水龙局) تەشكىل قىلىپ، شەھەرنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان ئىكەن. ئۇندىن باشقا، ياڭ ئېنكۈي ئۆز يۇرتداشلىرىغا يار–يۆلەك بولۇشتىن سىرت، «خەنزۇ بازىرى» ئەتراپىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارغىمۇ خەير–ساخاۋەت قىلغان ئىكەن. مەسىلەن، مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ روزا–رامزان، ھېيت–ئايەملىرىدە قوشنا مەسچىتلەرنى كىرسىن، كۆمۈر قاتارلىقلار بىلەن، كەمبەغەل، تۇل خوتۇن، يېتىم–يېسىرلارنى چاي–تۇز، قەن–گېزەكلەر بىلەن تەمىنلەپ، «خەنزۇ بازىرى» تەۋەسىدە «ساخاۋەتچى ياڭ مۆتىۋەر» دېگەن نامغا سازاۋەر بولغان ئىكەن. 30–يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە غۇلجا شەھىرىدىكى بارلىق سودىگەرلەرنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن سودىگەرلەر باش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ئىكەن. qTA@0fL
Fe(qf>E
<r*A(}Y
1964–يىلى «خەنزۇ بازىرى»دا 60يىلدىن ئارتۇق سودا–سېتىق بىلەن ياشاپ ئۆتكەن بۇ مۆتىۋەر 82 يېشىدا غۇلجا شەھىرىدە ۋاپات بولغان. z6tH2Wxf
$]/
a/!d
\JBJ$lBL
ياڭ جۈنجىيانىڭ دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 20–30–يىللىرىدا كۈرە بازىرى سودا–سېتىقنىڭ ئاۋاتلىقى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭغا مەشھۇر ئىكەن. ھەركۈنى تۆگە كارۋانلىرى، ئات–ئېشەك–خېچىرلىق ھارۋىلار بېيجىڭ، تىيەنجىننىڭ ھەرخىل تاۋارلىرىنى، خاڭجۇ، سۇجۇنىڭ يىپەك دۇردۇن–كىمخاپلىرىنى، خۇنەننىڭ چايلىرىنى، جياڭشىنىڭ جانان چىنە–قاچىلىرىنى توختىماي توشۇپ تۇرىدىكەن. «ۋېنفېڭتەي» (文丰泰) سودا سارىيىنىڭ تاۋارلىرى، «خۈيفاڭيۈەن»(会芳圆) ئاشپۇزۇلىنىڭ بېيجىڭ، تىيەنجىنچە تەملىك قورۇمىلىرى، «شىڭتەيخې» (兴泰和) سىركە–جاڭيۇ كارخانىسىنىڭ كىچىك ساپال ئىدىشلارغا قاچىلانغان، تۇز ياكى سىركىگە چىلانغان خامسەيلىرى پۈتۈن شىنجاڭغا ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىگىمۇ داڭلىق ئىكەن. Re
D. 2HM
Ak!l}d
ھازىرقى كۈرە بازىرىنىڭ شىمالىي كوچىسى 94–نومۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق يۈلەنجى ئاقساقالمۇ كونا كۈرەلىكلەرنىڭ بىرسى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بوۋىسى يۈباۋخى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا قوشۇنغا ئەگىشپ شىنجاڭغا چىققان ئىكەن. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى بارلىق بىساتىنى بىر كونا ئات ھارۋىسىغا تېگىشىپ، خوتۇنى، 6ياشلىق ئوغلى ۋە پۇتى بوغۇلغان ياشانغان ئانىسىنى ھارۋىغا سېلىپ، ئۆزى پىيادە ئەپكەش كۆتۈرۈپ، بىر تەرەپتىن يول يۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن پارچە–پۇرات تىجارەت بىلەن يېرىم يىلدا ئاران كۈرەگە يەتكەن ئىكەن. N@UO8'"9K&
s9 '*Vm
p<