ئايروپىلاندىكى ئورنۇمدا ئولتۇرا-ئولتۇرمايلا ھېلىقى كىشىگە كۆزۈم چۈشتى ، ئۇ ئۇچۇق-يورۇق گەپدان كىشى بولۇپ ئۆزىنىڭ ئۇرۇق ، بويىنىڭ پاكارلىقىغا قارىماستىن باشقىلارغا ياردەملىشىشكە ئالدىراپلا تۇراتتى . ئۇ مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ :
- سىز سەپەردىكى ھەمراھىم ئوخشايسىز ؟ -دېدى .
-شۇنداقتەك قىلىدۇ .- دەپ جاۋاب بەردىم .
ئۇ يېنىمدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ، مەندىن :
-ناماز شامغا قانچىلىك قاپتۇ ؟ - دەپ سورىدى .
-15مىنۇت
- ئى ئاللاھ ئاسانلاشتۇرغىن ، قىيىن قىلمىغىن . نىئمەت بەرگۈچى ئى ئاللاھ ساڭا ھەمدىلەر بولسۇن ... - ئۇ كۈنى ھاۋا سالقىن ئىدى . ئۇ سەپەردە قىلىدىغان دۇئالارنى بىر-بىرلەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ماڭا قاراپ :
- سىز مېنىڭ بۇ دۇئالارنى ئايروپىلان رادىئوسىدىن ئۆگىنىۋالغانلىقىمنى بىلەمسىز ؟ ئاللاھ بۇ دۇئارلارنى ئاڭلاتقان ۋە تارقاتقان كىشىلەرگە كۆپلەپ مۇكاپات بەرسۇن ! - دېدى .
- سىز تولا سەپەر قىلىدىغان ئوخشايسىز ھە ؟
- شۇنداق . ھەر يېرىم ئايدا خېمىيەلىك داۋالىنىش ئۈچۈن سەپەر قىلىمەن .
- خېمىيەلىك داۋالىنىش ؟
- شۇنداق ، مەن راك كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ... قاراڭ ! - ئۇ ماڭا ئوپىراتسىيەنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان تارتۇقلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى : - دوختۇرلار ئوپىراتسىيەدە راك ھۈجەيرىلىرىنى كىسىپ ئېلىۋەتتى ، لېكىن راك ھۈجەيرىلىرى ئوپىراتسىيە قىلىپ ئىككى يىلدىن كىيىن بەدىنىمنىڭ باشقا جايلىرىغا تارقىلىپ كەتتى . قازا ۋە قەدەر !
- ئەلھەمدۇ لىللاھى ئەلە كۇللى ھالىن ( بارچە ئەھۋالدا ئاللاھقا شۈكرى ) .
ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، ئۇنىڭ ئاددى بىر خىزمەتچى ئىكەنلىكىنى بىلدىم . ئۇنىڭ يەتتە بالىسى بار بولۇپ ، چوڭى توققۇز ياشتا ئىكەن . ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى :
- قېرىندىشىم ، مەن ئاللاھنىڭ نىئمەتلىرىنىڭ ناھايىتى كۆپلىكىنى بىلىمەن . ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ، مەن زېمىنغا دەسسەپلا تۇرىدىكەنمەن ئاللاھنىڭ نىئمەتلىرىنى ھېس قىلىمەن . ئەقلىمدىن كەتمىسەملا كائىناتنىڭ ئىگىسىگە ھەمدۇ-سانا يوللاپ تۇرىمەن ...
ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىغا قاراپ - سىزنىڭ شەخسى تۇرالغۇڭىز بارمۇ ؟ - دەپ سورىدىم . ئۇ :
- ئاغىنە ، بەختلىك كىشى ، ئۇنىڭ فىردەۋىستە (جەننەتتە) ئۆيى بولغان كىشىدۇر . بۇدۇنيا بولسا ئۆتكۈنچە خالاس! - دەپ جاۋاب بەردى ...
ئىفتار ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندا ، ئۇ :«بۇيەردە خورما بار ، قاچىلانغان يىمەكلىكنى ئالماڭ!» دەپ ئايروپىلان تارقاتقان ئىفتارلىقنى ئالماسلىقىمدا چىڭ تۇرۋالدى .
- ھەر ئىككىلىسىدە ئىفتار قىلغىلى بولىدىغۇ ؟ - دېدىم مەن .
- شۇنداق ، لېكىن مەن سىزنىڭ ئىفتارنى مىنىڭ خورمامدىن قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ ، ئۇنىڭ تەخسىسىدىن ئىككى تال خورما ئالدىم .
- بىسمىللا دەپ يەڭ !
- ئاللاھ سىزگە ياخشى مۇكاپاتلارنى بەرسۇن !
- ئىككى تال خورما ھەرگىزمۇ يىتەرلىك ئەمەس . مەن دائىم قېشىمدا ئولتۇرغان كىشىگە غىزا ئېلىۋالىمەن . سىز روزىدارنى ئىفتارلاتقان كىشىنىڭ قانچىلىك ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلەمسىز ؟ مېنىڭچە سىز چوقۇم بىلىسىز ؟
ئۇنىڭ زورلىشى ئاستىداخېلى كۆپ يىدىم ... ئۇنىڭ ئائىلىسى ، دۇچ كەلگەن ماددى قىيىنچىلىقلىرى توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق . ئۇنىڭ ئىمانىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى ، ھەرقايسى تەرەپتىن دۇچكەلگەن ئىشلاردامۇتلەق ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم .
- مېنىڭ ئۆيۈم يوق ، لېكىن مەن خاتىرجەم ... پات يېقىندىكى قازا (ئۆلۈم) يىتىپ كەلگەنگە قەدەر تامامەن خاتىرجەم مەن .- دېدى ئۇ .
- قانداقسىگە ؟ بۇيەردە بالىلىرىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويغىدەك ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىز بارمۇ ؟
-ئاغىنە ، مەن سىزنى دەۋاتقانلىرىمنى چۈشىنىدۇ دەپ قارايمەن . ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا قۇشلارنى ئۇۋىسىدا ئۇزۇقلاندۇرىدىغان ، رەھمىدىكى تۆۋەلمىگە رىزىق بېرىدىغان زات بار . ئۇلارنىڭ رەببى ئۇلارنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ . مەن ئۇلارنى ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالىدىن بەختلىكرەك ھالدا تاشلاپ كىتىمەن . دادام مىنى يىتىم ھالدا تاشلاپ قويۇپ بۇدۇنيادىن كەتكەن . كەلگۈسىنى قويۇپ قويۇڭ ۋە ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ . كەلگۈسىنى پەقەت بارچە جان ئىگىسىگە رىزىق بەرگۈچى زات ئاللاھلا كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ .
- راست ئېيتتىڭىز ، لېكىن شەرىئەتتە سەۋەب قىلىش تەلەپ قىلىنغان .
- ئاللاھ مېنىڭ كەم قىلمىغانلىقىمنى بىلىدۇ ... مانا بۇ مېنىڭ داۋالىنىش ئۈچۈن 70- قېتىم سەپەرقىلىشىم . ئائىلەمدىكىلەر كىسەل بولغانلىقىم ئۈچۈن ئازراق ئىشلىشىمنى تەلەپ قىلىشىدۇ . مەن بولسام ئىسلامچە توي مۇراسىمىدا قەھۋە دەملەپ بېرىمەن ...
پاراڭ ئايروپىلان يەرگە قونغىچە داۋاملاشتى . مەن بۇ ئاددى كىشى بىلەن نىمە ئۈچۈن ئۆزۈمنى باغلىنىشلىق ھېس قىلىپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن . مەن ئۇنىڭدىن بۈيۈك مەنىلەرنى ئۆگۈنىۋالدىم . لېكىن مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىلەتتىم ، ئەمما ئۇلارنى تۇرمۇشۇمدا تەدبىقلىمىغان ياكى ئۇلارنى ئىجراقىلماستىن بىلىش بىلەنلا قانائەت قىلغان ئىدىم ... ئۇ تەقدىر بىلەن سەۋەب چۈشەنچىسىنى بىر ئورۇندا قويغان ئىسىل ئادەم ئىدى . شۇنداقلا نەزەرىيۋى چۈشەنچىنى ئەمەلىيەتكە ئايرىۋەتمەستىن تەدبىقلىغان قانائەتچان ، نامرات تۇرۇپ سېخى ، ئاجىز تۇرۇپ باتۇر ، جىددىچىلىك دەۋرىدە خاتىرجەم كىشى ئىدى ...
مەن قايسى بىر ئۆلۈمانىڭ « ئى ئاللاھ ماڭا ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئىمانىغا ئوخشاش ئىمان بەرگىن ! » دېگىنىگە ئوخشاش ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم . ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويۇشتا چىڭ تۇرغان بولساممۇ ، ئۇ مېنىڭ تەلىۋىمنى كەسكىن رەت قىلىپ مۇنداق دېدى :
- تاكسى شوپىرى مېنى ساقلاۋاتىدۇ . مەن ئۇنى تونىيمەن ، ئۇنىڭ خوتۇن-بالىلىرى بار . مەن ئۇنىڭغا كىرا ھەققى بەرگىنىمدە ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان بولىمەن . ئاللاھ سىزنى مۇھتاجلارنىڭ رىزقىنى ئۈزۈپ قويۇشقا سەۋەبچى قىلمىسۇن !!!
بۇ دىن ھەقىقەتەن بۈيۈك ... ئۇ ئاللاھتىن يىراقلىشىۋاتقان ، غەم-ئەندىشىگە تولغان دەۋىردە چوڭقۇر ئىمانى بىلەن سەلەفلەردەك ياشاۋېتىپتۇ ...
ئەرەپ ھېكايىلىرىدىن ئېلىندى ...