كۈلۈپ كىردىم ئوقۇپ داستان، داستان ئىچرە گۈزەل بوستان،
ئاشۇ بوستان ئاراسىدا تۈمەن خىل گۈل چىچەك ئاچقان .
ھەر قەدەمدە رەڭدار گۈللەر زىمىنغا خۇش پۇراق چاچقان ،
نە خۇشپۇراق ھەر پۇراقتا ئالەمچە خىيال كەچكەن ،
بەلكى، خۇشپۇي پۇراق ئۈچۈن تۈمەن جانلار پىدا ئەتكەن .
شۈكرى ! ئاخىر تونۇپ يەتتىم پىدا بولۇش ھىدايەتكەن .
مەنبە :ئۇيقۇت
چۆچۈدۈم گۇناھىم تاغ كەبى ئېغىر ،
ياخشىلىق ساۋاپتا شۇنچىلىك پېقىر .
نە قىلاي ؟!... رەھمەتلىك زاتتۇر ئىلاھىم ،
رەھمىتى چەكسىز ئۇ رەھمەت ئىتەر .
بۇ دۇنيا ئىنسانغا ئاجايىپ سىناق ،
پۈتۈلگەن مۆجىزە ،تۈگۈن -توقۇناق .
يىگانە ئول زاتى مەخپى -ئاشكار،
يوشۇرار ،پاش ئىتەر ئۇنى ھەممە ياق .
ئۈمىدىم كىسلەر گۈزەل جەننەتتىن ،
نىسىۋەم تۈگىمەي گۇناھ ئىللەتتىن .
يەنە نە ئۆزۈمدە قورقۇنىچ سىزەي ،
ئول رەببىم بىزلەرگە قىلغان رەھمەتتىن .
رەھمەتنىڭ ئىشىكى تۇرارمىش ئوچۇق ،
ھېچقاچان تاقاقلىق بولغىنىمۇ يوق .
ئېچىلار قەھرىدە غەزەپ ئىشىكى ،
ئازغۇچى نەچچىلەپ ئۇرغاندا دوق-دوق.
دۇنيادا كۆرگەن كۆپ ياخشىدىن ياخشى ،
ھەق زاتنى ياخشىراق كۆرگىنىڭ ياخشى .
ئۇئاللا ياخشىلىق، رەھمەت ئىگىسى ،
ئۇ بەرمەي كىلدۇ قەيەردىن ياخشى .
بىلمەيمىز كىم جەننەت -دوزاق ئەھلى ،
ئول رەببىم رەھمەتلىك تۇرسا ئەسلى .
.ۇ دوزاق ئۆزى كۆيۈپ ئۆتمەسمىدى ،
رەھمەتنى بىلگىندە ئىنسان نەسلى .
ئىللەتلەر باركى ئېنىق ھەر بەندىدە ،
خىسلەتلەر ئىشىك باقار ھەر پەللىدە.
ۋۇجۇدۇڭ بەھىرى شۇنداق دولقۇنلايدۇ ،
ئېنىقكى رەھمەت ياغار ھەر پەللىدە .
مەنبە : ئۇيقۇت